دۇنياۋى ئەقلي كۈچ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى
تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى :مەمەتنىياز خۇدابەردى (خاربىن )
ئەسسالامۇ –ئەلەيكۇم تورداشلار ،مەن تۈنۈگۈن پىسىخلوگىيەگە ئائىت ماتىريال توپلاش جەريانىدا بۇ مۇسابىقىگە ئائىت ئۇچۇرلارنى يەنە ئۇچۇرتۇپ قالدىم ،مەن ئىلگىرى بۇ خىلدىكى مۇسابىقىلەرنى كۆپ قىتىم ئاڭلىغان بولساممۇ لىكىن ئانچە دىققەت ئىتبارىمنى قويۇپ باقماپتىكەنمەن .ئەمما بۇقىىتم بۇ مۇسابىقە مىنىڭ دىققەت نەزىرىمنى خىلىلا تارتتى .شۇنىڭ بىلەن مەن ئىزدىمەكچى بولغان ماتىريالنى تىپىپ بولغاندىن كىيىن بۇ مۇسابىقىگە ئائىت ئۇچۇرلارنى بىر قاتار رەتلەپ چىقتىم .مەن ئۇچراتقان بۇ مۇسابىقىگە ئائىت ماتىريالنىڭ ئەسلي خەن يىزىقىدا ئىكەن .تورداشلار بۇ مۇسابىقىگە قىزىقىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دەپ تىخمۇ كۆپ تورداشلارنىڭ بۇ مۇسابىقىگە ئائىت ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولىشى ئۈچۈن مەن بۇ ئۇچۇرلارنى تەرجىمە قىلىپ چىقتىم .بەلكىم نۇرغۇن تورداشلار بۇ مۇسابىقىگە ئائىت ئۇچۇرلاردىن ئاللىقاچان خەۋەردار بولۇپ بولغان بولىشىمۇ مۇمكىن .شۇنداق بولسىمۇ ھەممەيلەن بىرلىكتە بۇ مۇسابىقىنىڭ زادى قانداق مۇسابىقە ئىكەنلىكىنى بىرلىكتە كۆرۈپ چىقايلى .
ئاساسى ئۇچۇرلار
ئۇيغۇچە تولۇق ئىسمى :دۇنياۋى ئەقلي كۈچ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى خەنزۇچە ئىسىمى: 世界脑力锦标赛 ئىنگىلسچە ئىسمى : WorldMemory Championships ئىجادقىلغۇچى :تونى بوزەن بارلىققاكەلگەن ۋاقتى :1991 –يىلى
قىسقىچەچۈشەنچە
دۇنياۋى ئەستە تۇتۇش ماھىرى ئىرىشكەن مۇكاپات بۇ كومتىت بۇنىڭغا ئەستە تۇتۇش قابىليىتگە بەرگەن ئەڭ يۇقىرى باھا ھىساپلىنىدۇ .چوڭ مىڭە فوندى جەمىئىتىنىڭ ض ياردىمى ئاستىدا بۇ مۇسابىقە ھەر يىلىدا داۋاملىشىپ كىلىۋاتىدۇ .پۈتۈن دۆلەت كىشلىرىنىڭ بۇ مۇسابىقىگە بولغان قىزىقىشى بارغانسىرى ئىشىپ بىرىۋاتىدۇ .بۇ مۇسابىقە 10 نەچچە يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئەقلي تەنھەركەت مۇسابىقىسىگە ئايلاندى .ھازىرغىچە مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇلغان دۆلەتلەر :جوڭگو،ئاۋىستىرالىيە ،جەنۇبى ئافىرقا ،مىكسىكا ،سىنگاپور،مالايسىيە گىرمانىيە ،ئامىركا،ئەنگىليە قاتارلىقلار
تەرەقىقيات جەريانى
دۇنياۋى ئەقلي كۈچ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى1991-يىلى بارلىققا كەلگەن .بىرىنجى نۆۋەتلىك مۇسابىقە ئەنگىليە چوڭ مىڭە فوندى جەئىتىنىڭ ياردىمى ئاستىدا ئىلىپ بىرىلغان .18 يىللىق تەرەققىياتتىن كىيىن دۇنيادىكى تەسىر كۈچى ئەڭ زور بولغان ئەڭ نوپۇزلۇق خەلقئارالىق مۇسابىقىگە ئايلاندى .ھەريىلى 30 نەچچە دۆلەتتىن نەچچە ئونمىڭلىغان ماھىرلار كىلىپ بۇ مۇسابىقىگە قاتىنىشىدۇ .مۇسابىقە تەسىر كۈچىنىڭ زورىيىشىغا ئەگىشىپ تىخمۇ كۆپلىگن دۆلەتلەر بۇ مۇسابىقىگە كۆڭۈل بۆلمەكتە .دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ماھىر تاللاپ بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىۋاتىدۇ .
بۇ مۇسابىقىنىڭ بارلىققا كىلىشىنى تەشەببۇس قىلغۇچى
تونى بوزەن 1942 –يىلى ئەنگىليەنىڭ لوندون شەھرىدە تۇغۇلغان .كولۇمبىيە ئۇنىۋىرسىتىتىنى پۈتتۈرگەن .ئۇ پىسىىخكا ،تىلشۇناسلىق،ماتىماتىكا ۋە ئىلىم پەن قاتارلىق ساھەلەردە ئۇنۋانغا ئىرىشكەن .ئۇ ھازىرغىچە مىنشا ئەڭ يۇقىرى ئەقىل بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى رىكورتىنى ساقلاپ كىلىۋاتىدۇ .ئۇ نەشىردىن چىقارغان 20 نەچچە خىل چوڭ مىڭىگە مۇناسىۋەتلىك كىتاپ 10 نەچچە خىل تىلغا تەرجىمە قىلىندى .5 قىتئەدىكى 50نەچچە دۆلەتنىڭ كىتاپخانىلىرىغا تارقىتىلدى.ئۇ يەنە ئالي مەكتەپ ،تەتقىقات ئورنى ۋە دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ مەسلىھەت بىرىش مۇتەخەسسىسى.
مۇسابىقەتۈرلىرى
بۇ مۇسابىقە ئادەمنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىليىتىنى سىنايدىغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە بولۇپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان تۈرلەر تۆۋەندىكىچە
ئىككىلىك سىستىمىدىكى رەقەم
مەۋھۇم تارىخى ئىشلار
بىر سائەتلىك قارتا
بىر سائەتلىك سان سىفىر
يىڭى شىئىرنى ئەستە تۇتۇش
سۆزلۈكنى ئەستە تۇتۇش
قارتىنى تىز ئەستە ساقلاش
سان سىفىرنى تىز ئەستە ساقلاش ۋە ئەسلەش
مۇسابىقە قائىدىسى
1.تىز سۈرئەت بىلەن سان سىفىرنى ئەستە تۇتۇش :5 مىنۇت ۋاقىت ئىچىدە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئەڭ كۆپ سان سىفىرلارنى ئەستە تۇتۇش .ئىككى قىتىملىق سىناش پۇرسىتى بار
2.بىر سائەت ئىچىدە سان سىفىرنى ئەستە تۇتۇش .بىر سائەت ئىچىدە ئەستە تۇتقان سان سىفىرنى ئىككى سائەت ۋاقىت ئىچىدە ئەسلەپ چىقىش .
3.سان سىفىرنى ئاڭلاپ ئەستە تۇتۇش :بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئەستە تۇتقان سانلارنى ئەسلەش .بىرىجى قىتىم 100 سىكونىت ئىچىدە 100 سان ئاڭلاش .بۇسانلارنى 5 مىنۇت ئەسلەش .ئىككىنجى قىتىم 200 سىكونىت ئىچىدە 200 سان ئاڭلاش بۇ سانلارنى 10 مىنۇت ئەسلەش ،ئۈچۈنجى قىتىم 300 مىنۇتتا 300 سان ئاڭلاش ،15 مىنۇت ئەسلەش .
4. ئىككىلىك سىستىمىدىكى رەقەم .30 مىنۇت ئىچىدە ئەڭ توغرا ھالەتتە ئەڭ كۆپ بولغان سانلارنى ئەستە ساقلاش.
5.تارىخى ئىشلار ۋە ۋاقىتلار .5مىنۇت ۋاقىت ئىچىدە نۇرغۇنلىغان تارىخى ئىشلار ۋە ۋاقىتنى ئەستە ساقلاش ،15 مىنۇتتىن ئىچىدە بۇ ئەستە تۇتقان تارىخى ئىشلار ۋە ۋاقىتلارنى ئەسلەپ بولۇش .
6.مەۋھۇم گېئومېترىك شەكىل.15مىنۇت ۋاقىت ئىچىدە كۆپلىگەن مەۋھۇم گېئومېترىك شەكىلنى ئەستە ساقلاش ،30 مىنۇت ۋاقىت سەرپ قىلىپ بۇلارنى ئەسلەپ بولۇش.
7.سۆزلۈكنى ئەستە ساقلاش .15 مىنۇت ئىچىدە نۇرغۇنلىغان سۆزلەرنى ئەستە تۇتۇش ،30 مىنۇت ۋاقىت ئىچىدە بۇ سۆزلۈكلەرنى ئەسلەپ بولۇش.
8.ئادەملەرنىڭ باش سۈرئىتى .15 مىنۇت ۋاقىت ئىچىدە نۇرغۇنلىغان سۈرەتكە مۇناسىۋەتلىك كىشلەرنىڭ ئىسمنى ئەڭ توغرا ھالەتتە ئەستە تۇتۇش ۋە ئەڭ تىز ھالەتتە ئەسلەپ چىقىش .
9.ئەڭ تىز سۈرئەتتە قارتىنى ئەستە تۇتۇش .بەش مىنۇت ۋاقىت ئىچىدە 54قارتىنىڭ رەت تەرتىپى،رەڭگى ۋە نۇمىرىنى ئەستە تۇتۇش ۋە ئەسلەپ چىقىش .
10.بىر سائەت قارتا ئەستە تۇتۇش .بىر سائەت ئىچىدە نەچچە يۈزلىگەن قارتىنىڭ رەت تەرتىپىنى ،رەڭگىنى ۋە نۇمىرىنى ئەستە تۇتۇش ،ئىككى سائەت ۋاقىت سەرپ قىلىپ بۇلارنى ئەسلەپ چىقىش.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەتنياز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-1 05:22 PM
|