مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 9582|ئىنكاس: 35

پاكىستان- ھىندىستان مۇناسىۋىتىدىكى دوقمۇش پاراڭلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

"/ئارتۇق گەپ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15156
يازما سانى: 1888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13103
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 3897 سائەت
تىزىم: 2010-10-25
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-29 02:17:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

پاكىستان- ھىندىستان مۇناسىۋىتىدىكى دوقمۇش پاراڭلىرى

ئاخبارات ئارقا كۆرۈنۈشى

ھىندىستان بىلەن پاكىستان يېقىندا تالاش – تارتىش بولۇۋاتقان كەشمىر رايونىدا بىر نەچچە قېتىم توقۇنۇشتى، ھەمدە بىر – بىرىنى ‹‹ئاۋۋال ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلدى››، دەپ ئەيىبلەشتى.

كەشمىر مەسىلىسى ھىندىستان بىلەن پاكىستان مۇناسىۋىتىدىكى ساقايماس يارا، ئىككى دۆلەت بۇ مەسىلە توغرىسىدا توقۇنۇشۇپ كەلدى ھەم ئۇلار ئوتتۇرىسىدا كىرىزىسنى كونترول قىلىدىغان ئۈنۈملۈك مېخانىزم تېخى ئورنىتىلمىدى. لېكىن تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، يېقىندا يۈز بەرگەن توقۇنۇش بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدىكەن، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يەنىلا ئېغىر قەدەمدە داۋاملىشىدىكەن.

پاكىستان زۇڭلىسىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە تاشقى ئىشلار مەسلىھەتچىسى ئەزىز يېقىندا ب د ت باش كاتىپى بان كىمونغا خەت يېزىپ، ھىندىستاننىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ چېگرا رايونىدا توقۇنۇش پەيدا قىلىپ، ئۆلۈم – يېتىم پەيدا قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى. ئەزىز مۇنداق دېدى: 1 – ئۆكتەبىردىن 10 – ئۆكتەبىرگىچە، ھىندىستان چېگرا رايونىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە 42 قېتىم خىلاپلىق قىلدى، ۋەقەدە پاكىستاننىڭ 12 پۇقراسى قازا قىلدى، 52 پۇقراسى ۋە توققۇز ئەسكىرى يارىلاندى.

ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، 1 – ئۆكتەبىردىن باشلاپ، ھىندىستان بىلەن پاكىستان كەشمىر چېگرا رايونىدا ئېتىشىش باشلىدى. 6 – ئۆكتەبىردىن باشلاپ توقۇنۇش كەسكىنلىشىپ كەتتى، دېيىلدى. ھىندىستان دائىرىلىرىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، توقۇنۇشتا ھىندىستان تەرەپتىن سەككىز ئادەم قازا قىلغان، 90 نەچچە ئادەم يارىلانغان، 320 مىڭ پۇقرا يۇرتلىرىدىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان.

بىر قىسىم تاراتقۇلار، بۇ ھىندىستان بىلەن پاكىستان 2003 – يىلى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىغاندىن كېيىنكى ئەڭ ئېغىر ھەربىي توقۇنۇش، دېيىشتى.

پاكىستاننىڭ ئۈچ ئارمىيە ئاممىۋى مۇناسىۋەت ئىدارىسى 9 – ئۆكتەبىر: ھىندىستان چېگرا سىزىقى ئەتراپىدا پاكسىتانغا توختىماي ئوق چىقاردى، پاكىستانمۇ بۇنىڭغا مۇۋاپىق قايتۇرما زەربە بەردى، دېدى. پاكىستاننىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى مىنىستىرى ئاسىف 9 – ئۆكتەبىر: پاكىستاننىڭ قوشنىسى ھىندىستان بىلەن قارشىلىشىش نىيىتى يوق، چېگرا رايونىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنىڭ ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كېتىشىنى خالىمايدۇ، پاكىستاننىڭ ھىندىستاننىڭ ھەر قانداق تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىگە تاقابىل تۇرىدىغان ئىقتىدارى بار، دېدى.

بۇ يىل 5 – ئايدا، پاكىستان زۇڭلىسى شېرىف تەكلىپكە بىنائەن ھىندىستان زۇڭلىسى مودىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى سەل ياخشىلاندى، ئىككى تەرەپ چېگرا سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلدى، بۇ ئارقىلىق ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋرى باشلانغاندەك قىلاتتى. ئەمما نېمە سەۋەبتىنكى، ھىندىستان ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە كاتىپى دەرىجىلىك يىغىنىنى توختاتتى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يەنە سوغۇقلاشتى.

يېقىندا يۈز بەرگەن ئۇدا ئېتىشىش ۋەقەسى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە يەنە خىرىس پەيدا قىلدى. پاكىستان زۇڭلىسى شېرىف 10 – ئۆكتەبىر ھۆكۈمەت ۋە ئارمىيەنىڭ مۇھىم ئەمەلدارلىرىنى يىغىپ دۆلەت بىخەتەرلىكى كومىتېتى يىغىنى ئېچىپ، يېقىندا يۈز بەرگەن چېگرا توقۇنۇشىنى مەسلىھەتلەشتى. يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، پاكىستان ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە بويسۇنۇشىنى، چېگرانىڭ تىنچلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى، بىر – بىرىنى ئەيىبلەشنى توختىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، دېيىلدى.

باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: ئۇرۇش مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يولى ئەمەس، جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىش ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. چېگرانىڭ جىددىي ۋەزىيىتى داۋاملىق كۈچەيسە، كەشمىر مەسىلىسى توغرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ كەيپىياتىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدۇ، بۇ رايون ھەمكارلىقىنىڭ ئۇزاق نىشانىغا پايدىسىز.

ھىندىستاننىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جايتىل مۇنداق دېدى: ھىندىستان بىلەن پاكىستان مۇناسىۋىتى بەزىدە ياخشى بولسا، بەزىدە ناچارلىشىدۇ، كەشمىر ماجىراسىدىن ئىبارەت تۈپ ئامىل ھەم ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئىشەنچنىڭ كەمچىل بولۇشى بۇنىڭغا تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. كەلگۈسىدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى مۇشۇ ۋەزىيەتنى ساقلايدۇ، لېكىن ئىككى تەرەپ تىرىشىپ، چېگرانىڭ ئەمىنلىكىنى قوغدىشى، ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پايدىلىق مۇھىت يارىتىشى كېرەك.

ھىندىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ سەپتىن چېكىنگەن گېنېرال مايورى مۇنداق قارىدى: ھىندىستان بىلەن پاكىستان چېگرا رايوندا ئېتىشىش قاتارلىق ئۇشتۇمتۇت يۈز بەرگەن ئىشلارغا كۆنۈپ قالدى، ئېتىشىش ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا جەنۇبىي ئاسىيا رايونى ھەمكارلىق ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ يېقىنلاپ قېلىشى ھىندىستان بىلەن پاكىستاننىڭ چېگرا توقۇنۇشىنى پەسەيتىدۇ. ھىندىستان بىلەن پاكىستان مۇناسىۋىتى چوقۇم تەرەققىي قىلىشى كېرەك، ئىككى تەرەپلىك سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەكلىپىنى بېرىش مودى ھۆكۈمىتىنىڭ بىردىنبىر تاللىشىدۇر.

ئۆتكەن يىلى پاكىستاننىڭ يېڭى ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ھىندىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنى، جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىشنى، بۇ ئارقىلىق ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ۋە تىنچلىق مۇھىتىنى ياخشىلاشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھىندىستان ھۆكۈمىتىمۇ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ، توقۇنۇشنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشىنى خالىمايدۇ، شۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مەيلى قانداق قىيىنچىلىق بولسۇن ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرىدۇ.
مەنبە: شەرق ۋاختى پىروگىراممىسى، خەۋەرلەر تورى.


باتۇر بىر ئۆلىدۇ، قورقۇنچاق مىڭ.....!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2186
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5413
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1320 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-29 05:03:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئارتۇق گەپ قىلمايلى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102567
يازما سانى: 119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 249
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 25 سائەت
تىزىم: 2014-1-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-29 05:44:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۇنيادىكى  ئەڭ  پەس خەلىق  ھىندىستان  پۇقرالىرى دەپ قارايمەن ، ھەر  قانداق بىر ساراڭنىڭ ئىشىنى  دەل شۇلار قىلىدۇ .  مەن  ئارتۇق ئويلىۋالدىممۇ  بۇنى بىلمىدىم .

ئارزۇيۇم : ئۆلۈم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98158
يازما سانى: 402
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1594
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 690 سائەت
تىزىم: 2013-9-24
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-29 05:53:18 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىندىستانمۇ بىر ئۇششۇق، خىيالىغا كەلگەن يەرنى بىزنىڭ ئايرىلماس قىسمىمىز دىيىۋالدىغان، دۇلىتىمىز بىلەنمۇ زىمىن تالاش تارتىشى باركەن بۇ ئۇششۇق ھىندىستانلىقلارنىڭ.

شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، « رەسۇل » بولۇشتىن بۇرۇن « ئەمىن » بولغان بىر پەيغەمبەرنىڭ ئۈممىتى بىز. ئىمانىڭنى يوقۇتۇپ قويساڭمۇ ئەمىنلىك سۈپىتىڭنى يوقۇتۇپ قويماسلىقىڭ كېرەك. يەنە شۇنى ئوبدان بىلىشىڭ كېرەككى، ئەڭ چوڭ خىيانەت ئىمانغا قىلىنغان خىيانەتتۇر. ئەمىنلىك سۈپىتىگە ئىگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 1918
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4710
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1476 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-29 06:46:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەلكىم بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ مەسىلىسى يالغۇز زىمىن كونتۇرۇل قىلىشتىلا ئەمەستۇ.بەلكى ھىندى مىللىتى بىلەن ئوردولارنىڭ مىللىي زىدىيىتىمۇ سەۋەبتۇ دەپ ئويلايمەن.قالغىنىنى خەۋەردىن بىلىپ تۇرىمىز

ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئېللىتى خېسلەت بېلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خېسلىتى ئېللەت بېلىنىدۇ.

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3246
يازما سانى: 4590
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 44561
تۆھپە نۇمۇرى: 949
توردا: 15782 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-29 06:58:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
xiriin يوللىغان ۋاقتى  2014-10-29 05:44 PM
دۇنيادىكى  ئەڭ  پەس خەلىق  ھىندىستان  پۇقرالىرى دەپ قار ...

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم

ھەرقانداق بىر دۆلەت ياكى شۇ دۆلەتتىكى خەلىق ئەسكى پەس بولمايدۇ . شۇلار ئارىسىدىكى بىر قىسىم ئادەملەر ئەسكى پەس بولىدۇ .
ھىندىستاندىمۇ نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمانلار ھەم ياخشى كىشىلەر بار . شۇڭلاشقا بىر تەرەپلىمىلىك سەلبى گەپ قىلماڭ .....

سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1845
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4814
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 949 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-29 07:48:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
.tuz. يوللىغان ۋاقتى  2014-10-29 06:58 PM
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم

ھەرقانداق بىر دۆلەت ياكى شۇ دۆلە ...

تۇز  ئاكاشنىڭ  ئىنكاسىغا  ئەگەشتىم  ...

شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100933
يازما سانى: 1155
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5012
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1830 سائەت
تىزىم: 2013-12-16
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-29 07:54:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۇنيادىكى تۆت چوڭ مەدىنىيەت ياراتقان مېللەتنى چۈشەنمەيدىغانلار بار ئىكەن . ھەيران قالدىم .

دۇنيادىكى ئەڭ خۇشپۇراق ئەتېر-مىھنەتتىن چىققان تەرنىڭ پۇرىقىدۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108636
يازما سانى: 299
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 695
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 293 سائەت
تىزىم: 2014-7-21
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-29 07:55:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
xiriin يوللىغان ۋاقتى  2014-10-29 05:44 PM
دۇنيادىكى  ئەڭ  پەس خەلىق  ھىندىستان  پۇقرالىرى دەپ قار ...

بەسەيلەر ئەڭ پەس ، تېگىدىن تۇغما پەس ....
قالغىنىغا بىرنىمە دىيەلمەيمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37493
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3536
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 440 سائەت
تىزىم: 2011-4-13
ئاخىرقى: 2014-12-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-29 08:39:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنۇ ھىندىلارنى ئاۋۇ پاسكىنىستانلىقلاردىن ھەر ھالدا ياخشى دەپ قارايمەن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش