شۇنداق بىر سېغىنىش بار يۈرەكتە،بەزى چاغلاردا سىز بىرسىنى ئەسلەپ قالىسىز،ئۇنى ئىچ -ئىچىڭىزدىن سېغىنىسىز،كۆرگۈڭىز كېلىدۇ،ئاۋازىنى ئاڭلاپ يۈرىكىڭىزدىكى بىر ئوتنى باسماقچى بولىسىز-يۇ،بىراق بۇنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغان خام –خىيال ئىكەنلىكى ئېسىڭىزگە كېچىپ،چوڭقۇر بىر ئاھ ئەيلەيسىز...! شۇنداق بىر سېغىنىش بار يۈرەكتە، ئۇنىڭ ئاۋازىنى بىر قىتىم بولسىمۇ ئاڭلىۋېلىش ئۇچۇن ،تېلىفوننى قولىڭىزغا ئېلىپ ئۇنىڭ نومۇرىنى بېسىپ باقىسىز-يۇ ،ئۇلىنىپ بولغۇچە ئىتتىكلا ئۈزىۋېتىپ، ئۇنىڭغا تېلېفۇن قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايسىز. چۈنكى، سىز ئۇنىڭغا تېلېفۇن قىلغاندا، ئۇنىڭ ‹‹ۋەي،ھە ،نېمە گەپ؟....›› دېگەن سوغۇققىنە ئاۋازىنى ئاڭلىغاندا نېمە دېيىشنى بىلەلمەي قالىدىغانلىقىڭىزنى ،بۇ سوغۇق ئاۋازنىڭ يۈرىكىڭىزنى چاياندەك چاقىدىغانلىقىنى،يۈرەك قېتىڭىزدىن چوڭقۇر بىر ئاھنىڭ ئېتىلىپ چىقىدىغانلىقىنى ،كۆزىڭىزدىن شەبنەم تامچىلىرىنىڭ يالتىرايدىغانلىقىنى بىلىسىز ئەلۋەتتە.....! شۇنداق بىر سېغىنىش بار يۈرەكتە،شۇنداق تېلىفون قىلغىڭىز بار، بىراق ‹‹بولدىلا،ئەڭ ياخشىسى تېلىفون قىلماي..››دەپ ئويلايسىز –يۇ،يۈرىكىڭىزدىن چىقىرىپ تۇرۇپ تېلىفون قىلالمىغىنىڭىزدىن بىر خىل ئۇۋالچىلىق تۆكىلىدۇ ئىچىڭىزدىن.... شۇنداق بىر سېغىنىش بار يۈرەكتە ، سىرتقا چىققاندا ئۇنىڭ سايىسىنى ئىزدەيدىغان ،ئۇچراشقاندا كۆزلىرىنى ئېلىپ قېچىپ قەستەن كۆرمىگەنگە سېلىۋالىدىغان، ئۇنى كۆرۈش ئۈچۈن سايىدەك ئەگىشىدىغان،كۆرگەندە يۇرەكلىرى سىلىپ ، پۇت –قوللىرى تىترەپ گىپىنى تاپالماي تىلى كالۋالىشىدىغان...!
شۇنداق بىر سېغىنىش بار يۈرەكتە، سېغىنىپ تۇرۇپ ئەسلەيدىغان،سېغىنغىنىنى يوشۇرۇپ تۇرۇپ تىللايدىغان،تىللاپ تۇرۇپ ئىچ –ئىچىدىن ئىنتىلىپ تۇرۇپ ئەسلەيدىغان ...! شۇنداق بىر سېغىنىش بار يۈرەكتە، ئاغزىدا ‹‹ئۇنتۇپ كەتتىم...››دەپ قويىدىغان،ئەمما ھەركىتى ھەممىنى ئىساتلاپ قويغان، يالغۇز قالغاندا كۆز يېشىغا چىلاپ تۇرۇپ سېغىنىش مەكتۇپلىرىنى يۈرىكىگە پۈتىدىغان...! شۇنداق بىر سېغىنىش بار يۈرەكتە، دائىم بىللە بولۇشنلا ئويلايدىغان ئەمما مەڭگۇ بىللە بولالمايدىغان .مۆرىسىگە بېشىنى قويۇپ ئۆكسۈپ –ئۆكسۈپ يىغلىۋېلىشنى ئويلايدىغان،بىراق بۇنىڭ بىر خىيال ئىكەنلىكى ئېسىگە كېلىپ چوڭقۇر ئۇھلار ئىچىدە كۆز يېشىنى ئاستاغىنە يۇتىۋېتىدىغان...! شۇنداق بىر سېغىنىش بار يۈرەكتە،قۇلاق تۈۋىدىكى يېقىملىق پىچىرلاشلاردىن مەستخۇش بولۇپ،كۆزلىرنى يۇمۇپ،بۇ پىچىرلاشلاردىن ئالەمچە ھوزۇرغا چۆمىدىغان،كۆزىنى ئاچقاندا بولسا بۇنىڭ بىر خىيال ئىكەنلىكنى ھېس قىلىپ لېۋىنى ئەلەم بىلەن چىشلەيدىغان...! شۇنداق بىر سېغىنىش بار يۈرەكتە،بارلىقىنى ئۇنىڭغا ئاتىغان، مەجنۇنلارچە ئۆزىنىڭ ئايرىم خىيالىي دۇنياسىدا ئۇنىڭ ئۈچۈن سەلتەنەتلىك قەسىرلەرنى قۇرۇپ، شۇ قەسىر ئىچىدە ئۇنى ئۆزىگە مەڭگۈلۈك ھەمراھ قىلىپ ياشايدىغان...!
مەنبە :ئۆز قەلىمىم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-30 07:08 PM
|