مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4934|ئىنكاس: 27

NASA: خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا قاراپ ماڭغان راكېتا پارتلاپ كەتتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82221
يازما سانى: 581
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى : 39082
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2200 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-30 10:03:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا قاراپ ماڭغان راكېتا پارتلاپ كەتتى

بىلىمخۇمار
2014-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى


بۈگۈن (2014-10-29) ناسا نىڭ 1-قول باشلىقى چارلىس بولدېن (Charles Bolden)  بارلىق ناسا خادىملىرىغا بىر پارچە ئېلخەت يېزىپ، 10-ئاينىڭ 28-كۈنى خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا چىقىرىلىدىغان «سىگنۇس» (Cygnus) ناملىق ئالەم ئۇچقۇرىنى ئېلىپ ماڭغان بىر راكېتا يەردىن قوزغۇلۇپ 10 سېكۇنت ئۆتكەندە پارتلاپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى [1].  ھەمدە كائىناتقا ئالەم ئۇچقۇرى چىقىرىشنىڭ بىر ئىنتايىن قىيىن ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى، ناسا كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، بەزىدە مۇشۇنداق ھادىسىمۇ يۈز بېرىپ قالىدىغانلىقىنى، بۇ قېتىم ھېچ قانداق ئادەم چىقىمى سادىر بولمىغانلىقى ھەممەيلەن ئۈچۈن بىر خوش-خەۋەر ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى.

بۇ راكېتا «ئوربىت ئىلىملىرى» (Orbital Sciences)  دەپ ئاتىلىدىغان بىر خۇسۇسىي شىركەتنىڭ راكېتاسى بولۇپ، ئۇ ئامېرىكىنىڭ ۋىرگىنىيە (Virginia) شتاتىنىڭ ۋاللوپس ئارىلىدىن ئېتىلغان.  بۇ قېتىمقى ۋەقەدە بىرەر  ئادەم زەخمىلەنمىگەن.  شۇنداقلا بۇ قېتىمقى يۈكنىڭ خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا ۋاقتىدا يېتىپ بارماسلىقى تۈپەيلىدىن ئۇ يەردە ئاشلىق ياكى ئىچىملىك يېتىشمەسلىكتەك باشقا بىرەر خەۋپمۇ يۈز بەرمەيدىكەن.  لېكىن، بۇ قېتىم ئىشلىتىلگەن راكېتا ئېتىش ئۈسكۈنلىرى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان.

بۇ راكېتىنىڭ ئىسمى «ئانتارېس» (Antares) بولۇپ، بۇ خىلدىكى راكېتالار 2013-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ ئىشلىتىلىشكە باشلىغان.  بۇ قېتىمقىسى ئاشۇ خىلدىكى راكېتىنىڭ بەشىنچىسى بولۇپ، بۇرۇنقى 4 قېتىمدا بۇنداق ۋەقە يۈز بېرىپ باقمىغانىكەن.  بۇ قېتىمقى خەۋەرلەردە بۇ راكېتىنىڭ پارتلاپ كېتىش سەۋەبى ھەققىدە ھېچ قانداق مەزمۇن يوق ئىكەن (بۇ تېخى تۆنۈگۈن يۈز بەرگەن ۋەقە بولغاچقا، ناسا دىكىلەر ئۇنىڭ سەۋەبىنى تېخى تېپىپ چىقىپ بولالمىغان بولۇشى مۇمكىن).
ناسا بۇ يىل جەمئى 19 قېتىم خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا يۈك چىقارغان بولۇپ، بۇ قېتىم مەغلۇپ بولغىنى 20-قېتىملىق يۈك چىقىرىش مەشغۇلاتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
تۆۋەندىكى رەسىملەردە كۆرسىتىلگىنى «ئانتارېس» راكېتاسىنىڭ بىر قانچە كۆرۈنىشلىرى.

پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:


[1] Orbital’s Antares fails seconds after launch
<http://www.nasaspaceflight.com/2 ... y-after-launch/>

1-رەسىم

1-رەسىم


2-رەسىم

2-رەسىم


3-رەسىم

3-رەسىم


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilimxumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-30 10:05 AM  


alsoy705 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-30 11:22:32 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

بىلىم - كۈچ !

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22010
يازما سانى: 242
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5648
تۆھپە نۇمۇرى: 213
توردا: 1573 سائەت
تىزىم: 2010-12-12
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-30 11:47:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ۋەقە ھەقىقەتەن ئېچىنىشلىق بوپتۇ ، بۇنۇڭدىن بەكمۇ قايدغۇردۇم !
مەن مۇنداق ئويلاپ قالدىم ، راكىتا ياساش جەريانىدىكى قىسمەن ئىش ھاقىلىرىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلسە ، مەسىلەن :
1 - راكىتانىڭ ھەر زاپچاسلىرىنى تۈرلىرى بويىچە ئايرىپ ، ھەر بىر بۆلەككە مەسئۇل ئادەم ئاجىرتىپ ، شۇ ئادەمنىڭ ئىسمىنى شۇ بۆلەككە تەۋە ھەر زاپچاسقا نومۇر بويىچە ئويسا ...
2 - زاپچاسلارنى يۇقۇرى گىرادۇسقا چىدالىق قىلىپ ياساپ ، تاسادىبى ۋەقە سادىر بولغاندىن كېيىنمۇ كاشىلا چىققان زاپچاستىن ئۇنۇڭ قايسى ئادەمنىڭ قولىدىن چىققانلىقىنى بىلگىلى بولسا ...
3 - راكىتا قويۇپ بېرىلىشتىن ئىلگىرىكى راكىتانى قايتا تەكشۈرۈش خىزمىتى قاتتىق تۇتۇلسا ...
4 - بولسا ، راكىتانىڭ مۇھىم بۆلەكلىرىدىكى زاپچاسلارنىڭ نورمال ھالىتىنى تەكشۈرۈپ تۇرىدىغان ، ئاپتوماتىك نازارات قىلىدىغان ئاپارات ياسالسا ...
5 - راكىتا ياسىلىش جەرايانىدا ، بۇ ئىشقا مەسئۇل خادىم ، قول ئاستىدىكى خادىملارنىڭ روھىي ھالىتىنى كۈزۈتۈپ ، بولۇپمۇ ئۇ ، خادىملارنى ئەڭ نورمال كەيپىياتتا ئىشقا چۈشۈشكە يىتەكلىسە ...
6 - ئامېرىكا ئاۋىئاتسىيە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ بۇ ساھەدىكى نوپوزىنى پۈتۈن دۇنيا بىلىدۇ ، لېكىن شۇنداقتىمۇ بۇ ئورۇندىكى خادىملار ئىلگىكى نەتىجىلىرىدىن ھوزۇرلىنىش بىلەن بىرگە ، ھۇشيارلىقنى قەتئىي بوشاشتۇرۇپ قويمىسا ...
7 - يېڭىلىق يارىتىش يوللىرى ئەگرى توقاي بولۇدۇ ، يېڭى ساھەلەرگە يۈرەكلىك  
قەدەم بېسىش ، قەيسەر روھقا ئىگە كىشىلەرنىڭ خىسلىتى ، شۇڭا بۇ ئورۇندىكى خادىملار بۇ جەڭگىۋار روھنى داۋاملىق ساقلاپ قالسا ...


سۇمبۇل چاشلار، چولپان كۆزلەر ، ئات - ئېشەكتىمۇ بار، نوچى بولساڭ تۆمۈردىن قۇشۇقچىلىك نەرسە ياساپ كۆر ، دۇنيا شۇ چاغدا سېنى ئېتىراپ قىلىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82221
يازما سانى: 581
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى : 39082
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2200 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-30 12:49:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Acura يوللىغان ۋاقتى  2014-10-30 11:47 AM
بۇ ۋەقە ھەقىقەتەن ئېچىنىشلىق بوپتۇ ، بۇنۇڭدىن بەكمۇ قا ...

ناھايىتى ياخشى ئويلاپسىز.  ئەمما ئەمەلىيەتتە ئىشلار بۇنىڭدىن كۆپ مۇرەككەپ بولۇپ، مۇشۇ ساھەدە ناسادا بىر قانچە پەن ۋە سىستېم ئىنژېنېرلىق كەسىپلىرى بار.  بىزنىڭ ئىدارىدا بىر نەپەر 15 يېشىدا دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئېلىپ بولغان، دەرىجىدىن تاشقىرى ئەقىللىق ئادەم بار بولۇپ، ئۇ مەخسۇس «بىر ئالەم ئۇچقۇرى قانداق ئەھۋال ئاستىدا نورمال ئىشلىمەي قالىدۇ؟» دېگەننى تەكشۈرىدىغان گۇرۇپپىغا مەسئۇل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92141
يازما سانى: 1880
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2266
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3081 سائەت
تىزىم: 2013-2-23
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-30 01:14:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Acura يوللىغان ۋاقتى  2014-10-30 11:47 AM
بۇ ۋەقە ھەقىقەتەن ئېچىنىشلىق بوپتۇ ، بۇنۇڭدىن بەكمۇ قا ...

سىز دىگەندەك تۈزۈم يولغا قۇيۇلغاندىن كىيىن كونىلىققا ئىسىلىپ يىڭىلىق بولمايدۇ. دىگەنلېرىڭىز ئاممىۋى بىلىملەردىكى مەھسۇلاتلارنى. ئىشلەپچىقىرىشتا بەك ئەسقىتىدۇ.

ئىلىكتىر ئىلمى بۇيەردە:http://www.xjefan.com/
  اشقىلارنى باھالاشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزنى باھالىۋىتىڭ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98661
يازما سانى: 1387
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5361
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1521 سائەت
تىزىم: 2013-10-12
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-30 01:26:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بوشلىقتا پارتىلاپ قۇيۇپ بېرىش سۇپىسىنىڭ ئۈستىگىلا چۈشۈپتۇدە ..    ھېلمۇ ئالەم بوشلىقىدا پارتىلمىغانغا شۈكىرى دېسە بولغۇدەك   .   يەرشارى ئوربىتىسى ئەتراپىدا ئالەم ئەخلەتلىرى يېلسىرى كۈپيىۋىتىپتۇ  ، ئالەم ئەخلەتلىرى ئالاقە سۈنئى ھەمرالىرىنى بۇزۇپ قۇيشى ۋە باشقا ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرشى مۇمكىن.. كەلگۈسىدە ئالەم ئەخلىتىنى تازلاپ بىرتەرەپ قىلىشمۇ  نۇرغۇن تىخنىكا مەبلەغ تەلەپ قىلدىغان يېڭى تۈرگە ئايلىنىشى  مۇمكىن  . شۇڭا تېخنىكىدا كالتا كۈسەي دۆلەتلەر سىناق قىلمەن، كۆز كۆز قىلمەن دەپ رۇلى يوقدىيەرلىك  تۈمۈر تەسەكنى خالىغانچە ئالەمگە چىقارماسلىق كىرەك   بۇلۇپمۇ  دۆلىتىمىزبىلەن چاۋشىيەن  ..       بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kudiratjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-30 01:29 PM  


ئالدىمدا يېقىلساڭ مەيلى يۈلەشگە مادارىم يېتىدۇ، قەلبىمدىن يېقىلما تەسگە چۈشدۈ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40939
يازما سانى: 760
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5080
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3095 سائەت
تىزىم: 2011-5-16
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-30 01:32:52 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي ناسادەك يۇقىرى تېخنىكىلىق ئورگاندا مۇشۇنداق ئىش يۈز بەرگەن يەردە ، باشقا مەخپىي ئىش قىلىدىغان ، تېخنىكا ئوغۇرلاشنىلا بىلىدىغان دۆلەتلەر ياكى ئورگانلار خەلقئارادىن يوشۇرۇپ يەنە نەچچىنى پارتىلىتىۋەتكەندۇ

راست سۆزلىگەن كىشى نېمىدىگەن سۆيۈملۈك كىشى ھە !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82221
يازما سانى: 581
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى : 39082
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2200 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-30 01:42:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تۆۋەندىكىسى مېنىڭ باشقا بىر تور بېتىدىكى بىر تورداشنىڭ سوئالىغا يازغان جاۋابىم:
= ============================== =

«ئوربىت ئىلىملىرى» دېگەن شىركەت ئامېرىكىنىڭ شىركىتى بولۇپ، ئانتارېس ناملىق راكېتادا ئىشلەتكەن ماتورنى سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە ئۇكرائىنالىق ئالىملار لاھىيلىگەن ئىكەن.  سوۋېت ئىتتىپاقى بۇرۇن «N-1F» تىپلىق راكېتانى ياساپ، 4 قېتىم سىناق قىلىپ، ھەممىسىدە مەغلۇپ بولۇپ، شۇنىڭ  بىلەن 1970-يىلى ئۇ راكېتانى ياساپ چىقىشنى توختاتقان ئىكەن.  كېيىن ئاشۇ راكېتادا ئىشلىتىلگەن ماتور ئاساسىدا «NK-33» تىپلىق ماتور  ئىشلەپ چىقىرىلىپ، ئاندىن «NK-33» ئاساسىدا «AJ26-58» تىپلىق ماتور ياسالغان ئىكەن.  مەن پايدىلانغان مەنبەدە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كېيىن قالغان ماتورلارنى كىملەر ياساپ چىققانلىقى ھەققىدە ھېچ نېمە دېيىلمەپتۇ.  بۇ قېتىم ئانتارېس ناملىق راكېتا ئىشلەتكىنى ئەنە شۇ «AJ26-58» تىپلىق ماتور ئىكەن.

ئالەم تېخنىكىسىغا ئىشلىتىلىدىغان بىر قىسىم نەرسىلەرنى ياساپ چىقىشتا شەخسىي شىركەتلەرنىڭ ئىش ئۈنۈمى يۇقىرى، چىقىمى تۆۋەن، ۋە سۈرئىتى تېز بولىدىغان بولغاچقا، ناسا ھازىر بارغانسېرى شەخسىي شىركەتلەردىن كۆپلەپ پايدىلىنىش تەرەپكە قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ.  

بىلىم - كۈچ !

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22010
يازما سانى: 242
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5648
تۆھپە نۇمۇرى: 213
توردا: 1573 سائەت
تىزىم: 2010-12-12
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-30 02:32:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bilimxumar يوللىغان ۋاقتى  2014-10-30 12:49 PM
ناھايىتى ياخشى ئويلاپسىز.  ئەمما ئەمەلىيەتتە ئىشلار ب ...

توغرا دەيسىز ئەركىن ئاكا ، ئەمەلىيەتتىمۇ بۇ توشۇغۇچى ئۇچقۇنىڭ قۇرۇلمىسى ناھايىتى مۇرەككەپ ھەم ئىنتايىن يۇقۇرى تېخنىكا تەلەپ قىلىدۇ . ئادەتتىكى بىر ئايروپىلاننىڭ ئۆزىلا بىر مىليوندىن ئارتۇق زاپچاستىن تەشكىل تاپىدىكەن . ئېسىمدە قىلېشىچە 84 - يىلىغۇ دەيمەن ، سىز ئىشلەۋاتقان مەزكۈر ئۇرون ئاپپولو نامىدىكى يەتتە كىشىلىك ئادەملىك ئالەم ئايروپىلانىنى قويۇپ بەرگەندە ، ئۇچۇپ ئۇزۇنغا بارمايلا پارتلاپ كەتكەن ، بۇنۇڭ ئىچىدە بىر نەپەر ئايال ئوقۇتقۇچىمۇ بار ئىدى . بۇ ۋەقە شۇ چاغدا دۇنيانى زىل زىلىگە سالغان ، شۇنۇڭدىن كېيىن ئادەملەر ئادەملىك ئالەم ئايروپىلانىغا نىسبەتەن زور گۇمانى قاراشتا بولغان ، مانا ھازىر بۇنداق ئايروپىلان ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى تاماملىدى . لېكىن ئىنسانلار ھازىر ئۇنۇڭدىنمۇ بىخەتەر بولغان ئالەم ئۇچقۇسى ياساش ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە ...

سۇمبۇل چاشلار، چولپان كۆزلەر ، ئات - ئېشەكتىمۇ بار، نوچى بولساڭ تۆمۈردىن قۇشۇقچىلىك نەرسە ياساپ كۆر ، دۇنيا شۇ چاغدا سېنى ئېتىراپ قىلىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108013
يازما سانى: 1075
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3842
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 970 سائەت
تىزىم: 2014-6-24
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-30 02:45:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنى نۇرغۇن ئۇچۇرلار بىلەن ۋاقتىدا خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا رەھمەت .

ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلسۇن ئەركىن ئاكا .

مەن ھەقىقەتنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈش ئۈچۈن كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمىمەن .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش