داغلىما يۈرەكنى دىلنى ئۆلتۈرۈپ
مېھرىمنىڭ بەرگىستە مىسرالار تۈزدىم،
ھەرقەدەم ھەر ئىشتا رۇخسەتلەر سوراپ.
كۆزۈمنىڭ گۈھىرى قارچۇقۇم دىدىم،
قەلبىمدە خاقانىم ،سۇلتانىم بولغاچ.
سىنىڭسىز ھەركۈنۈم قاراڭغۇ ئىدى.
سېغىنىش ئىچىدە قەلبىم مۇڭسىراپ.
مارجانلار تىزاتتىم مېھرىمدىن بەرقەم،
ئەنسىرەش ئىچىدە يۈرەك تىپىرلاپ.
گاھىدا كەلتۈردىڭ سۈزۈمگە جاۋاپ،
مېھرىڭدىن بىرتاتلىق مىسرالار تۈزەپ.
خوشلۇقتا يىتەتتى باشىم پەلەككە،
سۈيۈنۈپ سىنىڭدىن تىلەكلەر تىلەپ.
ھاۋادەك ئۆزگىرىپ قالسەن بەزىدە،
مېھرىمنىڭ بەرگىسنى ئوتتا كۆيدۈرۈپ.
مەلىكەڭ ،دىلرابايىڭ ئىدىمغۇ مەن،
داغلىما يۈرەكنى دىلنى ئۆلتۈرۈپ.
چارچىدى قەلبىم ياشلىنىپ كۆزلىرىم،
تەلمۈرۈش ئىچىدە يۈرەك مۇڭسىراپ.
بىزارلىق ھىس قىلما گاھى-گاھىدا.
چۈشەنگىن ئەزىزىم دىلىڭدىن يايراپ.
مەيلى ئاچچىق-تاتلىق سۆزلىرىڭ بولسۇن،
ئاداققى بەختىمسەن ھاياتتا مىنىڭ.
كۈيۈشكە يارالساممۇ كۈيەي مەڭگۈ،
قەلىب دۇنيارىم بولسۇن ئەبەت سىنىڭ.
مەنبە؛ قەلىمىم