كۈتۈش
كۈتتۈم سىنى شۇنچە ئۇزاق،شۇنچە ئۇزاق، بۇ كۈتۈشنىڭ ماڭا نىمىدىن دىرەك بىرىدىغانلىقىنى كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇرسىمۇ يەنىلا كۈتتۈم.كۈتۈشنىڭ ئادەمنى قانچىلىك ئازاپلايدىغىننى بىلىپ تۇرساممۇ يەنىلا كۈتتۈم.توۋا مەن نىمانچە ئەخمەق بۇلارنىڭ بىھۇدە ئىكەنلىكىنى بىلىمەن-يۇ يەنىلا كۈتىمەن خۇددى بۇ يۈرۈكىمگە كۈتۈشتىن ئىبارەت مۇقەددەس تامغا بىسىلغاندەك...
بۇنىڭ ئاخىرى چىقمايدىغان كۈتۈش ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ ،سنى ھامان بىر كۈنى قايتىپ كىلىدۇ دېگەن ئۈمىدۋارلىق تۇيغۇم بىلەن كۈتتۈم.ئەپسۇس ...بەكلا ئەپسۇس ئەمدى ئويلىسام بۇ بىر ئەخمىقانە خىيال بىھۇدە كۈتۈش ئىكەن.
مېنى ئۆزۈڭ ئۈمدلەندۈرۈپ ئاندىن يەنە ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىغا تاشلىدىڭ. ئەمدى مەيلى سىنى قانچىلىك ئۈمىدۋارلىق بىلەن كۈتەي،ھەممىسى بەرىبىر ئۈمىدسىزلىك ئىچىدىكى كۈتۈش ئىكەن .
ئەسلىدە مەن سىنى بۇ كۈتۈشلىرىمنىڭ تىگىگە يىتىپ،كۆڭلۈمنى ھامان بىر كۈنى چۈشىنىدۇ دەپ ئويلايتىم،ئەمما،بۇ ئوي- خىياللىرىمنىڭ بەكمۇ گۈدەكلەرچە قىلنغان خىيال ئىكەنلىكىنى ھىس قىلغىنىمدا تولىمۇ كىچىككەن ئىكەنمەن.
ھېچ بىلمىدىم سېنىڭ باغرىڭ شۇنچە تاشمۇ؟ باشقىلارنى ئۆزۈڭ ئۈمىدلەندۈرۈپ يەنە ئۈمىدسىزلىك ئىچىگە تاشلاش بىلەن خۇشاللىق تاپىدىغان ۋەياكى بىرىنى يىغلىتىپ بىرىنى كۈلدۈرۈپ ،بىراۋنىڭ ئازابى بەدىلىگە ئۆزۈڭگە ۋە باشقا بىرىگە خۇشاللىق بىرەلەيدىغان... كۈتۈش،كۈتۈش يەنە كۈتۈش قاچانمۇ ئاخىرلىشار بۇ چىكى يوق كۈتۈشلەر..... مىنىڭ بۇ كۈتۈشلەر بىلەن تارتقان ئازاپلىرىم كۆز ياشلىرىمغا تاش بولسىمۇ ئىرىپ كىتەتتى ئەپسۇس سەن ئىرىمىدىڭ.باغرىڭ تاشتىنمۇ قاتتىق ئىكەن .
ئەگەر سەن مېنىڭ ئازاپلىرىم بەدىلىگە بەختلىك بولالىساڭ مەنمۇ خۇشال ئەمما بۈگۈنغۇ مەن كۈتتۈم ئەتە يەنە كىممۇ كۈتەر بەلكىم تەلەيسىز بىرەرسىدۇر .ئەمدى بۇنداق ئازاپلىق كۈنلەرنى مەندىن باشقا ھېچقانداق بىر ناتىۋانغا كۆرسەتمىگەيسەن. باشقىلارنىڭ ئازابى بەدىلىگە ئۆزۈڭنى خۇش قىلىپ،كۆزىدىن ياش ئاققۇزساڭ بىركۈنى ساڭىمۇ يېنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن جېنىم، چۈنكى بۇ ئۆتنە ئالەم......
بىلەمسەن جېنىم سەن ئازاپلانساڭ،مەن سەندىنمۇ بەك ئازاپلىنىمەن.سېنىڭ كۆزىڭدىن ياش ئاقسا،مېنىڭ يۈرىكىمدىن قان ئاقىدۇ ،ئەجىبا سەن بۇنى ھىس قىلالمايدىغان دەرىجىدە ھاماقەتمۇ ياكى بىلىپ تۇرساڭمۇ پەرۋاسىز قىياپەتكە كىرۋالدىڭمۇ؟؟؟....توۋا مەن نېمە بولدۇم؟ساڭا بۇلارنى دىگىنىمنىڭ نېمە ئەھمىيىتى يا سەن مېنىڭ قەلبىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا تارتىۋاتقان دەرتلىرىمنىڭ نەقەدەر ئاچچىق ئازاپ ئىكەنلىكىنى بىلمىسەڭ......... سەن ھەر دائىم مېنىڭ كۈلكەمنىلا كۆرەتتىڭ.بۇ كۈلكەمنىڭ قات قېتىغا سېڭىپ كەتكەن قان زەرداپلىق ئازاپلىرىمنى كۆرەلمەيتىڭ چۈنكى كۈلكە ئىچىگە يۇشۇرۇنغان يىغا ئىدى.
ھەي بولدىلا بۇ ئاخىرى چىقماس كۈتۈشلەرمۇ ئاخىرلاشسۇن. چۈنكى مەن بەكلا ھاردىم ،چارچىدىم ، بىلسەڭ ئەمدى سېنى كۈتكۈدەك ھالىم قالمىدى،مەن زىرىكتىم......... ساڭا قىلغان ئەقىدەم، سېنى كۈتۈشكە سەرىپ قىلغان ئالتۇندەك ۋاقتىمنى سەندەك كۈتۈشلىرىمنىڭ تىگىگە يەتمەيدىغان بىرسىگە سەرىپ قىلغاندىن كۆرە ئۇنتۇپ كىتەي،سىنى قەلبىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا دەپنە قىلاي.....................
جېنىم بىز كۆرۈشمىگىلى بەكلا ئۇزۇن بولغان، مەن سىنى ئاللىقاچان قەلبىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا كۆمۈۋەتكەن ئۇنتۇپ كەتتىم ،ئەمدى ئەسلىمەيمەن دەپ ئويلاپتىكەنمەن،بىراق ئۇنتۇش ئۇنداق ئاسان ئەمەسكەن بىلەمسەن سېنىڭ ئىسمىڭنى ئاڭلىغان شۇ دەقىقىدە مەن ئۆزۈمنى خۇددى روھى چىقىپ كەتكەندەك،يۈرىكىم قېپىدىن چىقىپ كېتىپ،ئىچىمگە پاتمايۋاتقاندەكلا ،خۇددى گېلىمنى بىرسى بوغۇپ ،نەپەسلىرىم يېتىشمىگەندەكلا بوپ قالدىم.جېنىم سېنى ئۇنتۇش راستلا بەك قىيىكەن.لېكىن سەن بۇنى ھېس قلالمايسەن.چۈنكى سەن كۈتۈشنىڭ نېمىلىكىنى ،ئۇنتۇشنىڭ نېمىلىكىنى ئەسلا بىلمەيسەن قىسقىسى ئازاپنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيسەن، .چۈنكى سەن ئازاپ تارتىپ باقمىغان، باشقىلارنىڭ ئازابى بەدىلىگە خۇشاللىق تاپىسەن.
سەن بۇلارنى بىلگىنىڭدە بولسا ئۆزۈڭنىڭ تولىمۇ كىچىككەنلىكىنى ، ئېرىشكەن خۇشاللىقلىرىڭنىڭ ئەسلىدە ئورنىنى تولدۇرۋالغۇسىز دەرىجىدە ئېغىر ئازاپ ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىسەن.
ئەپسۇس...ئەپسۇس بۇ چاغدا سېنى كۈتكەن،سېنى سۆيگەنلەر ئاللىقاچان ئۆزىنى سەندىنمۇ بەك سۆيىدىغانلارنىڭ يېنىدا بولىدۇ ۋەياكى تۇپراقنىڭ قوينىدا بولىدۇ......
ئەلۋىدا جېنىم، ئەلۋىدا ئازاپ،ئەلۋىدا كۈتۈش،ئەلۋىدامۇھەببەت. ئەلۋىداسېنى سۆيگەن يۈرەك، ئەلۋىدائۈزۈلگەن رىشتە!!!..............