مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 887|ئىنكاس: 23

جۇدۇنلۇق دالا (ئەسرارى) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۈنلەر ئۇزۇن.ئەت

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5434
يازما سانى: 3217
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9825
تۆھپە نۇمۇرى: 934
توردا: 3968 سائەت
تىزىم: 2010-8-2
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 08:50:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

جۇدۇنلۇق دالا

م.ئې ئەسرارى

كىچە بولدى كۈندۈزى يوق جاھان،
يۇقالغانچە چىقمىدى قۇياش .
ئۈمىد ئۆچسە تۈگەمدۇ ئارمان،
ئۆلۈم بولدى تىرىگدەك ياشاش.

سۇغۇق شامال ھۇۋشىيدۇ ئۇزاق ،
بىخ سۈرمىدى ھەتتاكى ئۇرۇق.
چۆل پۇرايدۇ ھەممە ئەتراپلار ،
گىياھمۇ يوق بىر تال قۇپقۇرۇق.


يۇلتۇزلاردىن تۈكۈلەر شەبنەم،
سەھەرلەرگە قىراۋ ياسىشىپ.
ئۈششۈك تەگدى گۈل چىچەكلەرگە،
ئېچىلمايدۇ ھۆسىن تالىشىپ.


تۇمان تاراپ چەكسىز ئۇپۇققا،
غۇۋا قىلدى نۇرلۇق كۆزلەرنى.
ھەممە ئادەم قۇلىدا ھاسا،
تەمتىرەيدۇ سىزىپ يەرلەرنى.

ئاستاغىنە ئاۋۇ كۆچەتمۇ،
شاماللارغا ئەگمەكتە بۇيۇن.
ياپراقلىرى تۈكۈلگەن بۈگۈن ،
كەلگۈسىنى ئەپقاچتى قۇيۇن.

يىغلىشىدۇ يۇمران مايسىلار،
ئاستاغىنە بوينىنى سۇزۇپ .
ئۈمىدىنى ئۈزەر دۇنيادىن،
ئەتراپىمۇ كەتكەچكە قۇرۇپ.

كىپىنەكلەر قالدى ماكانسىز،
ئىزدىشىدۇ خۇشپۇراق گۈللەر.
ئۆي ئىزدەيتتى چۈمىلىلەرمۇ،
ئۆتۈپ كىتەر قاچان بۇ كۈنلەر

قۇشلار ئۇچماس بوپتۇ جەنۇپقا،
يەنە رەت-رەت سەپلەر تارتىشىپ.
كۈنۈش دىگەن شۇنداق ئوخشايدۇ ،
ياز، باھارمۇ قىشتەك قارىشىپ.

سۈزۈك سۇلار بۇلغاندى بۈگۈن،
قان پۇرايدۇ ئېرىق سۇلىرى،
لايسۇ ئىچكەن ئاۋۇ قارا كۆز،
قاننى يۇيۇپ قان بولدى ئۆزى.

پاقىلاردىن كىلىشىپ نالە،
قانمىغاندەك دۇنياغا بېقىپ.
كەتكۈسى بار يىراق يىراققا،
ئېقىن سۇدا قانغۇچە ئېقىپ .

يېرىم نىمجان چىكەتكىلەرمۇ ،
نىشان قاراپ سەكرىشىپ باقار.
ئۈمىدىدە بەلكىم ئەتىنىڭ ،
ئىشىكىنى ينىك بىر قاقار.

ئورمانلىقتا ھۇۋلىغان ئاۋاز ،
تەبىئەتكە بىرەر ئەنسىزلىك.
شوخ ئويناقشىپ يۈرگەن بايتاللار،
قىلالمىدى بۈگۈن كەپسەزلىك.


ھەممە ياقتا بىرخىل ھۇدۇقۇش،
ئاق بوز ئاتلار ئۈنسىز كىشنىشىپ.
قېچىپ كەتتى مىكيان چۈجىلەر ،
خوراز قۇيغان تۇخۇمدىن چىقىپ.


چۇقان سالار گاچا تىللاردا
بازارلارغا كۆمۈلگەن جەسەت.
تىمسىقلايدۇ جۇدۇن شاماللار،
پۈتۈلگەندەك بۇنىڭدىن سەنئەت.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-25 09:07 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
qaxmazulal + 300 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 300   باھا خاتىرىسى

قەلەم! قەلەمگە خاس ئىمانىمنى بەر، ئەل ئۈچۈن قاينىغان ۋىجدانىمنى بەر. قارىنى ئاق قىلىپ يازسام مۇبادا، نۇمۇس بەكمۇ يامان زاۋالىمنى بەر. ________ئابدۇقادىر جالالىدىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107868
يازما سانى: 563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1079
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 382 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 09:27:37 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كارامەت ياخشى يېزىلىپتۇ، نىمىدېگەن يېقىشلىق تىل، نىمىدېگەن ئاھاڭدارلىقى كۈچلۈك!.. پاھ!.. پاھ!... بۇ شېئىرنى بىر پۇخادىن چىقىۋالدىم دېسە!.. ھارمىغايسىز!...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107868
يازما سانى: 563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1079
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 382 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 09:41:33 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سوغۇق شامال ھۇۋشىيدۇ ئۇزاق،
بىخ سۈرمىدى ھەتتاكى ئۇرۇق.
چۆل پۇرايدۇ ھەممە ئەتراپلار،
گىياھمۇ يوق بىر تال قۇپقۇرۇق.


نىمىدېگەن تاتلىق مىسرالار بۇ!..... ياقتۇردۇم!.. ھەمدە باشتىلا ئىنكاس يېزىپ قويدۇم...  

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12682
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 31864
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4631 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 09:44:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەدئىي ۋاستىلەر ياخشى ئىپادىسىنى تېپىپتۇ....

يېقىشلىق شېئىر بوپتۇ،ئىجادىيىتىڭىز توختاپ قالمىسۇن....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

يۈرەككە قويۇلغان قول!ق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33575
يازما سانى: 1420
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15289
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 3622 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-26 12:37:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا بەك ياخشى يىزىلىپتۇ  بۇ شېئىر! ھەقىقى شائېر!!! ئاللاھتىن سىزگە ئامانلىق تىلىدىم! ...

ئاللاھ ياخشىلىقلارنى ھەمرا قىلسۇن!.....
.

ئاللاھ ماڭا ھېكمەت ئاتا قىلدى، مۇھەممەد ئەلەيھىسالام چۈشۈمگە كىردى، لېكىن مەن ئالدامچىلىق ھېلە مىكىرلەرنى رەزىللىكلەرنى بىلمەيمەن!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6968
يازما سانى: 489
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 19844
تۆھپە نۇمۇرى: 671
توردا: 1932 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-26 02:24:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چۇقان سالار گاچا تىللاردا
بازارلارغا كۆمۈلگەن جەسەت.
تىمسىقلايدۇ جۇدۇن شاماللار،
پۈتۈلگەندەك بۇنىڭدىن سەنئەت.

ھەقىقەتەن ياخشى يېزلىپتۇ بىراق ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاچچىق قىلىپ قويامدۇ قانداق ؟

مۇمكىن ئەمەس تىنىقسىز ياشاش ،
گۇۋاھ بولار بۇنىڭغا تەبىئەت .
قۇچاقلايدۇ روھىمنى روھلار ،
ئاڭنى يېزىش مەڭگۈ بى ھاجەت .

بۇ دۇنيادا بەدەل تۆلەيدىغىنى ئەخمەقلەر .............. ھوزۇرلىنىدىغىنى ئالدامچىلار !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109295
يازما سانى: 425
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5377
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 496 سائەت
تىزىم: 2014-8-19
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-26 12:50:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ شېئىر! ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپ تۇ

. ئۆزىنى كەمسىتىش: باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى بىلەن ئۆزىنى ھاقارەتلەشتۇر.

ئاي بەرگى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98397
يازما سانى: 1155
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4650
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 799 سائەت
تىزىم: 2013-10-2
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-26 02:38:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شەبنەم تامچىلىرىدەك سۈزۈك ھېسلىرىڭىزغا كۆز تەگمىسۇن! قايتا قايتا ئىككى قېتىم ئوقۇپ چىقتىم.بەك ياقتۇردۇم.

تۈلكىلەرگە قارا

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11678
يازما سانى: 4466
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 84600
تۆھپە نۇمۇرى: 1745
توردا: 9973 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-26 06:01:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىچە بولدى كۈندۈزى يوق جاھان،

چۆل پۇرايدۇ ھەممە ئەتراپلار

قاتارلىقىلاردا لوگىكىلىق زىتلىق بار.

شېئىر ئوبدان يېزىلغاچقا پىكىر بىرىپ قويدۇم.

شەرەپتۇر مەن ئۈچۈن قاقشال دەرەخ بوپ،ئەلنىڭ ئوچىقىدا تاراسلاپ كۆيۈش!پۇراقسىز ، چىرايلىق غۇنچىسىز گۈلدىن،خۇشپۇراق،كۈلگۈنچەك ياپىراقنى سۆيۈش!!

كۈنلەر ئۇزۇن.ئەت

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5434
يازما سانى: 3217
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9825
تۆھپە نۇمۇرى: 934
توردا: 3968 سائەت
تىزىم: 2010-8-2
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-27 10:47:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
99sahrayi99 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-25 09:27 PM
كارامەت ياخشى يېزىلىپتۇ، نىمىدېگەن يېقىشلىق تىل، نىمى ...

ياقتۇرۇپ ئۇقۇغىنىڭىزدىن خۇرسەن بولدۇم، بولسا تەنقىدىي پىكىرلىرىڭىزنى ئايىماڭ. سىزنىڭ بىر تەنقىدىڭىز مىنىڭ ئىككى قەدەم ئالغا مېڭىشىمغا يىتەكچى بوپقالسا ئەجەپ ئەمەس…

قەلەم! قەلەمگە خاس ئىمانىمنى بەر، ئەل ئۈچۈن قاينىغان ۋىجدانىمنى بەر. قارىنى ئاق قىلىپ يازسام مۇبادا، نۇمۇس بەكمۇ يامان زاۋالىمنى بەر. ________ئابدۇقادىر جالالىدىن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش