قىزغىنىمەن شۇڭا ئايدىنمۇ
مېھرى-بەرگىم چېچىلدى پۈتۈن،
يوللار تامام سىلىپ سىلىنچا.
غىرىپلىقنى باشلاپ ئالتۇن كۈز،
سېرىق رەڭگە تولدى بۇ دۇنيا.
تاپىنىمدا يىغلار يۇپۇرماق،
شامال بىلەن يەرگە تۆكۈلۈپ.
سېغىنىشتا قەلبىم تامامەن،
غېرىپسىندى توختىماي كۈيۈپ.
پەپىلەيدۇ جىمجىت كىچىلەر،
ئەللەيلىتىپ كۆرسىتىپ ئاينى.
سېغىنىمەن ھەر بىر دەقىقە،
پىنھانلاردا تۆكۈپ سىرىمنى.
شادلىقىسەن ھايات يۇلىمنىڭ،
كۈلكە-شادلىق تەمىنى بەرگەن.
قىزغىنىمەن شۇڭا ئايدىنمۇ،
قەلبىڭىزدە بولسام دەپ بىرمەن.
قەلىب تەسۋىرى
مېھرىمنىڭ بەرگىسى پارلىغان قۇياش،
يوق ئاڭا بۇلۇتنىڭ دىلنى تۇسىشى.
پەقەت بار ،دىلىمدا ۋاپا ئەقىدەم،
ئاداققى باغلىنىپ نۇرلانغان تەكشى.
چېھرىمدىن كۆرىسەن دائىم تەبەسسۇم،
غەم-غۇسسە چېرمىغان يوقتۇر بىرھالەت.
كۆمۈمەن ئازاپنى دىلنىڭ تېگىگە،
سەن بولغاچ قەلبىمدە بۇپ ماڭا مەدەت.
ئەبەدىي مېھرىلىك سەمىمى كۈلكەم،
تامىدۇ قەلبىڭگە ئىللىق شۇقەدەر.
سىزىسەن قەلبىمدە باھارنىڭ تەپتى،
مېھرىلىك باغرىڭدىن تىڭشىساڭ ئەگەر.
مۇھەببەتتىن مۇھەببەتكە كۆچكەنلەر
سىناقلاردىن مەزمۇت بەردەم ئۆتەلمەي،
مۇھەببەتنى ئۇيۇن ئورنىدا كۆرگەنلەر.
قىززىققاندا پار-پۇر كۈيۈپ پاسادەك،
بىرنى ئۇنتۇپ بىرغا يىڭى كۆيگەنلەر.
كۈيۈشكەندە ۋاي-ۋاي دەپلا ئىزدىشىپ،
توتكۈن بولماي ھۆل ئۇتۇندەك ئۆچكەنلەر.
مېھرى-ۋاپا ساداقەتنى كۆيدۈرۈپ،
مۇھەببەتتىن-مۇھەببەتكە كۆچكەنلەر.
سۆيگۈ دىگەن چىن ھىسياتتۇر بىلسەڭ گەر،
ئات تاپقۇچە ئىشەك مىنەي دىگۈدەك.
مۇجەسسەمدۇر مۇھەببەتكە ساداقەت،
قوغداپ تۇرار ئۇنى مەزمۇت قورغاندەك.
مەنبە قەلىمىم