مېنىڭ خەستە پەرىشتە ئانام
رۇستەم قاراسۇ
مەن يىغلىسام بىللە يىغلايدۇ،
يۈرىكىنى ئەلەم تىلغايدۇ،
ماڭا ئاشتىن نېرىن ئىلغايدۇ،
مېنىڭ خەستە پەرىشتە ئانام.
تېلەكلەرنى مەن ئۈچۈن تېلەپ،
قىلماي مەندىن مال-دۇنيا تەلەپ،
ياشاپ كەلدى بەدەللەر تۆلەپ،
مېنىڭ خەستە پەرىشتە ئانام.
جېنىم بالام كۈلگىنە دەپ كۈل،
بولدى ئانام مەيدەمدىكى گۈل،
شۇنچە ساددا شۇنچە ئاق كۆڭۈل،
مېنىڭ خەستە پەرىشتە ئانام.
مەندە ئارتۇق ئارمان يوق ئىدى،
باغرىغا لىق شادلىق تولسىدى،
مېنىڭ ئۈچۈن ئامان بولسىدى،
مېنىڭ خەستە پەرىشتە ئانام.
رۇستەم قاراسۇ ئاتۇشتا يېزىلدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rustorahbar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-31 04:45 PM