مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 881|ئىنكاس: 2

خۇش مۇبارەك بۇ ئىشىڭ*! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2957
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16856
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2624 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-24 03:59:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خۇش مۇبارەك بۇ ئىشىڭ*!

(شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، ئەدەبىي تەرجىمانلار شۆبە جەمىئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى، دىلمۇرات تەلئەتنىڭ ‹‹ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر شېئىرلىرى››ناملىق خەنزۇچە تەرجىمە توپلىمىغا بېغىشلاپ)

قاراخان

كۇن چىقىشقا يول ئالغاندا ‹‹كرورانلىك بالىلار››*،
‹‹بوز دالا››*نىڭ ،ۋاڭ -چۇڭى سىڭىپ كەتتى قۇياشقا.
‹‹قۇملۇق روھى››* دىلغا بەخش ئەتتى چەكسىز ئىپتىخار،
ئوخشىغاچقا ئوغلانلىرى مىڭ ئۆيدىكى نەققاشقا.

چىچەك ئاچتى يېشىل تۇيغۇ ئاق ۋاراقتا مىسلىسىز،
چەندان سۇخەن‹‹ تارانچى››  چىقىپ غۇلجا باغرىدىن.
تىلدا ئىزھار قىلىندى روھ مەنزىلى پايانسىز،
قەلەمنىڭ زىل تىۋىشى بوش چىقمىدى ناغرىدىن.

ئۆرۈلگەندە ‹‹ئۇلۇغ ئانا چۆچىكى››  زەر  قەلەمدە،
‹‹ئۆتكۈر››بوۋا ھاياجاندىن دىدى ئوغلۇم ‹‹ئايلىناي››.
تەلكە، قۇمۇل مۇڭلىرىنى ياڭرىتىپ ھەر قەدەمدە،
پەدە چاقماي ماڭغىنىڭدا كۈلدى بوغدا‹‹ قەدىمجاي››.

تىللىرىڭدا بار ئىكەن ‹‹ئارتىشى››*نىڭ پەرھىزى،
ماقال-تەمسىل،لىرىك داستان ،باللادىغا ئۆزگىچە.
ئېرىغىڭدا ئاقتى ئوقچۇپ مۇشتاق  باھار ئەگىزى،
تىن تاپمىدىڭ ‹‹ئىز›› قوغلىشىپ ئەتىيازدىن كۈزگىچە.

قۇمۇل قايەر؟ئۆتكۈر كىم ؟بوغدا ئانا زاتى كىم؟
تونۇتتۇڭغۇ تىل،تارىخ ،ئۇز شەجەرنى ئۆزگىگە.
ئوتتۇز ئىككى ھەرپ بىلەن بولدۇڭ پالچى مۇنەججىم،
ئېلىپ چىقتىڭ ئۇلۇغ ئەلنىڭ ئار تۇغىنى ئۆگزىگە.

ئالماڭ يوغان ،دەرىخىڭ ئۇندىن يوغان بولۇپ كەت،
تۇرسۇن ئىلى ئېقىنىدەك  يۈرەكلىرىڭ يول تېپىپ.
بولسۇن سەندە ‹‹ئا.ئۆتكۈر››دەك ئۆلمەس تۇيغۇ ئاڭ سۈپەت،
ئۆتكىن ئېزگۈ  تەرجىمىنىڭ بەيگىسىدە ئات چېپىپ.

كىملەر كۆرۈپ تەرجىمەڭنى چەكتى قانداق ئىزتىراپ،
كىملەر ئۆپۈپ قامۇسۇڭنى،كىملەر قالدى داڭ قېتىپ.
ئەل غېمىدە يۈرسە ئەرگە  ياغار ئالقىش بېھىساپ،
قىزىل تاغنىڭ چىراغىدەك دىلنى يورۇت نۇر چېچىپ.

*بەلگىسى  قويۇلغانلار مەرھۇم شائىر ئا.ئۆتكۈرنىڭ شۇ ناملىق ئەسەرلىرى...
‹‹ئارتىشى››*-ئاتاقلىق تەرجىمان مەرھۇم توختى باقى ئارتىشى...

2014-يىلى 24-ئۆكتەبىر








تولۇقلىما مەزمۇن (2014-11-14 01:07 PM):
ئۆلگەنلەرنىڭ روھى سېنىڭ قەلىمىڭدە نۇر چاچتى،
ھىممىتىڭدىن سۆيۈنىدۇ تىرىكلەرنىڭ قەلبىمۇ.
ئەجدادلاردىن  قالغان ئۇدۇم ۋۇجۇدۇڭغا تۇتاشتى،
ئاڭا قايىل بولدى باغراش ،سايرام ،ئابرال تەلكىمۇ!


ئۆلگەنلەرنىڭ روھى سېنىڭ قەلىمىڭدە نۇر چاچتى،
ھىممىتىڭدىن سۆيۈنىدۇ تىرىكلەرنىڭ قەلبىمۇ.
ئەجدادلاردىن  قالغان ئۇدۇم ۋۇجۇدۇڭغا تۇتاشتى،
ئاڭا قايىل بولدى باغراش ،سايرام ،ئابرال تەلكىمۇ!



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102693
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 236
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 76 سائەت
تىزىم: 2014-1-23
ئاخىرقى: 2015-2-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-24 11:48:32 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
balan   yiziptu

ھىچنىمە دىگۈم يوق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49
يازما سانى: 2275
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6725
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 7029 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-26 01:25:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالىمىمىزنىڭ ئىسىل ئەسەرلىرىنى باشقا مىللەتكە تونۇشتۇرۇشقا كۈچ چىقارغان دىلمۇرات تەلئەت ئەپەندىگە كۆپ رەھمەت.

مۇشت ئاتمىغان ئادەمنى كىم ئاجىز دەيدۇ؟بەلكىم ئۇنىڭ قوينىدا خەنجەر بولىشى مۈمكىن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش