|
|
|
|
زور قۇياش دېغى يەر شارىغا خەۋپ ئەكەلمەكتە
تاشپۇلات روزى
مۇشۇ بىرنەچچە يىلدىن بېرى قۇياش يۈزىدە ناھايىتى زور بولغان بىر توپ قۇياش دېغى پەيدا بولغانلىقى ئېلان قىلىنىپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ مۇشۇ بىرنەچچە ئايدىن بېرى بۇ قۇياش دېغىنىڭ زور كېڭىيىۋاتقانلىقى دوكلات قىلىنىۋاتىدۇ. ھازىرقى تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا بۇ زور قۇياش دېغى بىزنىڭ يەرشارىمىزغا توغرىلىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇنۇڭدىن زور قۇياش شامىلى پەيدا بولۇش مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىنىۋاتىدۇ.
10-ئاينىڭ 17-كۈنى ناسانىڭ قۇياش تەتقىقاتچىلىرى قۇياشنىڭ شەرقى نۇقتا يۈزىدە AR 2192 دەپ ئاتىلىدىغان بىر ساھەدە زور قۇياش دېغى بارلىقىنى دەلىللىدى. قۇياشنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ بۇ بىر توپ قۇياش دېغى بىر نەچچە كۈنى ئىچىدە ئۆز ھالىتىنى ئىپادىلەپ، ئۇنۇڭ چوڭلۇقى (دىئامېتىرى )140،000 كىلومېتىر ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى. يەنە ئۇنۇڭ چوڭلۇقى يۇپىتېر بىلەن ئوخشايدىكەن. بۇ بىر توپ قۇياش دېغى 2008-يىلىدىن بېرىقى قۇياش دەۋرىلىگىدە تەكشۈرۈلگەن ئەڭ چوڭ داغ ئىكەن. بۇ قۇياش دېغىنى كۆزىڭىزگە دەخىل قىلمايدىغان سۈزگۈچ بېكىتىپ قۇياشنى كۆزەتسىڭىزمۇ كۆرەلەيدىغان ھالەتتە ئىكەن.
ناسانىڭ (SDO) دەيدىغان قۇياش تەكشۈرگۈچى سۈننىي ھەمراھى، بۇ زور قۇياش دېغىنى ئۈزلۈكسىز تەكشۈرۈۋاتقان بولۇپ، ھازىرغىچە قۇياش يۈزىدە كىچىك (Sun Flare) پارتلاشتىن 27 قېتىم، ئوتتۇراھال پارتلاشتىن 8 قېتىم، زور پارتلاشتىن 2 قېتىم بولغانلىقىنى تەكشۈرۈپ چىققان. بۇ پارتلاشلاردىن ھازىرغىچە زور قۇياش شامىلى پەيدا بولمىغان بولسىمۇ بىراق بۇندىن كېيىن قۇياش يۈزىدە زور پارتلاش يۈز بەرسە، كارونا (Corona) گازى دەپ ئاتىلىدىغان يەنى ئېلېكترون زەرىجىلەردىن تەشكىللىگەن زور بۇلۇت يەر شارىغا قاراپ كېلىشى مۇمكىن ئىكەن. ئەگەر بۇ بۇلۇت يەرشارىغا يېتىپ كەلسە، يەر شارىدا ماگنىتلىق گاز شامىلى پەيدا بولۇپ، ئۇ ئالاقە سىستېمىلىرىنى ۋە توك يوللاش يوللىرىنى ۋەيران قىلىش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن.
قۇياش يۈزىدىكى پارتلاشلاردا پەيدا بولىدىغان كارونا (Corona) ھادىسىسى مېنىڭ ھازىرقى تەتقىقات تېمامدىن ئىبارەت. كارونا ھادىسىسى دېگىنىمىز قۇياش يۈزىدىكى پارتلاشتىن كېلىپ چىقىدىغان بولۇپ، ئۇنۇڭ تەركىبى پلازما (Plasma) دىن تەركىب تاپقان. ئادەتتە قۇياش يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 6000 سېلسىيە بولىدۇ. بىراق بۇ كارونا ھادىسىدە تېمپېراتۇرا بىر مىليون سېلسىيىگىچە كۆتۈرۈلىدۇ. كارونا ھادىسىسى يېڭى يۈز بەرگەندە قۇياش يۈزىدىن 500 كىلومېتىر ئارىلىققىچە تېمپېراتۇرىسىدا ئۆزگىرىش بولماي، 500 كىلومېتىردىن كېيىن ئۇنۇڭ تېمپېراتۇرىسى يۇقىرىلاپ، 2000 كىلومېتىرغا بارغاندا تېمپېراتۇرىسى تۇيۇقسىز كۆتۈرۈلۈپ، 10،000 سېلسىيىدىن بىر مىليونغا كۆتۈرۈلىدۇ. ئەسلى تېمپېراتۇرا ئاجىزلاپ مېڭىش كېرەك بولغان بۇ ھادىسىنىڭ نېمە سەۋەبتىن تۇيۇقسىز ئاشۇنداق زور تېمپېراتۇرا ھاسىل قىلىشى ماتېماتىكا ۋە فىزىكا ئالىملىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ كەلمەكتە. تېخىچە بۇنداق ئادىسىنى تولۇق چۈشەندۈرىدىغان بىر تەتقىقات ئوتتۇرىغا قويۇلمىدى. بىراق شىۋىسيە فىزىكا ئالىمى Hannes Alfven بۇ ھادىسىنىڭ ماتېماتىكىلىق فورمۇلىسىنى بېرىپ ۋە ئۇ ئۈستىدە ئاجايىپ نەتىجىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئۈچۈن 1970-يىلى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىنى ئالىدۇ.
بۇ تەتقىقاتىم توغرىلىق مەن ھازىر يېزىۋاتقان “ئانا دىيار تەسىراتلىرى” نىڭ ئامېرىكا قىسمىدا تەپسىلىي توختىلىمەن. مەن بۇ تەتقىقاتنى 2010-يىلى ياپونىيەلىك فىزىكا ئالىمى بىلەن بىرگە تەتقىق قىلىشقا كىرىشكەن ئىدىم. شۇ يىلى ياپونىيەلىك پروفېسسور مېنى ئوز ئۇنىۋېرسىتېت تەكلىپ قىلىدۇ، مەن ئۇ يەردە 13 كۈنى بۇ تېما توغرىلىق ئۇنۇڭ بىلەن مۇنازىرە قىلىشىپ يۇقىرىدىكى ھادىسىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئاشۇنداق بولىدىغانلىقىنى ماتېماتىكىلىق يەشكەن ئىدۇق. بۇ ناھايىتى چوڭ ھەم مۇرەككەپ تېما بولغاچقا تەتقىقات ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتىدۇ. كېلەر ئاي بۇ ياپونلۇق پروفېسسور مەكتىپىمىزگە كېلىپ، بۇ تەتقىقاتنىڭ ئاخىرقى نەتىجىلىرىنى مەن بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ مۇنازىرە قىلىدۇ ۋە مەكتىپىمىزدە دوكلات بېرىدۇ. ئۇ بۇ قېتىمقى سەپىرىدە يەنە دۇنياغا داڭلىق Stanford ئۇنىۋېرسىتېتىمۇ دوكلات بېرىدۇ. ئۇ دوكلاتلار توغرىسىدا ۋاقتى كەلگەندە بۇ يەرگە خەۋەر شەكلىدە يېزىپ قويىمەن.
تېخىمۇ كوپ ئۇچۇرلارغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى چېكىڭ:
http://www.forbes.com/sites/eric ... at-earth-right-now/
|
|
|
|
|
|