خوشلۇقۇمنى بەرگىن قايتۇرۇپ
تۇرسۇنگۇل ئوسمان پىغانى
شۇنچە خۇشخۇي ئىدىم مەن ئەسلى،
چىرايىمدىن كەتمەيتتى كۈلكە.
كۈنۈم ئۆتەر ئىدى خوشلۇقتا ،
خۇشخۇيلارغا بولاتتىم ئۈلگە.
ناخشا ئىيتىپ زادى ھارمايتتىم ،
مىڭىشلىرىم ئۇسۇلنىڭ ئۆزى.
يۈزلۈرۈمدە كۇلكە تەبەسسۇم ،
كۆزلۈرۈممۇ تاڭنىڭ يۇلتۇزى.
تۇرمۇشۇمدا يوق قىلچە ئازاپ،
غەم –غۇسسىدىن خالىيتىم ئۆزۇم.
خۇشخۇيلۇقۇم سىڭگەن جىسمىمگە،
بال - ھەسەلگە ئەندازتى سۆزۇم.
ۋاھالەنكى تۇرمۇش رىتىمىم،
ئاھ... بۇزۇلدى قاچاندىن بىرى.
دەرىت- ئەلەمگە بولدۇم مۇپتىلا،
ئازاپلاردىن بولمىدىم نىرى.
قانداقتۇر بىر ئەبجەش سىزىملار،
يۈرۈگۈمنى ئالدى ئىلكىگە.
بىلمىدىمغۇ ئالدىنىپ قالدىم،
قايسى ئۇستا تادان تۈلكىگە.
شۇندىن بىرى يوقتۇر ئارامىم،
خوشلۇقلۇرۇم كەتتى يوقۇلۇپ.
جاھاندىكى بارچە مۇڭلۇق كۈي،
تۈگىدىغۇ مەندە ئوقۇلۇپ.
ئازاپلاردا ياشاپ يۇرىمەن،
قويساممۇ گەر بەزەن چاندۇرۇپ.
لىكىن تاقەت باردۇر مىنىڭدە،
خوشلۇقۇمنى بەرگىن قايتۇرۇپ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-25 01:29 PM