بۇغرا
رۇستەم قاراسۇ
بىر ئۇلۇغ ئۆتكەن بورۇن،
سۇلتان سۇتۇق بۇغرا دەپ.
ئەل شۇ زاتقا ئەگەشكەن،
تۇتقان يولى توغرا دەپ.
بۇغرا بۇغرا خان بۇغرا،
تۇتقان يولى ھەق توغرا.
جايى پەچچىم مۆجىزە،
ئېچىلمىغان بار سىرى.
ئات ئۈستىدە جەڭ قىلغان،
ئوينار ئىدى شەمشىرى.
بۇغرا بۇغرا خان بۇغرا،
تۇتقان يولى ھەق توغرا.
زىمىن بۇغرانى تۇغۇپ،
يۇيۇلغان جىمى گۇناھ.
ئەل ئۈچۈن ئۆتكەن ئۆمرى،
ھەقىقەت تارىخ گۇۋاھ.
بۇغرا بۇغرا خان بۇغرا،
تۇتقان يولى ھەق توغرا.
رۇستەم قاراسۇ ئاتۇشتا يېزىلدى
ئانامنىڭ بولسۇن
رۇستەم قاراسۇ
تۇغۇلغان مەن جان ئانام ئۈچۈن،
تاپقانلىرىم ئانامنىڭ بولسۇن.
ئۇزۇن ئۆمۈر ياخشى تېلەك ھەم،
ئارمانلىرىم ئانامنىڭ بولسۇن.
پىيادە يول ماڭساممۇ ماڭاي،
تۇلپارلىرىم ئانامنىڭ بولسۇن.
كۆز تەگمەسكە ئاسقاي كۆز مۇنچاق،
تۇمارلىرىم ئانامنىڭ بولسۇن.
چوڭ كۆرىمەن ئايدىن-قۇياشتىن،
دوئالىرىم ئانامنىڭ بولسۇن.
تەڭ قىلمايمەن ئۇز-گۈزەللەرنى،
دۇنيالىرىم ئانامنىڭ بولسۇن.
زېمىستاننىڭ سوغىقى ماڭا،
باھارلىرىم ئانامنىڭ بولسۇن.
پەرزەنىتلىرىم بولسا ۋاپادار،
شۇ باللىرىم ئانامنىڭ بولسۇن.
رۇستەم قاراسۇ ئاتۇشتا يېزىلدى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rustorahbar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-24 07:13 PM