|
|
|
|
مىخالىۋونا (رۇسچەLyudmila Mikhailovna Pavlichenko ) سا بىق سوۈېت ئىتتىپاقى ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى مەشھۇر ئايال مەرگەن.ئۇنداقتا بىز ئۇنىڭ ھاياتىغا نەزەر سىلىپ باقايلى : ئۇ1916-يىلى 6-ئاي 12-كۈنى ئۇكرائىنادا تۇغۇلغان .باشقا قىزلار غا ئوخشاش ئۇنىڭمۇ گۈزەل ئارزۇسى بار ئىدى. مەر گەنلىك ئۇنىڭ ئىشتىن سىرىتقى كەسپى بولۇپ ،ئۇ مۇشۇ جەريانىدا ئۆزىنىڭ ئەقىللىقى ،مىجەزى ئۇنى بىر مەرگەنگە ئايلاندۇرغان،1941`-يىلى گىرمانلار سوۈېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قوزغىدى.ئۇ ئۆزىنىڭ كەسپىدىن ۋاج كىچىپ ، نۇرغۇن ساۋاقداشلىرىغا ئوخشاش، قولىغا قورال ئىلىپ ،قىزىل ئارمىيەگە قاتناشقان.ئۇ ئەمدىلا 25ياش ئىدى. قىسىم ئۇنى سىستىرالىققا تاللايدۇ، لىكىن ئۇ ئىلتىماس يىزىپ ،ئالدىنقى سەپكە بىرىشنى كۈچلۈك تەلەپ قىلىدۇ.قىسىم كوماندىرى كۈلۈپ تۇرۇپ :قىزچاق جاسارىتىڭىزگە قايىلمەن .لىكىن جەڭگە ئەرلەر چىقىش كىرەك ،سىز قورال تۇتالامسىز ؟ دىگەندەك سوئاللار بىلەن ئۇنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىدۇ .لىكىن مىخالىۋونا ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ ،ئاخىرى باشقىلارنى قايىل قىلىدۇ.ئۇ قىسىمدا تۇرغان ئىككى ئاي ئىچىدە ،ئۆزى مەرگەن مىلتىق ئارقىلىق 187نەپەر دۈشمەننى ئىتىپ ئۆلتۈرىدۇ.باشقىلارنىڭ ئۇنىڭغا بولغان كۆز قارىشى ئۆزگىرىدۇ. لىكىن ئۇ جەڭ ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ ،ئۇ تۇرغان قىسىم چىكىنىدۇ.بىر يىلدىن كىيىن ئۇ گىرمانلار بىلەن بولغان بىرقىتىملىق ئۇرۇشتا،زەمبىرەك ئوقى ئۇنى يارلاندىرىدۇ.سىتالىن بۇنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ئۇنى ئارقا سەپكە يۆتكەپ ،يارىسىنى داۋالاش بۇيرۇقى چۈشۈرىدۇ.ئۇ بۇۋاقىتتا ئاللىبۇرۇن 309 نەپەر دۇشمەننى ئىتىپ ئۆلتۈرگەن بولۇپ ،سوۋىت ئىتتىپاقىنىلا ئەمەس ،بەلكى پۈتۈن دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدۇ.1ئايدىن كىيىن ئۇ ئامىركىنى زىيارەت قىلىدۇ .ئۇ روزۋىلىت قوبۇل قىلغان تۇنجى سوۋىت ئىتتىپاقى پۇقراسى.ئۇكانادادا نۇتۇق سۆزلەپ ،كىشىلەرنى تەسىرلىندۈرىدۇ.ۋەتەنگە قايىتقاندىن كىيىن ئۇ يۇقىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بويىچە ،قايتا ئۇرۇش مەيدانىغا بارمايدۇ،ئۇنىڭ شۇنداق بىرىش ئارزۇسى بار بولسىمۇ ، لىكىن بۇيرۇققا بويسۇنۇش كىرەكتە.ئۇرۇشقا قاتناشقان 10ئاي ئۇنىڭ ئۈچۇن ئەسلىمە بولۇپ قالىدۇ.1943-يىلى 10-ئاي 25-كۈنى ئۇنىڭغا سوۋىت ئىتتىپاقى ئالىي دەرىجىلىك ئۇنۋان بىرىلىدۇ.1945-يىلىدىن 1953-يىلىغىچە دىڭىز ئارمىيەدە خىزمەت ئۆتەيدۇ.1976-يىلى سوۋىت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ باش سۈرىتى چۈشۇرۇلگەن خاتىرە پوچتا ماركىسى تارقىتىدۇ.ئۇ 1974-يىلى 10-ئاي 10-كۈنى ئالەمدىن ئۆتىدۇ.
مەنبە :بەيدۇتورى ئۇنىڭ قەبرە تىشىغا مۇنۇ بىر كۇپلىت شىىئر يىزىلغان(خەنزۇچىنى تەرجىمە قىلمىدىم،چالا تەرجىمان بولۇپ قلىشتىن قورۇقتۇم . ) 痛苦如此持久,像蜗牛一样充满耐心的移动。欢乐如此短暂,像兔子尾巴扫过秋天的田野 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا akbarjan2015 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-26 05:28 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! I9 l8 v/ a2 v" L9 q) G9 k
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% r0 E/ c% X0 _0 E
|
|
|
|
|
|