سەت جۇمۇ
بىراۋ قىلسا بىرەر ئىش كۆرەلمىسەڭ سەت جۇمۇ ،
ئاۋام بىلەن بىر سەپتە يۈرەلمىسەڭ سەت جۇمۇ .
ئەمگەك سىڭگەن ناخشىدىن ئالدىڭ ھوزۇر ئەل قاتار ،
خەق ھەققىنى ۋاقتىدا تۆلەلمىسەڭ سەت جۇمۇ .
چېچەكلەردە چاڭلىشىپ ھالاۋەتتە ئەتلەندىڭ ،
مۇششەقەتتە بىر سەپتە يۈرەلمىسەڭ سەت جۇمۇ .
تەبىر بەرگەچ رىئالللىق ئوڭغا ماڭدى چۈشلىرىڭ ،
شېرىن تۇيغۇ خىيالنى سۈرەلمىسەڭ سەت جۇمۇ .
ئالتۇن تۇغۇپ بوسۇغاڭ ، قۇياش كىردى ئۆيۈڭگە ،
يىگەن ناننىڭ ئەجرىنى بىلەلمىسەڭ سەت جۇمۇ .
دەرۋازاڭغا قىسىلغان بارغاقلاردا بار ھۆرمەت ،
بويۇندىدى ساھىپخان كېلەلمىسەڭ سەت جۇمۇ .
ئۇن ساندۇقۇڭ لىق تولدى قېرىندىشىڭ تەرىدىن ،
بىر تال چامغۇر ئۇرىقى تېرەلمىسەڭ سەت جۇمۇ .
قىسىر قېلىپ مولچىلىق قىينىغاندا سۈت ئىشقى ،
ئەل يۇرتۇڭغا جۈر بولۇپ مۆرەلمىسەڭ سەت جۇمۇ .
پاتقىغىغا تۇرمۇشنىڭ پاتسا ئەۋلاد كېمىسى ،
ئىنجىقلىسا جامائەت سۆرەلمىسەڭ سەت جۇمۇ .
رىزقى ئۈچۈن ئەتىنىڭ پىشىپ چىقار ئۇلۇق نان،
تونۇردىكى ئوتۇندەك كۆيەلمىسەڭ سەت جۇمۇ .
ئاپتۇرى : ئابلەت مۇھەممەت