ئىگىلىك تىكلەش ۋە ياللىنىپ ئىشلەش
كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئىگىلىك تىكلەشنىڭ خەتىرى كۆپ،باشقىلارغا ياللىنىپ ئىشلەشنىڭ خەتىرى يوق،غەم-ئەندىشىسىز تۇرمۇش دەپ قارايدۇ.مىنىڭچە ئۇنداق ئەمەس،تۆۋەندىكى ماقالىنى ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن كۆپچىلىكمۇ چوقۇم مەندەك ئويلايدىغان بولىدۇ.
ئىگىلىك تىكلەش بىلەن باشقىلارغا ياللىنىپ ئىشلەشنىڭ ئوخشاشلا خەتىرى بار،نۇرغۇنلىغان ياللىنىپ ئىشلىگۈچى خادىملارنىڭ ساپاسى،خىزمەت ئىقتىدارى ۋە تەجرىبىسى خوجايىنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى تۇرىدۇ،بۇنىسى كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى مەلۇم دەپ ئويلايمەن.
ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ياخشى تۈر بىلەن مەبلەغنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج.ياللىنىپ ئىشلىگۈچىلەر بولسا ياخشى بولغان خىزمەت پىسخىكىسى بىلەن مول خىزمەت تەجرىبىسىگە مۇھتاج،بولمىسا ھەرقاچان شاللىنىپ كېتىش خەۋىپى بار.
ھەممىگە مەلۇم بولغان ئىستاتىستىكا نەتىجىسىنى بىر كۆرۈپ ئۆتەيلى؛يېڭىدىن ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ ئىگىلىكىنى داۋاملاشتۇرالىشى 5٪ ئەتراپىدا.باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا،100يېڭىدىن ئىگىلىك تىكلۈگۈچى بولسا يەنە بەش يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئارانلا بەش ئادەم بەرداشلىق بېرەلەيدۇ،قالغان 95ى مەغلۇب بولىدۇ دىگەن گەپ ،ياللىنىپ ئىشلىگۈچىلەر بولسا پەقەت خالىسىلا داۋاملىق ئىشلەپ قالسا بولېۋېرىدۇ.بۇنداق بولسا ئىگىلىك تىكلەشنىڭ خەتىرى بەك چوڭ بولۇپ كەتمەمدۇ دەمسىز؟! ئالدىرىماڭ بۇنى تۆۋەندە سۆزلەپ ئۆتىمىز.
مىنىڭ بىر تونۇشۇم دۆلەت ئىگلىكىدىكى بىر كارخانىدا يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى ئىدى،تۇيۇقسىزلا بۇكارخانا ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالدى،دۆلەت كارخانىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىپ بارلىق پاينى شەخسىيگە ئۆتكۈزۈپ بەردى.شېركەتنىڭ يېڭى خوجايىنى مۇنداق بىر قارارنى چىقارغان:100 ئادەمنىڭ ئچىدىن پەقەت 5نى تاللاپ بۇلارنى ئوتتۇرا قاتلامدا باشقۇرغۇچىلىققا قويۇش بەش يىلدىن كىيىن ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈش قالغان 95 ئادەمنى قىسقارتىش.دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى ،بۇ يەردە تاللىنىدىغان بەش ئادەم ھەرگىزمۇ ئىقتىدارىغا،ئىشلىگەن يىل سانىغا قاراپ ئەمەس،بەلكى يېڭى باشلىق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە قاراپ بېكىتىلىپتۇ.قاراڭ بۇ نىمىدىگەن رەھىمسىزلىك ھە!
ئۇنىڭدىن باشقا بىر شېركەت مەخسىۇس شەخسىي شېركەتلەردە ياللىنىپ ئىشلىگۈچىلەرنى ئىز قوغلاپ ئىستاتىستىكا قىلغان،نەتىجىدە نەچچە مىڭ كىشىلىك چوڭ گورۇھلاردىكى ئادەم كۈچىنى ئالمىشىش سۈرئىتى ئادەمنى چۆچۈتكەن.بىر ياللىنىپ ئىشلىگۈچىنىڭ بىر ئىدارىدە ئىشلەش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندىمۇ تۆت يىلغا بارمىغان،ئۇلار مائاش تەمىناتى،پاراۋانلىق،خىزمەت مۇھىتى ،باشلىقى بىلەن كىلىشەلمەسلىك قاتارلىق سەۋەب تۈپەيلىدىن خىزمىتىدىن ۋاز كېچىپ باشقا يەردىن خىزمەت تېپىشقا مەجبۇر بولغان.
نۇرغۇنلىغان ياللىنىپ ئىشلىگۈچىلەرنىڭ خىزمەت بېسىمى ناھاايىتى ئېغىر،ئۇلارنىڭ خىزمەت تەجرىبىسى،ئىقتىدارى بارغانسېرى ئۇلار ياللىنىپ ئىشلەۋاتقان خوجايىننىڭكىدىن ئېشىپ كىتىدۇ،ئۇلاردا كەم بولغىنى پەقەتلا تەۋەككۈل قىلىش روھى خالاس.
بىز نۇرغۇن چاغلاردا خىزمەت قىلىشتىن ۋاز كېچىپ ئۆزىمىز ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولىمىز يۇ ،ھازىرقى تۇرمۇشىمىزنى ئويلاپ توختاپ قالىمىز.ئەگەر مەغلۇب بولسامچۇ؟! ئۆيۈمنىڭ ئايلىق بانكا قەرزىنى قانداق قىلىمەن؟!بالىلىرىمنى قانداق باقىمەن؟! بىر ئوبدان خىزمىتىمنى تاشلىۋېتىپ يامان كۈنگە قالسام باشقىلار نىمە دەپ قالار دىگەنلەرنى ئويلاپ توختاپ قالىمىز،مانا بۇلار بىزدىكى ئاجىزلىقلار،بىزنى چۈشەپ قويۇۋاتقان،ئۆزىمىز خالىمىساقمۇ تۇرمۇش بېسىمىدىن سەۋەبىدىن قىلىشقا مەجبۇر قىلىدىغان ئامىللاردۇر.
ياللىنىپ ئىشلىگۈچىلەر مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن خىزمىتىدىن ئايرىلغاندىن كىيىن چۈشكۈنلىشىپ كىتىدۇ،يېڭى خىزمەتكە يۈزلىنىشى تەسكە توختايدۇ.ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر بولسا مەغلۇبىيەتكە دۇچ كەلسە ئۇنى بىر ساۋاق،تەجرىبە دەپ بىلىپ ،بۇ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلەيدۇ.بۇ ئارقىلىق ئۆزىنى تېخىمۇ تاكاممۇللاشتۇرىدۇ،
گەپنىڭ راستىنى ئېيتقاندا مەنمۇ بىر ياللىنىپ ئىشلىگۈچى ،ھارزىرغا قەدەر تېخى بىرەر ئورۇندا ئىككى يىلدىن ئارتۇق ئىشلەپ باقمىدىم.ھەر قېتىم خىزمەت ئورنى ئالمىشىشىمنىڭ سەۋەبىمۇ ئوخشىمايدۇ.
مەلۇم بىر ئىدارىدە ئىشلەۋاتقان چېغىمدا بىزنىڭ بۆلۈم مەسئۇلىمىزنىڭ دىگەن گىپى ھازىرغىچە يادىمدىن چىقمايدۇ.
ئۇ ھەممىمىزگە بىردىن ئاق ۋاراقنى تارقىتىپ بەردى،ئاندىن كىيىن بىزگە ئاق ۋاراقنىڭ سول تەرەپ ئەڭ ئۈستىگە بىزنىڭ ئالدىنقى ئايلىق مۇئاشىمىزنى يېزىشقا بويرۇدى.ئوڭ تەرەپ ئۈستى تەرەپكە بىر كۈنلۈك چىقىمنى يېزىشقا بويرۇدى،ئاندىن قەغەزنىڭ ئاستى تەرەپ ئوتتۇرىغا ئارزۇيۇڭلاردىكى نەرسىلەرنىڭ قىممىتى يېزىڭلار دېدى.بىز ھەممىمىز ئۇنىڭ دىگىنىدەك قىلدۇق. ئاندىن ئۇ بىزگە ؛"ئارزۇيۇڭلاردىكى نەرسىنىڭ قىممىتىنى مۇئاشىڭلارغا بۆلۈڭلار ،سىلەر يىمەي-ئىچمەي پۇل يىغساڭلار قانچە يىلدا ئېرىشەلەيسىلەركىن ؟" نەتىجە ئادەمنى چۆچىتىدىغان بولۇپ چىقتى،ئەڭ بۇرۇن ئېرىشىدىغانلارنىڭمۇ ئون نەچچە يىل بولدى. ئۇ يەنە كۈندىلىك چىقىمىڭلارنى 30 كۆپەيتىپ مۇئاشىڭلاردىن چىقىرىۋېتىپ ئاندىن ئارزۇيۇڭلاردىكى نەرسىنىڭ قىممىتىنى شۇنىڭغا بۆلۈڭلار دېدى. بۇ نەتىجە تېخىمۇ قورقۇنچلۇق بولۇپ چىقتى ،ھەممىمىزنىڭ نەچچە ئون يىلدىن ھەتتا بەزىلەرنىڭ يۈز نەچچە يىلدىن بولۇپ چىقتى.ئۇ ھەممىمىزنىڭ ئارزۇسى ۋە ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قانچە يىل كىتىدىغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ؛"شۇنداق ،ھازىرقى مۇئاشىڭلارغا قاراپ ئولتۇرساڭلار بۇ نەرسىلەرگە ئۆمۈر بويى ئېرىشەلمەيسىلەر،شۇڭا تىرىشىپ خىزمەت قىلىڭلار،بۇيەردە بىر مىنۇت ۋاقتىڭلارنىمۇ بىكارغا ئۆتكۈزمەڭلار،بىرەرىڭلەرنىڭمۇ بۇيەردە ئۆمۈربويى خىزمەت قىلىشىنى خالىمايمەن،بولسا مۇشۇ يەردە ئىشلەپ توپلىغان تەجرىبە،بىلىملىرىڭلەرگە تايىنىپ كىيىن ئۆزۈڭلار ئىگىلىك تىكلىمىسەڭلار ئارزۇيۇڭلار بىر خام-خىيال پېتى قېلىۋېرىدۇ."دېدى.
گەپنىڭ پوسكاللىسىغا كەلسەك ،ئىگىلىك تىكلەش بىلەن باشقىلارغا ياللىنىپ ئىشلەش ئوخشاشلا خيىم-خەتەرگە تولغان بولىدۇ،ئەگەر ئارزۇلىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن دەيدىكەنسىز چوقۇم تېرىشىپ خىزمەت قىلىپ ھازىرقى خىزمەت ئورنىڭىزدا نۇرغۇنلىغان تەجرىبىلەرنى توپلاپ كەلگۈسىدىكى ئىگىلىكىڭىز ئۈچۈن بىر ئاساس يارىتىشىڭىز كېرەك!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-25 10:03 AM