مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2474|ئىنكاس: 27

بۈ كۆڭۈلگە تەسەللى كېرەك . . . R [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2589
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8914
تۆھپە نۇمۇرى: 360
توردا: 218 سائەت
تىزىم: 2010-6-13
ئاخىرقى: 2014-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 12:10:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

qesem.jpg


روھچىن



ھەربىر سەھەرنىڭ بىر كەچلىگى بار، بىر ئېچىلىشنىڭ بىر تۇزىشى بار. بىر ياشلىقنىڭ، بىر قېرىسى، بىر تۇغۇلۇشنىڭ، بىر ئۆلىمى بار.
كۆڭۈللەرنى ھايات پادىچىسى سۆرەپ ماڭغاندا ئىزتىراپ ئىچىدە تىتىرەيدۇ. خۇددى سايىلار بۇلۇتقا سۆرۈلۈپ، ئاپتاپقا تاشلاپ كەتكىنىدەك.
بىر كۈنلەردە ئاخشاملىقتا ساق يېتىپ ئەتتىگىنى تۇيۇقسىز قېرىپ كەتكەنلىكىڭىزنى ھېس قىلىپ قالىسىز. ئىجتاھات قىلىۋاتقان بارلىق نەرسىلەرمەنىسىز بىلنىپ قىممىتىنى يۇقاتقاندەك بىلنىدۇ.
تۇلىراق ئۆلۈمنى، قېرىلىقنى ئويلايدىغان بۇلۇپ قالىسىز. تۇرۇپلا ناتۇنۇش بىر يىغا قىستاپ كىلىدۇ. بىر يىغلىۋالاي دەپ ئويلايسىزيۇ ياش چاناقتىن تۆكۈلمەي قىستىلىپ تۇرىدۇ.
تېخى تۈنۈگۈن ئىشتاھا بىلەن ئويناپ يۈرگەن ئويۇنلارغا قارىسىڭىز ئاللا بۇرۇن ئەسلىمە بۇلۇپ كەتكەنلىكىنى ئويلاپ قالىسىز. ھەرقانچە ئويلاپمۇ بۇ ئويۇننىڭ نەرى سىزنى جەلىپ قىلغانلىقىنى بىلەلمەيسىز.
چىش چوتكىلاش ئۈچۈن ئەينەك ئالدىغا كەلگەندە تىرىللىرىڭىزنىڭ قورۇقلىشىپ كەتكەنلىكىنى، قاڭشالىرىڭىزنىڭ تىكلىنىپ چىقىپ قالغانلىقىنى، چاچلىرىڭىزنىڭ شالاڭشىپ قالغانلىقىنى بايقايسىز. بىز شۇنچىلىك بىر تەڭلىك ئىچىدە قالىمىزكى بىز ياشاپ بولالمىغان نۇرغۇن ۋاقىتلىرىمىز بارئىدى. ھايات بىزنى گۆرگە ئىتتىرىۋاتىدۇ، بىزنىڭ ئورنىمىزغا كىلىدىغان بىر مىھمانغا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ.
بىز ئۇقۇپ، ئىشىنىپ، ساقلاپ، يادلاپ كىلىۋاتقان نۇرغۇن تەسەللى سۆزلەرنىڭ بىزگە ھېچقانداق قىممىتى قالمىغانلىقىنى بىلىمىز. ھاياتقا كۈلۈمسىرەپ قارىسىڭىز ئۇمۇ كۈلۈمسىرەپ قارايدۇ دەپ ئۆگەنگەن ئىدۇق. ئەمما، كۈلۈمسىرەپ قاراپ باقتۇق لېكىن بىر دەقىقىلىق ئۆمۈر بىرەلىدىمۇ ؟ ھەرقانچە كۈلۈمسىرەپ، قاقاھلاپ كۈلۈپ قارىساقمۇ ئەجەل خەنجىرىنى بىر دەقىقە چۈشۈرگىنى يوق.
ئۆزىڭىزگە قانچە تەسەللى قىلىپ باقسىڭىزمۇ تىتىرەۋاتقان قوللارنى، تورلاشقان كۆزلەرنى، ئېغىرلىشىۋاتقان نەپەسلەرنى قىرانلىقىغا قايتۇرالمايسىز. تەسەللى مەۋھۇم نەرسە. ئەمما، ئاشكارا تىكلىنىپ تۇرغان قېرىلىق رىئال نەرسە. . .
ئادەمنىڭ پىسخىك يېشى دەپ بىر ياش بۇلىدۇ. بۇ ياشنىڭ پەسلى ئىككىلا بۇلىدۇ. ئۆزىڭىزنى 25 ياشلىقتەك ھېس قىلىپ نۇپۇس دەپتىرىڭىزدىكى سانلارغا بوي بەرمەي ياشاۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە تۇيۇقسىز قېرىپ كىتىسىز.
نۇپۇس دەپتىرىدىكىدىن نەچچە ياش قېرىپ كەتكەن بۇلىسىز. بۇ يېشىڭىزنىڭ ياشلىق بىلەن قېرىلىق ئوتتۇردىكى پەرقى پەقەت بىر كىچىلا بۇلىدۇ.
سىز ئاخشام 25 ياش بىلەن ئۇخلاپ ئەتتىگەندە 45 ياش بىلەن تۇرىسىز. گەپ بۇيەرگە كەلگەندە بىر مەسىلە ئوتتۇرغا چىقىدۇ. . . ياشلىقتىكى نۇرغۇن ئارزۇ-ئارمانلىرىمىزنى قانداق قىلىمىز.
ۋۇشىياۋلى، مايۈندىن تىجارىتىگە بولغان پۇزۇتسىيەسى ھەققىدە سوئال سورىغاندا مايۈن« مەن ئاللا بۇرۇن بەك ئىگىزگە چىقىپ قالدىم، قايتا ياشاش مۇمكىن بولغىنىدا بۇنچىلىك ئىگىزگە چىقمىغان بولاتتىم، ئەمدى ماڭا ئامال يوق، مۇشۇ يەردە تۇرىشىم كىرەك» دېگەن. دىمەك مايۈن ئاللا بۇرۇن پىسخىك يېشىدا قېرىپ كىتىپ بولغان، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ غايىنىڭ گىپىنى قىلماستىن ئىشلارنى قانداق ئاياغلاشتۇرۇشنى خىيال قىلىپ قالغان.
ئەگەر نىشانلىرىڭىز بولسا ئەڭ ياخشىسى پىسخىكىڭىز قېرىپ كەتمەستە يىتىۋېلىڭ، بولمىسا ئوتتۇر يولدىن ئاخىرغا قانداق چىقىشنى ئەمەس، كەينىڭىزگە قانداق يېنىشنى ئويلايدىغان بۇلۇپ قالىسىز.
بەللىرى مۈكچىيىپ كەتكەن ئاياللارنىڭ قېنىق لەۋ سۇرۇقى سۈرۈپ ماڭغىنىنى كۆرسەم ئۇلارنىڭ قېرىپ كەتمىگەن پىسخىكىسىغا زوقلىنىپ قالىمەن. ئۇلار ھېلھەم گۈزەللىكتىن ۋاز كەچمىگەن، ھېلھەم ياشلىقتىكى قىزغىنلىقلارنى ساقلاپ قالغان ئىشىنىمەنكى ئۇلارتۇرمۇشنىڭ ھەرتەرپىدە ياشلىقىدىكىدەك قىزغىن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئەنە شۇنداق بىر قېرىشنى كۈتۈۋالسىڭىز بىرىنچى بۇلۇپ ماڭا تېلىفۇن قىلىڭ. مەن سىز بىلەن يېرىم كۈن زىرىكمەي پاراڭلىشىمەن.
چۈنكى مەن شۇ كۈندە يالغۇز ئولتۇرۇپ يېرىم كۈن يىغلىدىم. مەن يەنە شۇنى چۈشەندىمكى ھاياتتا سىز قانچىلىك ياخشى بولسىڭىز ھايات سىزنىڭ شۇنچىلىك كەمچىلىكىڭىزنى سىغدۇرالمايدىكەن. قانچىلىك شەخسىيەتچى بولسىڭىز شۇنچىلىك سەۋەنلىكىڭىزنى سۈرۈشتۈرمەيدىكەن. خۇددى چىشلىۋالغان ئىت قېچىپ كىتىپ، قونغان پاشا ئۆلتۈرۈلگەندەك. كۆڭۈللەر تەسەللى ئىزدەيدۇ، گەرچە تەسەللىلەرنىڭ يالغانلىقىنى بىلسىمۇ. ئەمىلىيەتتە كۆڭۈل ئۆزى ئەخمەق نەرسە قانچە ئالدىيالىسىڭىز شۇنچە ئالدىنىپ بىرىدىغان.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  مىسرانىم مۇنبىرىدىكى ئەزىزلەر . . . مەن روھچىن بلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى روھچىن بۇلىمەن. ئۆزۈم ئانچە-مۇنچە بىرنەرسىلەرنى يېزىپ كىلىۋاتقان ھەم ھەممىنى بلوگىمغىلا يوللايتتىم. بۇنىڭدىن كىيىن بلوگىمغا يوللاش بىلەن بۇ مۇنبەرگىمۇ بىللە يوللاپ ماڭماقچى بۇلىۋاتىمەن. يازمىللىرىم ھەققىدە پىكىر-تەكلىپلىرىڭلارنى ئاڭلاشنى ئۈمۈت قىلىمەن.




ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
gvzalnur2 + 50 3 كۈندىن بۇيانقى كۆڭلۈ.
oygurum + 100 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 150   باھا خاتىرىسى

ئاداش-ئاداش بۇلايلى بىرنان تاپساق تەڭ يەيلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94617
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 862
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 98 سائەت
تىزىم: 2013-4-10
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 10:26:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام !
يازمىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ،ھارمىغايسىز قېرىندىشىم!

بىرسى سىنىڭ ئۆتمۈشۈڭنى ئۇنتۇلدۇرالىسا ئۇنداقتا ئۇ سىنىڭ كەلگۈسۈڭ!!.......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87057
يازما سانى: 495
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 882
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 167 سائەت
تىزىم: 2012-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 11:31:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت داۋاملىق ياخشى يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92141
يازما سانى: 1880
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2266
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3081 سائەت
تىزىم: 2013-2-23
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 11:33:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  بۇ كۈڭۈل دىگەننى مۇۋاپىق ئالدىيالىغاندا سالامەتلىكمۇ ياخشىلىنىپ ياشىرىپ قالىدىغان گەپ...

ئىلىكتىر ئىلمى بۇيەردە:http://www.xjefan.com/
  اشقىلارنى باھالاشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزنى باھالىۋىتىڭ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100367
يازما سانى: 157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 263
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 40 سائەت
تىزىم: 2013-12-1
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 11:45:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەسەللىنى  ئۆزىڭىزگە ئۆزىڭىز بىرىڭ ، ھىچقانداق ئادەم يەنە بىرىنىڭ دەردىنى چۈشىنىپ بولالمايدۇ ، قىيىنچىلىقلارنى  يىڭىشقا تىگىشلىك ئىرادىڭىز  بولسۇن

ئوغۇللاردا  ۋىجدان يوق دىگەن قىزلارنىڭ دادام مىنىڭ يۆلەنچۈكۈم دىيىشى قىززىق
قىزلارنى  نومۇسسىز  دىگەن ئوغۇللارنىڭ  ئانام مىنىڭ  پەرىشتەم  دىيىشى قىززىق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94633
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 89
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2013-4-10
ئاخىرقى: 2015-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 12:00:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۈتۈپ كەتكەن بىھۇدە ۋاقتىمنى ئويلىسام يۈرۈگۈم ئازاپتىن ئاچچىق بولدۇ ، ھەر كۈنى ئۈزۈمنى ئىزدەيمەن ، ئەمما كەينىمگە قارغىنىمدا بىر  ھەتتا قانداق كەلگىنىمنىمۇ تاپالمىغدەك دەرىجىدە قاپقاراڭغۇ ئېچىنىشلىق بىر ئوتمۇش .
مەن ئەمدى بىلدىمكى مەن يوقاتقان ئۈزۈمننى قاراڭغۇلۇققا تولغان ئوتمۇشتىن ئەمەس پارلاق كەلگۈسدىن ئىسدەيمەن .....
ھايات توغۇرسىدا بۇ نەسىرنى ئۇقۇپ ئوز ئۈزۈمگە پىچچۇرلۇغۇم كەپ قالدى .
رەھمەت مۇشۇنداق ئىسىل نەسىرلەرنى داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101904
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1173
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 959 سائەت
تىزىم: 2014-1-6
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 01:39:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر كۆڭۈلگە تەسەللى كېرەك، ئەمما تەسەللى ھەر بىر كۆڭۈلگە راۋا ئەمەس!

ئاي بەرگى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98397
يازما سانى: 1119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4432
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 765 سائەت
تىزىم: 2013-10-2
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 01:45:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىم كىمنى چۈشىنىپ بولالىغان؟ بۇ جاھان شۇنداق جاھان دەپلا قالىمىز خالاس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88497
يازما سانى: 560
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1318
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 890 سائەت
تىزىم: 2012-12-12
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 04:49:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۇنيادا ئۆزىنى ئۆزىدىن بەك چۇشىنىدىغان تەسەللى بىرەلەيدىغان بىرسى يوق .
پەقەت ئۆتۇپ كەتكەن ئازاپلىق مەنىسىز ئەسلىمىلەرنى قايتا ئەسلىمەي كەلگۇسىنىڭ تىخىمۇ گۇزەل ،يەنە كىلىپ بۇ ھايات تۇرمۇش دۇنيانىڭ تىخىمۇ رەڭدارلىقىنى ھىس قىلالىسا ئادەم ئۆزىگە بولغان ھاياتلىق نىشانىنى يەنە بىر قىتىم تاپقان دەك بولىدۇ.
چۇنكى خۇشال كەيپىيات ئادەمنىڭ كاللىسىنى ئاچىدىكەن ،ناچار روھسىز بولسا ئىچقانداق ئىشلارغا تاۋى بولمايدىكەن .

ھەر بىر ئادەمنىڭ ئىككى يۇزى بولىدۇ،ياخشى بىلەن يامان كەلگۇسى بىلەن ئۆتمۇشى،بىرسىنى ياخشى كۆرگەن ئىكەنسىز بارلىقىنى قوبۇل قېلىشىڭىز كىرەك.

تەككەپپۇرلۇق ئى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18013
يازما سانى: 960
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10206
تۆھپە نۇمۇرى: 421
توردا: 2333 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 05:45:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىلغان يازمىكەن ياقتۇرۇپ ئۇقۇدۇم  

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش