مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 13296|ئىنكاس: 64

(bilgejan) يۇرت سەپىرىدىن تەسىراتلىرىم   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89938
يازما سانى: 479
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى : 19726
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2079 سائەت
تىزىم: 2013-1-12
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-2 10:32:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يۇرت سەپىرىدە ھېس قىلغانلىرىم

بىلگەجان


مەن 2014-يىلى9-ئاينىڭ 11-كۈنى تېكساس شىتاتى ھىيۇستون شەھىرىدىكى جورج بۇش خەلىقئارا ئايرودرومىدىن يولغا چىقىپ ئەتىسى بېيجىڭ خەلىقئارا ئايرودرومغا يېتىپ كەلدىم ۋە ئۇزاقتىن بىرى زارىقىپ كۈتكەن بىر ئايلىق ئەھمىيەتلىك سەپىرىمنى باشلىدىم. بۇ سەپىرىم مەن ئۈچۈن ھاياتىمدىكى ئۇنتۇلماس ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى. بۇ جەرياندا ئۆزۈم لايىق بەزىدە نالايىق بولغان كاتتا ھۆرمەتنىڭ ساھىبى بولۇش نېسىپ بولدى. مەن مىننەتدار بولغان كىشىلەر ۋە ئىشلارمۇ ناھايىتى كۆپ بولدى. شۇ ئەزىزلەر ئۆزلىرى كىملەرنى كۆزدە تۇتقانلىقىمنى بىلىدۇ دەپ قاراپ بۇ يەردە بىردىنبىر تىلغا ئالمايمەن. خۇلاسە شۇ بولدىكى، بۇ بىر ئاي ۋەتەندىن ئامېرىكىغا ئىلىپ قايتقىنىم تېخىمۇ چوڭقۇر يۇرت سۆيگۈسى، يېڭى نىشان ۋە ئېغىر بۇرچ تۇيغۇسى بولدى. تەسىراتلىرىم سوۋۇپ قىلىپ تەمىنى يوقىتىشتىن بۇرۇن قەلەمگە ئالاي دەپ نۇرغۇن گەپلەرنى بىر-ئىككى بەتكە يىغقان بولدۇم. بۇلار پەقەت مېنىڭ ۋەتەندىن ئايرىلىپ 5 يىل بولغاندىن كېيىن قايتا بارغىنىمدا ماڭا قالدۇرغان تەسىراتلىرى، مەيلى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولسۇن-بولمىسۇن سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئىستىدىم. مەن بۇ قېتىملىق سەپىرىمدە جۇڭگو مېدىتسىنا پەنلەر ئاكادىمىيىسى قارمىقىدىكى ئاساسى مېدىتسىنا تەتقىقات ئىنىستىتۇتى (بېيجىڭ شېيىخې مېدىتسىنا ئۇنىۋېرستېتىدا) ۋە شىنىجاڭ ئۇنىۋېرستېتى بىئولوگىيە فاكۇلتىتىدىن ئىبارەت ئىككى ئاكادىمىك ئورگاننىڭ تەكلىپى بىلەن ئىلمىي لىكسىيە سۆزلەشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان. نەتىجىدە مەن بۇ ئىككى ئىلمىي لىكسىيەدىن باشقا نۇرغۇنلىغان ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش شەرىپىگىمۇ ئېرىشتىم، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆسمۈرلەر ۋە سىتۇدېنتلار بىلەن بولغان سۆھبەتلەر مېنى ئەڭ خۇشال قىلغان ۋە پەخىرلىنىدىغان ئىشلاردىن بولۇپ قالدى. مېنىڭ بۇ تەسىراتلىرىم ئەلۋەتتە مەن بارغان جايلار، كۆرۈشكەن كىشىلەر ۋە قاتناشقان پائالىيەتلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. شۇ ۋەجىدىن ئاۋۋال مېنىڭ ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇشۇم، بىر ئاي جەريانىدىكى ئىلمىي ۋە ئاممىۋى پائالىيەتلىرىمنىڭ قىسقىچە تىزىملىكىنى دېققىتىڭلارغا سۇنىمەن. كېيىنچە ھەر بىر پائالىيەتكە مۇناسىۋەتلىك ئەسلىمىلىرىمنى تەپسىلىي سۆزلەپ ئۆتۈشكە پۇرسەت بولۇپ قالار. قالغىنى قانچىلىك كىشىنىڭ بۇ مەزمۇنلارغا قىزىقىشىغا باغلىق.

بېيجىڭدا تۇرغان ۋاقتىم 9-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە بولۇپ ئاساسلىق پائالىيەتلىرىم تۆۋەندىكىچە:

9-ئاينىڭ 13-كۈنى ----- مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە بۆلۈمى تۇرمۇش پىروگىراممىسىدا سۆھبەت
بۇ سۆھبەت 10-ئاينىڭ 1-2-كۈنلىرى ئاڭلىتىلغان بولۇپ، مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز توردا بۇ يەردىن ئاڭلاڭ: http://mp.weixin.qq.com/s?__biz=MzA3NTExNDcyMg%3D%3D&mid=200927923&idx=2&sn=8b4ff7605ce5215ddaadc19303111dab&scene=2&from=timeline&isappinstalled=0#rd



9-ئاينىڭ 14-كۈنى ----- پايتەخىت پىداگوكىكا ئۇنىۋېرستېتىدا بېيىجىڭدىكى سىتۇدىنتلار بىلەن چەتئەلدە ئوقۇش توغرىسىدا سۆھبەت.
بۇ سۆھبەتتىن ئۈزۈندىلەر پات ئارىدا توردا يوللىنىدۇ.



9-ئاينىڭ 15-كۈنى ----- جۇڭگو مېدىتسىنا پەنلەر ئاكادىمىيىسىدە «ئىت باش مايمۇن ھامىلىسى مېڭىسىنىڭ گېنومى ۋە ئېپىگېنوملىرىنى ئوپراتسىيە قىلىش (قېدىرىش) - ئانىلاردىكى ئېنىرگىيەنى كېمەيتىشنىڭ ھامىلە مېڭە يېتىلىشىگە بولغان تەسىرى» ماۋزۇسىدىكى ئىلمىي لىكسىيە (ئېنگىلىز تىلىدا).




ئۈرۈمچىدە تۇرغان ۋاقتىم 9-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە بولۇپ ئاساسلىق پائالىيەتلىرىم تۆۋەندىكىچە:

9-ئاينىڭ 16-كۈنى ----- ئاتلان تىل تەربىيەلەش مەركىزىدە ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەت.



9-ئاينىڭ 17-كۈنى ----- ئانا مەكتىپىم شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى بىئولوگىيە فاكۇلتىتىدا «ئانىلاردىكى ئوزۇقلۇقنى كېمەيتىش مىكرو RNA نى ئاساس قىلغان مىخانىزىملار ئارقىلىق ھامىلە ئالدى مېڭىسىدىكى ئاچقۇچلۇق گېن سېگناللىرىنى ئۆزگەرتىدۇ» ماۋزۇسىدىكى ئىلمىي دوكلات.



9-ئاينىڭ 18-كۈنى ----- شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى «مەدەنىيەت بوستانى» پروگراممىسىدا سۆھبەت.
بۇ سۆھبەت 10-ئاينىڭ 30-كۈنى شىنجاڭ تېلىۋىزىيىسى 5-قانىلىدا ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ 7:30 دا قويۇلىدۇ.



9-ئاينىڭ 19-كۈنى ----- ئۈرۈمچى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى «شەھەر خاتىرىسى» پروگراممىسىدا سۆھبەت.
بۇ سۆھبەتنىڭ بىر بۆلىكى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى كۆرسىتىلگەن، يەنە بىر بۆلىكى ئالدىمىزدىكى بىر-ئىككى ھەپتىدە كۆرسىتىلىدىكەن.



9-ئاينىڭ 19-كۈنى ----- شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى تولۇق كۇرس ۋە ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن سۆھبەت.
(بۇ سۆھبەت ۋىدىئوغا ئىلىنمىغان)



9-ئاينىڭ 20-كۈنى ----- قارلۇق ۋە ئۆزتۈرك شىركەتلىرى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرىدىغان «ئۇيغۇر ئىلىم مۇنبىرى»دە ئۇيغۇر تىلىدا ئىلمىي لىكسىيە.
بۇ لىكسىيەنىڭ تولۇق مەزمۇنى پات ئارىدا تورغا يوللىنىدۇ.



يەكەندە تۇرغان ۋاقتىم 9-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە بولۇپ ئاساسلىق پائالىيەتلىرىم تۆۋەندىكىچە:

9-ئاينىڭ 24-كۈنى ----- ئانا مەكتىپىم ئازاتباغ يېزا چېدىرتوغراق مەكتەپتە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن سۆھبەت.



9-ئاينىڭ 24-كۈنى ----- ئانا مەكتىپىم ئازاتباغ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەت.



9-ئاينىڭ 26-كۈنى ----- ئانا مەكتىپىم يەكەن 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۇستازلار بىلەن سۆھبەت.



9-ئاينىڭ 27-كۈنى ----- ئانا مەكتىپىم يەكەن 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەت.
بۇ سۆھبەت توغرىسىدا يەكەن تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەر بەرگەن، سۆھبەتنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنى پات ئارىدا تورغا يوللىنىدۇ.



بۇنىڭدىن باشقا، مەن يەنە ئۇرۇق-تۇغقان، دوستلىرىم، پىروفىسور-ئۇستازلار، جامائەت ئەربابلىرى، كارخانىچىلار، تورچىلىق ساھەسىدىكى شەخىسلەر، يازغۇچى-ئەدىبلەر، دېھقانلار، ئوقۇغۇچىلار... ئىشقىلىپ جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى كىشىلەر بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ ئۇلارنىڭ ھەر بىرىدىن نۇرغۇن بىلىملەرگە ۋە مول تەسىراتلارغا ئېرىشتىم. مەن يۇقىرىدىكى پائالىيەتلەرنى ئاساس قىلغان ۋەقەلەر ۋە ھېس-تۇيغۇلىرىمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمەن.

يۇرت سەپىرىدىن تەسىراتلىرىم (1) - كورىيە ئايرودرۇمىدا


نېمىشقىدۇر بۇ قېتىم ھىيۇستوندىن ئۇچقىچە ئۇنچىۋالا ھاياجانلىنىپ كەتمىدىم، بەلكىم ئەتىگەن سائەت 4:30 دە تۇرغانچە جىددىيچىلىك ئىچىدە ئايرودرۇمغا كىلىپ يۈك-تاقلارنى جايلاشتۇرۇپ ئاخىرى ئايروپىلانغا چىقىپ ئورۇنلاشقىچە خېلى ئۇيقۇسىراپ كەتكەنلىكىمدىن بولسا كېرەك. بىز تۇرىدىغان سان ئانتونىيو شەھىرى ھىيۇستونغا 3 سائەتلىك يول بولغاچقا ئالدىنقى كۈنى كەچتە ھىيۇستوندىكى بىر ئۇيغۇر دوستىمىزنىڭ ئۆيىگە كىلىۋالغان ئىدۇق. مەن شۇ كۈنى دەمئىلىش قىلىپ ئالدىرىماي تەييارلىقلارنى قىلىپ ماڭاي دەپ ئويلىغان بولساممۇ، ئەمما بۇ ئۇزاق سەپەرگە مېڭىشتىن بۇرۇن مەن تاماملىشىم كېرەك بولغان ۋەزىپىلەرمۇ ئاز ئەمەس بولغاچقا كەچ سائەت ئالتىلەردە ئاران دېگەندە ئىشخانىدىكى ئىشلىرىمنى تۈگىتىپ ئۆيگە قايتىپ كىلەلىدىم. شۇنداق قىلىپ ھەممە نەرسىلەرنى بىر قۇر تەكشۈرۈپ ئۆيدىن چىققۇچە كۆز باغلانغان ۋاقىت بوپتۇ، ئايالىم ۋە قىزىمنى ئىلىپ دوستلىرىمىزنىڭ ئۆيىگە كەلگىنىمىزدە بولسا ئاللىقاچان يېرىم كېچە بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇيغۇردىن بىرنى كۆرسەك خېلى مۇڭداشلىرىمىزنى قىلىشىۋالىدىغان ئادىتىمىز بويىچە بىر كېچىگىچە بالىلىرىنى ئۇخلىتىپ قويۇپ چۆچۈرىلەرنى تۈگۈپ بىزنى سەۋىرچانلىق بىلەن ساقلىغان بۇ دوستانە ساھىبخانلار بىلەن يەنە بىر-ئىككى سائەت مۇڭدىشىپ ئۇخلىغىچە سائەت 2:00 دىن ئاشقان ئىدى. ئەتىسى ئەتىگەندە ئىشقا بارىدىغان دوستىمىز يەنە بىزگە ناشتىلىقىمىزنى بېرىپ تاڭ يورۇماستا ئايرودرومغا ئىلىپ ماڭدى. ئامېرىكىدا بۇنداق ئىش يۈز بەرگىنىنى ئامېرىكىلىقلار ئاڭلىسا چوقۇم ئەقلى ھەيران بولماي قالمايدۇ، ئەمما بىز ئۇيغۇرلار ئۇلارنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئىشلارنى دائىم قىلىپ تۇرىمىز چۈنكى بىزدىكى قېرىنداشلىق مېھرىنى ئۇلار بىر ئۆمۈر چۈشىنەلمەيدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ قېتىمقى سەپەردە بىز مىننەتدار بولۇشقا تىگىشلىك ئىشلار بۇ يەردە باشلانغان ئەمەس، سەپەرنى پىلانلىغاندىن باشلاپ بىزگە ھەر جەھەتتىن ياردەم قىلغان ۋە ياخشى تىلەكلەرنى تىلىگەن دوستلىرىمىزنىڭ كۆپلۈگىدىن بىز ئۆزىمىزنى سۆيۈلگەن بىر ئائىلە كىشىلىرى دەپ ئويلىماي تۇرالمايتتۇق.

مانا، كورىيە ئاۋىئاتسىيىسىنىڭ ئېسل مۇلازىمەتلىرىدىن، ئازادە ۋە يېقىشلىك ئايروپىلان مۇھىتىدىن ھوزۇرلىنىپ بىر-ئىككىنى ئۇخلاپ بولغۇچە 15 سائەت ئۆتۈپ گۈزەل سىئۇل ئايرودرۇمىغا يېتىپ كەپتۇق. ھېچ چارچاش ھېس قىلمىغان ئىدىم چۈنكى تەلىيىمىزگە يارىشا ئەزەلدىن بۇنداق ئۇزۇن ۋاقىت ئايروپىلاندا ئولتۇرۇپ باقمىغان ئىككى يېرىم ياشلىق قىزىم ئاساسەن ئۇخلاپ دېگۈدەك غەلۋىسىز ئولتۇرۇپ بەرگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھىيۇستوندىن ماڭغۇچە كورىيە ئاۋىئاتسىيىسىدىكىلەر بىزگە ئالدىمىزدا باشقا ئورۇنلار يوق قاتاردىن بىردىن ئورۇن تاشلاپ بېلەت كېسىپ بېرىپتۇ. نېمە ئۈچۈن بىزگە يانمۇ-يان كىلىدىغان ئورۇنلارنى بەرمىگەندۇ بۇلار دەپ ئويلاپ سەل بىئارام بولۇپ قالغان ئىدىم، بېلەتلەرنى ئالماشتۇراي دېسەم بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈپ بولغاندىكىن غۇدىراپ قالغىنىم قالغان بولغانتى. ئەمما بۇ غۇدراشلىرىمغا ئايروپىلانغا چىقىپ بولۇپ ئاندىن پۇشايمان قىلىپ قالدىم چۈنكى ئۇلار مەقسەتلىك ھالدا شۇنداق قىلغانىكەن، مانا ئەمدى ئارىدىكى بوش ئورۇنلاردا ھېچكىم بولمىغاچقا ئالتە ئورۇننىڭ ھەممىنى ئىگەللەپ بالىمۇ، بىزمۇ پۇتىمىزنى سوزۇپ ئۇخلىيالىدۇق. سىئۇل ئايرودرومىغا كىلىپ بېيجىڭغا ئالمىشىدىغان ئايروپىلانغا چىققۇچە 3 سائەتكە يېقىن ۋاقىت بار ئىدى. سىئۇل ئايرودرۇمى ھەقىقەتەن ئازادە ۋە پاكىزە بولۇپ، بىز كىرىپلا بىر توپ ئەنئەنىۋى كورىيانچە كېيىملەرنى كېيىۋالغان بىر توپ كىشىلەرنى ئۇچراتتۇق. بۇ يەردە ئەسلى كورىيانلار ئۆز مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ بىر ئەنئەنىۋى كورىيانچە توي كۆچۈرۈش مۇراسىمى ئىكەن. يەنە بىر تەرەپتە بولسا كورىيان ئەنئەنىۋى مۇزىكىلىرى چېلىنىۋىتىپتۇ. كورىيىلىكلەرنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىنى سۆيىدىغان بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى بۇرۇندىن ئاڭلىغان بولسام مانا ئەمدى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن بولدۇم.



كورىيە ئايرودرۇمىغا كىلىپ تۇنجى بايقىغان ئوخشىماسلىق شۇ بولدىكى، بۇ ئايرودرۇمنىڭ ئىچى ناھايىتى ئىسسىق ئىكەن. ئامېرىكىدا ھەر قانداق ئۈستى يېپىق ئورۇننىڭ ئىچى ئادەتتە ناھايىتى سالقىن بولۇپ بۇ ئامېرىكىلىقلارنىڭ سالقىنلىقنى ياخشى كۆرىدىغان مىجەزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەمدى تىپىك بىر شەرق دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن كورىيە بىزگە ئالدىمىزدىكى بىر ئايدا بىز ھېس قىلىدىغان ئوخشىماسلىقلاردىن سېگنال بەردى. بىز بىردەم يېرىم-دەم  بۇ چىرايلىق ئايرودرومنىڭ ئىچىدىكى دۇكانلارنى ئارىلايلى دەپ بىر دوقمۇشقا جايلاشقان زىبۇ-زىننەت دۇكىنىغا قىزىقسىنىپ كىردۇق، ئەمما بۇ دۇكان بىز كىرگەن تۇنجى ۋە ئاخىرقى دۇكان بولۇپ قالدى چۈنكى بىز ئامېرىكىدا مۇنداق مۇئامىلىگە ئۇچرىمىغىلى خېلى ئۇزۇن يىللار بولغاچقا بۇنداق ئىشلارنىڭ بولىدىغانلىقىنى سەل ئۇنتۇپ قاپتىكەنمىز. ئايالىم بىر ھالقىنى ئىلىپ كۆرۈپ باقماقچى بولغانتى، پىركازچىك خانقىز ناھايىتى چىرايلىق كۈلۈمسىرەپ ئىلىپ بەردى ۋە قولىدىكى ھېسابلىغۇچقا سانلارنى كىرگۈزگەچ كورىيان تىلىدا بىر مۇنچە چۈشەندۈرۈپ كەتتى ۋە بۇ ساننىڭ دوللار ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى. بۇ زىبۇ-زىننەتلەرنىڭ باھاسىنىڭ ناھايىتى قىممەت ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەسلىدىنمۇ زىبۇ-زىننەت ئىلىش پىلانىمىز بولمىغاچقا بىز ئۇنى ئالمايدىغانلىقىمىزنى ئېيتساق، بۇ كورىيان خانقىز دەرھال ئەرزانراقلىرىنى ئۆزى ئىلىپ كۆرسەتكىلى تۇردى، ئۇلارنى ياقتۇرمىغانلىقىمىزنى ئېيتساق بىزنى ماڭغىلى قويماي يەنە باشقىلىرىنى ئىلىپ كۆرسەتتى. بىز بۇنىڭدىن بىرئاز بىزارلىق ھېس قىلىپ، ئاخىرى ئۇنىڭغا ھېچقانداق زىبۇ-زىننەت ئىلىش ئويىمىزنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتىۋىدۇق، باياتىن بىرى كۈلۈپ 32 چىشىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك چىقىپ تۇرغان بۇ خانقىز تۇيۇقسىز «كەت، كەت!!!» دېگەندەك قولىنى شىلتىغاچ شۇنچىلىك سەت بىر ھومايدىكى ئۇنىڭ بۇ قىلقىدىن سەسكىنىپ كەتتۇق ۋە چېۋىن يەۋالغاندەك بولۇپ بۇلارنىڭمۇ شىياۋشىمىندىكى دۇكانچىلاردىن پەرقى يوقلۇقىنى پەملەپ ئاستا دۇكاندىن چىقىپ كەتتۇق. ئامېرىكىدا بۇنداق ئىشلار يۈز بەرمەيدىغان بولغاچقا خىلى بىر كەمگىچە بۇ قوپال مۇئامىلىدىن ئېسىمىزگە كىلەلمىدۇق ۋە بۇنداق ئىشلارنىڭ جۇڭگودا يۈز بېرىپ تۇرۇش ئېھتىمالىنى ئەسكە ئېلىپ ئازراق روھىي تەييارلىق ھازىرلىۋالغان بولدۇق. كېيىنكى بىر نەچچە سائەت ۋاقىتنى بېيجىڭدىكى ئالدىمىزغا چىقماقچى بولغان دوستلار بىلەن سۆزلىشىپ، بالىنى ئوينىتىپ دېگەندەك ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزۈپ ھاياجان ئىلكىدە بېيجىڭغا ئۇچىدىغان ئايروپىلانغا چىققان بولدۇق.


داۋامى بار...



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105468
يازما سانى: 325
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1353
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 114 سائەت
تىزىم: 2014-3-30
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-2 11:22:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلگەجان ئاكىمىزنىڭ تىنىغا سالامەتلىك تىلەيمەن

تارىخى كۆمۈلگەن مىللەتنىڭ كەلگۈسى قاراڭغۇ بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10551
يازما سانى: 297
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9600
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 1738 سائەت
تىزىم: 2010-9-16
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-2 11:53:46 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىغا تەشنامەن، ئالدىنقى كۈنى مەدەنىيەت بوستانى پىروگىراممىسىدا سىز بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتنى قويدى ناھايىتى ياخشى سۆھبەت بوپتۇ سۆيۈندۈم، سىزدەك ئالىملىرىمىزنىڭ كۆپلەپ چىقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98174
يازما سانى: 324
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1391
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 878 سائەت
تىزىم: 2013-9-24
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-2 01:08:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    ئەسسالامۇ   ئەلەيكوم    تۇرسۇنجان    ،   نىمىلا   بولسۇن    سەپىرىڭىز    ئوڭۇشلۇق   بولۇپ    كۆزلىگەن    نىشانغا    يىتىپسىز   .   يۇرىت   سەپىرىرىڭىزدە   ھىس   قىلغانلىرىڭىزنىڭ   داۋامىنى    ساقلايمىز   .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18979
يازما سانى: 1650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14957
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2775 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-2 01:12:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىغا تەشنامىز .

مەسلەكداشلىق مىللەتداشلىقتىن ئەلا!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105280
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 561
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 231 سائەت
تىزىم: 2014-3-25
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-2 01:56:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى ساقلايمىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40480
يازما سانى: 308
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3898
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 281 سائەت
تىزىم: 2011-5-12
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-2 04:02:50 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bilgejanning ishlerigha utuq tileymen. tihimu yuqiri orleng.

www.begmurad.wix.com/yaqupjan

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101241
يازما سانى: 685
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3428
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 553 سائەت
تىزىم: 2013-12-23
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-2 07:14:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىغا ئىنتىزارمەن...

مېھرىماھ

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12384
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32428
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4448 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-2 07:49:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىللارنى ھاياجانغا سالىدىغان تەسىرلىك مىنۇتلارنىڭ كارتىنىسىنى ئوقۇپ،مەنمۇ ھاياجانغا چۆمدۈم...

تەسىراتىڭىز بىلەن داۋاملىق ئورتاقلاشقايمىز.....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 1067
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5029
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-2 07:49:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدى بىلەن سىزنى مۇشۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان ئاشۇ مەسئۇليەتچان ئاتا -ئانىڭىزغا تەشەككۈر !
سىزنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرىڭىزنىڭ تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بۇلىشىغا تېلەكداشمەن .
بۇ ئەھمىيەتلىك سەپىرىڭىزمۇ شۇنداق مول ھەم مەنىلىك مەزمۇنلاردا ئېلىپ بېرىلىپتۇ .
پات -پات كېلىپ مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك لىكسىيەلەرنى ياشلىرىمىزغا سۆزلەش ئارقىلىق ئارىمىزدىن سىزدەك تالانتلىق ئالىملارنىڭ كۆپلەپ يىتىشىپ چىقىشىغا ھەمدەمدە بۇلىشىڭىزنىمۇ ئۈمۈت قىلىمەن .

تۇرمۇش ـــــ كېسىپ تىكىدىغان مودا كىيىم ئەمەس !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش