قېرىنداش
( ھېكايە )
ئۆزۈڭنىڭ خاتالىقى ئۈستىگە يېزىلغان تالۇنغا ئۆزۈڭنىڭ پۇل تۆلىگىنى ياخشى ، پۇلىنى باشقىلار تۆلىگەن تالۇنغا سەن بۇ ئۆمۈرۈڭنى تۆلەپمۇ ئۇ تالۇنغا ئېرشەلىشىڭ ناتايىن .
- ماشىنىنىڭ ئىشكىنى تىزىراق يېپىۋەتكىنە ، سوغۇق كىرىپ كەتتى .
كەينىدىلا ئولتۇرۇپ قوللىرىنى ئۇۋۋىلاپ سۆزلەۋەتقان يەڭگىسىنىڭ ئاۋازىدىن ئېرشات خىياللار ئىلكىدىن سۇغۇرلۇپ چىقتى ۋە ماشىننىڭ ئىشكىنى ئاستاغىنا ياپتى . ماشىننىڭ يېنىدىلا ئاكىسى كىملەر بىلەندۇر پاراڭلىشىپ كۈلۈشۈپ تۇراتتى . ئېرشات بولسا پات-پاتلا قولىدىكى تىلفۇننىڭ سائىتىگە قارايتتى .
- دىلشات ، بولۇڭە ، دوختۇرلار چۈشلۈك ئارامغا چىقىپ كەتسە ، بۇ سوغۇقتا قەيەرلەردە تەمتىرەيمىز ؟ تىزراق بولۇڭ ھە .
يەڭگىسى گۈزەلنۇرنىڭ ئالدىرتىشىدىن ئېرشاتمۇ ئىچىدە خېلىلا خوش بولدى . بىراق ئاكىسى يەنىلا ماشىنىغا چىقاي دىمەيتتى .
خۇددى ئۇزۇن يىل كۆرۈشمىگەندەك قىززىق پاراڭغا چۈشۈپ كەتكەن دىلشات ماشىنىغا پات-پات قارايتتى يۇ ، بىراق بۇ دوسلىرىنىڭ ئالدىدىن مۇنداقلا كېتىشكە چىدىمىدى . بىراق ئايالى گۈزەلنۇرنىڭ ھامىلدارلىقى بۈگۈن ھامىلە تەكشرتۈشكە باردىغانلىقىنى ئويلىدىمۇ قانداق دوسلىرىدىن ئايرىلىپ ماشىنا تەرەپكە قاراپ كېلىشكە باشلىدى . ماشىننىڭ ئىشكىنى ئېچىشىغا سىرىتتىن ئۇرۇلغان سوغۇق ھاۋا گۈزەلنۇرنىڭ چىرايىنى پۈرۈشكە مەجبۇر قىلدى .
- ۋۇييۇ ، ما قاپاق تۈرۈشلەنىڭ ئوماقلىقىنى .
گۈزەلنۇر تېخى تۈرۈپ ئۈلگۈرمىگەن قاپىقىنى كۈلكىگە ئۆزگەرتتى ، ئۇنىڭ بۇ كۈلكىسى شۇنداق ئوماق ئىدى .
- ۋاي سەت .
دىلشات شۇنداق دىيىشىگە گۈزەلنۇر كۈلكىسىنى تۇتۇۋالالماي ئاۋاز چىقىرىپ كۈلۋەتتى ، بىراق ئېرشاتنىڭمۇ ماشىنىدىلىقىنى ئەسكە ئېلىشقاندەك ھەر ئىككىسى كۈلكىسىدىن تىزلا توختىدى . ئېرشاتمۇ بۇ ئىككىسىنىڭ بەختىنى كۆرۈپ ئىككىسىگە قاراپ كۈلۈپ قويدى . ماشىننى ئوت ئالدۇرۇپ تېخى ھېلىلا قارلىرى تازلاپ پاك-پاكىزە قىلۋېتىلگەن يولدا ئاستاغىنە يۈرۈپ كەتتى .
دوختۇرخانىنىڭ ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا كېلىپ توختىغا سۈت رەڭ بېنىزدىن ئەڭ ئاۋال ئېرشات چۈشتى ۋە ئاكىسى ئولتۇرغان تەرەپتىكى ئىشىكنى ئاۋال ئاچتى .
- ئۆزۈم ئاچاتتىم ، ساڭا نەچچە دەيمەن ؟ ماڭا بۇنداق تۈزۈت قىلىپ كەتمە .
ئېرشات گەپ قىلمايلا ئاكىسىغا قاراپ كۈلۈپ قويدى ، ئۇنىڭ بۇ كۈلكىسىدىن ئاكىسىغا بولغان ھۆرمەت ۋە شەرەپ تۇيغۇسىمۇ چىقىپ تۇراتتى . ئاكىسىمۇ ئېرشاتنىڭ قاپقارا چاچلىرىنى ئالقانلىرى ئارسىغا ئېلىپ سىلاپ قويدى .
تىلفۇننىڭ مۇڭلۇق سايرىشدىن ئېرشات تىلفۇننىڭ ئېكرانىغا قاراپ ئەندىككەندەك ئاكىسىغا قارىدى . ئاكىسى بولسا ھېچنىمە بىلمىگەندەك گۈزەلنۇرنىڭ قېشىغا كەلدى ، گۈزەلنۇرمۇ ماشنىدىن خېلى بەكلا يوغىنىغان قورسقىنى مىڭ تەستە كۆتۈرۈپ دىلشاتنىڭ ياردىمى بىلەن ئارانلا چۈشتى .
- ھەي ، مەن تۇغىدىغاندىمۇ يېنىمدا مۇشۇنداق تۇرۇپ ياردەم قىلسىڭىز ھەقىقەتەن ئاسان تۇغىدىغاندەكلا ھېس قىلىۋاتىمەن .
- ماڭە ۋاي ساراڭ ، مەن ساڭا قانداق تۇغۇشۇپ بېرىمەن .
گۈزەلنۇر يەنە ئاۋازىنى چىقىرىپ كۈلۋەتتى ، دىلشات بولسا ئۇنىڭ ئاغزىنى تۇتۇپ ئاران ئۈلگۈردى . دىلشات قولىنى ئاستا گۈزەلنۇرنىڭ ئاغزىدىن تارتىۋىدى ئۇ يەنە ئاۋازىنى سىرتىغا چىقىرشىقا ئۇرنىۋىدى ، دىلشات يەنىلا ئۇنىڭ ئاغىزىنى تۇتۇۋالدى ،ئېرشات ئۇلارغا مەسلىكى كېلىپ بىر ھازا قارىغاندىن كىيىن ، دىلشات
- ئۇكام ، بىز ئۈستىگە چىقىپ تەكشۈرتۈپ چۈشەيلى ، سەنمۇ بىز بىلەن چىقامسەن يا ؟
ئېرشات نىمە دىيىشىنى بىلەلمىدى ، باشتا دىگەن گېپى تازا ياققان ئېرشات ئاكىسىنىڭ يەنە ئايغىنى دەيدىغىننى ئويلىمىغان ئىدى .
- بولدى مەن مۇشۇ يەردە تۇرۇپ تۇراي ، سىلەر چىقىپ تەكشۈرتۈپ چىقىڭلار .
دىلشاتمۇ باشقا گەپ قىلمايلا گۈزەلنۇرنىڭ قولىدىن يۆلگىنىچە دوختۇرخانا بىناسىغا كىرىپ كەتتى . ئېرشات قولىغا تىلفۇننى ئېلىپ بايقى نۇمۇرغا قايتىلىدى . ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ كېلىپ خىزمەت كۈتىۋاتقان ئېرشات دوختۇرخانىدا ئىشلەيدىغان بىر قىز بىلەن تاساددىپيلا تونۇشۇپ قالغان ھەمدە كۆرۈشمەكچى بولغان ئىدى . ئېرشاتنى قىززىقتۇرۋاتقىنى زۆھرە دىگەن ئىسىم ۋە تونۇش ئاۋاز بولغان ئىدى .
- قانداق ئەھۋالىڭىز ؟ بايا ماشىنىدا ئىدىم تىلفۇننى ئالالمىدىم ، كىيىن يېنىمدا ئاكام بولغاچقا تىلفۇننى ئالالمىدىم ، ھەئە ، مەن دوختۇرخاننىڭ ھويلىسىدا ، ماشىنا توختىتش مەيدانىدا ، مەن چىقاي بولمىسا ، ماقۇل ، مۇشۇ يەردە تۇرۇپ تۇراي .
ئاددىيلا پاراڭ بىلەن تىلفۇننى قويغان ئېرشات قوللىرىنى ئۇۋۋىلىدى ، راستىنى ئېيتقاندا سوغۇق ئۇنىڭ تېنىدىنلا ئەمەس سۆڭكىدىنمۇ ئۆتىۋاتقاندەك ئىدى .
- ئېرشات .
يېنىدىنلا چىققان ئاۋازدىن ئېرشات چۆچىدى ، توغرىسى ئۇ يەنە خىياللار ئىلكىدىن قۇتۇلۇپ چىققاندا يېنىدىلا تۇرغان غۇنچە بوي ، ئىككى مەڭزى سوغۇقتىن بولسا كېرەك ئالمىدەك قىزارغان بىر قىز تۇراتتى ، ئېرشات قىزغا بىرلا قاراپ ئۆزىنىڭ خاتا ھېس قىلغىننى بىلدى ، توغرا ئۇ قانداقمۇ بۇرۇنقى زۆھرەنى قايتا ئۇچرتالىسۇن ، ھاياتنىڭ ھەر بىر چاخچىقى ئادەمنى كۈلدۈرۈۋەرمەيدۇ دە .
- ھە . مەن شۇ ، زۆھرە سىزكەنسىزدە ؟
قىز كۈلۋەتتى ، ئۇنىڭ بۇ كۈلكىسى ئېرشاتقا شۇنچە يالغان تۇيۇلدى ، راستىنى دىگەندە قىزنىڭ كۈلكىسى ھەقىقەتەن يالغان ئىدى ، خۇددى تۈلكە جىننىڭ كۈلگىنىدەك .
- ھەئە ، مەن شۇ .
ئېرشات زۆھرە بىلەن ئۇنى بۇنى پاراڭلاشقانمۇ بولدى ، ئاكىسىنىڭ دوختۇرخانا بىناسىدىن چىقىۋاتقىنىنى كۆرۈپ زۆھرەگە
- يەنە بىر كۆرشەرمىز ، ئاكام چىقىپ قالدى ، مەن تىلفۇن قىلاي ھە .
- خوش ئەمسە .
ئېرشات ماشىنىغا چىقىپ ماشننى ئوت ئالدۇردى ۋە ئاكىسى تەرەپكە ھەيدەپ ئاپاردى .
ماشنا دوختۇرخانا ئىشكىدىن چىقىپ تاكى ئۆيگە كەلگۈچە بولغان ئارلىقتا ئېرشات يەنىلا خىيال سۈرۈپ چىقتى ، ئوقۇش پۈتتۈرۈپلا شۇنچە جىمىپ كەتكەن ئېرشاتنىڭ ئۆيگە كىرىپلا يەنە ياتاق ئۆيگە ماڭغىننى كۆرگەن ئانا ئېغىر تىنىپ قويدى .
- كېلىن بالام ، قانداقراق ؟ ھارماي كەلدىڭىزمۇ ؟
ئىشىكتىن كىرىپلا ئاننىڭ ئىللىق قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن گۈزەلنۇر كېلىپلا ئانىغا گۆرە سالدى ۋە يالغان يىغلىغىنىچە
- دىلشات بوزەك ئەتتى .
بۇرۇندىنلا كېلىننىڭ مۇشۇ ئەركىلىشگە كۆنۈپ قالغان ئانا چاندۇرمايلا دىلشاتقا يالغان ئاچچىقلاشقا باشلىدى .
- ھۇ ، قۇلاق كەستى ، يەنە مېنىڭ قىزىمنى بوزەك قىلدىڭما ، يەنە شۇنداق قىلىدىكەنسەن ، ئاشۇ ياغاچ قۇلقىڭدا قوشۇق ياسايمەن .
- ئالدىنقى قېتىقى بېشىدا ياسلىدىغان تۇزلا قاپاقنىمۇ ياسمىدىققۇ ئانا تېخى ؟
گۈزەلنۇرنىڭ ئەركىلەپ قىلغان سۆزىدىن ئۈچەيلەننىڭ كۈلكە ئاۋازى ئۆينى بىر ئالدى ، ئېرشات بولسا ئۆز ھوجىرىسدا پۇرتمالىدىكى سۈرەتكە قاراپ ، خۇددى ئۆيدىكى كۈلكە ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىزدەك خىيالغا پېتىپ كەتكەن ئىدى . ئۇنىڭ خىيالى ئاشۇ يىراق – يىراقتىكى تاملىرى ئېگىز ئەمما كەپسىز ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن خۇددى ئېتىز قىرىغىلا ئوخشايدىغان مەكتەپكە كەتكەن ئىدى . ئەگەردە شۇ ئوقۇش بىر ئۆمۈر تۈگمىسە ، ئېرشاتمۇ بىر ئۆمۈر خۇشاللىقى ، شاتلىقى بولغان زۆھرەدىن ئايرىلىپ قالمىغان بولاتتى . .....
دادىسىنىڭ ئاۋازى چىقىشىغىلا ئېرشاتمۇ قولىدىكى پورتمالنى يانجۇقىغا سالدى ۋە ياتاق ئۆيىدىن چىقىپ كەلدى ، ئەنۋەر ئاكىمۇ ئېرشاتقا قاراپ كۈلۈپ قويدى .
- ھارماي كەلدىڭمۇ دادا ؟
- ھەئە ، ھارماي پۇلغا ئىشلەپ كەلدىم .
ئۆي ئىچى يەنە بىر قېتىم كۈلكە بىلەن لىق تولدى ، بۇ قېتىم ئېرشاتمۇ كۈلدى ، بىراق ئۇنىڭ كۈلكىسىنىڭ ئىچىدىن چىققىنىنى ياكى يالغان كۈلگىننى ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيتتى . بىراق ئۇنىڭ بۇ كۈلكىسى بۇخەلچەم ئاننى خاتىرجەم قىلدى ......
داۋامى ئىنكاس شەكىلىدە يېزلىدۇ ، قىممەتلىك تەكلىپ - پىكىرلىڭلارنى ۋە قوللاپ قۇۋەتلىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن .
2014-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى ( سەھەر )
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ahsaxum تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-26 02:10 AM