مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3899|ئىنكاس: 18

قوشۇما قاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101912
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 648
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 103 سائەت
تىزىم: 2014-1-7
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-29 12:53:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قوشۇما قاش (ھېكايە)
تۇرادىن ئابدۇرېھىم تاجىدار


ھىمىت قارىينىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈمى ئىككى بالا بىلەن يالغۇز قالغان گۈلجەمىلەمگە بەك ئېغىر كەلدى. بولۇپمۇ ھىمىت قارىينىڭ ئۆلۈمىدىن بەكرەك قېيىنئانىسى بىلەن قېيىنسىڭىللىرىنىڭ گويا ھىمىت قارىينى گۈلجەمىلەم ئۆلتۈرۋەتكەندەك قىلغان غەلىتە قىلىقلىرىدىن كۆڭلى قاتتىق يېرىم بولدى. قانۇن دوختۇرلىرىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى كۆرۈپمۇ يەنە ئىشەنمىگەندەك بىر خىل قاراشلىرىنى ئارانلا تۇرغان گۈلجەمىلەم بەك ھار ئالدى. تېخى باياتىنلا چۈشلۈك تاماققا كېلەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ تېلفۇن قىلمىغانمىتى؟ ئادەم دىگەننىڭ جېنى شۇنچىلىك يەردىكەنغۇ؟ ئوتتۇز ئىككى يېشىغىچە بىرەر كۈنمۇ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ باقمىغان ساپ- ساق، بەرجەس بىر ئەر كىشى ئاشۇنداق تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتسە ھە، خۇدايىم توۋا كىمنىڭمۇ ئىشەنگىسى كەلسۇن؟
لېكىن ئىشەنمەي نىمە ئامال؟ جامائەت يۇيۇپ- تاراپ، يەرلىكىدە قويۇپ كەلگىلىمۇ نەۋاخ. قارىلىق كىيىملەرگە ئورۇنۇپ ئولتۇرغان گۈلجەمىلەم گويا چۈش كۆرۈۋاتقاندەك، چۈشىدىن ئويغانسىلا ھەممە ئىش ئەسلىگە كېلىدىغاندەك بالىلارچە خىياللارنىمۇ قىلىپ باقتى. رەھىمسىز رېئاللىق ئالدىدا بەندە دېگەن ھامان ئاجىز كېلىدۇ.
   ھەش-پەش دېگۈچە قىرىق كۈن بولدى. ئەتىگەن مەسچىت جامائىتىگىلا بىر قازان پولۇ ئېتىپ قىرىق نەزىرىنى تۈگەتتى. نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان ھەر ھالدا قائىدە بويىچە بىرسى كەتسە بىرسى كېلىپ گۈلجەمىلەمگە ھەمراھ بولۇپ تۇرىۋاتقان قېيىنئانىسى ۋە قېيىنسىڭىللىرىمۇ ئۆيلىرىگە جابدۇشقا باشلىدى.
كەچقۇرۇن ئۆيدە ئىككى بالىسى بىلەن يالغۇز قالغان گۈلجەمىلەمنى ھەقىقىي غېرىپلىق باستى. ئۇنىڭ دادىسى گويا گۈلجەمىلەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى كۈتۈپ تۇرغاندەكلا، ئۇ خىزمەتكە چىقىپ ئىككى ئايدىن كېيىن ئۆلۈپ كەتكەن، ئانىسىغىمۇ بەش يىلدىن ئاشتى راك كېسەل بىلەن تۈگەپ كەتكىلى. بىرلا ئىنىسى بار بولسىمۇ، ئون يىلغا يېقىن بولدى، ئۆيدىن بىر چىقىپ كەتكەنچە، نەلەردە نىمە ئىش قىلىپ يۈرگىنىنى بىلگىلى بولمايدۇ. ئىككى- ئۈچ ئايدا بىر قېتىم نومۇرى چىقمايدىغان ئاممىۋى تېلفۇندىن تېلفۇن قىلىدۇ. ئۆزىنىڭ نەدىلىكىنىمۇ ئېيتمايدۇ. خوشياقا - خوشياقماس ئىككى ئېغىز ئەھۋال سوراپلا تېلفۇننى قويىدۇ. رەھمەتلىك ئانىسىمۇ شۇ ئوغلىنىڭ دەردىدە بالدۇرلا ئالەمدىن ئۆتتى. ھازىر ئۇنىڭ مۇشۇ ئىككى بالىسىدىن باشقا ھېچنىمىسى يوق بولدى. ئۇ مۇشۇلارنى خىيال قىلىپ يېتىپ ئوغلى ھەسەنجان بىلەن قىزى نۇربىيەگە قاراپ شۇنداق يىغلىدىكى، نەلەردە قاپسىلىپ قالغان يىغا بولغىيتى؟ ئۆلۈم كۈنىدىمۇ بۇنچىلىك يىغلىمىغان ئىدى. بىر چاغدا ئېسىگە كېلىپ بالىلىرىنىڭمۇ يىغلىغىنىچە ئانىسىغا چىڭ ئېسىلىپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ تېخىمۇ ئىچى سىيرىلدى. بىراق ئانىسى تۇرۇپ بۇنداق يىغلاۋەرسە، بالىلىرى قانداق قىلىدۇ؟ بولىدىغان ئىش بولدى. ئۆلگەننىڭ كەينىدىن ئۆلگىلى بولمايدۇ. ئەمدى گۈلجەمىلەم بالىلارغا ھەم دادا، ھەم ئانا بولۇپ ئۇلارنى ياخشى تەربىيەلىشى كېرەك.
ئۇ شۇنداق دەپ ئۆزىگە ئۆزى تەسەللىي بېرىپ ئۇخلىغىلى كۆزىنى يۇمدى. نەدىمۇ ئۇيقۇ كەلسۇن، ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن ھىمىت قارىي بىلەن ئۆتكەن كۈنلىرى بىر-بىرلەپ ئۆتمەكتە ئىدى...

※※※※※※※※※※
گۈلجەمىلەم بىلەن ھىمىت قارىي كىچىكىدىنلا بىر قورۇدا بىللە ئويناپ چوڭ بولدى. ئىككىلىسىنىڭ دادىسى مۇشۇ يېزىلىق ھۆكۈمەتكە قاراشلىق ماي زاۋۇتىنىڭ ئىشچىلىرى ئىدى. يېزا بازىرىغا يېقىنلا يەرگە جايلاشقان بۇ چوڭ قورۇدا مۇشۇ زاۋۇتنىڭ ئىشچى- خىزمەتچىلىرىدىن يۈز نەچچە ئائىلىلىك ئولتۇراتتى. ئۇلار باشلانغۇچتىن تارتىپ تاكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە بىللە ئوقۇدى. لېكىن بۇ ئىككى ئائىلىدىكى چوڭلار نىمە ئۈچۈنكى پەقەت ئەپ ئەمەس ئىدى. ئارا كۈندە ئۇرۇشۇپ تۇراتتى. تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈرۈشكە بىر يىل قالغاندا، شۇ ۋاقتىدىكى سىياسەتنىڭ روھى بويىچە كارخانا ئورۇندىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر پېنسىيىگە چىقسا ئورنىغا بالىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلدى. ئىككىلىسىنىڭ دادىسى پېنسىيىگە چىققان بولغاچقا، بالىلارنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيمىز دېگەن ئارزۇسىنى ئويلاپمۇ قويمىدى. ئەكسىچە ئىككىلا ئائىلىدىكىلەرگە"ئەتىكى قۇيرۇقتىن بۈگۈنكى ئۆپكە ياخشى" كۆرۈنگەچكە، ئاخىرى ھىمىت قارىي بىلەن گۈلجەمىلەم ئوقۇشنى تاشلاپلا 125 يۈئەن مائاش بىلەن ئاشلىق- ماي زاۋۇتىغا ئىشچىلىققا ئورۇنلاشتى. زاۋۇتتا ئاساسەن ياشلار كۆپرەك بولغاچقا، كۈلكە- چاخچاق بىلەن جاپالىق ئىشلارمۇ بىلىنمەي ئۆتمەكتە ئىدى.
ئەمدىلا ئىشقا چۈشۈپ ئىككىنچى ئايلىق مائاشىنى ئالغان كۈنى كېچىدە، بىر توپ كىشىلەر پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىنمۇ يەنە ماي زاۋۇتىدا ۋاقىتلىق ئىشچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان دادىسىنىڭ قانغا مىلەنگەن جەسىتىنى كۆتىرىپ كىرگەندە گۈلجەمىلەم قورققىنىدىن لاغىلداپ تىترەپ كەتكەن. سېخ مۇدىرىنىڭ ئېيتىشىچە گۈلجەمىلەمنىڭ دادىسى ماي چىقىرىش سېخىدىكى ماشىنىلارغا چىگىت يەتكۈزۈپ بېرىدىغان ئۈسكۈنىگە پۇتى كىرىپ كەتكەنلىگى ئۈچۈن قان بەك جىق ئېقىپ كېتىپ قازا قىلغانمىش. ئەتىسى ناھىيەدىن ۋە زاۋۇتتىن بىرمۇنچە كىشىلەر كېلىپ گۈلجەمىلەمنىڭ ئانىسىغا بىر باغلام پۇل، بىر نەچچە خالتا گۈرۈچ ، بىر قوي قاتارلىق نەرسىلەرنى تۇتقۇزدى ۋە بىر تۇتام جەدۋەللەرگە قول قويدۇرغاندىن كېيىن چىقىپ كېتىشتى. ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىمۇ شۇ بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق نەرسىدىن بەھرىمەن بولالمىدى. كېيىن گۈلجەمىلەم مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا ئەرز قىلغانمۇ بولدى، ئەمما يىغا- زار ئىچىدە تۈزۈك ئوقۇمايلا قول قويغان نەرسىلىرى ئاخىرىدا ئۆزىگە دۈشمەن چىقتى. يىغلاپ-قاقشاپ  يۈرۈپ بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كەتتى. كېيىنكى يىلى يازدا بولغان بىر ئىش گۈلجەمىلەمنىڭ ھىمىت قارىي بىلەن توي قىلىش ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇردى.
   ئۇ كۈنى گۈلجەمىلەم كېچىلىك ئىسمىنادا ئىشلىگەن بولۇپ، گۇرۇپپىسىدىكى بىر نەچچە قىز بىلەن بىرەر سائەتلەرگە يەتكۈدەك چىگىتنى بەلگىلەنگەن جايغا توشۇپ بولۇپ، زاۋۇتنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى ئېگىز چىگىت دۆۋىسىدە يېتىپ ئارام ئېلىۋاتاتتى. چىگىت مەيدانىغا ئورنىتىلغان چوڭ چىراق ۋە ئاسماندىكى تولۇن ئاينىڭ نۇرىدا ئەتراپ خۇددى كۈندۈزدەك يورۇق ئىدى. قانداق بولدى قىزلار بىر- بىرلەپ كېتىپ گۈلجەمىلەم يالغۇزلا ئۇخلاپ قاپتۇ. بىر چاغدا يۈزلىرىگە سانچىلىۋاتقان يىرىك ساقالدىن چۆچۈپ كۆزىنى ئاچقاندا نامەلۇم بىرسى ئۈستىگە چىقىۋېلىپ ھەدەپ سۆيۈۋاتاتتى. ئورنىدىن تۇرماقچى بولۇۋىدى، چىگىتكە پېتىپ كەتكەچكە تۇرالمىدى.
__ۋارقىرايمەن جۇمۇ، كىم سەن؟
  -ئۈش، گۈلجەمىلەم، مەن. ۋارقىرىمىغىن، جېنىم.
خىقىراپ چىققان بۇ ئاۋاز ئىگىسىنىڭ ساۋاقدىشى ھىمىت قارىي ئىكەنلىكىنى بىلگەن گۈلجەمىلەم سەل ئېسىگە كەلدى.
-نىمانداق قىلىسىەن ھىمىت قارىي؟ چۈشە ئۈستۈمدىن.
-ئۇنداق قىلما، جېنىم ، بەك بولمىسا توي قىلساق بولىدىغۇ؟
-نىمە؟ تېخى مېنى مۇشۇنداق  نومۇسقا قويۇپ ئاندىن توي قىلامسە؟ مەن بىلەن توي قىلغۇڭ بولسا چىرايلىق دەيدىغان ئاغزىڭ باردۇ؟
  -سەن ئۇنداق دېگەن بىلەن ئۆيدىكىلەر سەن بلەن توي قىلىشىمغا قوشۇلمىسا شۇ. قانداق قىلىمەن ئەمىسە.
  -قوشۇلمىسا باشقا بىرسى بىلەن توي قىل.
گۈلجەمىلەم ئاغزىدا شۇنداق دېگەن بىلەن ھىمىت قارىيدىن مۇشۇ گەپنى كۈتكىلى نەۋاخ.
  -ئۇنداق دېمە گۈلجەمىلەم، مېنى قىينىما. مېنىڭ سېنى ئالغۇم بار.
  ھىمىت قارىي يالۋۇرغىنىچە بىر قولىدا ھەدەپ گۈلجەمىلەمنىڭ ئىشتان بېغى بىلەن ھەپىلىشىۋاتاتتى.  ئۆزى يوشۇرۇن ياخشى كۆرۈپ كېلىۋاتقان يىگىتنىڭ ئەسەبىيلەرچە قۇچاقلاپ سۆيۈشىگە بەرداشلىق بېرەلمىگەن گۈلجەمىلەم ئەمدى سەل ئېرىشكە باشلىدى.
-ئەمىسە بىر شەرت، ئۆيدىكىلىرىڭنىڭ نىمە دىيىشىدىن قەتئىي نەزەر چوقۇم مەن بىلەن توي قىلىشقا ۋەدە بېرەلەمسەن؟
-ۋەدە بېرىمەن، چوقۇم سېنى ئالىمەن جەمىلەم....
   شۇنداق قىلىپ ئاشۇ ئايدىڭ كېچىسى ھىمىت قارىينىڭ تۈگىمەس ۋەدىلىرىگە ئىشەنگەن گۈلجەمىلەم ئۆزى خالاپ تۇرۇپ قىزلىق دەۋرى بىلەن خوشلاشتى...
-نىمە؟ ساڭا ئادەم چىقماي ئاشۇ جىمىلەكنى ئېلىپ بېرىمەنما؟ ئۇخلاپ چۈشۈڭ!
-ئانا، ماقۇل دىسەڭچۇ؟ قىز بالا چىرايلىق بولمىسا نىمە بوپتۇ؟ بەك چىرايلىق خوتۇنمۇ ئادەمگە دۈشمەن دەييتتىغۇ دادام.
ــ يا بىر قىز بالىدەك ئىسكەتى يوق، ئەركىشىدەك تەتۈر ئۇستىخان ئاشۇ جىمىلەكنىڭ نەرى يارايدۇ ساڭا؟ ئەينەككە بىر قاراپ باقە؟ كۆزۈڭگە ئىشتان كىيىۋالمىغان بولساڭ گېپىمنىڭ مەنىسىنى بىلىسەن!
گۈلجەمىلەمنىڭ كۈندە سۈيلەۋېرىشى نەتىجىسىدە ئاخىرى ھىمىت قارىي ئانىسىغا بۇ گەپنى دېگەن ئىدى. گەپ قىلغانغا تويغۇزىۋەتتى.
دېمىسىمۇ گۈلجەمىلەمنىڭ ھېچبىر چىرايلىق دېگىدەك يېرى يوق. بۇغداي ئۆڭ يوغان تۆت چاسا يۈز، ياغلىقىدىن چىقىپ قالغان گويا ئەرلەرنىڭكىدەك يوغان قۇلاق، پاقىنىڭكىدەك كىرپىكسىز گازىر كۆز، قاملاشمىغانلا يوغان بۇرۇن، بىرسى قەستەن تېشىغا ئۆرۈۋەتكەندەك كۆرۈنىدىغان دورداي كالپۇكلىرىنى ئەينەكتە ھەر بىر كۆرگەندە گۈلجەمىلەمنىڭ ئىچى ئاچچىق بولاتتى. چىرايىنىڭ مۇشۇنداقلىقىغا باقماي، تېخىمۇ يامىنى ئىككى – ئۈچ كۈندە بىر قېتىم يۇيۇپ –تاراپ تۇرسىمۇ ھېچبىر ئۆسمەيدىغان جانسىز، شالاڭ چاچلىرى ئىدى. بەدىنىنىڭ قاملاشمىغىنىچۇ تېخى. ئەمدى 18گە  كىرە كىرمەي 80 كىلوگىراملىق كېلەڭسىز ئۇستىخان، بىر مېتىر 50 سانتىمېتىرلىق پاكار بوي. خۇددى پىلنىڭ پۇتىدەك توم پاچاقلىرىدىن نە بىر قىزلىق نازاكەت، نە بىر 18 ياشلىق قىزلاردا بولىدىغان سېھىر بولسۇن؟
   ھىمىت قارىينىڭ ئانىسى گۈلجەمىلەمنى بولۇشىغا سەتلەپ ئوغلىنىڭ رايىنى ياندۇرماقچى بولغان بولسىمۇ ھىمىت قارىي پەقەتلا ئۇنىمىدى.ئاخىرى ئانىسىغا گەپ يىگۈزەلمىگەندىن كېيىن، بوش ئاۋازدا: ئانا، مەن ، گۈلجەمىلەم بىلەن... دەپ توختاپ قالدى. ئوغلىنىڭ دۇدۇقلاپ تۇرۇپ قىلغان يېرىم ياتا گەپلىرىدىن ھەممىنى چۈشەنگەن ئانا يۈزلىرىنى كاچاتلاپ، ئاللا-توۋا سېلىشقا باشلىدى.
-ۋاي ئېسىت ئەقلىڭگە، ھۇ ئېشەك ئىمىپ چوڭ بولغان كىسپۇرۇچ. نەرىڭ بىر ئوغۇل بالا سېنىڭ. قىزلاردىمۇ يوق قاش- كۆز، ئېغىز – بۇرۇنلىرىڭغا پوق كىرىپ كەتكەن ئوخشايدۇ . نىمىشقا شۇ پوقنى يىگەنسەن، ھۇ ئەقىلسىز.....
   ئانا قانچە يىغلىسىمۇ بولىدىغان ئىش بوپ بولغاچقا، ئاخىرى يەنە ئاتتىن چۈشسىمۇ ئۈزەڭگىدىن چۈشكۈسى كەلمىدى.
-ئەمىسىچۇ، چىقىپ دە، ئاۋۇ جىمىلەككە. ساڭا تېگىدىغان خىيالى بولسا مېنىڭ ئۇنىڭدەك ئادەم سەتىگە تويلۇق ئالىدىغان بىكار پۇلۇم يوق. سەندەك قۇرغۇيدەك يىگىتكە تېگىۋالغانغا خوش بولۇپ تەگسە تەگسۇن، بولمىسا ئورنىغا ئادەم بار.
شۇنداق قىلىپ ھىمىت قارىي بىلەن گۈلجەمىلەم ئىككىسىنىڭ تويى ھېچقانداق ھەشەم- دەرەمسىز، جىمجىتلا ئۆتكۈزۈلدى. خەخلەردىن نومۇس قىلىپ ناھىيەدىكى يېڭى توي قىلغان ساۋاقدىشىنىڭ تويلۇق كىيىملىرىنى سورۇندىن ئۆتكۈزىۋالغىلى ئارىيەتكە ئېلىپ كەلگەن گۈلجەمىلەم تويدىن كېيىن مائاشلىرىنى يىغىپ قەرز قىلىپ ئالغان بىر – ئىككى قۇر كىيىم بىلەنلا قالدى. ھىمىت قارىينىڭ ئانىسى دىگىنىنى قىلىپ پەقەت گۈرۈچ- ياغ، گۆشنىلا ئالدى. قالغان چىقىمنى ھىمىت قارىي بىلەن گۈلجەمىلەم خىزمەتداشلىرىدىن قەرز ئېلىپ يۈرۈپ قىلدى. شۇ كۈندىن باشلاپ گۈلجەمىلەمنىڭ ئەزان قىچقىرىپ قويغان ئىسمى قېيىنئانىسىنىڭ ئاغزىدا گۈلجەمىلەمدىن "جىمىلەك"كە ئۆزگەردى.
   تويدىن كېيىن گەرچە چوڭلار بىلەن باشقا ئۆيدە ئولتۇرغان بولسىمۇ، ھىمىت قارىينىڭ ئانىسى ئۇچرىغانلا ئادەمگە: "<ھاشاراتنىڭ ئەسكىسى چۈمۈلە، ئادەمنىڭ ئەسكىسى جىمىلە> دەپتىكەن، بىچارە ئوغلۇم ئاشۇ ئالۋاستىنىڭ ئىسسىتىۋېلىشى بىلەن ئېزىپ كەتكەن گەپ"، دەپ ھەممە يەردە ھېكايە قىلىپ يۈردى. بەك چىرايلىق دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ قاش- كۆزلىرى خېلىلا قاملاشقان، بوي- بەستىمۇ كېلىشكەن ھىمىت قارىي بەزىدە خوتۇنىنىڭ بىرەر چىرايلىق يېرىنى تاپماقچى بولغاندەك تىكىلىپ قاراپ كېتىدۇ. گەرچە ئايالىنىڭ چىرايى ئۆزىگە يەتمىسىمۇ ، ئانىسىنىڭ تىل- دەشناملىرىنى ئاڭلاپ يۈرۈپ گۈلجەمىلەمدىن ئىككى بالىلىق بولدى. گۈلجەمىلەم كىچىك قىزىنى تۇغۇپ 3 ئاي بولغاندا قېيىنئاتىسى تۈگەپ كەتتى. قېيىنئانىسىمۇ ناھىيەدىكى چوڭ ئوغلىنىڭ قېشىغا كېتىپ گۈلجەمىلەمنىڭ قۇلىقىنى تىنجىتتى.
   كېيىنكى يىلى زاۋۇتنىڭ تۈزۈلمىسىدە ئۆزگىرىش بولۇپ، زاۋۇتنى ئىچكىرىدىن كەلگەن بىر خوجايىنغا سېتىۋەتتى. يېڭى خوجايىن ئوقۇش تارىخى يوق، ئاتا- ئانىسىنىڭ ئورنىغا ئورۇنلاشقان دىگەندەك يوللار بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقان 40 نەچچە ئادەمنى ئىش ئورنىدىن قالدۇرۇشقا ئېلان قىلدى. چۈنكى بۇرۇنقى ئادەم كۈچى بىلەن قىلىدىغان نۇرغۇن ئىشلار ماشىنىلاشقان، 4-5 ئادەم قىلغان ئىشنى ھازىر بىر ئادەم بىمالال قىلىپ كېتەلەيدۇ. ھەم يېڭى ماشىنا- ئۈسكۈنىلەرنىڭ ھەممىسى يۇقىرى تېخنىكا تەلەپ قىلىدىغان بولغاچقا ھىمىت قارىي، گۈلجەمىلەمدەك تولۇق ئوتتۇرا مەدىنىيەت سەۋىيىسىگىمۇ تولۇق ئىگە ئەمەس ئىشچىلارنىڭ كۈنى نمە بولماقچى؟ ئىشچىلار بىلەن قايتا- قايتا مۇرەسسە قىلىش ئارقىلىق ئىش ئورنىدىن قالدۇرۇلىدىغان ئىشچىلارنىڭ بىر يىللىق خىزمەت سىتاژ ى ئۈچۈن ئىككى مىڭ يۈئەندىن پۇل بېرىدىغان، شەھەر نوپۇستىكىلەرنى شەھەرنىڭ، يېزا نوپۇستىكىلەرنى يېزىنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ قويىدىغان بولۇپ، 43 نەپەر ئىشچى ئىش ئورنىنى بىكارلىدى. ھىمىت قارىي ئەر- ئايال ھەر بىرى 11 يىلدىن جەمى 22 يىللىق سىتاژ پۇلى ئۈچۈن 44 مىڭ يۈئەن، ئولتۇراق ئۆي فوندىدىن قايتقان پۇل بىلەن جەمىي 60 مىڭ يۈئەن پۇل ئالدى. ئۆمرىدە بۇنچىلىك پۇلنى كۆرۈپمۇ باقمىغان ئىشچىلارنىڭ بەزىلىرى سىرتتىن ئۆي ئېلىپلا ئاشقىنىغا ئۇششاق تىجارەت قىلدى. لېكىن ھىمىت قارىي ئىككىسىنىڭ پىلانى باشقىچە ئىدى.
-ناھىيەگە كېتەيلى، نوپۇسىمىزمۇ شەھەر نوپۇسىدا بولغاندىكىن، تىجارەتنىمۇ ئادەم جىق يەردە قىلساق ياخشىراق بولىدۇ.
   ھىمىت قارىينىڭ گېپى گەرچە ئورۇنلۇق بولسىمۇ، ئاران قۇتۇلغان قېيىنئانىسىنىڭ كۆزىدە ئولتۇرۇشنى توغرا تاپمىغان گۈلجەمىلەم ئۇنىمىدى. ئاخىرى ھىمىت قارىينىڭ قايتا- قايتا دەۋېرىشىدىن بىزار بولغان گۈلجەمىلەم ماقۇل دەپ ناھىيە بازىرىغا كۆچۈپ بېرىپ قولىدىكى پۇلنىڭ ئازراق بىر قىسمىغا بازارنىڭ ئاۋات يېرىدىن كىچىك بىر بوتكا دۇكان ئېچىۋالدى. گۈلجەمىلەم ئۆي ئالايلى دەپ تۇرۋالغان بولسىمۇ، ھىمىت قارىي ئۇنىماي، ئاخىرى ھۆكۈمەتتىن تۆۋەن تۇرمۇش ئاھالىلىرىگە بېرىدىغان قولاي ئۆيلەرگە  ئېرىشتى. ھىمىت قارىي شۇ ئۆيگە چىقىپ كېيىنكى ئايدا مەھەللە كومتىتىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن بىر شىركەتنىڭ ئامانلىق ساقلاش خادىملىقغا ئورۇنلاشتى. مەھەللە كومتىتتىن بېرىدىغان سەككىز يۈز نەچچە يۈئەن پۇل، ھىمىت قارىي ئالىدىغان 1500 يۈئەن مائاش، گۈلجەمىلەمنىڭ دۇكاندىن قىلغان سودىسى بىلەن قوشۇلۇپ، ھىمىت قارىينىڭ بانكىدىكى پۇلى زاۋۇتتىن ئالغان پۇلدىنمۇ ئېشىپ كەتتى. تۇرمۇشى ئەمدىلا رەتكە چۈشۈپ، خاتىرجەم بولغاندا كۆز تەگكەندەكلا ، ئەتىگەن ئىشقا ساق چىقىپ كەتكەن ھىمىت قارىينىڭ چۈش بولماي تۇرۇپ جەسىتىنى ئەكىرىپ بەردى. ھىمىت قارىينىڭ ئانىسى بىلەن سىڭىللىرىنىڭ قايتا- قايتا تەلىپى بىلەن قانۇن دوختۇرلىرى تەكشۈرۈپ، يوشۇرۇن يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى كېسىلى تۇيۇقسىز  قوزغىلىپ ئۆلۈپ كەتكەن، دەپ يەكۈن چىقاردى. شۇنداقتىمۇ قېيىن ئانىسى :<مۇشۇ جىمىلەك ئوغلۇمنى يۈرەك كېسىلى قىلىپ ئۆلتۈرۋەتتى> دەپ قېيىن سىڭىللىرىنى كۈشكۈرتۈپ گۈلجەمىلەمنىڭ ياقىسىغا ئېسىلغىلى تۇرغاندا مەھەللە كومتىتتىكىلەر ئاجرىتىپ يۈرۈپ مۇرەسسە قىلىپ ئاران دېگەندە توختىدى.ھەر نىمە بولسا شۇلار ئىگە بولمىغان بولسا گۈلجەمىلەم ئۇ خوتۇننىڭ قولىدا نىمە كۈنلەرنى كۆرەتتىكىن تاڭ.
   ئىككى بالىنىڭ يۈزىدىنمۇ  ياكى ھۆكۈمەتتىن سەل قورقتىمۇ، ئىشقىلىپ ھىمىت قارىينىڭ ئانىسى شىركەتتىن بەرگەن دەپنە پۇلى ۋە باشقا پۇللارنىڭ گېپىنى قىلمىدى. ئون تۆت يىللىق قەدىيناس ئېرىدىن ئايرىلىپ قالغان بىلەن گۈلجەمىلەم بانكىدىكى ئىككى يۈز مىڭ كويدىن ئارتۇق پۇلنىڭ ئىگىسى بولۇپ قالدى. كۈنلەر ئايلارنى، ئايلار يىللارنى قوغلاپ بىردەمدە ھىمىت قارىيغىمۇ ئۈچ يىل بولاي دېدى. ئوغلى ھەسەنجان تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ چىقتى. بالىنىڭ ئوقۇشى بۇرۇندىن ياخشى بولمىغاچقا ئۆرلەپ ئوقۇشنى خالىمىدى. شۇنىڭ بىلەن دادىسى ئىشلىگەن شىركەتكە دادىسىغا ئىزباسار بولۇپ ئامانلىق خادىمى بولدى. ھازىر شىركەتنىڭ تەمىناتى ياخشى بولۇپ، تاماق، ياتاق ھەقسىز بولغاچقىمۇ ھەسەنجان ئىككى- ئۈچ ھەپتىدە ئاران ئۆيگە كېلىدىغان بولدى. قىزى نۇربىيە بۇ يىل تولۇقسىز ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. گۈلجەمىلەم ھەرقانچە جاپا تارتسىمۇ ئۇنى ئۇقۇتۇشنى ئويلايتتى. نەق شۇ  كۈنلەردە ياخشى ئوقۇغان نۇربىيە ۋىلايەت مەركىزىدىكى نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ كەتتى. گۈلجەمىلەم ئەمدى بىنا ئۆينىڭ 4- قەۋىتىدىكى چىرايلىق ئۆيىدە تەنھا قالدى. ئۇنىڭ يالغۇز تۇرغان كۈنلىرى ئۇزارغانسېرى قەلبىدە قانداقتۇر بىر كىملەرنى سېغىنىدىغان، سەۋەبى ئېنىق بولمىغان  بىر خىل ئىچ پۇشۇقى كۆپىيىشكە باشلىدى. بەزىدە ئەتىگىنى دۇكانغا بېرىشمۇ خوشياقمايدۇ. بۇ يىل روزى ھېيتنىڭ ئالدىدا بۇرۇنقى كىچىك دۇكىنىنى سېتىپ يېڭى سېلىنغان چوڭ سودا سارىيىدىن كىيىم- كېچەك دۇكىنى ئېچىۋالغان بولۇپ، تېخى ئاتا-ئانىسىدىن يېتىم قېلىپ، ناھىيە بازىرىغا تېنەپ كېلىپ قالغان ئارزۇگۈل ئىسىملىك چىرايلىققىنە بىر قىزنى مال ساتقۇچىلىققا ئېلىپمۇ ئۈلگۈردى.
   گۈلجەمىلەم ئۆزىدە يۈز بېرىۋاتقان بۇ غەيرى ئۆزگىرىشلەردىن ئۆزىمۇ ھەيران ئىدى. ماڭا نىمە كەم؟ دەپ ئويلايتتى ئۇ، ئاخشىمى ئارزۇگۈل ھوجرىسىغا ئۇخلىغىلى چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئېسىل تۈشەكتە يالغۇز غېرىپسىنىپ يېتىپ. بانكىدا پۇلۇم بار، چىرايلىق ئۆيۈم بار، ئېسىل دۇكىنىم بار. نىمىشقا كۈندىن كۈنگە غېرىپسىنىدىغاندىمەن؟
   ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ ئۇ ئاخىرى ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىدىكى كەم نەرسىنىڭ ماددى نەرسە ئەمەس بەلكى مەنىۋىيىتىگە مەلھەم بولىدىغان، ئاخشاملىرى ھەمراھ بولىدىغان بىر ئەر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى. ھېس قىلدىيۇ، ئىككى بالام بىلەن ئەمدى توي قىلسام قانداقراق بىرسى چىقار ماڭا؟ قىزىمغۇ تېخى كىچىك، ھەسەنجان بالام نېمە دەر؟ دىگەن خىيال بىلەن نەچچە ھەپتىلەرنى ئۆتكۈزدى.
   قۇربان ھېيتقا ئاز قالغانسېرى كىيىم- كېچەك بازىرى ئاجايىپ قىزىپ كەتتى. گۈلجەمىلەم ۋىلايەت مەركىزىگە ھەپتىدە بىر- ئىككى قېتىم مالغا بارىدىغان بولدى. بىر كۈنى ئەتىگەندە يەنە مال ئېلىش ئۈچۈن شەھەرگە ماڭغان گۈلجەمىلەم كەينىدىكى ئورۇندۇقتا بىرسىنىڭ تونۇش ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئىتتىك قارىدى. دەرۋەقە بۇرۇن يېزىدىكى ئاشلىق- ماي زاۋۇتىدا بىللە ئىشلەپ بىللە ئىشتىن قالدۇرۇلغان، كېيىن تىجارەت قىلىمەن دەپ ئۈرۈمچىگە چىقىپ كەتكەن دوستى ئەلا قىز بىرسى بىلەن تېلفۇندا پاراڭلىشىۋاتاتتى.
-ۋاي قاچان كەلدىڭ ئەلا قىز؟
ئەلاقىز تېلفۇننى قويغاندىن كېيىن سورىدى،- گۈلجەمىلەم ھەيران بولۇپ.
-ۋاي بۇ سەنمىتىڭ ئاداش، قانداق ئەھۋالىڭ؟
ئىككى دوست شۇ تەرىقىدە قىزغىن كۆرۈشۈپ كەتتى. ئەلا قىزنىڭمۇ ئاتا-ئانىسى بۇرۇنلا تۈگەپ كەتكەن يالغۇز قىز بولۇپ، ئۆز ۋاقتىدا تۇغماسلىقى سەۋەپلىك ئىككى ئەردىن چىققان ئوچۇق-يورۇق، شوخ بۇ چوكاننى ، ھەرقانداق بىر ئادەم بىلەن بىردەمدە چىقىشىپ ، ئىچقويۇن- تاشقويۇن بولۇپ كېتىدىغان مىجەزىگە يارىشا ھەممە ئادەم"ئەلا شەيتان" دەپ ئاتايتتى.
   ئۇنىڭ دەپ بېرىشىچە زاۋۇتتىن چىققان مۇشۇ نەچچە يىلدا يەنە ئىككى قېتىم توي قىلغانلىقىنى، بىراق ھەممىسىلا تۇغماس دەپ قويۇپ بەرگەنلىكىنى سۆزلەپ كۈلۈپ كەتتى.
-ئاداش، ھېلىمۇ تۆتكە تېگىپ بوپسەن، ئاستا ئەر دېگەننى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، تىجارىتىڭنى قىلىپ يۈرەسەن ئەمدى ؟
-ۋاي نىمە دەيدىغانسەن ئادىشىم، مەن ئۆزەمچە خەخكە تېگەي دەپ بارمايمەن. ئۆزلىرى خالاپ كېلىشىدۇ. ئەلۋەتتە مەنمۇ بىكارغا تەگمەيمەن. كونىلارمۇ :"ئورنۇڭ ئىسسىمىسا ئونغا تەگ، چولاڭ تەگسە كۈندە تەگ" دەپتىكەن ئاداش، قانۇندا چەكلەنمىگەندىكىن توختىماي تېگىۋاتىمەنغۇ.
ئەلاقىزنىڭ تومۇچۇقتەك چاڭىلداپ دېگەن گەپلىرىدىن ئاپتوبۇستىكى ھەممەيلەن كۈلۈشۈپ كەتتى. ئەلاقىز تۇغمىغاچقا شۇنداقمۇ، قىرىق ياشنىڭ قارىسىنى ئېلىپ قالغان بولسىمۇ چىراي تۇرقىدىن تېخى ئوتتۇزلارغىمۇ كىرمىگەندەك كۆرۈنەتتى. گۈلجەمىلەمنىڭ ئەكسىچە ئورۇق، ۋىجىك، بەدىنى قاملاشقان ئىدى.
-ئاڭلىسام ھىمىت قارىي تۈگەپ كەتكىلىمۇ خېلى بوپتۇ ئاداش، سېنىمۇ ئەرگە بېرىدىغان ۋاقىت كەپ قالغاندۇ.
-نىمە دەيدىغانسەن ئاداش، ماڭا ئەر نەدە تۇرۇپتۇ، ئىككى بالامنى باقامەن ئەمدى.
-ۋاي نىمە دەيسە خېنىم، سەن مەندىن 3- 4 ياش كىچىك جۇما تېخى، جىڭمومىدەك تۇرغىنىڭ بىلەن. مەن جېنىمدا بەشىنچى ئېرىمگە تەگكىلى ماڭدىم ھازىر.
-ھە؟ خۇدايىم توۋا دە ئەلا، نىمانداق قىزىق گەپ قىلىسەن دەيمەن؟
-قىزىق گەپ ئەمەس ئاداش، بۇ ئەمەلىيەت. راست، ئۆگۈنلۈككە مېنىڭ تويۇم بولىدۇ.
-كىم بىلەن؟
-شەھەرگە بارغاندا كۆرسىتىپ قويىمەن. ساڭا ئوخشاش دۇكان ئاچىدۇ.
-ھە، مۇنداق دە. بالىلىرى بار ئادەممۇ يا ئاداش؟
-نەدىكى گەپنى قىلىدىكەنسە خېنىم، مەن ساراڭ بوپ قاممىدىم خەخنىڭ يىتىم ئوغلاقلىرىنى باقىدىغانغا. تېخى توي قىلمىغان يىگىت ئۇ.
-نىمە دېدىڭ؟ توي قىلمىغان يىگىت دىدىڭما؟ چاقچاق قىلمايۋاتقانسە؟
-ۋاي راست، ئاداش، ئۆزى كەينىمگە كىرىپلىۋالدى، سىزنى ئالمىسام ئۆلىمەن دەپ. شۇڭا بىكاردىن بىكار بىرسىنىڭ ياش جېنىغا زامىن بولۇپ قاتىل بوپ قالماي دەپ، تەگسەم تېگەي دېدىم شۇ.
ئەلاقىزنىڭ چاقچاققىمۇ، راست گەپكىمۇ ئوخشايدىغان گەپلىرىنى ئويلاپ خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپ شەھەرگە قانداق كېلىپ قالغىنىنىمۇ سەزمەي قالغان گۈلجەمىلەم، ماشىنا بېكەتكە كىرىپ توختىغاندا ئەلا قىزغا دېدى:
-ئاداش، مەن ماللىرىمنى ئېلىپ ماڭدۇرۋېتەي، كەچتە كۆرۈشەمدۇق؟

ئەلا قىز بىرسى بىلەن تېلفوندا پاراڭلاشقاچ گۈلجەمىلەمگە"ياق" دىگەن ئىشارىدە قولىنى سىلكىدى ۋە تېلفوننى قويۇپلا:

__ياق، ئاداش، سېنى ئاران تاپتىم مەن، تويۇمدا سەن ماڭا ئىگە بولۇپ تۇرۇپ بەرمىسەڭ بولمايدۇ. ماڭە خېنىم، مېلىڭنى بىللە ئېلىپ يولغا سېلىۋېتىپ، كەچتە دوستۇمنىڭ ئۆيىگە بىللە چىقىپ كېتىمىز.

شۇنداق قىلىپ ئەلا قىز گۈلجەمىلەم بىلەن بىللە توپ تارقىتىش بازارلىرىدا يۈگرەپ يۈرۈپ مال ئېلىپ ، يولغا سېلىپ دېگەندەك شام ۋاقتى بىلەن بىكار بولدى.

__ئاداش، قورسىقىم بەك ئېچىپ كەتتى، تاماق يەۋالامدۇق؟

__بىكار پۇلۇڭ باما تاماق يەيدىغان؟ ئابدۇسالام بىزنى مېھمان قىلىمەن دەپ، سورۇن تۈزگىلى نەۋاخ. يۈرە ئاداش، تاماقنى شۇ يەردە يەيمىز.

ئەلا قىز گۈلجەمىلەمنىڭ: قىزىمنىڭ مەكتىپىگە چىقىپ كىرەي، دىگىنىگىمۇ ئۇنىماي، ئەتە چىقىمىز، دەپ تاكسى بىلەن شەھەرنىڭ چېتىدىكى بىر رېستۇرانغا ئېلىپ كەلدى. رېستۇران ئىشىكىدە تۇرغان ئېگىز بوي، قاملاشقان چىرايىغا ئەن سېلىپ قويغاندەك ئوڭ يۈزىدە سوزۇنچاق تاتۇقى بار بىرسى ئەلا قىزنى كۆرۈپلا ئالدىغا كەلدى.

__ھەجەپ تەستە كەلدىلە خېنىم، خۇددى ھەرەمدىن كەلگەندەك.

__ما دوستۇمنىڭ ئىشلىرىنى تۈگىتىپ كەلدۇق غوجام، قېنى ئۇ ئابدۇسالامجان؟

__بىرسى بىلەن تېلفۇندا سودا توغرىلىق پاراڭلىشىۋاتىدۇ، شۇڭا ئالدىلىرىغا مەن چىقتىم.

گۈلجەمىلەم بىلەن ئەلا قىز ئىككىسى ئاۋال رېستۇراننىڭ ھاجەتخانىسىغا كىرىپ ئۆزلىرىنى بىر قۇر تۈزەشتۈرۋالغاندىن كېيىن ئايرىمخانىغا كىردى. ئۇلارنىڭ كىرىشىگە سورۇندىكىلەر دۈررىدە ئورنىدىن تۇرۇشۇپ كەتتى. سورۇندا ئىككى ئايال، تۆت ئەر ئولتۇرغان بولۇپ، كۈتكۈچىلەر ھايال ئۆتمەي ئىككىسىنىڭ ئالدىغا تاماق دېگەننى دۆۋىلىۋەتتى، بىردەم يەپ- ئىچكەندىن كېيىن، يىگىتلەر بوتۇلكىلارنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ ئىشنى باشلىغاچ مېھمانلارنى ئۆزئارا تونۇشتۇردى. خۇدايىم توۋا، ئاۋۇ غەلىتە ئىسىملىك قىزلار ھاراق دېگەننى سۇدەكلا ئىچىدىكەنغۇ؟ بۇ قىزلارنىڭ ئېرى، ئاتا- ئانىسى يوقمىدۇ؟ گۈلجەمىلەمنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرۇپ ئەلا قىزمۇ «خوڭفاڭ» دىن ئىككى رومكا ئىچتى. گۈلجەمىلەم :«مەن ئىچىپ باقمىغان»، دېۋىدى زورلاشمىدى.

سورۇننىڭ تۆرىدە ئولتۇرغان بۈدۈر چاچ، يوغان كۆز، يىگىرمە ئالتە، يىگىرمە يەتتە ياشلاردىكى بۇغداي ئۆڭلۈك يىگىتنى ئابدۇسالام، دەپ تونۇشتۇرغاندا، ئەلا قىز گۈلجەمىلەمنىڭ بېقىنىنى چىمداپ قويدى. "ھە، ئەلاقىزنىڭ يىگىتى شۇكەندە،" دېدى ئىچىدە گۈلجەمىلەم. ئابدۇسالامنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ئاق پىشماق، سارغۇچ بۈدرە چاچلىق، قاپقارا قويۇق قاشلىرى بىر- بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن ئابدۇسالام بىلەن تەڭتۈش يىگىتنى "سۇلايمان"دەپ تونۇشتۇردى. ۋاي خۇدا ،ئالتە ئادەمنىڭ قېشى باركەنغۇ بۇ بالىدا، دەپ ئويلىدى گۈلجەمىلەم.

ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىققىنى ئەنۋەر تاتۇق دىيىشتى. ھېلىقى پاكارنىڭ ئىسمى مۇزەپپەر ئىكەن. قىزلارنىڭمۇ رۇفىنە دەمدۇ ئىشقىلىپ بىر-بىرىدىن غەلىتە ئىسىملىرى بار ئىدى.

بىردەم ئىچىشۋازلىق قىلغاندىن كېيىن ئارىدىن گۈلجەمىلەمگە ئوخشاش پاكار، دىقماق مۇزەپپەر ئورنىدىن تۇرۇپ:

__مېھمانلىرىمىزنىڭ ھۆرمىتىگە دوستىمىز سۇلايماننى ئىككى پەدە دۇتتار چېلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلساق قانداق؟ دېۋىدى، ھەممىسى چاۋاك چېلىشىپ كەتتى. ھېلىقى قوشۇما قاش بالا پاكار دوستى سۇنغان دۇتارنى ئېلىپ بىردەم سازلىغاندىن كېيىن، ھەممەيلەنگە تەكشى بىر قارىۋېتىپ مۇڭلۇق بىر پەدىگە چالدى ۋە ئارقىدىنلا مەردانە، سۈزۈك ئاۋازدا ناخشا باشلىدى:


قارا قاشىم بار مېنىڭ،

قوشۇما قاش لازىم ئەمەس.

بىر ئاداشىم بار مېنىڭ،

ئىككى ئاداش لازىم ئەمەس.


دۇتارنىڭ تارىسىدىن چىقىۋاتقان مۇڭلۇق كۈيگە سۇلايماننىڭ ئاجايىپ چىرايلىق ئاۋازى قوشۇلۇپ ،گۈلجەمىلەمنى ئۆزىگە ئوخشىمايدىغانلا بىر ئايالغا ئايلاندۇرۇپ قويدى.

شۇ تەرىقىدە ئېيتىلغان مۇڭلۇق ناخشىلاردىن كېيىن دۇتار پەدىسى شوخ ئۇسۇللۇق كۈيلەرگە سايرىدى:


ئەتلەس كۆينەك يارىشامدۇ كىيگەندە،

يۈرەك-باغرىم گۈپپىدە قىلىدۇ مەن سېنى سۆيگەندە.

شوخ، مەن سېنى سۆيگەندە.....

...........................


ئابدۇسالام بىلەن ئەلاقىز بىر- بىرىگە بېقىشىپ، قوغلىشىپ يۈرۈپ ئۇسۇلنى تۈگەتتى. ئىككىسىنىڭ ئاجايىپ چاققان، نەپىس ھەركەتلىرىنى كۆرگەن باشقىلار دەخلى قىلمايلى دېدىمۇ، ھېچكىم ئۇسۇلغا چۈشمەي ئىككىسىنىڭ ئۇسۇلىنى تاماشا قىلدى.

سورۇن تۈگىگەندىن كېيىن ئابدۇسالام بىلەن سۇلايمان گۈلجەمىلەم بىلەن ئەلاقىزنى تاكسى بىلەن بىر دوستىمىزنىڭ ئۆيىگە بارىمىز دەپ ئېلىپ ماڭدى. تاكسىنىڭ ئارقا ئورۇندۇقىدا بەدەنلىرى بىر-بىرىگە تېگىشىپ دېگۈدەك ئولتۇرغان سۇلايمان ئۇنىڭ كۆزىگە گويا قول يەتمەس شاختىكى قىزىل ئالمىدەك كۆرۈنۈۋاتاتتى.

ئۆي ئىگىسى باياتىن سورۇندىن بالدۇراق قايتقان قىزلارنىڭ بىرسى بولۇپ، ئابدۇسالاملار گۈلجەمىلەم بىلەن ئەلاقىزنى ماشىنىدىن چۈشۈرۈپ قويۇپ قايتىپ كەتتى.

ئەلاقىز ئىككىسىگە ئايرىم ئورۇن سېلىنغان يۇمشاق تۆشەككە ئۆزىنى تاشلاپلا ئۇخلىۋالدى.ئىچى تىتىلداپ ئۇياق-بۇياققا تولا ئۆرۈلۈپ ياتقان گۈلجەمىلەمنىڭ  كۆزىگە ئۇيقۇ كېلەر ئەمەس. كۆزىنى يۇمۇپ بولغىچىلا سۇلايماننىڭ قويۇق قوشۇما قاشلىرى كېلىۋالاتتى، قۇلىقىدا سۇلايماننىڭ ناخشا ئېيتقاندىكى سۈزۈك ئاۋازى جاراڭلايتتى.

شۇ خىياللار بىلەن تاڭغا يېقىن ئارانلا كۆزىنى يۇمغان گۈلجەمىلەم ئەلاقىزنىڭ تۈرتىشىدىن ئويغىنىپ كەتتى.

ــكېچىدىن ئۇخلىماي نېمە ئىش قىلدىڭ خېنىم، قوپە ئەمدى تاڭ ئاتتى. ئەتىگەندە قىزىڭنىڭ قېشىغا چىقساق چىقىپ، مېنىڭ قىلىدىغان سودىلىقلىرىم بار، قىلىشىپ بېرىسەن، تېز بول.

ئۆي ئىگىسىنىڭ تاماققا تۇتىشىغىمۇ قارىماي ئىككىسى ناشتىدىن كېيىن ئالدىراپلا چىقىپ كېتىشتى.

3

ئەلا قىزنىڭ رېستۇراندا قىلغان تويى ئاجايىپ قىزىدى. گۈلجەمىلەم مېھمانلار كەلگۈچە بولغان ئارىلىقتا سۇلايمان بىلەن تولۇق تونۇشۇپ، سىردىشىپمۇ ئۈلگۈردى.

سۇلايماننىڭ دادىسى كىچىكىدىلا ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، ئۆگەي دادىسىنىڭ ئالدىدا قېقىلىپ-سوقۇلۇپ چوڭ بولدى. باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرىشىگىلا ئوقۇشتىن چىقىرىۋالغان سۇلايماننى ئۆگەي دادىسى بىر دوستىنىڭ ئاشخانىسىغا قاچا يۇيۇشقا تۇتۇپ بەردى. ئىككى يىل ئۆتكەندە ئونبەش ياشلارغا كىرىپ خېلىلا بوي تارتىپ قالغان سۇلايمانغا كەچكىچە يۇندىغا چىلىشىپ يۈرىدىغان بۇ ئىشلار ھار كېلىشكە باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن خوجايىننىڭ بىر قېتىم ۋارقىرىشىنى باھانە قىلىپ ئاشخانىغا بارغىلى ئۇنىمىدى. دادىسىدىن قورقۇپ ئۆيگىمۇ بارمىغان سۇلايمان ئۆزىنىڭ قىزىقىشى بويىچە ئۆزىدىن ئوننەچچە ياش چوڭ بىر دۇتتارچى ئادەمنىڭ كەينىدىن يۈرۈپ دۇتتار چېلىشنى ئۈگەندى. ئاخىرى مانا ھازىر توي- تۆكۈن، چوڭ- كىچىك سورۇنلاردا تەمتىرىمەي دۇتتار چېلىپ ناخشا ئېيتقىدەك بولدى. دۇتار چېلىپ تاپقان پارچە- پۇرات پۇللىرى ئۆزىنىڭ خىراجىتىدىن ئاشمايۋاتقان سۇلايمان  مانا يىگىرمە سەككىز  ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، ئۆگەي دادىسى: پۇل تاپىدىغان ئاشخانىدىن قېچىپ چىققاندىكىن، ئەمدى ئۆزى پۇل تېپىپ خوتۇن ئالسۇن، دەپ يېقىن كەلمىدى. ئېرىنىڭ ئالدىدا بىقوۋۇل ئانىنىڭ نەدىمۇ ئوغلىنى ئۆيلىگىدەك پۇلى بولسۇن؟

گۈلجەمىلەم سۇلايماننىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاپ ئۆزىچە بىر خىياللارنى قىلغاچ، خۇددى خىيالىنى سۇلايمان بىلىۋالغاندەك قىزىرىپ كەتتى. تويدىن كېيىن ئىككىسى بىر-بىرىنىڭ تېلىفۇن نومۇرلىرىنى خاتىرلىۋېلىپ خوشلاشتى.

شەھەردىن كەلگەندىن بۇيان گۈلجەمىلەم باشقىچىلا ئادەم بولۇپ قالدى. بازار تازا ئىتتىك بولمىسىمۇ شەھەرگە مالغا بېرىشقا ئالدىرايتتى. دۇكاندا بىرەر كۈن مۇقىم ئولتۇرالماي، ئۆي بىلەن دۇكان ئارىلىقىدا قاتراپلا يۈرەتتى. ئەلا قىزنىڭ تاپىلىغىنى بويىچە ئورۇقلايمەن دەپ ئەتىگىنى ئىككى تال پېرەنىك بىلەن ناشتا قىلسا، چۈشتە بىر ۋاخ تاماق يەپ، كەچتە مېۋە يەپلا ياتىدىغان بولدى. تېخى ئەتىگەندە تۇرۇپ چېنىقىدىغان، كەچتە تاماقتىن كېيىن پۇتى باشتا قورسىقى ئېچىپ ئۇيقۇسى كەلمىدى. بارا-بارا ئەلا قىزنىڭ: « سۇلايماننى قولغا كەلتۈرەي دېسەڭ ئورۇقلا خېنىم» دېگەن گېپىنى ئويلاپ كۆنۈپمۇ قالدى. ئەجرىگە يارىشا ئىككى ئاي ئىچىدە خېلى بەك ئورۇقلىغان گۈلجەمىلەمنىڭ خوشاللىقتىن ئاغزى قۇلىقىغا يەتتى. بالدۇراق مۇشۇنداق قىلمىغىنىغا پۇشايمان قىلدى.

ئارىلىقتا سۇلايمان بىلەن تېلفۇنلىشىپ تۇرغان بولغاچقا ،كېيىنكى قېتىم بارغاندا ئەلا قىز نىڭ قېشىغىمۇ بارماي، ئالدىنقى قېتىم تاماق يېگەن رېستۇراننىڭ ئۈستىدىكى مېھمانخانىدا ئىككىسى ئايرىم كۆرۈشتى. مانا شۇنىڭدىن باشلاپ گۈلجەمىلەمنىڭ بېشىغا بىر پىت چۈشتى. ھەپتىدە ئىككى قېتىم شەھەرنى يوقلايدىغان بولدى. ئارزۇگۈل گۈلجەمىلەمنىڭ پىلانسىزلا ئەكىلىپ تۆكۈۋەتكەن ماللىرىنى دۇكانغا پاتقۇزالماي قالدى.

ئەتە سۇلايماننىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولغاچقا، گۈلجەمىلەم بۈگۈن ئەتىگەندىلا دۇكاننىڭ يېنىدىكى ھۆسىن تۈزەش دۇكىنىدا ساق يېرىم كۈن ئولتۇرۇپ چىقتى.

كەچكىچە بازار ئارىلاپ سۇلايمانغا «مۆتىۋەر» ماركىلىق كاستىيوم- بورۇلكىدىن بىر يۈرۈش، يېڭى نۇسخىلىق خېلىلا چوڭ ئەرەنچە ئالتۇن ئۈزۈكتىن بىرنى ئالدى. يەنە كۆڭلى تىنماي ئاياق، كۆينەكلەرگىچە تەييارلىدى ۋە سوۋغاتلارنى چىرايلىق ئوراپ، تەق قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇھ، دېدى.

ئەتىسى ئەتىگەندە ئارزۇگۈلگە ئىشلارنى تاپىلاپ قويۇپ، ناھىيەدىن شەھەرگە قاتنايدىغان كىچىك ماشىنىدا شەھەرگە ماڭدى. سۇلايمان بىلەن دائىم كۆرۈشىدىغان مېھمانخانىدىن ياتاق ئېلىپ سۇلايمانغا تېلىفۇن قىلدى. تېخى يېرىم سائەتنىڭ ئالدىدا ئوچۇق تۇرغان تېلىفۇن بىردەمدە تاقاق بولۇپ چىقتى.  سۇلايمان بىلەن ئالاقىلىشەلمەي جىلە بولغان گۈلجەمىلەم، دوستىدىن ئەھۋال سوراپ بېقىش ئۈچۈن ئەلا قىزغا تېلفۇن قىلدى:

ــ ئاداش، قانداق ئەھۋالىڭ؟

ــ مىجەزىم يوق ياتقانتىم ئاداش، سەنچۇ؟

ــ مەن شەھەرگە كەلگەن ئاداش، سېنى يوقلاپ كېلەي دېگەن.

ــ رەھمەت، ئاداش، بولدى ئاۋارە بولمىغىنە، قېيىنئانامنىڭ ئاچچىقى بەك يامان خوتۇن، كۆڭلى مېھمان خالىمايدىغان غەلىتە مىجەزى باركەن.

ــ ۋاي سەن ئۆتكەندە ئايرىم ئۆي تۇتتۇم، دەۋاتمامتىڭ؟

ــ ئايرىم ئۆيغۇ تۇتقان ئاداش، بۈگۈن ئون كۈن بولدى، قېيىنئانام بېرىپ ئەكىلىۋالدى.

ــ ھە، ئەمىسە ياخشى ئايالكەنغۇ؟ سىلەرنى ئايرىم ئۆيدە جاپا تارتىپ قالمىسۇن دەپتۇ دە؟

ــ نەدىكىنى ئاداش، ئابدۇسالامنىڭ پو گەپلىرىنى يالغۇز يەردە ئاڭلاپ ھە دەپتىكەنمەن، ئانىسىنىڭ ئالدىدا بىر ئېغىز گەپىنىمۇ ئوڭلاپ قىلالمايدىكەن ئەمەسمۇ؟ سەن ئۆز ۋاقتىدا قېيىنئاناڭنىڭ ئالدىدا كۆرگەن كۈننى ھازىر مەن كۆرۈۋاتىمەن دېگىنە.

ــ ھە، مۇنداق دە، نىمىش قىلىۋاتىسەن ئۇ ئۆيدە؟ چوڭلارغا تاماق ئېتىپ بېرىپ ئولتۇرغانسەن شۇ؟

ــ نېمىسىنى دەيسەن ئاداش، قېيىنئانامنىڭ زاسۈيپەزلىك دۇكىنى باركەن، شۇ دۇكاندا زاسۈي قۇيىۋاتىمەن ئاداش، دۇكاننى رېمنۇت قىلىۋاتقاچقا تۈنۈگۈندىن بېرى ئۆيدە تۇرىۋاتىمەن.

ــ ھە، ۋاي ئاداش، تازا جاپا تارتىپسەندە، ئابدۇسالام دۇكاننى بىللە  ئاچايلى دېمىدىمۇ؟

ــ دېمەي قالامدۇ ئاداش، مەن تولا سۈيلەپ يۈرۈپ، ئاخىرى دېگۈزدۈم: «ئانا، ئەلا قىزنىڭ بېلى بەك ئاغرىپ كېتىپتۇ، مەنمۇ دۇكاندا بەك ئالدىراش، شۇڭا ساڭا باشقا ئادەم تاپايلى، ئىش ھەققىنى مەن بېرەي، ئەلا قىز ماڭا دۇكان ئېچىشىپ بەرسۇن» دېيىشىگە، نېمە دېدى دېمەمسەن؟ «ھۇيت، يىگىت، بەل دېگەن مەندەك توققۇز بالا تۇغقان ئادەمنىڭ ئاغرىيدۇ، تۇغماس خوتۇن دېگەننىڭ بەدىنى بېجىرىم بولمامدۇ؟ زاسۈيخانىنىڭ ئىشلىرىنى قىلىشىپ بېرىدۇ دېمىسەم، ئۆزەڭدىن چوڭ تۇغماس خوتۇننى ئالىمەن دېسەڭ ماقۇل دەمتىم، تولا ماڭا ئۇستاتلىق قىلماي، دەپ قوي خوتۇنۇڭغا، خام خىيالنى ئاز قىلىپ، ئىشىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقسۇن» دەۋاتىدۇ. ھويلىدا تۇرۇپ بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، ئاسماندىن يەرگە تاشلىۋەتكەندەك بولدۇم. نېمە قىلار ئىدىم، ئۆزەمدىن كىچىك ئادەمەە تېگىپ. تېخى كۆرىدىغان كۈنۈم بار ئوخشايدۇ، بۇ ئۆيدە.

ئەلا قىزنىڭ دەردىنى ئاڭلاپ كۆڭلى بۇزۇلغان گۈلجەمىلەمنىڭ كۆزىدىنمۇ ئىككى تامچە ياش دومىلاپ چۈشتى، تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ ئەينەككە قاراپ سۈرمىسىنى تۈزەۋاتقاندا ئىشىك چېكىلدى. ياتاققا ئۆزى كۈلۈپ بولغىچە كۆزى كۈلۈپ بولىدىغان سۇلايمان ھىجارىغىنىچە كىرىپ كەلدى.

سۇلايمان كەلسە نېمىلەرنى دەۋېتەرمەن دەپ ئويلىغان گۈلجەمىلەم، سۇلايماننى كۆرۈپلا ئاچچىقى يېنىپ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتتى.

ــ كېلىڭ سۇلايمانجان، كېلىڭ. تېلفۇنىڭىز نېمە بولدى بىردەمدە؟ ياتاقنى قانداق تاپتڭىز؟

ــ توكى تۈگەپ قاپتۇ قاراڭ، باياتىن سىزدىن ئاڭلىۋالغاندىكىن ئۇدۇل مۇشۇ يەرگە كېلىۋەردىم، مۇلازىمەتچى قىز مېنى كۆرۈپلا مۇشۇ ياتاققا باشلىدى.

ــ ھە، مەن تېخى سىزنى مېنى كېلىڭ دەپ قويۇپ، ئۆزى قاچقان ئوخشايدۇ دەپ  قاپتىمەن.

ــ خۇدايىم توۋا دەڭا، گۈلجەمىلەم. سىزدىن نېمىشقا قاچىمەن مەن؟

ــ تۇغۇلغان كۈنىڭىزنى بۇرۇنقى مۇھەببەتلىرىڭىز بىلەن ئۆتكۈزگىلى كەتكەن ئوخشايدۇ دەپتىمەن.

ــ نەدىكى مۇھەببەت ئۇ، تەنتەك ۋاقىتلىرىمىز كەتتى ئەمدى. ۋەدە دېگەن ۋەدىدە گۈلجەمىلەم.

ئىككىسى شۇنداق پاراڭلار بىلەن گۈلجەمىلەم ئەكىرگەن كاۋاپ، گۆشنان، مېۋە – چېۋىلەرگە ئېغىز تېگىشتى. گۈلجەمىلەمنىڭ ئالغان سوۋغاتلىرىنى كۆرۈپ سۇلايماننىڭ كۆزلىرى پارقىراپ كەتتى.

ــ ۋاي، نىمانداق ئاۋارە بولىسىز دەيمەن، مەن يا كىچىك بالا بولمىسام سوۋغات ئالىدىغان. شۇنچە يىراق يولنى بېسىپ ئۆزىڭىزنىڭ كەلگىنىمۇ مەن ئۈچۈن ئەڭ ياخشى سوۋغات ئىدى ئەسلى.

ــ شۇنداق بولسىمۇ ئەمدى. ئىككىمىز تونۇشقاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق تۇغۇلغان كۈنىڭىز تۇرسا بۇ. بۇنچىلىك نەرسە دېگەن نېمىتى .

ــ رەھمەت سىزگە گۈلجەمىلەم.

سۇلايمان شۇنداق دېگەچ كىيىملەرنى كىيىپ باققان ئىدى، خۇددى ئۆلچەپ تىككەندەك دەل كەلدى. يېڭى كىيىملىرىنى سېلىۋەتكەن سۇلايمان كۇسار بىلەنلا كېلىپ ئۆزىگە قاراپ كارۋاتتا ئولتۇرغان گۈلجەمىلەمنىڭ  كۆزلىرىگە تەلمۈرگەندەك قارىدى ۋە ئاستا قولىنى تۇتتى. خۇددى يىراقتىن يۈگرەپ كەلگەن ئادەمدەك ھاسىراپ تىنىقى ئىتتىكلەشكە باشلىغان گۈلجەمىلەممۇ گويا تېرىنىرنىڭ بۇيرۇقىنى كۈتۈپ تۇرغان تەنھەركەتچىدەك ئىختىيارسىز ھالدا سۇلايماننىڭ قاپقارا تۈكلۈك مەيدىسىگە چاپلاشتى...

4

گۈلجەمىلەمنىڭ بۇ قېتىم شەھەرگە قىلغان سەپىرى غەلبىلىك بولدى. ۋاقىت يېتىشمەي قىزى بىلەن بىلەن كۆرۈشەلمىگىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، سۇلايمان بىلەن قىلىدىغان تويى توغىرىلىق مەسلىھەتنى پىشۇرۇپ چوڭ ئىشىنى ھەل قىلىپ كەلدى.

« مەن سىزدىن 4-5 ياش چوڭ سۇلايمان، ئابدۇسالام ئەلا قىزنى بوزەك ئەتكەندەك بوزەك ئەتسىڭىز بولمايدۇ جۇما»، دېگەنىدى گۈلجەمىلەم ئاخشىمى تېلۋىزور كۆرگەچ سۇلايماننىڭ مەيدىسىگە بېشىنى قويۇپ يېتىپ.

ــ ئەلا قىزنى ئابدۇسالام بوزەك قىلمىدى، ئانىسى بوزەك قىپتۇ. مېنىڭ ئانامنىڭ سىزنى بوزەك قىلغۇدەك مادارىمۇ يوق. كەچكىچە ئۈچەي سېرىيدىغان زاسۈيخانىسىمۇ يوق. ئانامنىڭ كېسىلى ئېغىرلىشىپ قالدى ھازىر. شۇڭا تېزرەك تويۇڭنى قىلساڭ، كېلىنىمنى بىر كۆرۈپ ئۆلۈپ كەتسەم كۆزۈم يۇمۇلاتتى، دەپ بېشىمنى ئوچاق قىلغىنى قىلغان.

ــ مۇنداق دەڭ، لايىقىم بار دېدىڭىزمۇ ئانىڭىزغا؟

ــ دېدىم، لېكىن بالىڭىز بارلىقىنى دېمىدىم.

ــ ھازىر دېمەي، كېيىنچە بىلسە سەت تۇرامىكى سۇلايمان؟

ــ بەرىبىر بىز ئۇلار بىلەن بىللە تۇرمىغاندىكىن، نېمىنى بىلىدۇ.

ــ نەدە تۇرىمىز ئەمىسە؟

ــ سىز  يۇرتتىكى دۇكىنىڭىزغا مال يەتكۈزۈپ بەرگەچ مۇشۇ يەردىن بىر دۇكان ئاچىسىز. مەن بىرەر يەردە ئىشلەمەن. دۇكانغا يېقىنراق يەردىن ئۆي ئىجارە ئېلىپ تۇرارمىز؟

سۇلايماننىڭ گېپىدىن كۆڭلىگە بىر ئىشلارنى كەلتۈرگەن گۈلجەمىلەم سورىدى:

ــ بۇ يەردە ئۆي ئىجارە ئېلىپ يۈرگۈچە بىزنىڭ ناھىيەگىلا كەتمەيمىزمۇ؟ مەن ئۆيدە دۇكانغا قارايدىغان قىز بىلەن يالغۇز. بالىلىرىمنىڭ ئەھۋالىنى سىز بىلىسىز. شۇنداق قىلساق مەنمۇ ئىككى ئارىلىق بولۇپ يۈرمەيمەن دەڭا.

گۈلجەمىلەمدىن مۇشۇ گەپنى كۈتكەن سۇلايمانغا بۇ گەپ ياغدەك خوشياقتى. شۇنداقتىمۇ ئىتتىكلا ماقۇل دەۋەتكۈسى كەلمىدى.

ــ مېنى ئاپىرۋېلىپلا ئۆي مېنىڭ، يۇرت مېنىڭ دەپ بېشىمدا ياڭاق چاققىلى تۇرارسىزمىكىن خېنىم؟

ــ ۋاي نېمىلەرنى دەيدىغانسىز جېنىم، ھەرگىز بۇنداق خىياللاردا بولماڭ. سىز دېگەن مېنىڭ قوشۇما قېشىم تۇرسىڭىز.

گۈلجەمىلەم شۇنداق دېگىنىچە سۇلايماننىڭ قاپقارا، قويۇق قاشلىرىغا، يوغان كۆزلىرىگە، يىرىك بۇرۇتلىرىغا توختىماي سۆيۈپ كەتتى.

ئەتىسى ئۇلار مېھمانخانىنىڭ يېنىدىكى تېز تاماقخانىدا ناشتا قىلغاچ، كېلەر ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا قىلماقچى بولغان تويىنىڭ مەسلىھەتىگە چۈشتى. ھازىرچە سۇلايماندا ئارتۇق پۇل بولمىغاچقا گۈلجەمىلەم ئۆزىنىڭ دۇكىنىدىكى كىيىملەر بىلەن يېقىندا يېڭىدىن قىلدۇرۇپ تېخى تاقىمىغان ئالتۇن زىبۇ - زىننەتلىرىنى تويدا ئۆتكۈزۈپ تۇرىدىغان، سۇلايماننىڭ ئانىسى كېسەل، ئۆزى ئۆگەي دادىسى بىلەن گەپلەشمەيدىغان بولغاچقا دوستلىرىنى ئېلىپ بېرىپلا توينى تۈگىتىدىغان بولۇپ كېلىشتى.

مانا گۈلجەمىلەم توي تەييارلىقىنىمۇ تۈگەتتى. ناھىيە بازىرىدىكى ئەڭ ئاۋات «ئالتۇن ئوردا» رېستۇرانىدىن ئون ئۈستەل زاكاز  قىلدى. ئۆزىنىڭ قانداقراق ئەرگە تەگكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويغۇسى كەلدىمۇ، بۇرۇن بىللە ئىشلىگەن خىزمەتداشلىرى، تونۇش-بىلىش، دوست-بۇرادەر بولۇپ خېلى جىق مېھمان چاقىردى. قىزى بۇ گەپنى ئاڭلاپ : مېنىڭ باشقا پىكرىم يوق، دېدى. لېكىن ھەسەنجاننى ئەيۋەشكە كەلتۈرمەك خېلى تەسكە توختىدى.

ــ ئانام ئەرگە تېگىمەن دېمىسۇن، مەنمۇ چوڭ بولدۇم ئەمدى، باققۇچىلىكىم بار مېنىڭمۇ.

گۈلجەمىلەمنىڭ خوشنىسىدىن بۇ گەپنى ئاڭلىغان ھەسەنجان شۇنداق دەپ گەپنى ئۈزۈۋەتتى.

خوشنىسى يېرىم كۈن ھەسەنجاننىڭ كۆزىگە كىرىۋېلىپ يۈرۈپ ئاخىرى ماقۇل كەلتۈردى. لېكىن مۇنداق بىر شەرت بىلەن ماقۇل بولدى:

ــ ئانامنىڭ تويىغىمۇ قاتناشمايمەن، شۇ كۈندىن باشلاپ ئۆيگىمۇ دەسسىمەيمەن، ئېرىنىمۇ كۆزۈم كۆرمىسۇن. لېكىن ئەنسىرمەڭلار، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا دەخلى قىلمايمەن. ئانام يالغۇز مېنى كۆرگىلى بارسا بولىدۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بېشىغا كۈن چۈشسە يەنە مېنى ئىزدىسۇن.

ئارزىگۈل بىلەن ئۆيلەرنى بېسىقتۇرۇپ بولۇپ ئۇخلىغىلى ياتقاندا كېچە سائەت ئىككىدىن ئاشقانىدى.

توي ناھايىتى چىرايلىق ئاخىرلاشتى. گۈلجەمىلەمنىڭ تويغا كەلگەن تونۇش- بىلىشلىرى سۇلايماننى كۆرۈپ:«ھەي، مۇشۇ يىگىت گۈلجەمىلەمگە ئاش بولارمۇ؟ ئۆزى بىلەن تەڭتۈش بىرەرسى بىلەن توي قىلسا بولماسمىتى» دېيىشتى.

بۇنداق گەپ-سۆزلەر بەخت شاتلىقىدا مەست بولغان گۈلجەمىلەمنىڭ قۇلىقىغا كىرەر ئەمەس. بۇ گەپلەرنى ئۇ خەخلەرنىڭ كۆرەلمەسلىكىدىن، دەپ چۈشەندى. دېمىسىمۇ كىچىككىنە ناھىيە بازىرىكى بۇ خەخلەر ئاجايىپ قىزىق:

بىرەرسىنىڭ قىزى، ياكى ئوغلى ئوقۇش ۋە باشقا سەۋەبلەر بىلەن كېيىنراق توي قىلسا، ۋاي ئەر چىقماي ئولتۇرۇپ قاپتۇ يەي، لايىق تاپالماي يۈرۈپتىكەن يەي، دەۋاتقان. ئېرى تۈگەپ كەتكەن بىرەر تۇل ئايال بىرەر ئەركەك بىلەن ئىككى ئېغىز مۇڭدىشىپ بولغىچە: نىكاھ قىلىپ بىر ئۆيگە كىرمەيلا تېپىشىپ قاپتۇ دەۋاتقان. ئەگەر گۈلجەمىلەمدەك قايتا توي قىلغانلانى بولسا: نېمە قىلاتى ئەمدى بولغاندا توي قىلىپ، بالىلىرىنى بېقىپ، ئېرىنىڭ تاھارىتى بىلەن ئولتۇرسا بولماسمىتى، دەيدۇ. شۇڭا گۈلجەمىلەم ئۆزى توغىرلىق دېيىلگەن گەپ-سۆزلەرنىمۇ يۇقۇرىقىدەك ئۆسەك گەپ قاتارىدا چۈشەندى.
  تويغا كەلگەن ئەلا قىز يۇرتتا بىر كۈنمۇ تۇرالماي، كەچتە يەنە ماڭدى.
تويمۇ تۈگىدى، توينىڭ ئەتىسى سۇلايمان بىلەن گۈلجەمىلەم  شەھەرگە بېرىپ چوڭلار بىلەن كۆرۈشۈپلا كەلگەنچە دۇكانغىمۇ بارماي ياتقىلى مانا ئون كۈن بولدى. سۇلايمان گويا پادىشاھنىڭ ھوزۇرىنى سۈرۈۋاتاتتى. نېمە يەيمەن دېسە گۈلجەمىلەم يۈگرەپ يۈرۈپ ئېتىدۇ. ئۇيقۇسى كەلسە ئۇخلايدۇ. تېلىۋىزور كۆرىدۇ. دۇتتار چالىدۇ. يېتىپ بولالماي ھېرىپ كەتسە گۈلجەمىلەم ئۇستىخانلىرىنى تۇتىدۇ. «بۇنداق ياخشى خوتۇننى نەدىن تاپىمەن ئەمدى؟ ئۆزۈمدىن چوڭ بولسا، سەت بولسا نېمە بوپتۇ؟ چىرايلىقلارنىمۇ تولا كۆردۈمغۇ. باشتا ۋاي دېگەن بىلەن، پۇلى يوق يىگىت ھەرقانچە قاملاشقان بولسىمۇ قىزلارغا ئەمەن تېتىيدىكەن. تەييار ئۆي، تەييار دۇكان. پۇل دېسە بار. بالىسى ئۆزىنىڭ كۈنىنى ئۆزى ئالغىدەك بوپتۇ. ئۆيۈمدىكىلەرنىڭ ھالى شۇ تۇرسا، ماڭا بۇنىڭدىن ئارتۇق كۈن نەدە تۇرۇپتۇ؟ چىرايلىق قىزلار بىلەن ئوينىغۇم كەلسە سىرتتا ئۇنداق قىزلار دېگەن ساماندەك. چىقىپ ئويناپ-كۈلۈپ، ئاغزى-بۇرنۇمنى سۈرتىۋېتىپ يۈرىۋەمەيمەنمۇ؟ ۋاي خوتۇن، دەپ ھۆرمىتىنى قىلىپ قويسام بولدى. ناھايىتى ئاغزىمنىڭ يېلىغۇ شۇ»
سۇلايمان شۇ خىيالنى قىلىپ تۇرىشى تېلېفونى سايرىدى. تېلېفوننى نەۋرە ئاكىسى بەرگەن بولۇپ، ئانىسى بولالمىغان ئىدى.
تويدىن كېيىنلا «سىلىگە ھەمراھ بولغاچ ھاللىرىدىن خەۋەر ئالسۇن» دەپ ئارزۇگۈلنى  1- قەۋەتتىكى تۇل خوشنىسى ھۆرنىساخان موماينىڭ ئۆيىگە ئەچىقىپ قويغان بولغاچقا، ئارزۇگۈلگە ئەھۋالنى ئېيتىپ قويۇپلا گۈلجەمىلەم ئىككىسى  كېچىلەپ شەھەرگە ماڭدى.
   بىر ھەپتىدىن كېيىن ئۆلۈمنى ئۇزىتىپ قايتىپ كەلگەن كۈنى كەچتە ئارزۇگۈل ئوخشىتىپ ھاردۇق ئېشى ئەتكەن بولۇپ، سەپەردىن ھېرىپ كەلگەن سۇلايمان بىلەن گۈلجەمىلەمگە بۇ ئاش بەك تېتىدى. سۇلايمان تاماقنىڭ ئوخشىغانلىقىنى ماختاپ بىكار بولغان قاچىنى ئارزۇگۈلگە تەڭلىدى. قاچىنى ئالغىچە ئىككىسىنىڭ قولى بىر-بىرىگە تېگىپ كەتتى. ئون توققۇز ياشقا كىرىپ قالغان ئارزۇگۈل يەر تېگىدىن سۇلايمانغا قاراپ جىلمىيىپ قويدى. تەتىل قىلىپ كەلگەن نۇربىيە بىلەن ئوينىشىپ ئولتۇرغان گۈلجەمىلەم بۇ ئىشنى كۆرمىدى. ئەتىسىدىن باشلاپ سۇلايمان مەھەللە كومتىت مۇدىرىنىڭ تەلىپى بويىچە مەھەللە كومتىتىغا ئىشقا چۈشتى. تويدىن نەچچە كۈن  ئۆتۈپ گۈلجەمىلەمنىڭ ئېرىنىڭ ئۇستا دۇتتارچى ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغان مۇدىر سۇلايماننى چاقىرىپ كېتىپ مېھمانلىرىغا دۇتتار چالدۇرۇپ بەرگەن بولۇپ، شۇ چاغدا سۇلايمانغا بۇ ئىشنى دېگەندە، بىكار يېتىۋىرىشتىن نومۇس قىلدىمۇ  ماقۇل بولغان، لېكىن بىر نەچچە كۈندىن كېيىن چىقاي دېگەنىدى.
   سۇلايمان ئىشقا چۈشۈپ ئىككى ھەپتە بولغاندا گۈلجەمىلەم شەھەرگە مالغا بارىدىغان بوپ قالدى. چۈنكى توي ۋە ئارقىدىنلا بولغان ئۆلۈم ئىشلىرى بىلەن بولۇپ، ئىككى ئايدىن بېرى دۇكانغا يېڭى مال ئەكىلەلمىگەن ئىدى. گۈلجەمىلەم ئارزۇگۈلگە: مەن شەھەرگە مالغا بارىمەن، سىز تاماقنى ھۆرنىسا ئانىڭىزنىڭ ئۆيىدە يەپ تۇرۇڭ، سۇلايمان ئاكىڭىزدىن تارتىنىپ قالىسىز، چۈشتە ئۆيگە كەلمەڭ، مەن كەچتە كەپ بولىمەن دەپ تاپىلاپ قويۇپ ماڭدى.
   شۇنداق پۇرسەتنى كۈتۈپ ئاران تۇرغان سۇلايمان: شەھەرگە بارىدىغان ئىشىم چىقىپ قالدى، دەپ بىر كۈنلۈك رۇخسەت سورىدى ۋە دۇكانغا بېرىپ ئارزۇگۈلنى ئۆيگە ئەۋەتىۋېتىپ كەينىدىنلا ئۆزى كەلدى. گۈلجەمىلەم سەزمىگىنى بىلەن بۇ ئىككىسى تويدىن كېيىنلا كۆزلىرى ئارقىلىق يۈرىكىدىكىنى ئاشكارىلىشىپ بولغان بولۇپ، گەپ قىلىشاي دېسە گۈلجەمىلەمدىن قورقۇپ بىر- بىرىگە يەر تېگىدىن قارىشىپ يۈرەتتى. بۈگۈنكىدەك پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئىككىسى سۇلايماننىڭ ياتاق ئۆيىگە كىردى دە، ئىشىكنى تاقىدى.
   ئارىدىن يەنە ئىككى ئاي ئۆتتى. ئارزۇگۈل ئۆزىدىكى ئۆزگىرىشلەردىن بويىدا قالغانلىقىنى سېزىپ، بىر كۈنى گۈلجەمىلەم ئۆيگە كېتىشى بىلەنلا دۇكاننىڭ ئەتراپىدىكى ئاممىۋى تېلېفوندىن سۇلايمانغا تېلېفون قىلدى. ئارزۇگۈل دۇكاننى خوشنىسىغا قارىتىپ قويۇپ، ئىككىسى شۇ ئەتراپتىكى بىر تورتخانىدا كۆرۈشتى. ئەھۋالنى بىلگەن سۇلايماننىڭ بېشى قاتتى. ئىشنى يەنە كىچىكىدىن ئۇرۇلۇپ- قېقىلىپ قېلىن قاتتىق چوڭ بولغان ئارزۇگۈل ئەپلەشتۈردى. ئىككىسى مەسلىھەتنى پىشۇرۇپ تورتخانىدىن چىقتى.
   ئەتىسى ئارزۇگۈل مىجەزىم يوق، دەپ دۇكانغا بارمىدى. دۇكاننى گۈلجەمىلەم ئاچتى. سۇلايمان چۈشتە تاماققىمۇ كىرمىدى. تېلېفون قىلىۋىدى ئېتىك بولۇپ چىقتى. «ئالدىراش ئىشلەۋاتقان ئوخشايدۇ» دەپ ئويلىغان گۈلجەمىلەم دۇكانغا قايتىپ كەلدى. كەچ كىرىپ ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقىتتىن ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ سۇلايماننىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمىدى. ئارزۇگۈلنى يوقلاپ چىقاي دەپ، ئالاھىدە شورپا سېلىپ بىرىنچى قەۋەتكە چۈشتى. ھۆرنىساخان مومايدىن بىلدىكى ئارزۇگۈل ئەتىگەن دۇكانغا بارىمەن، دەپ چىقىپ كەتكەنچە قايتىپ كەلمەپتۇ. بۇ نېمە ئىش؟ بۈگۈن دۇكاننى گۈلجەمىلەم ئۆزى ئاچقان تۇرسا.
   كۆڭلىگە مىڭ خىل خىيال كەلگەن گۈلجەمىلەم قولىدىكى قاچىنى مومايغا بېرىپلا يۈگرەپ ئۆيگە چىقىپ ئىشكاپتىكى كارتىلارغا قارىدى. تۆت تال كارتىنىڭ بىرسىمۇ يوق ئىدى. ساندۇقىنى ئاختۇرۇپلا ھۆڭرەپ يىغلىۋەتتتى. نەچچە يىلدىن بېرى قىلغان يۈز مىڭ يۈئەنگە يېقىن ئالتۇن زىبۇ- زىننەتلىرى قاچىلانغان قۇتا قۇرۇق تۇراتتى. پەلەمپەيدىن يۈگۈرگەندەك چۈشكەن گۈلجەمىلەم يولغا چىقىپ تاكسى توسۇپلا ساقچىخانىغا باردى. نۆۋەتچى ئىشخانىسىغا كىرىپلا كۆزلىرىگە ئىشەنمەي قالدى. ئىشخانىدا سۇلايمان بىلەن ئارزۇگۈلدىن باشقا ئەلا قىز بىلەن گۈلجەمىلەمنىڭ ئوغلى ھەسەنجان ئولتۇراتتى. ساقچىنىڭ ئالدىدىكى ئۈستەلدە تۇرغان ئالتۇن زىبۇ- زىننەتلىرىنى، بانكا كارتىلىرىنى كۆرۈپ گۈلجەمىلەمنىڭ كۆڭلى جايىغا چۈشتى.
  ئەسلى ئەھۋال مۇنداق بولغان ئىدى:
  يۇرتىدىكى ئۆيلىرىنى بىر تەرەپ قىلغىلى كەلگەن ئەلا قىز، دۇكانغا كەلسە گۈلجەمىلەم مالغا كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن مەن  بولغاندىكىن يەنە، ئەتىگىچە كۆرۈشەرمەن دەپ بىر دوستى بىلەن تورتخانىغا كىرىپ دەرت- ئەھۋالىنى ئېيتىشىۋاتسا يېنىدىكى ئايرىم خانىدىن چىقىۋاتقان تونۇش ئاۋازنى ئاڭلايدۇ.

تورتخانىنىڭ ئايرىم خانىلىرى ئادەم بويىدىن سەل ئېگىزرەك قىلىپ ياغاچ تاختاي بىلەن توسۇلۇپ ياسالغاچقا ، ياندىكى ئادەملەرنىڭ گېپى ئوچۇق ئاڭلىناتتى. سۇلايمان بىلەن ئارزۇگۈلنىڭ پارىڭىدىن دوستىنىڭ تۇرمۇشىغا بىر قارا سايىنىڭ يېقىنلاپ كەلگىنىنى تۇيغان ئەلا قىز گۈلجەمىلەمگە ئېيتسا ئۇلارنى چۆچۈتۈپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ، ھەسەنجان بىلەن بىللە بۇ ئىككىسىنىڭ پېيىگە چۈشكەن. بۈگۈن چۈشتە بۇ ئىككىسى ئايرىم-ئايرىم ماشىنىدا شەھەرگە ماڭغان. بۇلارنىڭ چوقۇم گۈلجەمىلەمنىڭ پۇل- ماللىرىنى ئېلىپ ماڭغانلىقىغا كۆزى يەتكەن ئەلا قىز بىلەن ھەسەنجانمۇ كەينىدىنلا ماڭغان. سۇلايمانلارنىڭ ماشىنىدا ئۇدۇل ئايردروم تەرەپكە ماڭغانلىقىنى كۆرگەن ئەلا قىز بىلەن ھەسەنجان دەرھال كەينىدىن بېرىپلا ئايردروم ساقچىخانىسىغا دېلو مەلۇم قىلغان. ساقچىلار ئۇ ئىككىسىدىن توي خېتىنى چىقىرىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇلار ئۆيدە ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ تۇرۇشىغا ھەسەنجان بىلەن ئەلا قىز كىرىپلا ئەھۋالنى ساقچىلارغا تولۇق ئېيتقان. ئايردروم ساقچىخانىسىدىكىلەر دەرھال ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ جىنايەتچىلەرنى ناھىيەگە ئېلىپ كېلىپ سوراق قىلىش ئالدىدا ئىكەن. گۈلجەمىلەممۇ دەل ۋاقتىدا كەپتۇ.
  بىر بۇلۇڭدا سالپىيىپ ئولتۇرغان سۇلايمان بېشىنىمۇ كۆتۈرمىدى. ئارزۇگۈل يەنە بىر بۇلۇڭدا سۇغا چۈشكەن مۈشۈكتەك تۈگۈلۈپ ئولتۇراتتى. گۈلجەمىلەم ساقچىلاردىن رۇخسەت ئالغاندىن كېيىن سۇلايماننىڭ ئالدىغا كەلدى. كەلدى يۇ، پۇت- قوللىرى لاغىلداپ تىترەپ، ئاغزى گەپكىمۇ كەلمىدى. بىر قولىدا سالۋاراپ تۇرغان بۈدرە چاچلىرىدىن تۇتۇپ ئۇنى ئۆزىگە قاراتتى ۋە بارلىق ئاچچىقىنى كۆزىگە يىغىپ بىگىزدەك تىكىلىپ قارىدى ۋە؛«ھۇ تۇزكور ئىپلاس!» دېگىنىچە يۈزىگە شالاققىدە بىرنى تۈكۈردى. قولىدا كويزا بولغانلىقى ئۈچۈن سۇلايمان يۈزىنى سۈرتەلمەيتتى. بىر چاغلاردا گۈلجەمىلەمنى كېچە- كېچىلەپ ئۇيقۇسىز قويغان، قاپ-قارا قويۇق، قوشۇما قاشلاردا ئەمدى گۈلجەمىلەمنىڭ بەلغەم ئارىلاش كۆكۈش تۈكۈركى ساڭگىلاپ تۇراتتى.
(تۈگىدى)
2014-يىلى 1-سېنتەبىر ــ 3- ئۆكتەبىر. ئۈرۈمچى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-29 08:46 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ئۇتغۇر + 100 قەلىمى پىششىق!

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12384
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32428
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4448 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-29 03:06:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹ئاش بەرگەنگە مۇش  بېرىپتۇ››دېگەندەك بوپتۇ -دە....

ئايال كىشى ئۆزىدىن كىچىك ئادەم بىلەن توي قىلسا كۆپىنچىلىرىنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدىكەن....

تۇرمۇش ئەمەلىيىتىنىڭ كىچىككىنە كارتىنىسى ياخشى يورۇتۇلۇپتۇ ھېكايىدە ........

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107858
يازما سانى: 519
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1969
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-29 05:35:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي نىمانداق جىق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96287
يازما سانى: 1257
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1471
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1127 سائەت
تىزىم: 2013-7-23
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-29 05:36:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    ھوزۇرلىنىپ ئوقۇۋالدىم، رەھمەت سىزگە.

ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئۇتغۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107858
يازما سانى: 519
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1969
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-29 05:38:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنچە بۇنداق جىق ھىكەيە بولسا يىشىل رەڭلىك خەت نۇسقىسىنى تاللاپ ئىشلەتسە بولغۇدەك
بولمىسا كۆز چىدىمايدىكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110532
يازما سانى: 153
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 316
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 21 سائەت
تىزىم: 2014-10-11
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-30 09:34:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز ، يەنىمۇ يېزىپ تۇرغايسىز .

سەن ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلغان ھەممىلا نەرسىنىڭ  گۈزەل نەرسىلەر بولىشى ناتايى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 2071
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 5522
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 633 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-30 10:59:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چىېرايغا چاي قۇيۇپ ئىچكىلى بولماس ،  چىرايلىقتا ۋاپا يوق دىگەن شۇ مانا ...........

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102841
يازما سانى: 384
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1922
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 261 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-30 01:59:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۈكرى-قانائەتنى ئۆزىمىزگە لازىم تۇتساق بولاتتى.

__ يەنە بىر قېتىم كۈلۈپ باقاي...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102841
يازما سانى: 384
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1922
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 261 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-30 02:00:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
alhumar137 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-29 05:38 PM
مەنچە بۇنداق جىق ھىكەيە بولسا يىشىل رەڭلىك خەت نۇسقىسى ...

راس دەيسىز، كۆز ئاغرىپ كىتىدىكەن    بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   (شەيدا) تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-30 02:01 PM  


__ يەنە بىر قېتىم كۈلۈپ باقاي...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3317
يازما سانى: 762
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11430
تۆھپە نۇمۇرى: 410
توردا: 1685 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-31 01:39:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يولتۇز يوللىغان ۋاقتى  2014-10-30 10:59 AM
چىېرايغا چاي قۇيۇپ ئىچكىلى بولماس ،  چىرايلىقتا ۋاپا ي ...

سىز چىرايلىق بولسىڭىز ئۇنداق دېمەيتىڭىز .  شەكسىز ھەقىقەت .

ئوغۇل بالا ئېسىل ياشاپ شەرەپلىك قۇربان بولۇشى كېرەك . ئابدۇل.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش