تالانىتلىق ئىجادىيەتچى ئىسكەندەرسەمەتنىڭ‹‹يايرىم دىگەيسەن››دىگەن ناخشسى، لىرىك ھىسياتقا تۇيۇنۇپلا قالماستىن، بەلكى مەزمۇن جەھەتتىن مىللىتىمىز ياشلىرىنىڭ مۇھاببەت تۇيغۇسدىكى گۈزەلىككنى نامايەن قىلىغان. بۇ تەرەپلەر تۆۋەندىكىچە
1. بىزنىڭ باشقا ناخشىلىرىمىزدا‹‹ يار ئوتۇڭدا مەن كۆيەرمەن، سەن يۈرۈيسەن كىم بىلەن›› دىگەندەك مەزمۇلار كۆپ ئۇچۇرايدۇ ، بۇ يەردە ناھايىتى بىمەنە بىر ھىسيات بار، ئۇبولسمۇ يىگىت ئاشىق بولغان قىزنىڭ باشقا بىر سۆيگنى بار،شۇنداقتىمۇيىگىت ئىرادىسدىن قايىتمايدۇ،بۇخىل ئەھۋالدا يىگىت 3.شەخىسكە ئايلىنىپ قالغان بولۇپ بىمەنە تىراگىدىيە، ناتوغرا مۇھاببەت لىنيەسىنى قارىغۇلارچە مەدىيھلىگەن، بىراق بۇ ناخشدا يۇقارقى مىسرادىكى‹‹كىم بىلەن››سۆزى‹‹بىخەۋەر››سۆزىگە ئۆزگەرتىلىپ، ئەنئەنىۋى رامكىنى بۇزۇپ تاشلاپ،لىرىك ھىسياتقا تۇيۇنغان خەلقىمىزنىڭ ئەخلاق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كىلىدىغان مۇڭلۇق لىرىكنى ئاتا قىلغان ،ناخشىنىڭ بىشىدىلا‹‹....................
.......................
يار ئۇتۇڭدا مەن كۆيەرمەن،
سەن يۇرەرسەن بىخەۋەر.››
دىيىش ئارقلىق يىگىت ھەققى مۇھاببەت بىلەن نازاكەتلىك بىر جانانغا ئاشىق بولغانلىقى ،ئۆزىنىڭ مۇھاببەتنى ئىزھار قىلالمىغانلىقى، ھەم شۇ جاناننىڭ بۇ ئىشتىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت
تۇرمۇشىمىزغا ئورتاق بىر تىما ئارقىلىق ‹‹يايرىم دىگەيسەن، جانىم دىگەيسەن...››دىگەندەك يارقىن تىللار بىلەن بىزنى مۇڭلۇق ناخشا ئىقمىغا باشلاپ كىرگەن.
2.بۇ ناخشىدا مەزمۇننىڭ ئىزچىللىقى بىزنى قائىل قىلىىدۇ.بۇ ناخشا 4كۇبلىت بولۇپ
بىرىنجى كوبلىت‹‹قاشلىرىڭ قارا-قارا،
كىرپىكلىرىڭ زىرۇ-رەۋەرھەي.
.............................
...........................
ئىككىنجى كۇبلىتتا ‹‹قاشنى قاشقا ئولىسا
بۇغدايغا باغلىق بولغىدەك ھەي.››
ئۈچۈنجى كۇبلىتتا‹‹كۆيمەننا كۆيەيمەن
،قاشى قارغا كۆيمەن ھەي
قاشىنىڭ قاراسىدىن
جاننى ئالارغا كۆيەرمەن.››
تۆتىنجى كۇبلىتتا ‹‹قارا قاشىم بارمىنىڭ
كۆيدۇرمەقاش لازىم ئەمەس
........................
........................››
دىيىش ئارقىلىق بۇ جاناننىڭ قاپقارا قاشلىرىنى ئىزچىل تەسىۋىرلەشتىن باش تارتمىغان.مابۇ ھەققى ئاشىقنىڭ بايانى.
ھۇزۇرۇڭلار بۇ ناخشنى سۇندۇم
http://music.izda.com/?a=player&tid=KtGk_Bo5F&q=ئىسكەندەر+سەمەت
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yolluktigin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-30 10:34 PM