مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 18961|ئىنكاس: 128

«شەھەر»لىك خېنىمغا (ھەجىۋ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109668
يازما سانى: 1044
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3883
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 984 سائەت
تىزىم: 2014-9-3
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-31 01:56:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

      «شەھەر»لىك خېنىمغا
     


    ئاپتورى: ئابدۇرېھىم زۇنۇن
              
سۆزۈمنى ئاڭلا ئەي دىلبەر، سېنىڭدىن بەك بىزار بولدۇم،
ئۆزى ئەمگەكتە تاۋلانغان قولى چاققانغا زار بولدۇم.

گۈزەل تۇرقۇڭغا كۆيگەن مەن خۇيۇڭنى بىلمىگەچ باشتا،
جامائەت ئالدىدا دەرىخ بۈگۈن زەپ شەرمىسار بولدۇم.

بۈگۈن ئەتسەڭ قازاندا ئاش يۇيارسەن ئەتە يا ئۆگۈن،
چىۋىن بەزمە قۇرار ئۇندا، بۇ ئىشتىن ئايلىنار بولدۇم.

كىشى كۆرسە سالار بۇ ئۆي ئېسىگە ئەسكى تۈگمەننى،
يېپىشقان تور، توپا ـــ مەينەتچىلىكتىن مەن بىمار بولدۇم.

ياتار پەگادا چاڭ باسقان لېگەن، تەخسە، چىنە، پەتنۇس...،
يىغىلماس كۆرپە-يوتقانمۇ...نومۇستىن ئوت ئالار بولدۇم.

بېشىڭغا تاغ غۇلار جانان، يۇيۇشنى ئاڭلىساڭ كىر-قات،
ياقامنى قايرىسام سۇندى، يۇيۇلماي خەس-چاۋار بولدۇم.

قاچانلا بولمىسام ئۆيدە ئېتىپ يەيسەن تاماق يالغۇز،
مېنى ئويلاپمۇ قويمايسەن، غىزاسىز ئاچ قالار بولدۇم.

دېسەم: بىللە ئېتىپ يەيلى، قىلاي ھازىر جىمىنى تەل،
بويۇن تولغاپ دېدىڭ دايىم: «ساڭا ئىشلەپ چاكار بولدۇم.»

قاچان چىقساڭ تالا-تۈزگە قۇرۇق چاقماقتا ئوت ياقتىڭ،
ئېلىشتى نەچچىسى چاچتىن، سوراپ دەۋا، بىكار بولدۇم.

يېكەنگە ئوت كېتىپ قالسا، «كۆيۈپتۇ ئوتتا يەكەن...» دەپ،
تاراتتىڭ شۇم خەۋەر ئەلگە، غەزەپتىن بىقارار بولدۇم.

بازارغا گەر ئېلىپ بارسام، كۆزۈڭ كۆرگەننى ئال دەيسەن،
قىيامەت باشلىنار ئالماي، كىشىدىن قەرز سورار بولدۇم.

ئىشىم قىلدىن قىيىق كەتسە، ياقامدىن شۇ ھامان ئالدىڭ،
ماھارەت كۆرسىتىپ مايمۇن كەبى ئويناشقا دار بولدۇم.

ماڭا يات كەلدى خۇي-پەيلىڭ، بېشىمغا چۈشتى غەم تاغى،
ئۇزاق تۈنلەر چېكىپ ھەسرەت، تۆكۈپ ياشلار بىدار بولدۇم.

سېنىڭدىن مەن ئەمەس ھەتتا ئۆيۈمنىڭ مۈلكىمۇ بىزار،
تېشىپ بۇ سەۋر قاچام ئاخىر بۇ ئىشلارنى يازار بولدۇم.

كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرگەن ئەجەبمۇ بىر نادانكەنمەن،
ئېلىڭلار، دوستلىرىم ئىبرەت مېنىڭدىن، خارۇزار بولدۇم.



        «قەشقەر ئەدەبىياتى» ـــ ھازىرقى «قەشقەر»دە ئېلان قىلىنغان.




ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 5297
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7915
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 2039 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-31 04:22:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل  چىقىپتۇ ...  ھارماڭ !

ئاددىيلىقتىن  بىزارمەن !   يا   مۇۋەپپىقىيەت قازىنىمەن يا سەرگەردان  زابويغا  ئايلىنىمەن ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 1076
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5045
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-31 04:26:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق ھازازۇل خوتۇنلار يوقتۇ ؟
مۇشۇ مەينەتچىلىككە كارى بولمايدىغان خوتۇنلاردىن خۇدايىم ساقلىسۇن . قاچا -قۇچىنى كۈندە يۇمىسا تايىقى كەمكەن . لېكىن تاياق بىلەن ھېچقانداق ئىشنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ -دە !

ھارمىغايسىز .

تۇرمۇش ـــــ كېسىپ تىكىدىغان مودا كىيىم ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16887
يازما سانى: 323
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8476
تۆھپە نۇمۇرى: 342
توردا: 1576 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-31 04:42:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىمنڭ شېئىرى ئىكەن .بەك مەزمۇنلۇق چىقىپتۇ .

دۇنيا نىمە دىگەن گۇزەل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1514
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6612
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 502 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-31 04:49:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتۇرىچۇ؟ياخشى يېزىپتۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96287
يازما سانى: 1261
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1382
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1142 سائەت
تىزىم: 2013-7-23
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-31 04:59:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hekmat110 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-31 04:49 PM
ئاپتۇرىچۇ؟ياخشى يېزىپتۇ!

   ئاپتورى: ئۇستاز ئابدۇرېھىم زۇنۇن.

ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئۇتغۇر

ئۆتكەن ھەر بىردە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 154
يازما سانى: 3489
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3969
تۆھپە نۇمۇرى: 2936
توردا: 10839 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-31 05:01:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ما غەزەلنى كۆرۈپ خوشنام ئىسىمگە كەپ قالدى.
خوشنام،ئەتتىگەن ئىشقا بىرىپ كەچ قايىتقاچقا تاماقنى تۇلراقى ئىرى ئىتىپ تۇردىكەن.بۇ خوشنام قاچىنى بولسىمۇ يۇيۋەتمەي يىغىپتۇ.ئىرى پاكىز قاچىدا تاماق يەپ بىر ھەپتىنى ئۆتكۈزۈپتۇ.بىر كۈنى تاماق ئالاي دىسە بىرمۇ پاكىز قاچا يوق،ئاچچىقىدا ئۈچىنچى قەۋەتتىن ھەممە قاچىنى پەسكە تاشلىۋېتىپتۇ...بۇ ئىشنى دەپ بەرگەنتى بىزمۇ تازا تىللىغان ئىدۇق.

ھاياتتىكى ئەگرى تۇقايلىقلاردىن قورقۇپ قالماي قەيسەرلىك بىلەن ياشايمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103662
يازما سانى: 146
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 393
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 159 سائەت
تىزىم: 2014-2-16
ئاخىرقى: 2015-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-31 05:12:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاي ھاي ...تىلىم گەپكە كەلمەي قالدى، ئەمما قالتىس بوپتۇ..

ئۆزەڭ توغقان بالا ئۈچۈن ئازىراقمۇ قۇربانلىق بەرمىدىڭ ،ئۇنىڭدىن شۇنچە ئاسان ۋاز كەچتىڭ ، شۇسەۋەپ سەن پەقەتلا ئوغلۇمنى تۇغقان خوتۇنسەن ،ئۆزەڭنى ئوغلۇمنىڭ ئاپىسى دېيىشكە سالاھىيىتىڭ توشمايدۇ .

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1907
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5140
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1332 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-31 05:16:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېرىپ چارچاپ ئىشتىن كەلسەم ئاخشامدا،
قولۇڭ ئوينار دائىم مېنىڭ ياقامدا،
دۇمباق قىلىپ نوغۇچنى ھەم چوققامدا،
ئەمدى سەندىن ئاجىراشقىنىم ئاجىراشقان.....



ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

يۈرەككە قويۇلغان قول!ق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33575
يازما سانى: 1417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15262
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 3615 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-31 05:52:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز قايسى كۈنى يېزىدىكى  تۇقانلارنىڭ ئۆيىگە چىققامن ، ئاپاممىڭ ئاچىسىنىڭ ئۆيىگە كىردۇق. ئۆي دىگەن قالايمىقان يوتقانلارنىمۇ يىغمىغان ھالدا قېينى ئاپىسىنى مەينەت قالايمىقان ئۆيگە تاشلاپ قويۇپ كىتىپتۇ كىلىن پاختىغا ، قاراپلا ئۆيگە ئىچىم سىقىلدى ئوران -كۆرپىلەرنى يىغىپ ئۆيلەرنى سۈپۈرۈپ تازلاپ قويدۇم.  شۇ زامان ئۇنۇڭغا تېل قىلغان ئۇمۇ بىر دەمدە كىلىپ تاماق ئەتتى. بىزنى باشقا تۇقانلار چاقىرىپتىكەن شۇ يەرگە چىقىپ كەتتۇق.

ئاللاھ ماڭا ھېكمەت ئاتا قىلدى، مۇھەممەد ئەلەيھىسالام چۈشۈمگە كىردى، لېكىن مەن ئالدامچىلىق ھېلە مىكىرلەرنى رەزىللىكلەرنى بىلمەيمەن!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش