ئەبەدىيلىك چىن مىراس
شاماللارغا يەم بولدى ئۇچۇپ نۇرغۇن رىۋايەت،
قالدى بىزگە جۇلالاپ ئەبەدىيلىك چىن مىراس.
ئۇلۇغ ئەجداد روھىنىڭ جەۋھىرى دەپ بىل ھامان،
ئۇ بوۋىلار يىلتىزى، لەۋھە قىلىپ تۆرگە ئاس!
بىر ھەقىقەت ئاڭلىدىم، ھېكمەتلەرگە لىق تولغان،
ھاياتلارغا ئۆمۈرلۈك ئاچچىق ساۋاق بولغىدەك؛
ياخشىلارنى ئۈندىسە ياخشىلىققا ھەر قاچان،
يامانلارنىڭ ئۆرتىنىپ ئىچى دەردكە تولغىدەك.
ئاڭلاپ قويۇڭ زەن سېلىپ، ئېيتىپ بېرەي، بۇرادەر،
رىۋايەت بۇ، گاھ كۈلۈپ، گاھى قاپاق تۈرگىدەك.
بىر كۈن گۇناھ ـــ ساۋابى تەڭ بىر بەندە كۆز يۇمۇپ،
ئاۋۋال كىرىپ دوزاخقا ماۋۇلارنى كۆرگىدەك:
داش قازاندا ۋاراقشىپ گۆشلەر قايناپ تۇرغىدەك،
باشلىرىدا مەي باغلاپ پىشقان مېۋە ساڭگىلاپ...
ھەر بىرىنىڭ قولىدا سېپى ئۇزۇن بىر چۆمۈچ،
يەتكۈزەلمەي ئاغزىغا يۈرەر ئىمىش گاڭگىراپ…
گۆش يەپ، شورپا ئىچەلمەي يا بىر مېۋە ئۈزەلمەي،
كېتىپتۇدەك كوركىراپ قورساق، چىراي سارغىيىپ.
مېھىر- شەپقەت، ئۆم- بىرلىك بولمىغاننىڭ ئۈستىگە
يۈرىشەرمىش بۇقىدەك بىر- بىرىگە ئالىيىپ…
.......................................
قەرەلىنى توشقۇزۇپ قايتىپ چىقىپ جەننەتكە،
نەزەر سالسا، بۇ يەردە دوزاختىكى ھالەت يوق.
قويغىدەكمىش يېگۈزۈپ بىر- بىرىگە گۆش، پولۇ…،
ئەزگۈ نىيەت بەھرىدىن يايرار ھەممە خۇشال، توق.
ھەسەتلەر يوق، يۆلىشىپ مېۋە ئۈزۈپ يېگىدەك،
ھەمكارلىشىپ ئۆزئارا تىكەنلەرنى يۇلغىدەك.
شادلىق جىلۋە قىلارمىش چىرايلاردىن نۇر يېغىپ،
بىر- بىرىگە چىن يۆلەك ھەم قول ـــ قانات بولغىدەك.
..............................................
دوزاخ بىلەن جەننەتنىڭ پەرقى پەقەت شۇ ئىكەن:
چىقارغان بىر يەڭدىن قول، بىر ياقىدىن باش ئۇلار.
زىتلىق بىلەن ئارىغا تېرىپ جېدەل ـــ شۇم تىكەن،
قورسىقى ئاچ، ئاھ ئۇرۇپ چاينار ئىمىش تاش بۇلار.
ئايان بولدى ئەينەكتەك بىر ھەقىقەت بۇنىڭدىن:
ئاقىل بىلەن ياخشىغا ئىككى ئالەم ئاسايىش.
قىتىغۇرلۇق، يامانلىق قىلغان رەزگىي ئەرۋاھلار،
تەييارنىمۇ يېيەلمەي، ئىچەلمەي ئاھ ئۇرارمىش…
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bulaksu2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-26 07:52 PM