مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4477|ئىنكاس: 13

NASA: «بۇ يىل دېكابىردا قۇياش 6 كۈن تولۇق تۇتۇلىدۇ» دېگەن خەۋەر يالغان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82221
يازما سانى: 581
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى : 39082
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2200 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-30 09:35:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

«بۇ يىل دېكابىردا قۇياش 6 كۈن تولۇق تۇتۇلىدۇ» دېگەن خەۋەر يالغان

بىلىمخۇمار
2014-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى



بىر قانچە كۈننىڭ ئالدىدا تورلاردا «ناسا 2014-يىلى 12-ئايدا قۇياش 6 كۈن تولۇق تۇتۇلىدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈردى» دېگەن تېمىدىكى بىر خەۋەر تارقالغان بولۇپ، بەزى قېرىنداشلار بۇ خەۋەرنى فېيىسبۇكقىمۇ ئۇلۇنۇش قىلىپ چىقىرىپ قويدى [1].  ئادەتتە بۇنداق بىر چوڭ ئىش بولغاندا، بىزگە ناسا نىڭ باش شتابىدىن چوقۇم ئۇچۇر كېلەتتى.  لېكىن بۇ قېتىم بىزگە ئۇنداق ئۇچۇر كەلمىدى.  شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ خەۋەرنىڭ نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ بېقىش ئۈچۈن تورلارنى ئىزدەپ كۆردۈم.  نەتىجىدە مەزكۇر خەۋەرنىڭ يالغان خەۋەر ئىكەنلىكىنى بىلدىم [2].  

ئەسلىدىكى خەۋەر «huzlers.com» دېگەن تور بېتىغا چىقىرىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا دېيىلىشىچە بۇ يىل 12-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە كۈن تولۇق تۇتۇلۇپ، شۇنىڭ بىلەن 6 كۈن يەر شارىنى قاراڭغۇلۇق قاپلايدىكەن.  بۇ ھادىسىنى «كۈن بورىنى» (solar storm)  كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، ئاشۇنداق بوران پەيدا قىلغان چاڭ-توزاڭ ۋە ئالەم بوشلۇقى زەررىچىلىرى كۈن نۇرىنىڭ 90 پىرسەنتىنى توسۇۋالىدىكەن.  شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن يەر شارى 6 كۈن قاراڭغۇلۇق ئىچىدە قالىدىكەن.  ئۇ ئۇچۇردا دېيىلىشىچە بۇ خەۋەرنى ناسا جەزىملەشتۈرۈپتىمىش.  بۇ خەۋەرگە تېخى تۆۋەندىكى 1-رەسىم قوشۇپ بېرىلىپتۇ:

1-رەسىم

1-رەسىم

1-رەسىم: يالغان خەۋەرگە قوشۇپ قويۇلغان «راست رەسىم».

ئەمەلىيەتتە بولسا «huzlers.com» دېگەن تور بېتى يالغان خەۋەرلەرنى توقۇپ چىقىرىدىغان تور بېتى بولۇپ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار بۇرۇنمۇ يۈز بەرگەن.  يەنى، بۇرۇن بىر قېتىم بەزى جۇڭگولۇقلار مۇشۇنداق يالغان خەۋەرنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ، ئاندىن ئۇنى بەزى ئۇيغۇر تورداشلار ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ، شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر تىلىدىكى تورلاردا بىر خىل ۋەھىمە پەيدا قىلغانىدى.  «huzlers.com» دېگەن تور بېتى ئۆزىنىڭ «كۈرەش نىشانىسى» نى مۇنداق دەپ بايان قىلىپتۇ: «دۇنيانى تەۋرىتىدىغان ھەقىقىي خەۋەرلەر بىلەن  ساتىرىك (ھەجۋىي، مەسخىرلىق) قىزىقچىلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئېلان قىلىپ، بۇ تور بېتىنىڭ زىيارەتچىلىرىنى بىر خىل گۇمانلىق ياكى ھەيرانلىق ھالىتىدە ساقلاش.»


ئالدىنقى ھەپتە ئىچىدە تورلاردا «ناسا تارقاتقان، خەلقئارا ئالەم پونكىتىدا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىككى ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ ۋىدەئو فىلمىدا بىر ئۇچار تەخسە كۆرۈنۈپتۇ» دېگەن يەنە بىر خەۋەرمۇ تارقىلىپتۇ [3].  ھەتتا بۇ ئىشنى تۈركىيە قاتارلىق بەزى ئەللەردىكى تېلېۋىزورلارمۇ مەخسۇس خەۋەر قىلىپ بېرىپتۇ.  مەن تورلارنى ئىزدەپ، ناسا دىكىلەر بۇ ئىش ھەققىدە ھېچ نېمە دەمىگەنلىكىنى بايقىدىم.  ھازىرغىچە بۇ ئىش «ئۇچار تەخسە» ھەۋەسكارلىرىنىڭ تور بەتلىرىدىكى قىزىق تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ناسا ياكى باشقا بىرەر ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئۇ ھەقتە بىر نەرسە دېمەپتۇ.  

2-رەسىم

2-رەسىم

2-رەسىم: ناسا ۋىدېئوافىلمىدىكى «ئۇچار تەخسە».

ئەگەر سىز يۇقىرىقىدەك خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ راست-يالغانلىقىنى بىلەلمىسىڭىز، مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ.  مەن ئۇنى ئېنىقلاپ بېرىشكە تىرىشىمەن.

پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:


[1] NASA Confirms Earth Will Experience 6 Days of Total Darkness in December 2014! <http://huzlers.com/nasa-confirms ... -december-2014/>
<http://huzlers.com/nasa-confirms ... -december-2014/>

[2] NASA: Viral news on days of darkness in December is hoax
<http://www.techtimes.com/article ... ber-is-hoax.htm>

[3] 'UFO' appears to watch NASA astronauts on ISS spacewalk
http://www.chron.com/news/strange-weird/article/UFO-watches-NASA-astronauts-on-ISS-spacewalk-5821899.php#photo-6998154



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10551
يازما سانى: 298
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9627
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 1755 سائەت
تىزىم: 2010-9-16
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-30 11:54:29 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇچار تەخسىنىڭ خەۋىرىنى نۇر تورىدىن كۆردۈمغۇ دەيمەن تەرجىمە قىلىپ تارقىتىپتىكەن، خەۋەرلەندۈرگىنىڭىز ياخشى بوپتۇ، رەھمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40939
يازما سانى: 760
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5080
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3095 سائەت
تىزىم: 2011-5-16
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-30 01:25:39 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت بىلىمخۇمار ئاكا ، سىزنىڭ ماقالىلىرىڭىزنى قالدۇرماي ئوقۇپ كېلىۋاتىمەن ، كۆڭۈلنى پىروگراممىلاش ناملىق يازمىڭىزنىڭ ماڭا ئىنتايىن زور پايدىسى بولغانىدى ، شۇ ماقالىڭىزنى ئوقۇغاندىن باشلاپ ، پايدىسىز شارائىتنى پايدىلىق شارائىتقا ئۆزگەرتەلەيدىغان بولغانىدىم . ھازىرغىچە ھاياتىمغا تەدبىقلاپ كېلىۋاتىمەن ، ئەلى قۇرباندىن بۇرۇنلا بىزگە پىسخىكىدىن تەلىم بەردىڭىز رەھمەت سىزگە ...

راست سۆزلىگەن كىشى نېمىدىگەن سۆيۈملۈك كىشى ھە !

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12425
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32495
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4487 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-30 01:30:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پايدىلىق بولغان توغرا ئۇچۇر بىلەن تەمىن ئەتكىنىڭىزگە تەشەككۈر....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82221
يازما سانى: 581
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى : 39082
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2200 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-30 01:44:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
izdinish يوللىغان ۋاقتى  2014-10-30 01:25 PM
رەھمەت بىلىمخۇمار ئاكا ، سىزنىڭ ماقالىلىرىڭىزنى قالدۇ ...

رەھمەت ۇكام!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40939
يازما سانى: 760
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5080
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3095 سائەت
تىزىم: 2011-5-16
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-30 02:47:50 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bilimxumar يوللىغان ۋاقتى  2014-10-30 01:44 PM
رەھمەت ۇكام!

رەھمەتنى مەن دېسەم بولىدۇ ئاكا ...

راست سۆزلىگەن كىشى نېمىدىگەن سۆيۈملۈك كىشى ھە !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110534
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 301
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 81 سائەت
تىزىم: 2014-10-11
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-30 05:18:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىيقى ئەھۋالدىن خەۋەردار قىلغانلىرغا رەھمەت !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105468
يازما سانى: 333
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1369
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 114 سائەت
تىزىم: 2014-3-30
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-31 08:31:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھارمىغايسىز

تارىخى كۆمۈلگەن مىللەتنىڭ كەلگۈسى قاراڭغۇ بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102992
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 303
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 138 سائەت
تىزىم: 2014-1-30
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-31 01:08:05 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇئەلەيكۇم
ئەركىن سىدىق ئەپەندىم ،
بۇ خەۋەر راسمىدۇ؟
http://mp.weixin.qq.com/s?__biz=MjM5MTE0MDQ0MA==&mid=201729315&idx=3&sn=50b79530af395ecc85ce9310c292aa8a&from=timeline&isappinstalled=0#rd

بۇ ھايات بۈگۈنگە قەدەم قويدى

كېرەك يوق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63055
يازما سانى: 976
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6390
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1288 سائەت
تىزىم: 2011-10-31
ئاخىرقى: 2015-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-31 04:28:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەۋەردار بولدۇم،رەھمەت!

بۇكۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ،ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلەرگە ئوخشاش!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش