تېلىفۇنغا ياتلىق بولدى ئادەملەر
يىراقلاشتى ساپ ھاۋانىڭ لەۋلىرى ،
تېرىكمەكتە زوكام تېگىپ پەسىللەر .
پارچىلاندى بىر ئائىلە گەۋدىسى ،
قىيسايماقتا تۆت تامدىكى غەزەللەر .
بوران كىرەر پۈرۈشتۈرۈپ لېۋىنى ،
غېرىپ كۆڭۈل يازار مۇڭلۇق ۋەسىيەت .
ئېڭىشىدۇ ئالقىنىغا ئادەملەر ،
قولتىقىدىن يىرتىلماقتا مۇھەببەت .
غېرىپسىنار ئىككى ياندا پەرشتە ،
يىقىنلىشار زامان ئاخىر قىرغىقى .
ساپىقىدا يىگىلەيدۇ تەببەسسۇم ،
ئاجىزلايدۇ مۇھەببەتنىڭ تىنىقى .
ئادەملەرنىڭ خىسلىتىدىن ئۆرگۆلۈپ ،
قوروق چۈشتى جەمىيەتنىڭ يۈزىگە .
ئېتىقادنىڭ مىۋىسىدە كېسەل بار ،
ئاق چۈشمەكتە سەبىي روھنىڭ كۆزىگە .
تېلىفۇنغا ياتلىق بولدى ئادەملەر .
توڭلاتقۇغا كىرمەكتىمىز بىر بىرلەپ .
تۇيۇقسىزلا ئۈششىمەكتە ئىشەنچ ،
چىن سۆيگۈنى قويماقتىمىز قەبىرلەپ .
تېلىفۇنغا ياتلىق بولدى ئادەملەر ،
ئەتىمىزنى بىر ئېكرانغا تىگەشتۇق .
كۆز يېشىدا زېدە بولدى دەقىقە ،
بۇرۇنقىدەك نە ئامانلىق سوراشتۇق ؟
تېلىفۇنغا ياتلىق بولدى ئادەملەر ،
جۆمىكىدە قاغجىرايدۇ خۇشاللىق .
ساختا رەڭدە ئالدانماقتا تېنىمىز ،
نۆۋىتىدە سەل قارالدى ساغلاملىق .
ئاپتۇرى : ئابلەت مۇھەممەت باغۋەن