قايماقچى ئايال
قىش ئاقىدۇ شەھەر ئىچىدە ،
زىمىن چېچى قاردا ھۆل بولار .
پۇچقىقىنى تۈرمەكتە ھايات ،
بازارلاردا ئادەملەر توۋلار .
ئۆزگەرگەندە ئۈچ ۋاق رەسمىيەت ،
سۆيگۈ ئىزلەپ يىغلار ئاشقازان .
قاچىلانسا ئۈمۈد خالتىغا ،
ھاجەتمەننىڭ يوللىرى راۋان.
سېتىلماقتا كۈلكە پارچە توپ ،
ئۇششاق كەسىپ چىقارماقتا ھور .
پۇل يەل ئۇرار كۆڭۈل توپىغا ،
تۇرمۇش دىمەك قاينىغان تونۇر .
باققال بىلەن قاسساپ ئىككى تۈر،
نان پۇرىقى كاۋاپ سېغىنار .
سېغىز چاينار ھەر خىل مال -دۇنيا ،
بىر تىلەمچى يەردە ئېغىنار .
بايۋەتچىلەر ، نامرات سېتىقچى ،
بۆك كىيىدۇ بازار ناملىق بۆك .
ئوخشاپ كەتكەن ھەر خىل چىرايلار ،
ئوخشىمىغان مۇھىتقا كۆنۈك .
ئۇھسىنىدۇ قۇياشقا قاراپ ،
ھارغىن بازار كارۋاتقا چىقار .
مايلامچىلار ئىككى قولىنى ،
پوتلا ئاققان بۇرنىغا تىقار .
يۆتىلىدۇ يايمىچى قىزچاق ،
خەق ئولىشار چۈشكەن باھاغا .
سۈپۈرگە يەر تازلىقچى ئايال ،
قار ئۇچقۇنى چۈشەر ساماغا .
مۆرىمەكتە چېلەكتە موزاي ،
كچىككىنە مۇز بولدى قايماق .
مەغلۇپ بولغاچ دەسلەپكى سودا ،
تىپىرلايدۇ بەتىنكە مايماق .
قىش چىشلەيدۇ ئىگىز بىنانى ،
قار -تۆت دوقمۇش ، قار- قىزىل چىراق،
ئورۇندۇقسىز قايماقچى ئايال ،
مەش قېشىدىن تۇرماقتا يىراق .
ئاپتۇرى : ئابلەت مۇھەممەت