سالام ئۈرۈمچى
مۇھەممەدئىمىن ھەسەن
ئەل-يۇرتۇمدىن ئەسسالام ئېلىپ كەلدىم ئۈرۈمچى،
شەھەرلەرنىڭ سەركىسى بىلىپ كەلدىم ئۈرۈمچى،
ئادەملەرنىڭ سەرخىلى توپلاشقان بۇ شەھەرگە،
ياخشى تىلەك - دۇئالار قىلىپ كەلدىم ئۈرۈمچى.
پىروفىسسۇر - ئالىملار سېنىڭدە بار ئۈرۈمچى،
بارچە ئەۋزەل شارائىت يېنىڭدا بار ئۈرۈمچى،
مەرىپەتنىڭ بۇلىقى كېنىڭدا بار ئۈرۈمچى،
يولباشچىسى ئەلنىڭ دەپ كۈلۈپ كەلدىم ئۈرۈمچى.
ئەلنى سۆيەر قەلبلەر ئۆزۈڭدە بار ئۈرۈمچى،
ئەلگە مېھىر-مۇھەببەت كۆزۈڭدە بار ئۈرۈمچى،
ئۇلۇغ ئارزۇ-نىشانلار سۆزۈڭدە بار ئۈرۈمچى،
ئۈمۈدىنى ئەل-يۇرتنىڭ يېزىپ كەلدىم ئۈرۈمچى.
ساخاۋەتلىك ئەل سۆيەر بايلىرى بار ئۈرۈمچى،
شامىلىدا توك چىقىار سايلىرى بار ئۈرۈمچى،
تاغلىرىدا كۆمۈر ھەم مايلىرى بار ئۈرۈمچى،
شۇنداق گۈزەل ھۆسنىڭگە قېنىپ كەلدىم ئۈرۈمچى.
يول بويىدا گۈل-گىياھ چىنارى بار ئۈرۈمچى،
چوڭ بازاردا ئۆزگىچە مۇنارى بار ئۈرۈمچى،
بىر كۆرگەننىڭ سېنى ھەم خۇمارى بار ئۈرۈمچى،
قايتىپ بولۇپ مەنمۇ ھەم يېنىپ كەلدىم ئۈرۈمچى.
ئادەملىرى ئەدەپلىك، دوستلۇقى بار ئۈرۈمچى،
مېھمان كەلسە ھەر قاچان خوشلۇقى بار ئۈرۈمچى،
مۇساپىرغا تۇرغۇدەك بوشلۇقى بار ئۈرۈمچى،
ئاز بولسىمۇ كۆڭلۈمنى ئېلىپ كەلدىم ئۈرۈمچى.
ئەل-ۋەتەننىڭ ئۈمۈدى كۆزى سەندە ئۈرۈمچى،
ئەجداتلارنىڭ ئىزى ھەم سۆزى سەندە ئۈرۈمچى،
بارچىمىزنىڭ شەرىپى-يۈزى سەندە ئۈرۈمچى،
ھۆرمىتىڭگە گۈلدەستە تىزىپ كەلدىم ئۈرۈمچى.
مەنبە:ئاسىيا كىندىكى گېزىتى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-25 01:51 PM