|
|
|
|
ئۇيغۇرچە ژورناللار كۆپ ئەمەس، كەلگۈسىمۇ قاراڭغۇ. چۈنكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ژورناللار كىرگەن كىرىم بىلەن ئۆز- ئۆزىنى قامدىيالمايدۇ. ئاساسەن ھۆكۈمەتنىڭ مەبلىغى بىلەن يۈرۈشىدۇ. خېلى كۆپ ئىلمىي ژرناللار نەچچە يۈز تىراژ بىلەن تارقىتىلىدۇ.
ژورناللارنىڭ سۈپىتى ۋە مەزمۇنى خەلقئارا نەشىرياتچىلىق سەۋىيەسىدىن بەك تۆۋەن. ئەمما ئەشۇ ژورناللارنىڭ ھەر بىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى بىزنىڭ تىلىمىز، يېزىقىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.
نەچچە يىل بۇرۇن ئۇيغۇرچە نەشىردىن چىقىدىغان بارلىق ئىلمىي ژورناللارنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ مۇشتەرى بولغان ئىدىم. 30 غا يېقىن ژورنالنىڭ(بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەدەبىي ژورنال يوق) يىللىق مۇشتەرى ھەققى مىڭ يۈەنگىمۇ بارمىغان ئىدى. مانا شۇنىڭدىن بىرى ھەر يىلى بۇ ژورناللارغا مۇشتەرى بولۇپ كىلىۋاتىمەن. ژورنللارنىڭ نەشىردىن چىقىش قەرەلى ئوخشاش بولماسلىق سەۋەبىدىن خەت ساندۇقۇمغا ھەر ھەپتىدە دىگۈدەك يېڭى ژورناللار كەپ تۇرىدۇ. بەزىلەر سورايدۇ «شۇنچە ژورنالنى قانداق ئوقۇپ بولىسەن؟». مەن دەيمەن: «مەن ژورناللارنى ئوقۇمايمەن، كۆرىمەن». ئەمەلىيەتتە ژورناللاردىكى بارلىق مەزمۇنلارنى ئوقۇشۇمنىڭ پەقەت زۆرۈرىيىتى يوق. پەقەت ژورنالغا نىمىلەرنىڭ بېسىلغانلىقىنى، قانداق تېمىلاردا ماقالە يېزىلغانلىقىنى كۆرسەممۇ ھىساپ. ئۆزەم قىززىقىدىغان تېمىلاردىكى ماقالىلەر بولسا ئاندىن تەپسىلى ئوقۇيمەن.
مىنىڭ ژورناللارغا مۇشتەرى بولۇشۇمدا بىلىم ئېلىش، تەتقىقات يېڭىلىقلىرىدىن خەۋەردار بولۇش، ياخشى ئەسەرلەردىن بەھىر ئېلىشتىن باشقا يەنە يۇقۇردا دىيىلگەن ئانا تىلىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتىغا ئازراق بولسىمۇ كۈچ قوشۇش نىيىتىم بار. ئەدەبىي ژورناللارنى ئوقۇيدىغانلار خېلى بار. ئەمما ئىلمىي ژورناللىرىمىزنىڭ ھالى بەك خاراپ. 80- يىللارنىڭ بېشىدا ئايلىق نەشىر قىلىنىپ كىيىنچە قوش ئايلىق، ھازىر بولسا پەسىللىك بوپ قالغان ژورناللىرىمىز بار. مەسىلەن: «تىل ۋە تەرجىمە». باشتا قوش ئايلىق چىقىپ ھازىر يېرىم يىلىق ھالغا كەپ قالغان ژورناللىرىمىزمۇ بار. مەسىلەن: «شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتېتى ئىلمىي ژورنىلى(تەبىئى پەن قىسمى)» ھازىر يىلىغا پەقەت ئىككىلا سان چىقىدۇ(شۇنىڭغىمۇ ماقالە يوق ئاران چىقىۋاتىدۇ). شۇڭا مۇشۇ ھالدىكى ئىلمىي ژورناللارنى قوغداپ قېلىش مەقسىتىدىمۇ ژورناللارغا مۇشتەرى بولۇپ كىلىۋاتىمەن.
ئۇيغۇرچە ئاشكارە تارقىتىلىدىغان ژورناللارنىڭ سانى 50-60 ئەتراپىدا چىقىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىلمىي ژورناللار، كەسپىي ژورناللار، ئەدەبىي ژورناللار ۋە ئۇنۋىرسال ژورناللارمۇ بار. ئاساسەن ھەر ساھەدىكى كىشىلەرنىڭ قىززىقىشىغا ماس كىلىدىغان ژورناللار چىقىدۇ. ژورناللارنىڭ باھاسىمۇ ئانچە قىممەت ئەمەس. 5-10 پارچە كىتابنىڭ پۇلىغا بىر تالاي ژورنالغا يىللىق مۇشتەرى بولالايسىز. بىكار ۋاقىتلىرىڭىزدا ئاز- تولا ۋاراقلاپ قويسىڭىز «كۈندە بىلىملىك يۈرىسىز». ئەتراپىڭىزدا ژورنال يوق ئوقۇمايدىغانلارمۇ بار. بۇنداقلارمۇ سىزنىڭ باھانىڭىزدە «بىلىملىك» بولىۋالىدۇ.
سىزنىڭ بىر پارچە ژورنالغا مۇشتەرى بولىشڭىز تىلى-يېزىقىمىزنىڭ بىر قەدەم كەڭرى تارقىلىشىغا پايدىلىق. ژورنالنىڭ تىراژى كۆپەيسە ئەسەر يازغانلارنىڭ قەلەم ھەققىمۇ كۆپىيدۇ. تەھرىراتتا بىر ئىككى ئادەم ئارتۇق ئىشلەيدۇ. تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەر چىقىدۇ. قولىمىزدىن چوڭ ئىشلار كەلمىسىمۇ مۇشۇنچىلىك ئىشلار كىلىدۇ.
ھازىر يىڭىدىن ژورنال بەرپا قىلىش بەسى مۈشكۈل. بەلكى مۇمكىن ئەمەس. ئەمما مەۋجۇت ژورناللارنىڭ تىراژ كەملىك سەۋەبىدىن تاقىلىپ قېلىشى قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارلىقىدىكى ئىش. شۇڭا ئۇيغۇرچە ژورناللىرىمىز ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ كۈچ چىقىرىپ قويۇڭ.
سىز قىززىقىدىغان بىرەر پارچە ژورنال چىقىپ قالار. بەلكىم مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بالىلىرىڭىز ياكى ئىنى- سىڭىللىرىڭىز باردۇ. شۇلار ئۈچۈن بولسىمۇ «تارىم غۇنچىلىرى»، «شىنجاڭ ياشلىرى» دېگەندەك ژورنالغا خەتلىتىپ قويسىڭىز خوش بوپ قالىدۇ. سىنىپىدا ساۋاقداشلىرى «ژورنىلىڭنى ئوقۇۋالايچۇ» دەپ ياخشى گەپ قىلىدۇ. بەلكىم كىلاسسىك ئەدەبىياتقا قىززىقىدىغانسىز «بۇلاق» ژورنىلىنى تاللاڭ. بەلكىم ئەدەبىياتقا قىززىقىدىغانسىز ئاقسۇ، تۇرپان، قۇمۇل، ئىلى، قەشقەر، خوتەننىڭ يەرلىك ئەدەبىي ژورناللىرى بار. «دۇنيا ئەدەبىياتى»، «ئەدەبىي تەرجىمىلەر»، «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» قاتارلىق چەتئەل ئەدەبىياتىغا تەۋە ژورناللار، «تەڭرىتاغ»، «تارىم» دېگەندەن ئەدەبىي ژورناللار بار. بەلكىم ساغلاملىقىڭىزغا ئەھمىيەت بىرىدىغانسىز «ھاياتلىق»، «ساقلىق ساقلاش» قاتارلىق تىببىي ژورناللار بار. بەلكىم «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش»، «بىلىم- كۈچ» دېگەندەك ژورناللارمۇ قىززىقىشىڭىزنى قوزغىيالىشى مۇمكىن. بەلكىم خېلى ئىلمىي ئادەمدۇرسىز. ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانمىسىڭىزمۇ ئىلمىي تەتقىقات ئەسەرلىرىنى چۈشۈنىدىغانسىز. ھەر قايسى ئالىي مەكتەپ، ئاكادىمىيەلەرنىڭ ئىلمىي ژورناللىرى بار.
قېنى ئەمىسە ئەشۇ ژورناللىرىمىز، تىل- يېزىقىمىز ئۈچۈن مۇشتەرى بولۇڭ.
ھازىر ژورنالغا مۇشتەرى بولۇش ئۈچۈن ژورنالنىڭ پوچتا ۋاكالەت نۇمرىنى دەپ بىرىشنىڭ ھاجىتى يوق. پەقەت ئۆزىڭىزگە يېقىن ئەتراپتىكى پوچتاخانىغا بېرىپ ژورنال نامىنى دەپ بەرسىڭىزلا مۇشتەرى بولالايسىز(ژورنالنىڭ ئۇيغۇرچە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىڭ. بەزى ژورناللار ئوخشىمىغان تىللاردا نەشىر قىلىنىدۇ. مەسىلەن «تىل ۋە تەرجىمە» ژورنىلى بەش خىل تىلدا چىقىدۇ).
ناۋادا توردىن مۇشتەرى بولماقچى بولسىڭىز جوڭگو پوچتىسىنىڭ گىزىت ژورنالغا مۇشتەرى بولۇش بېتىگە چىقىپ مۇشتەرى بولسىڭىز بولىدۇ: http://bk.11185.cn/index.do
مەن تۆۋەندە ئۆزەم رەتلىگەن ئۇيغۇرچە ژورناللارنىڭ تىزىملىكىنى چىقىرىپ قويدۇم. مۇشۇ تىزىملىكتىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ. ياكى تىزىملىكنى بېسىپ چىقىرىپ مۇشتەرى بولىدىغانلىرىڭىزغا بەلگە قويۇپلا پوچتىخانىغا ئاپارسىڭىزمۇ بولىدۇ.
ئۇيغۇرچە ژورناللار تىزىملىكى
No
| ژورنال نامى
| خەنزۇچە نامى
| پوچتا ۋەكالەت نۇمرى
| ژورنال تۈرى
| قەرەلى
| | شىنجاڭ سەنئىتى | 新疆艺术 | 58-7 | كەسپىي | قوش ئايلىق | | شىنجاڭ ئاياللىرى | 新疆妇女 | 58-8 | ئۇنۋىرسال | قوش ئايلىق | | شىنجاڭ تەنتەربىيەسى | 新疆体育 | 58-11 | كەسپىي | قوش ئايلىق | | شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتېتى ئىلمىي ژورنىلى(ئىجدىمائى پەن) | 新疆大学学报(哲社) | 58-13 | ئىلمىي | پەسىللىك | | شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتېتى ئىلمىي ژورنىلى (تەبىئى پەن) | 新疆大学学报(自然) | 58-163 | ئىلمىي | يېرىم يىللىق | | بىلىم- كۈچ | 知识—力量 | 58-15 | كەسپىي | ئايلىق | | تىل ۋە تەرجىمە | 语言与翻译 | 58-16 | ئىلمىي | پەسىللىك | | شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئىلمى | 新疆农业科学 | 58-19 | كەسپىي | قوش ئايلىق | | ھاياتلىق | 健康快车(生命) | 58-20 | ئۇنۋىرسال | قوش ئايلىق | | شىنجاڭ مەدەنىيىتى | 新疆文化 | 58-22 | ئۇنۋىرسال | قوش ئايلىق | | يېڭى قاشتېشى | | 58-26 | ئەدەبىي | قوش ئايلىق | | شىنجاڭ سۈرەتلىك ژورنىلى | 新疆画报 | 58-30 | ئۇنۋىرسال | قوش ئايلىق | | مىللەتلەر رەسىملىك ژورنىلى | 民族画报 | 2-94 | ئۇنۋىرسال | ئايلىق | | شىنجاڭ تىببىي ئۇنۋىرسىتېتى ئىلمى ژورنىلى | 新疆医科大学学报 | 58-33 | ئىلمىي | قوش ئايلىق | | تارىم غۇنچىلىرى | | 58-36 | بالىلار | ئايلىق | | تۇرپان ئەدەبىياتى | 吐鲁番文艺 | 58-40 | ئەدەبىي | پەسىللىك | | كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش | 电脑与生活 | 58-44 | كەسپىي | قوش ئايلىق | | ئاقسۇ ئەدەبىياتى | 阿克苏文艺 | 58-47 | ئەدەبىي | پەسىللىك | | شىنجاڭ ياشلىرى | 新疆青年 | 58-50 | ئۇنۋىرسال | ئايلىق | | ئەدەبىي تەرجىمىلەر | 文学译丛 | 58-51 | ئەدەبىي | ئايلىق | | دۇنيا ئەدەبىياتى | 世界文学选译 | 58-52 | ئەدەبىي | قوش ئايلىق | | قۇمۇل ئەدەبىياتى | 哈密文学 | 58-59 | ئەدەبىي | قوش ئايلىق | | مىراس | 美拉斯 | 58-60 | ئۇنۋىرسال | قوش ئايلىق | | قەشقەر ئەدەبىياتى | 喀什噶尔 | 58-62 | ئەدەبىي | قوش ئايلىق | | شىنجاڭ مالىيە ئىقتىساد ئۇنۋىرسىتېتى ئىلمى ژورنىلى | 新疆财经大学学报 | 58-64 | ئىلمىي | پەسىللىك | | تارىم | 塔里木 | 58-66 | ئەدەبىي | ئايلىق | | ئىلى دەرياسى | 伊犁河 | 58-75 | ئەدەبىي | قوش ئايلىق | | شىنجاڭ ئىجدىمائى پەنلەر تەتقىقاتى | 新疆社会科学 | 58-81 | ئىلمىي | پەسىللىك | | تەڭرىتاغ | 天尔塔格 | 58-83 | ئەدەبىي | قوش ئايلىق | | شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋىرسىتېتى ئىلمى ژورنىلى (ئىجدىمائى پەن) | 新疆师范大学学报 | 58-85 | ئىلمىي | پەسىللىك | | شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋىرسىتېتى ئىلمىي ژورنىلى (تەبىئى پەن قىسمى) | 新疆师范大学学报(自然) | 58-164 | ئىلمىي | يېرىم يىللىق | | پەن ۋە تۇرمۇش | 科学与生活 | 58-87 | پەننى ئومۇملاشتۇرۇش | قوش ئايلىق | | قۇرغاق رايۇنلار جۇغراپىيەسى | 干旱区地理 | 58-91 | ئىلمىي | پەسىللىك | | قۇرغان رايۇنلار تەتقىقاتى | 干旱区研究 | 58-92 | ئىلمىي | پەسىللىك | | شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستۇتى ئىلمىي ژورنىلى | 新疆教育学院学报 | 58-93 | ئىلمىي | پەسىللىك | | شىنجاڭ مالىيە ئىقتىسادى | 新疆财经 | 58-102 | | قوش ئايلىق | | بۇلاق | 布拉克 | 58-108 | ئەدەبىي | قوش ئايلىق | | شىجاڭ چارۋىچىلىقى | 新疆畜牧业 | 58-111 | كەسپىي | قوش ئايلىق | | قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژورنىلى | 喀什师范学院学报 | 58-114 | ئىلمىي | قوش ئايلىق | | ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى | 维吾尔医药 | 58-116 | ئىلمىي | قوش ئايلىق | | جۇڭگۇ مىللەتلىرى | 中国民族 | 58-117 | ئۇنۋېرسال | قوش ئايلىق | | ساقلىق ساقلاش | 保健事业 | 58-119 | پەننىي ئومۇملاشتۇرۇش | ئايلىق | | ئوتخور چارۋا ماللار | 草食家畜 | 58-121 | كەسپىي | پەسىللىك | | يېزا پەن- تېخنىكىسى | 农村科技 | 58-123 | كەسپىي | ئايلىق | | شىنجاڭ ساقلىقنى ساقلاش ئىلمىي ژورنىلى | 新疆预防医学 | 58-128 | ئىلمىي | پەسىللىك | | شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەن تېخنىكىسى | 新疆农业科技 | 58-130 | كەسپىي | قوش ئايلىق | | ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى | 中亚信息 | 58-132 | ئۇنۋېرسال | ئايلىق | | تەرمىلەر | 读者 | 58-135 | ئۇنۋېرسال | ئايلىق | | شىنجاڭ ئىجدىمائىي پەنلەر مۇنبىرى | 新疆社科论坛 | 58-137 | ئىلمىي | قوش ئايلىق | | پەرۋاز | 小学生时空 | 58-140 | بالىلار | ئايلىق | | ئامانلىق | 法治人生 | 58-147 | ئۇنۋېرسال | يېرىم ئايلىق | | خوتەن پىداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى ئىلمىي ژورنىلى | 和田师范专科学校学报 | 58-152 | ئىلمىي | پەسىللىك | | شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومى ئىلمىي ژورنىلى | 新疆维吾尔医学专科学校学报 | 58-156 | ئىلمىي | قوش ئايلىق | | جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرى | 中国穆斯林 | 58-167 | ئۇنۋېرسال | قوش ئايلىق | | زامانىمىز ئاخباراتچىلىقى | 当代传播 | 58-182 | كەسپىي | پەسىللىك | | سارۋان بىلوگى | www.elierkin.com
| www.elierkin.com
| كەسپىي | قەرەلسىز |
سارۋان بىلوگى رەتلىدى
تور بەت ئادرىسى: www.EliErkin.com
2014- يىلى 10- ئاينىڭ 30- كۈنى
ژورنال تىزىملىكىنىڭ PDFھۆججىتىنى چۈشۈرۈش: Magazines_in_Uyghur_Language
ئاخىردا كىچىككىنە ئۆتۈنۈشۈم:
بىر قىسىم ئىچكى ژورناللارنى پوچتا ئارقىلىق مۇشتەرى بولۇشقا بولمايدىكەن. ئەمما ئۆز كەسىپ دائىرسى ئىچىدە تارقىتىلىدىكەن. بۇنداق ژورناللارنىڭ ئىچىدىمۇ ياخشى ژورناللار بار. مەسىلەن: «شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى»، «شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى»، «شىنجاڭ مىترىلوگىيەسى»، «تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى»… دېگەنگە ئوخشاش. ئىمكانىيىتى يار بىرىدىغانلار بولسا مۇشۇنداق ئىچكى ژورناللارغا مۇشتەرى بولۇشۇمغا ياكى ھەر قېتىملىق يېڭى ساننى ۋاقتىدا سېتىۋىلىشىمغا ياردەم قىلسا دېمەكچىمەن. كۆپ رەھمەت.
|
|
|
|
|
|