مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 744|ئىنكاس: 12

ئاخىرەتتىن خەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108013
يازما سانى: 1026
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3703
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 956 سائەت
تىزىم: 2014-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-30 11:28:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاخىرەتتىن خەت
(ساتىرىك مۇخەممەس)
مۇھەممەتجان راشىدىن

ئۆلۈمنىڭ ھۆكمىكەن كەتتىم ، يېنىپ كەلمەس قىيامەتكە ،
گۇناھىم كۆپ چىكىپ ئەندىش ، چىداپ ياتتىم مۇشاقەتكە ،
ئېچىلدى گۆر تامان بىر يول ، پەرىشتە كەلدى سۆھبەتكە ،
ھايالسىز سۆرىدى ماڭدى ، كىپەنسىز تۇرغۇزۇپ سەپكە ،
تالاي قىسمەتلىنى كۆردۈم ، كىلەيلى ئەمدى سۆھبەتكە .

پەرىشتە بىزنى كەلتۈرگەن ئۇرۇن مەھشەر ئىكەن بىلسەك ،
كىشىگە ئېتىبار ئەتمەس ۋە ياكى يىغلىساق كۈلسەك ،
بېشى كۆكتە باقاۋۇللار ، قۇلىدا گۈرزىكەن كۆرسەك ،
بۇلاتتۇق بەكمۇ خاتىرجەم ، شۇئانلا گۈرزە يەپ ئۆلسەك ،
لىكىن ئۆلمەكلىگىڭ يوقكەن ، جازالانساڭ جىنايەتكە .

ئاجايىپ كۆرمىگەن سىرلىق ، بۇيەردە بار ئىكەن سوراق ،
تىلىڭ يالغانغا ئۆرۈلسە ، تاپاندا نەق ئىكەن دوزاق ،
چىقاركەن بىر تاياق تەگسە تېرەڭدىن ئۆرۈلۈپ قوۋزاق ،
كۆرەركەنمىز تالاي ئىشنى تارازا ئالدىدا تۇرساق ،
ئېرىشمەك گەپ ئىكەن دوستلار ، ئاشۇ جەننەتتە شەپقەتكە .

تالاي دوزاققا تىك چۈشتى ، ئېغىز ئاچقاندا مەزھەپتىن ،
بىشىغا چۈشتى نەق گۈرزە ، يېنىپ چىققاندا ئۇ سەپتىن ،
تالايلار دوزىخى بولدى ، يەنە يۇرتۋاز دىگەن گەپتىن ،
چىداپ بولماي تۈگۈلدى مۇش ، غەزەپتىن موللىغا خەپتىن ،
بالانى تېرىغان موللا كۆرۈڭلار قالدى نەپرەتكە .

سوراقسىز دوزىخى بولدى نۇمۇس-ۋىجداننى ساتقانلار ،
تالاينىڭ ھەققىگە توپلاپ ھارام دۇنيانى تاپقانلار ،
ئۆزىنىڭ جېنىنى ئاسراپ بىراۋنى ئوتقا تىققانلار ،
خالايىق بېشىغا ئوتنى يېقىپ ئارامدا ياتقانلار ،
دوزاققا ئەبەدىي مەھكۇم بۇلۇپ تاشلاندى كۈلپەتكە .

قېچىڭلار پانى ئالەمدە ئەمەل ئىلكىدە پارىخوردىن ،
گۇناھى بەك ئېغىر بۇندا ، تالاي يۈزمىڭ تاماخوردىن ،
تۇقۇلغان ئوت بىلەن زەنجىر ، ئۇلارغا ئۆي قىلىپ توردىن ،
قۇتۇلمايدۇ يەنە شۇندا ، تىكەن گۈرزىدە ئۇر-ئۇردىن ،
ئۇلار باقمايدىكەن باشلىق دىگەن زور شۇ سالاپەتكە .

گۇمانى بار ئەمەلدارلار بۇ يەرگە كەلمىسۇن دەڭلار ،
(سەرەڭگە چاغلىق نەرسىنى )بىراۋدىن ئالمىسۇن دەڭلار ،
ھۇقۇقتا كېرىلىپ ياكى خەلقتىن چانمىسۇن دەڭلار ،
ئەمەلگە بېرىلىپ ۋىجدان دىگەندىن تانمىسۇن دەڭلار ،
قالاركەن بەكمۇ كۈلپەتكە ئۆلۈپ بارغاندا دەھشەتكە .

قوقاسقا ئايلىنىپ قاپتۇ دوزاق ئاستىدا كۆيدۈرگە ،
قىلاركەن ئەسكىگە تۇترۇق يىغىپتۇ نەچچە ئون دۈگە ،
سۇخەنچى ، جادىگەرلەرنى يىغىپ بىر يىلدا بىر گۆرگە ،
ئاران تەسلىكتە كىرگۈزدى ئاشۇ دوزاق دىگەن ئۆيگە ،
ئۇلار كۆيگەندە بىز ئاخىر ئىشەندۇق بۇ قىيامەتكە .

قاراپ تۇرساق پەرىشتەلەر ئازاپ دەستۇرىنى ئاچتى ،
غەزەپ بىلەن دىدى شۇنداق: دوزاقتىن پاشىۋاز قاچتى ،
ئۇنى ئىزدەپ باقاۋۇللار بېھىشتام شۇرىدىن تاپتى ،
شۇئان پەرمان بىلەن ئۇنى دوزاقنىڭ تەكتىگە ئاتتى ،
بېرىلمەڭلار خالايىقلار ھارامدىن كەلسە ئىشرەتكە .

يىغىلدى ئەھلى ئىنسانلار ياماندىن تاللىنىپ ئاخىر ،
گۈزەل جەننەتكە يول ئالدى دىلىدىن شاتلىنىپ ئاخىر ،
يۈرەركەن ياخشىلار جەننەت بېغىنى ئايلىنىپ ئاخىر ،
ئەبەد باقماس ئىكەن دوزاق دىگەنگە قايرىلىپ ئاخىر ،
ئارام ئالدى كىرىپ ياخشى دىگەنلەر شۇندا جەننەتكە .

1994-يىل

بۇ شېئىر مۇنبەردىكى ئۇستاز بۇلاقسۇ ( ئابدىرېھىم زۇنۇن ) نىڭ ھەم بەزى دوستلارنىڭ تەلىۋى بۇيىچە  يوللاندى .
تىرناق ئىچىگە ئېلىنغان يىرى خاتىرەمدىن ئۈچۈپ كەتكەنلىگى ئۈچۈن تۇلۇقلاندى .
شېئىرنىڭ ئوتتۇرسىدىكى پەشلەر خاتىرەمدە قۇيۇلمىغان بولغاچقا ئۆزەمنىڭ چۈشەنچىسى بۇيىچە قۇيۇلدى .
ئاپتۇرنىڭ ۋە تورداشلارنىڭ توغرا چۈشنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   باشتۇغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-30 11:28 PM  


مەن ھەقىقەتنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈش ئۈچۈن كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمىمەن .

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12371
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32607
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4439 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-31 08:02:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىلى ئۆتكۈر،مەزمۇنلۇق،مەنىسى چوڭقۇر،ئادەمنى ئويغا سالغۇدەك،تەربىيىۋى ئەھنمىيەتكە ئىگە شېئىركەن...

ئۇستازنىڭ ئېسىل شېئىرى بىلەن ئۇچراشتۇرغان ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر...

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109668
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3744
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 895 سائەت
تىزىم: 2014-9-3
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-31 08:05:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



     راست كۆرمىگەن ئىكەنمە، ئېسىل شېئىركەن. رەھمەت!

شېۋىتسارىيە OMEGA قول سائىتى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86619
يازما سانى: 1167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2562
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 836 سائەت
تىزىم: 2012-10-30
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-31 08:15:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاھب ۋاھ.  بەك ياخشى يېزىلىپتۇ...... ئۇزاق بوپتىكەن مۇشۇنداق ياخشى شېئىر ئوقۇپ باقمىغىلى.      بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سائەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-31 08:17 PM  


ساڭا تار كەلمەيدىغان قەبرىلەرنى كىملەر قازسۇن؟ كۆمەيلى تارىخقا دېسەم پاتمايسەن.
                                    - مەھمەد ئاكىف ئەرسوي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109096
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 222
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 30 سائەت
تىزىم: 2014-8-11
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-31 08:44:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن   بەك ياخشى يېزىپسىز

كىملەرنىڭ ئەزىزلىرى ،كىملەرگە خار بولمىغان.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41283
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3240
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 67 سائەت
تىزىم: 2011-5-19
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-31 10:22:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋۇ تىرناققا ئېلىپ قويغان مىسرا: ‹‹سەرەڭگە سۇڭگۈتۈپ قالسا بىراۋدىن ئالمىسۇن دەڭلا›› دېگەن مىسرا ئىدى. يەنە ماۋۇ مىسرامۇ ئازراق غەلەت كېتىپتۇ‹‹بۇلاتتۇق بەكمۇ خاتىرجەم ، شۇئانلا گۈرزە يەپ ئۆلسەك››. توغرىسى:‹‹بۇلاتتۇق بەكمۇ خاتىرجەم ، شۇئانلا گۈرزىدە ئۆلسەك››. ‹‹قىلاركەن ئەسكىگە تۇترۇق يىغىپتۇ نەچچە ئون بۈرگە››.
ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107189
يازما سانى: 526
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1869
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 152 سائەت
تىزىم: 2014-5-27
ئاخىرقى: 2015-2-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-1 05:28:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى مۇخەممەسلەر ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن ،باشتۇغ نىڭ ئەمگىكىگە رەخمەت ،ھارمىغايسىز !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108013
يازما سانى: 1026
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3703
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 956 سائەت
تىزىم: 2014-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-1 09:30:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
adiljan0123 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-31 08:44 PM
قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن   بەك ياخشى يېزىپسىز

خاتا چۈشىنىپ قالماڭ ، بۇ داڭلىق شائىرىمىز مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ شېئىرى .

مەن ھەقىقەتنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈش ئۈچۈن كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمىمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109096
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 222
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 30 سائەت
تىزىم: 2014-8-11
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-1 10:07:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشتۇغ يوللىغان ۋاقتى  2014-11-1 09:30 PM
خاتا چۈشىنىپ قالماڭ ، بۇ داڭلىق شائىرىمىز مۇھەممەتجا ...

ھە مۇنداق دەڭ مەن تېخى سىزنى يازغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قاپتىمەن. چۈشەنچە بەرگىنىڭىزگە رەھمەت .
لېكىن بەكلا ياخشى يېزىلغان شېئىركەن بۇ.

كىملەرنىڭ ئەزىزلىرى ،كىملەرگە خار بولمىغان.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109708
يازما سانى: 266
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 443
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2014-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-1 11:42:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھاممەتجان راشىدىننىڭ مەزمۇنى چوڭقۇر،تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە شېئىرى بىلەن ئۇچراشتۇرغىنىڭىزغا تەشەككۈر...

‹‹دۇنيا مېھر -مۇھاببەت بىلەن گۈزەل››دېگەن سۆزنى ئەمىلىيەتتە ئىپادىلىگەنلەر ئەڭ گۈزەلۇر.....
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش