بۇيرۇلغان ياردەم ۋە تىرىشچانلىق ـــ بەدرى ئۇرۇشىدىن ئويلىغانلىرىم
بىلىمخۇمار
2014-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى
مېنىڭ چۈشىنىشىمچە، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان كىشىلەر ياكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى «ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بولىدۇ» دەپ قارايدۇ. مەن ئۆزۈمنىڭ يېقىنقى بىر مەزگىل ئىچىدە تەييارلىغان ماقالىلىرىدە ھازىرقى زامان مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ قانداق شەكىللەنگەنلىكى، ۋە ئۇلارنىڭ تەرەققىياتتا نېمە ئۈچۈن ھازىرقىدەك بىر ناچار ھالەتكە كېلىپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۈم. ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، تەرەققىيات جەھەتتە ھازىر بىر قىسىم غەرب ئەللىرى دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىدا، مۇسۇلمان ئەللىرى ۋە مۇسۇلمان خەلقلەر بولسا ئۇلاردىن كۆپ ئارقىدا تۇرۇۋاتىدۇ. مۇشۇنداق بىر ئەمەلىيەت مېنىڭ كاللامدا تۆۋەندىكىدەك بىر قاتار يېڭى سوئاللارنى پەيدا قىلدى:
--«ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بولىدۇ» دېگەن سۆز غەربلىكلەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە تەرەققىي قىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلاردىن كۆپ ئارقىدا قېلىشىغىمۇ ئۇيغۇن كېلەمدۇ؟
--ئەگەر ئۇيغۇن كەلسە، ئاللاھنىڭ ئاشۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇشىدىكى ھېكمەت ياكى سەۋەب نېمە؟
--ئاللاھ قانداق كىشىلەرگە بەكرەك ياردەم قىلىدۇ؟
--مۇسۇلمانلىقنىڭ 5 پەرىزىنى تولۇق ئادا قىلىش ئارقىلىقلا ئاللاھنىڭ ياردىمىگە باشقىلاردىن كۆپرەك ئېرىشكىلى بولامدۇ؟
--ئەگەر شۇنداق قىلغىلى بولسا، نېمە ئۈچۈن ھازىر مۇسۇلمان ئەللىرى بىر قىسىم غەرب ئەللىرىدىن كۆپ ئارقىدا قالدى؟
بىر مىللەت ئۈچۈن قۇدرەت تېپىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلىنى تېپىشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى ئاشۇ يولنى بۇرۇن مېڭىپ باققانلارنىڭ تەجرىبە-ساۋاقلىرىنى ئۆگىنىشتىن ئىبارەت. يەنى قۇدرەت تاپقان مىللەتلەر قوللانغان ئۇسۇللارنى ئۆگىنىشتىن ئىبارەت. تەرەققىي تاپقان ئەللەردىكى مىللەتلەر باشقا مىللەتلەرنى تەتقىق قىلىشقا، باشقا مىللەتلەر قوللانغان ئۇسۇللارنى تەتقىق قىلىشقا ناھايىتى يۇقىرى دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئۇيغۇرلار بۇ جەھەتتە ھازىرغىچە بىر ناھايىتى ئاجىز ھالەتتە تۇرۇپ كەلدى. بۇنداق بولۇشتىكى بىر قىسىم سەۋەبلەر بىز ئۆزىمىزدە. يەنە بىر قىسمى بولسا بىزنىڭ ئۆزىمىزدە ئەمەس ـــ ئۆزىمىزگىلا باغلىق بولمىغان سەۋەبلەرمۇ ئاز ئەمەس. بەزى قېرىنداشلار بۇرۇن ماڭا ئۇيغۇرلارنىڭ قۇدرەت تېپىشىدىكى ئۈنۈملۈك يول ئۈستىدە ئىزدىنىپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلدى. شۇنىڭ بىلەن مەن يەھۇدىيلار ھەققىدە بىر قانچە پارچە ماقالە يازدىم. ياپونلار ھەققىدىمۇ ھەم شۇنداق قىلدىم. مەن ياپونلار ئۈستىدىكى ماقالىلەرنى تەييارلىغاندا پايدىلانغان مەنبەلەرنىڭ بىرى 1930-يىللىرى گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ياپونلار ئۈستىدە تەكشۈرۈش ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، شۇ ئاساستا تەييارلىغان بىر ئىلمىي دوكلات ئىدى. يەنە بىرى بولسا 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ياپونىيىنىڭ مائارىپ پروگراممىسى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش ۋە ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرى بايان قىلىنغان يەنە بىر ئىلمىي دوكلات ئىدى. مېنىڭ پەرىزىمچە كۆپىنچە ئوقۇرمەنلەر مەن پايدىلانغان ئاشۇ مەنبەلەرگە ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمىدى. مەن يېقىندا دىن ھەققىدە ئىزدىنىشنى باشلىغاندىن كېيىن، كاللامدا «غەرب ئەللىرىنىڭ ھازىرقىدەك تەرەققىي قىلالىشى بىلەن ‹ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بولىدۇ›، دېگەن دىنىي ھۆكۈم ئوتتۇرىسىدا چوقۇم بىر باغلىنىش بار. ئۇنداقتا ئۇ باغلىنىش نېمە؟» دېگەن سوئال پەيدا بولدى. شۇنىڭدىن باشلاپ كاللامنىڭ بىر يېرىدە مۇشۇ سوئالغا جاۋاب ئىزدەشنى زادىلا توختاتمىدىم. مېنىڭچە بۇ سوئالنىڭ جاۋابى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئاشۇ جاۋاب مۇسۇلمانلارنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن قۇدرەت تېپىشى ئۈچۈن قانداق قىلىشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.
مەن يېقىندىن بۇيان ياسىر قازى ئامېرىكىدىكى ئۆزى ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان ئالىي مەكتەپتە دەرس قىلىپ سۆزلىگەن «مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ تەرجىمىھالى» دېگەن لېكسىيىلەرنى ئاڭلاۋاتقان بولۇپ، ئاشۇ لېكسىيىنىڭ 38-قىسمىدا يۇقىرىدىكى سوئالغا جاۋاب بولالايدىغان ئازراق مەزمۇننى ئۇچراتتىم. مەن مەزكۇر ماقالىدا ئاشۇ مەزمۇننى قىسقىچە تونۇشتۇرىمەن، شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ تەرەققىي قىلغان دۆلەت ھېسابلىنىدىغان ئامېرىكا ئۆزىنىڭ تەرەققىياتتىكى باشلامچىلىق ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھازىر قانداق ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىمۇ ئازراق توختىلىمەن. ھازىر ئامېرىكا تۇتۇۋاتقان بىر قىسىم يوللار باشقا تەرەققىي قىلغان غەرب ئەللىرىنىڭكىگە ناھايىتى يېقىن بولۇپ، مەن شۇنىڭغا ئائىت پاكىتلاردىن بىر قانچىنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتىمەن. شۇ ئارقىلىق مەن ئىسلام دىنىدىكى «ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بولىدۇ» دېگەن ئۇقۇم بىلەن ھازىرغىچە ئەڭ تەرەققىي قىلغان غەرب ئەللىرى تۇتقان يول ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى بايان قىلىمەن. ئۇيغۇر قېرىنداشلاردىن بىرەرى بۇرۇن مۇشۇنداق بىر تېمىدا ماقالە يېزىپ ئېلان قىلىپ باققانمۇ-يوق، مەن ئۇنى بىلمەيمەن. ئاشۇنداق ماقالىدىن بىرەرى يېزىلغان بولسىمۇ، مەن ئۇنى كۆرۈپ باقمىدىم. مېنىڭ ئۈمىدىم، ئەگەر ئاشۇنداق ماقالىلەر تېخى يېزىپ بېقىلمىغان بولسا، مەزكۇر ماقالىنى بىر باشلىنىش قىلىپ، مەدەنىيەت ۋە بىلىم سالاھىيىتى جەھەتتە ئىمكانىيىتى بار قېرىنداشلار يۇقىرىدىكى سوئال ئۈستىدە ئورتاق ھالدا ئىزدىنىپ باقساق، ھەمدە بىر يۈرۈش قانائەتلىنەرلىك جاۋابلارنى تېپىپ چىقساق. شۇنداق قىلالىساق، بىز «ئۆزىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن قۇدرەت تېپىشىدىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك يول قايسى؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب تاپقان بولىمىز.
ماڭا بۇرۇن ئېلخەت يازغان ئۇكىلارنىڭ بەزىلىرى ماڭا ئىچكىرىدىكى ئۆلكىلەردە ئوقۇۋاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىچىدە بىر قىسىم ئۇكىلار ئۆزلۈكىدىن دىن ئۆگىنىشكە ناھايىتى كىرىشىپ كېتىپ، نورمال مەكتەپ ئوقۇشىغا سەل قارايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، مەندىن شۇلار ئۈچۈن بىرەر يازما تەييارلىشىمنى ئۈمىد قىلغانىدى. مەن مەكتەپ ئوقۇشى بىلەن دىن ئۆگىنىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالمىغان، دىن ئۆگىنىشنى ياخشى ئېلىپ بېرىپ، مەكتەپ ئوقۇشىغا سەل قاراۋاتقان ئۇكىلارغا مەزكۇر يازمىنى كەم دېگەندە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. مەن ياسىر قازىنىڭ لېكسىيىلىرىدە تەسۋىرلەنگەن مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم (مەن بۇنى تۆۋەندە «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام» دەپلا قىسقارتىپ ئالىمەن) نىڭ ھاياتىدىكى ۋەقەلەردىن بىلگەن، ھەمدە ياسىر قازى ناھايىتى ئېنىق ھالدا قايتا-قايتا تەكىتلىگەن بىر ھەقىقەت شۇكى، سىز بىر ئەڭ ياخشى مۇسۇلمان بولۇش بىلەنلا غەلىبىگە ئېرىشەلمەيسىز. سىز بىر ئەڭ ياخشى مۇسۇلمان بولۇش بىلەنلا ئاللاھ بۇيرۇغان ياردەمگە ئېرىشەلمەيسىز. ئاللاھنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈپ، قىلغان ئىشىڭىزدا غەلىبە قازىنىش ئۈچۈن سىز تۆۋەندە بايان قىلىنىدىغان باشقا بىر قىسىم ئىشلارنىمۇ قىلىشىڭىز كېرەك.
1. بەدرى ئۇرۇشىدىن يەكۈنلەپ چىقىلغان مۇھىم ھېكمەتلەر
ھەممىمىزنىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ساھابىلەرنى باشلاپ، ھىجرىيە كالېندارىنىڭ 1-يىلى، ياكى 622-يىلى مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ (كۆچۈپ) كېلىدۇ. شۇ ۋاقىتتا مۇسۇلمانلار ئىككى خىل تەھدىتكە دۇچ كېلىدۇ. ئۇنىڭ بىرى ئىچكى تەھدىت بولۇپ، يەنە بىرى بولسا تاشقى تەھدىتتىن تەشكىل تاپىدۇ. ئەينى ۋاقىتتىكى ئىچكى تەھدىت مەدىنىنىڭ تېخى بىرلىككە كەلتۈرۈلمىگەنلىكىدىن ئىبارەتتۇر. تاشقى تەھدىت دەسلىپىدە يالغۇز مەككىنىلا ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمما كېيىنكى بىر قانچە يىلنىڭ ئىچىدە بولسا پۈتۈن ئەرەب يېرىم ئارىلىغا كېڭىيىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەدىنە دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، ئەرەب يېرىم ئارىلى مەدىنە بىلەن مەككە، مۇسۇلمانلار بىلەن قۇرەيشتىن ئىبارەت ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنىدۇ.
بەدرى ئۇرۇشى يۇقىرىدىكى ئىككى قۇتۇپ ئوتتۇرىسىدا ئەڭ دەسلىپىدە يۈز بەرگەن ئۇرۇشتۇر. يەنى، بۇ ئۇرۇشتا مەدىنىدىكى مۇسۇلمانلار مەككىدىكى قۇرەيشلەر بىلەن ئۇرۇشىدىغان بولۇپ، ئۇ مۇنداق باشلانغان: ھىجرىيە كالېندارىنىڭ 2-يىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇرەيشنىڭ بىر كارۋىنىنىڭ شامغا سودىغا كەتكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇلارنىڭ قايتىپ كېلىش ۋاقتىغا ئۈلگۈرتۈپ، مەدىنىگە يېقىن جايدىكى ئۇلارنىڭ ئۆتە يولى ئەتراپىغا كۆپ قېتىم كۆزەتچىلەرنى ئەۋەتىدۇ. شۇ ئارقىلىق قۇرەيشنىڭ ھېلىقى كارۋىنى 1000 تۆگىگە مال بېسىپ قايتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ھەمدە بۇ مىڭ تۆگىلىك كارۋاننى قوغدايدىغان كىشىلەرنىڭ سانى ئاران 40 ئادەم ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى بىلىۋالىدۇ (قۇرەيشلىكلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلەرنى مەككىدىن كېتىشكە مەجبۇرلاپ، مۇسۇلمانلار مەككىدىن ئايرىلغاندا، ئۆزلىرىنىڭ ھەممە بايلىق-مۈلۈكلىرى مەككىدە، يەنى قۇرەيشلەرگە شۇ پېتى قالغان ئىدى. شۇڭا مۇسۇلمانلار بۇ قېتىم قىلغان ئىش ئۆز مال-مۈلۈكلىرىنىڭ بىر قىسمىنى قايتۇرۇۋېلىش ئىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ) . شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ پىلانىنى قۇرەيشلەرنىڭ بىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، مەدىنىدىكى ساھابىلەرگە ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتماي، ئۇلارغا بىر جىددىي ۋەزىپە چىقىپ قالغانلىقىنى، ئۆزى خالىغان ساھابىلەرنىڭ قانچىلىك تەييارلىق قىلالىسا شۇنچىلىك تەييارلىق قىلىپ، ئۆزى بىلەن دەرھال يولغا چىقىشىنى چاقىرىق قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تەخمىنەن 310 نەپەر ساھابە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە دەرھال يولغا چىقىدۇ. ئەسلىدىكى پىلان بويىچە بولغاندا، 310 نەپەر ساھابىنىڭ ھېچ قانداق ئۇرۇش قىلمايلا قۇرەيشنىڭ 40 نەپەر قوغدىغۇچىسىنى بويسۇندۇرۇشى پۈتۈنلەي مۇمكىن ئىدى. شۇڭلاشقا بۇ 310 نەپەر ساھابە ئاران ئىككى تۇياق ئات ۋە 70 تۇياق تۆگە بىلەنلا، ھەمدە تولۇق قوراللانمايلا يولغا چىقىدۇ [1]. ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 3 ساھابىگە بىر تۆگە توغرا كەلگەن بولغاچقا، 3 نەپەر ساھابە بىر تۆگىگە نۆۋەتلىشىپ مىنىپ ماڭىدۇ. بىر كۈن يول مېڭىپ، ئاخشىمى بارگاھلارنى تىكىپ دەم ئېلىشقا كىرىشكەندىن كېيىنلا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ پىلانىنى ساھابىلەرگە ئېيتىدۇ.
ئەمما قۇرەيشنىڭ ئادەملىرى بۇ ئىشنى بىلىپ قېلىپ، دەرھال مىڭدىن كۆپرەك ئەسكەر تەشكىللەپ، ئۇلارنى ياردەمگە ئەۋەتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن 310 نەپەر مۇسۇلمانلار مىڭدىن ئارتۇق قۇرەيشلەر بىلەن مەككىگە 312 كىلومېتىر، مەدىنىگە 118 كىلومېتىر كېلىدىغان «بەدرى» دېگەن جايدا ئۇرۇش قىلىدۇ. مانا بۇ ئىسلام تارىخىدىكى داڭلىق ئۇرۇش، «بەدرى ئۇرۇشى» (Battle of Badr) بولۇپ، ئۇ قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان بىر قانچە ئۇرۇشلارنىڭ بىرىدۇر [2].
1-رەسىم