مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 9227|ئىنكاس: 45

تويدىن كېيىنكى مۇھەببەت پىغان ‹4› [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1782
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8746
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-31 03:33:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

t01d6809202f0256134.jpg

تويدىن كىيىنكى مۇھەببەت...

يولدۇشۇمنىڭ ئائىلىسى بىزنىڭ ئائىلىدەك باياشات بولمىسىمۇ ،ئەمما قىينى ئاپام تۇلىمۇ مىھرىبان،ئاددى –ساددا ،تۇرمۇشتا تىجەشلىك ئايال ئىدى،يولدۇشۇممۇ شۇنداق كۈيۈمچان ،نۇرغۇن ئىشلاردا ماڭا يول قۇياتتى ھەم مېنى ئاسرايتتى ...

كىچىككىنە ئىككى ئېغىزلىق ئۆي بىزنىڭ ھوجرىمىز ئىدى ،كاڭغا ئىككى پارچە كىگىز سېلىنغان ،تۆر تەرەپ تامدا كىچىككىنە دەرىزە بولۇپ ، شاپتۇل چېچىكى رەڭگىدىكى گۈللۈك كىرلىك (بۇنى يولدۇشۇم خىزمەتتە ئىلغار بولغاندا بېرىپتىكەن ،قىينى ئاپام تويلۇق تارتىپ قويۇپتۇ ) تارتىلغان  ،يەرگە خىش يېيىتىلغان بولۇپ ،ئېشىكنىڭ ئوڭ تەرىپىدە بىر ئۈستەل قويۇلغان ،ئىچكەركى ئۆينىڭ دەرىزىسىگە بىر ھاۋارەڭ گىرىپ پەردە تارتىلغان بولۇپ شۇ چاغلاردىكى خېلى ئىسىل پەردىلەر ھىساپلىناتتى ،بۇ بىزنىڭ مىھمانخانە  ئۆيىمىز بولۇپ ،تۆت چاسا شەكىلدىكى بىر ئۈستەل ۋە سافادىن باشقا ھىچنىمە يوق ئىدى ...

ئەمما بۇ ئۆي بىزنىڭ ئاجايىپ گۈزەل ئەسلىمىلىرىمىز قالغان ،مۇنداقچە ئېيتقاندا تۇنجى مۇھەببىتىمىز باشلانغان ھەم تۇنجى مۇھەببەت ئۇرۇقى چېچىلغان سېھىرلىك ماكان .

بارا- بارا مەن بۇ ئائىلىگە ئىچەكىشىپ كەتتىم ،ھەتتا يولدۇشۇمدىن  بىر قەدەممۇ  ئايرىلغۇم كەلمەيدۇ،ئۇنىڭ بوينىغا گىرە سېلىپ باغرىغا سىڭىشىپلا كېتەتتىم  ،مۇھەببەت ناخشىلىرىنىڭ شېرىن ئەللەيلىشى بىلەن ئاستا-ئاستا تاتلىق ئويقۇغا كېتەتتىم،كۈندە كەچنىڭ يېتىپ كېلىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۆتەتتم ،شۇ كېچىلەرنىڭ ئۇزاقراق داۋاملىشىشىنى تۇلىمۇ ئارزۇ قىلاتتىم،يولدۇشۇم كۈندە دىگۈدەك كەچلىكلىرى ماڭا ھەمرا بولۇپ ئاجايىپ قىزىقارلىق ئىشلارنى ، مۇھەببەت ھىكايىلىرىنى سۆزلەپ بېرەتتى،مەن ئاڭلاپ ئاڭلاپ قانمايتتىم ...دىمەك، مەن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدىم ،ياخشى كۆرگەندىمۇ پۈتۈن ۋۇجودۇم بىلەن ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدىم .

كۈندە ئىشقا مىڭىشتىن بۇرۇن ئۇ دائىم  مېنى چىڭ قۇچاقلاپ تۇرۇپ ،تاتلىقىنە بىر سۆيۈپ قوياتتى  ،مۇبادا مەن قىينىئاپامنىڭ  يىنىدا بېرەر ئىش بىلەن مەشغۇل بۇلۇپ ئۇزۇتۇپ قۇيالمىسام ، ئۇ قانداقتۇر بىر نەرسىسىنى تاپالمىغاننى باھانە قىلىپ مىنى  ھوجرا ئۆيگە چاقىرىپ ئەكىرىپ ئىشىكنى يېپىپلا بېلىمدىن قامالللاپ تۇتقۇنىچە ئۆزىگە تارتاتتى ۋە قېنىپ –قېنىپ سۆيۈپ كېتەتتى ...مەن بۇنىڭدىن ئالەمچە بەخت ھىس قىلاتتىم ،شۇنداق قىلىپ ئۇ مېنى ئاستا- ئاستا ئۆزىگە رام قىلىۋاللدى ، ،بىز پاراڭداشساق گەپلىرىمىز تۈگىمەيتتى، نۇرغۇن ئوخشاشلىق تەرەپلىرىمىز بار ئىدى  شۇڭلاشقىمۇ ھازىر ۋە كەلگۈسى تۇغرىسىدا پىكرىمىز بىر يەردىن چىقاتتى..مەن ھەممىدىن ئۇنىڭ يۇمۇرىستىك مىجەزىنى ياخشى كۆرەتتىم  .بىر كۈنى مەن ئۇنىڭدىن سوراپ قالدىم :

_ سىز تويدىن بۇرۇن بېرەر قىزنى ياخشى كۆرۈپ باققانمۇ؟

_ ياخشى كۆرگەن!

_ كىمنى؟

_ بىر ئاي پەرىنى !

_ ئۇ ئاي پەرى ھازىر قەيەردە؟

_ ئېيتىپ بەرمەيمەن !

مەن يالغاندىن دومسايدىم  ،ئۇ مېنى ئۆزىگە تارتىپ تۇرۇپ قۇلۇقۇمغا پىچىرىدى.

_ ئۇ ئاي پەرى مانا بۇ يەردە  !،ئۇ مىنىڭ بۇرنۇمنىڭ ئۇچىنى چىمدىپ قويدى.

_ يالغان !،بىز بىر- بىرىمىزنى تۇنۇمايدىغان تۇرساق؟مېنى ئالداۋاتىسىز-ھە؟!

_ بىز تۇنۇشمىغان بىلەن يۈرەكلىرىمىز تۇنۇشىدۇ ! چۈنكى ئاللاھ ئىگەم  مېنىڭ تېنىمدىن بىر تال قۇۋۇرغىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ  سىزنىڭ تىنىڭىزگە يۆتكىگەن ،شۇڭلاشقا  بىزنىڭ بەدەنلىرىمىز بىر- بىرىنى تۇنۇيدۇ ، خۇددى ماگىنىتتەك ئۆزىگە تارتىدۇ ،ئىشەنمىسىڭىز قارىڭە ،مانا ماگىنىت كۈچىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى ...ئۇ مىنى بېلىمدىن يىنىككىنە قاماللاپ ئۆزىگە تارتتى...

چىرايىم خۇددى ئاپتاپتەك ئېچىلىپلا كەتتى چۈنكى تويدىن بۇرۇنقى باش ئاغرىقلىرى مېنى خېلىلا ھالىمدىن كەتكۈزۋەتكەن ئىدى  ،كۈندىن- كۈنگە ناۋاتتەك سۈزۈكلىشىپ كېتىپ بارغان گۈزەل رۇخسارىمغا قاراپ كەسپداشلىرىم ھە دىگەندە ماڭا چاخچاق قىلىپ مېنى تېرىكتۈرۈشكە ئۇرۇناتتى .

_ ھەي ،كۆردۈڭلامۇ ماۋۇ گىرى قىزنىڭ توي قىلىپلا ، ھۆسنى بارغانچە ئېچىلىپ كېتىباردۇ ،بەدەنلىرىگە گۆش يۈگۈرۈپ ،بۆلەكچىلا سالاپەتلىك  نازىنىن بۇلۇپ كېتباردۇ دىسە؟!

_ ئەر ياراشقان گەپ ئەر !!!

ۋاھ !!!ھا ھا ھا !!!

_ ئاينۇر ،بۈگۈن ھەپتە ئاخىرىكەن ،شۇڭا ياخشى ئۆتىغان كەسپداشلاردىن بىرنەچچەيلەن  بىللە ئولتۇرۇپ تاماق يىگەچ ،گۈڭۇر مۇڭۇر مۇڭدۇشۇپ كەلمەمدۇق ،ياق دىمەيدىغانسەن؟

_ كەچۈرگىن كەچتە شۇ ،شۇ ئۆيگە مېھمان كەلمەكچىتتى ،باشقا كۈنى بولسۇن –ھە؟!

_ ھەي .ھەي يالغاننى قالماشتۇرالمىغاندىن كىيىن ئېيتمىغىنە بولدى ،ئەر تاتلىق دىگىنە ئەر ....

ۋايت!!!!!!!!!!

-راستمۇ ئاينۇر ؟ راستىنلا ئەر تاتلىقمۇ؟،دەپ بېرە بىزگىمۇ؟ قانداق تاتلىق ئىكەن؟!..

_ ۋاي يۈزى قىلىن!!! تاتلىقلىقىنى بىلمەكچى بولساڭ سەنمۇ تىگىپ باق ....

ۋەيت!!!!!!!!!

كۆڭلى تۈز ئاغزى ئىتتىك ،كۆڭلىدە نېمە بولسا  دەۋىرىدىغان  يىقىن دۇستۇم ھەم كەسپدىشىم بولغان نۇسرەت  ئىشخانىدا ئۆزئارا قالغان ۋاقىتلىرىدا ماڭا مۇشۇنداق چاخچاقلارنى قىلىپ قەستەنگە چىشىمغا تىگەتتى ،مەنمۇ ئۇنىڭ شۇنداق چاخچاقلىرىغا كۈنۈك ئىدىم ...

كۈنلەر مانا مۇشۇنداق بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى قوغلۇشۇپ ئۆتىۋەردى  مانا مۇشۇنداق چەكسىز  بەخت بۈشىكىدە ئەللەيلىنىپ يۈرگەن كۈنلىرىمىزنىڭ بىرىدە خۇشاللىق ئۈستىگە خۇشاللىق قۇشۇلۇپ ،مۇھەببىتىمىزنىڭ جەۋھىرى بولغان ، قىزىمغا ھامىلدار بولدۇم ،بۇ خەۋەر يولدۇشۇمنى مەندىنمۇ بەكرەك خوش قىلىۋەتكەن ئىدى ،شۇ كۈنى ئۇ مېنى كۆتۈرۈپ ئۆيدە نەچچىنى پىقىرىۋەتكەن ئىدى.بۇ چاغدىكى ئۇنىڭ خۇشاللىقىنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بېرىشكە تۇلىمۇ ئاجىزلىق قىلىمەن.

ھەجەپ ئىش-ھە؟! ،بىر- بىرىگە يات بولغان ئىككى خىل جىنىستىكى ئادەمنى نىكاھىنى ئوقۇپ بىر ئۆيگە ئەكىرىپ قويسىلا ،دونيادىكى ئەڭ ،ئەڭ يىقىن ئادەملەرگە ئايلىنىپ قىلىشىنى دەيمەن ،مانا مۇشۇنداق بىر – بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان ،كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان ئىنچىكە ئەمما ئاجايىپ چىڭ قىلىپ تۇقۇلغان بىر سېھرى   يىپ بىلەن مەھكەم باغلىنىپ قېلىشى-ھە؟! ،

  بۇ يىپنىڭ خاسىيىتى شۇكى : ئۇ دەل ئىككى ياشنىڭ قانۇنلۇق ھەم پاك  نىكاھىغا شاھىد بولغۇچى ،ئورۇق تۇققان ،دوست –بورادەرلەرنىڭ  ئەڭ ئاساسلىقى  ئاتا-ئانىنىڭ ئاللاھنى ياد ئېتىپ  قىلغان  دۇئاسىنىڭ بەركىتىن بولسا كېرەك...  .

ئاغرىقىم ئاستا- ئاستا كۈچۈيۋاتىدۇ ،يېزىشنى داۋاملاشتۇرالمايۋاتىمەن ...

           كىچە_________پىغان


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107858
يازما سانى: 569
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2060
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 116 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-31 05:12:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىززىق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107858
يازما سانى: 569
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2060
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 116 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-31 05:22:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەۋىرچانلىق بىلەن كۈتىمەن  بەك ياخشىدەك قىلدۇ لىكىن سىزگە نىم بولغان بولغۇيتى ئاللا شىپالىق بىرە قىرىندىشىم ئامىن!!!

يۈرەككە قويۇلغان قول!ق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33575
يازما سانى: 1417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15262
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 3615 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-31 05:31:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسىرىڭىز ياخشى يىزىلىۋاتىدۇ، مەندە كۈندە ئوقۇۋاتىمەن.  رىئاللىق تەسۋىركەنگەن  بۇنداق ئەسەرلەر ئادەمنى بەك جەلىپ قىلىدۇ.  لىكىن ئاخىردا  نىمە دىدىڭىز؟ ئاغرىقىم  دىدىڭىزمۇ ؟ چۈشىنەلمىدىم.

ئاللاھ ماڭا ھېكمەت ئاتا قىلدى، مۇھەممەد ئەلەيھىسالام چۈشۈمگە كىردى، لېكىن مەن ئالدامچىلىق ھېلە مىكىرلەرنى رەزىللىكلەرنى بىلمەيمەن!!!

يۈرەككە قويۇلغان قول!ق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33575
يازما سانى: 1417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15262
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 3615 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-31 05:35:30 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
telda yazgaxka kayta tahritligili bolmidi kaqurung!

ئاللاھ ماڭا ھېكمەت ئاتا قىلدى، مۇھەممەد ئەلەيھىسالام چۈشۈمگە كىردى، لېكىن مەن ئالدامچىلىق ھېلە مىكىرلەرنى رەزىللىكلەرنى بىلمەيمەن!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100398
يازما سانى: 253
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 530
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 64 سائەت
تىزىم: 2013-12-2
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-31 05:56:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسەرنىڭ  ئىچىگە  چۆكۈپ  قالغاندا  تۈگەپ كەتتى !   داۋامىنى  كۈتىمەن

سۆيۈشلەرنى  كۈتۈپ يۈرۈپ  كۈتۈشلەرنى  سۆيۈپ  قالدىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100398
يازما سانى: 253
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 530
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 64 سائەت
تىزىم: 2013-12-2
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-31 05:56:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسەرنىڭ  ئىچىگە  چۆكۈپ  قالغاندا  تۈگەپ كەتتى !   داۋامىنى  كۈتىمەن

سۆيۈشلەرنى  كۈتۈپ يۈرۈپ  كۈتۈشلەرنى  سۆيۈپ  قالدىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92986
يازما سانى: 206
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 742
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 221 سائەت
تىزىم: 2013-3-10
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-31 05:56:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ، داۋامىغا تەشنامىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87058
يازما سانى: 1149
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3310
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 357 سائەت
تىزىم: 2012-11-10
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-31 06:01:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەرھابا

ئىزىڭدىن تىكەن ئۇنسە ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا سانجىلىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110088
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 382
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 104 سائەت
تىزىم: 2014-9-21
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-31 06:44:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ، داۋامىغا تەشنامىز

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش