|
|
|
|
تۇنجى نۆۋەتلىك ياۋروپا-ئاسىيا « ئالتۇن كۆۋرۈك » خەلقئارا يەرمەنكىسى باشلاندى.
شىنجاڭ گېزىتىدىن گۈلمىرە مۇھەممەد خەۋەر قىلىدۇ: تۇنجى نۆۋەتلىك ياۋروپا-ئاسىيا «ئالتۇن كۆۋرۈك» خەلقئارا يەرمەنكىسى 1 -نويابىر چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن كۆرگەزمە مەركىزىدە داغدۇغىلىق باشلاندى. ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىنىڭ باشلىقى خې يىمىڭ قاتارلىقلار قاتناشتى. ئېچىلىش مۇراسىمىدا خې يىمىڭ، ياۋروپا -ئاسىيا« ئالتۇن كۆۋرۈك» خەلقئارا يەرمەنكىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، يەرمەنكىنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى دىلئارام قۇربان قاتارلىقلار بىرلىكتە يەرمەنكە باشلىنىش قوزغىتىش شارىنى بىرلىكتە قوزغاتتى.
ئۇقۇشۇمچە، بەش كۈن داۋاملىشىدىغان تۇنجى نۆۋەتلىك ياۋروپا-ئاسىيا «ئالتۇن كۆۋرۈك »خەلقئارا يەرمەنكىسى ۋە شىنجاڭ مىللىي كارخانىلار تەرەققىيات نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈشنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتى تەستىقلىغان بولۇپ، كۆرگەزمە رايونى يېمەك-ئىچمەك، كۈندىلىك بۇيۇملار، ئىمپورت مەھسۇلاتلار قاتارلىق 10 چوڭ رايونغا بۆلۈنگەن. يەرمەنكىگە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مىللىي كارخانىلار ۋە تۈركىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، پاكىستان قاتارلىق 15 دۆلەتتىن كەلگەن 500گە يېقىن كارخانا قاتناشقان.
ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىنىڭ باشلىقى خې يىمىڭ مۇنداق دېدى: ياۋروپا – ئاسىيا« ئالتۇن كۆۋرۈك» خەلقئارا يەرمەنكىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ قىسقىغىنا ئىككى ئاي ئىچىدە خەلقئارالىق يەرمەنكىگە تەييارلىق كۆرۈپ، يەرمەنكىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى ھەقىقەتەن ئاپىرىن ئوقۇشىمىزغا لايىق. بىز «يىپەك يولى» دىكى مەركىزىي رايون بولۇشتەك ئەۋزەللىكتىن پايدىلىنىپ رايونىمىزدىكى ۋە قوشنا ئەللەردىكى كارخانىچىلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، مۇشۇنداق خەلقئارالىق يەرمەنكىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىغا، كارخانىلارنىڭ تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلىشىدا بەلگىلىك رول ئوينايدۇ.مەن بۇ يەرمەنكىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى - سىرتىغا تونۇلغان داڭلىق ماركا، شۇنداقلا مىللىي كارخانىچىلىرىمىزنىڭ مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى كارخانىچىلار بىلەن بولغان ھەمكارلىق ۋە ئالاقىسىدىكى ئىسمى-جىسمىغا لايىق «ئالتۇن كۆۋرۈك» بولۇپ قالىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
ياۋروپا – ئاسىيا« ئالتۇن كۆۋرۈك» خەلقئارا يەرمەنكىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، يەرمەنكىنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى دىلئارام قۇربان مۇنداق دېدى: بىز ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مىللىي پۇقراۋىي كارخانىلارغا ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى رايون ۋە دۆلەت ھالقىپ خەلقئارا بازارغا يۈزلەندۈرىدىغان، ئۆز نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىدىغان ھەم دۆلەت ئىچى - سىرتىدىن سودا ھەمراھى تاپىدىغان پۇرسەت ھازىرلاپ بېرىش مەقسىتىدە، بۇ يەرمەنكىنى ئۆتكۈزدۇق. بۇ قېتىملىق يەرمەنكە مىللىي كارخانىچىلىرىمىز ئۈچۈن ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرىدىغان، تەجرىبە ئالماشتۇرىدىغان ياخشى بىر سەھنە ھېسابلىنىدۇ. يەرمەنكە مەزگىلىدە يەنە كارخانىچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە مۇنبىرى، مىللىي كارخانىلار مەھسۇلاتلىرى نەتىجىلەر كۆرگەزمىسى، چوڭ تىپتىكى توختام ئىمزالاش مۇراسىمى، كارخانىلارنىڭ چوڭ كۆلەملىك ئىختىساسلىق خادىم قوبۇل قىلىش پائالىيىتى، كارخانىلارنىڭ مەھسۇلات تونۇشتۇرۇش يىغىنى، كىيىم - كېچەك مودېل كۆرسىتىش پائالىيىتى قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ. كېيىنكى نۆۋەتلىك يەرمەنكىدە تېخىمۇ كۆپلىگەن كارخانىچىلار سېپىمىزگە قوشۇلۇپ، دۇنياغا يۈزلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.
مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر
|
|
|
|
|
|