مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2893|ئىنكاس: 11

NASA: خەلقئارا ئالەم پونكىتىنىڭ بىر يېڭى دەۋرى باشلاندى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82221
يازما سانى: 581
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى : 39082
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2200 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-24 11:21:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

خەلقئارا ئالەم پونكىتىنىڭ بىر يېڭى دەۋرى باشلاندى

بىلىمخۇمار
2014-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى


مەن 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى تەييارلىغان «مەن قىلغان بىر يېڭىلىق ناسا ژورنىلىدا خەۋەر قىلىندى» دېگەن تېمىدا مۇنداق دېگەن ئىدىم:  «يېقىندا بىزنىڭ ئىدارىدىكى بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر ھازىر يەر شارىنى كۈنىگە 16 قېتىم ئايلىنىپ تۇرىۋاتقان خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا بىر بۇنىڭدىن كېيىن لاھىيىلەپ ياساپ چىقىدىغان ئەسۋابنى ئورنىتىپ، شۇ ئارقىلىق ئاتموسفېرانى ئۆلچەپ كۆزىتىپ تۇرۇش لاھىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.  مەقسەت سۈنئى-ھەمراھقا كېتىدىغان خىراجەتنى ئىقتىساد قىلىپ، ھازىرقى بار بولغان بىر پايدىلىق شارائىتتىن پايدىلىنىشتۇر.  خەلقئارا ئالەم پونكىتى يەر يۈزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 330 كىلومېتىردىن 435 كىلومېتىرغىچە بولغان ئوربىتىلاردا يەر شارىنى ھەر كۈنى 16 قېتىم (ھەر 90 مىنۇتتا بىر قېتىم) ئايلىنىپ تۇرىدۇ.  شۇڭا خەلقئارا ئالەم پونكىتى ئۈستىدىكى ئادەم ئۈچۈن ھەر كۈنى 16 قېتىم كۈن چىقىپ، يەنە 16 قېتىم كۈن ئولتۇرىدۇ. »  يېقىندا ناسا خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا ئورناتقان، ئىنگلىزچە « RapidScat » دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئۈسكۈنە رەسمىي ئىشقا چۈشكەن بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن خەلقئارا ئالەم پونكىتىنى «يەر شارىنى كۆزىتىش پونكىتى» قىلىپ ئىشلىتىشنىڭ بىر يېڭى دەۋرى باشلاندى.  بۇ ئەھۋال 2014-يىلى 12-ئۆكتەبىر كۈنى پۈتۈن دۇنيادا كەڭ تۈردە قىلىندى.  خەلقئارا ئالەم پونكىتى ھەر قېتىم يەر شارىنى ئايلانغاندا، يەر يۈزىنىڭ يېڭى رايونلىرىنىڭ ئۈستىدىن ئۇچىدىغان بولغاچقا، « RapidScat » ئۈسكۈنىسى يەر يۈزىنىڭ ھەممە يەرلىرىنى تولۇق تەكشۈرەلەيدۇ.  ئۇنىڭدىن باشقا، خۇددى تۆۋەندىكى 1-رەسىمدە كۆرسىتىلگىنىدەك، بۇ ئۈسكۈنىسىنىڭ ئانتېنناسى توختىماي ئايلىنىپ، بىر قېتىم مېڭىشىدا يەر يۈزىنىڭ ناھايىتى چوڭ بىر قىسمىنى تەكشۈرەلەيدۇ.  

h01_iss.jpg

1-رەسىم: خەلقئارا ئالەم پونكىتى ۋە ئۇنىڭغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان « RapidSat » ئۈسكۈنىسىنىڭ كۆرۈنىشلىرى (Credit: NASA/JPL-Caltech/Johnson Space Center) .

« RapidScat » ئۈسكۈنىسى ھاۋارايىنى تەتقىق قىلىش، ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش، ۋە دېڭىز قۇيۇنلىرىنى كۆزىتىشتە زۆرۈر بولغان ئوكيان شاماللىرىنى كۆزىتىش ئۈچۈن لاھىيىلەنگەن. ئۇنىڭ ئېغىرلىقى 580 كىلوگرام بولۇپ، ئۇ 6-ئۆكتەبىر كۈنى تۇنجى قېتىملىق ئوكيان شامىلى ئۇچۇرلىرىنى يەر يۈزىگە ئىبەرتىپ بەردى.  بۇ ئۈسكۈنىسىنى لاھىيىلەپ ياساپ چىقىش ئۈچۈن جەمئى 26 مىليون دوللار پۇل كەتتى.

h02_iss.jpg

2-رەسىم: « RapidScat » ئۈسكۈنىسى ئۆلچەپ، 6-ئۆكتەبىر كۈنى يەر يۈزىگە ماڭدۇرۇپ بەرگەن يەر شارى ئوكيان شاماللىرىنىڭ جايلىشىش ئەھۋالى (Credit: NASA-JPL/Caltech).   

خەلقئارا ئالەم پونكىتى يەر شارىنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدىغان ئوربىتىدا ھاۋا بولمىغاچقا، ئۇنىڭ ئاساسلىق ئايلىنىش ھەرىكىتىگە ئېنېرگىيە سەرپ بولمايدۇ.  پەقەت ئۇنىڭ ئوربىتىسىنى مۇددەتلىك ھالدا تەڭشەپ تۇرۇش ئۈچۈنلا ئېنېرگىيە كېتىدۇ.  خەلقئارا ئالەم پونكىتىنىڭ ئىچىدىكى مەشغۇلاتلارغا كېتىدىغان ئېنېرگىيىنى ئۇنىڭ كۈن نۇرىدىن توك چىقىرىدىغان «قاناتلىرى» ئىشلەپ چىقىرىدۇ.  

« RapidScat » ئۈسكۈنىسىنى ئامېرىكىنىڭ فلورىدا شتاتىدىن ئېتىلغان بىر راكېتا 21-سېنتەبىر كۈنى ئالەم بوشلۇقىغا ئېلىپ چىققان بولۇپ، ئۇنى ماشىنا ئادەملەر خەلقئارا ئالەم پونكىتىنىڭ تېشىغا 29- ۋە 30-سېنتەبىر كۈنلىرى ئورۇنلاشتۇردى.  ئۇ ناسا بىر يىل ئىچىدە يەر شارى تەتقىقاتى ئۈچۈن ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىدىغان 5 دانە ئالەم ئۇچقۇرى ياكى ئالەم ئۈسكۈنىسىنىڭ ئۈچىنچىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.  

3-رەسىم

3-رەسىم

3-رەسىم: « RapidScat » ئۈسكۈنىسىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىكى بىر كۆرىنىشى (Credit: ESA/NASA/Alexander Gesrt).  


پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:


1. NASA Inaugurates New Space Station Era as Earth Science Observation Platform with RapidScat Instrument
<http://www.universetoday.com/115 ... cat-instrument/>

2. مەن قىلغان بىر يېڭىلىق ناسا ژورنىلىدا خەۋەر قىلىندى
http://bbs.izdinix.com/thread-59240-1-1.html



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 1920
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4720
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1476 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-24 03:08:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەركىن ئاكا....بىزگە ھەقىقەتەن ياخشى تىمىلارنى يوللاۋاتىسىز...ئۇزۇن بولدىن بىر ئىشنى سىزگە دەي دەيمەن لىكىن ئىسىمگە كەچمەي بۈگۈن كىچىپتۇ.سىز دۇنياغا داڭلىك ئالەم ئۇچقۇ ئىدارىسىدە خىزمەت قىلىسىز.سىز يوللاۋاتقان ئۇيغۇر تىلىدىكى بۇ خەۋەرلەرنى بىلىشىمچە مەملىكەت تەۋەسىدە ئەڭ ئاۋۋال بىز ئۇيغۇرلار تۇنجى پايدىلىندىكەنمىز.ئەلۋەتتە بۇ سىزنىڭ تۆھپىڭىز.

بىراق ئەركىن ئاكا،سىز يوللىغان بەزى سۈرەت،ئارخىب،خەرىتە،ئۈسكۈنە،ھۆججەت قاتارلىق قىممىتى بار ماتىرياللارنى سىز بىز ئۈچۈن تورغا چىقارغان ۋاقتىڭىزدا شۇ دۆلەتنىڭ بەزى مەخپىيتى بۇ يەردە ئىلان قىلىنغان بولسا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دۆلەت مەخپىيەتلىكى ئاشكارلىدى دەپ قارىماس دەپ قالدىم،يەنى بەزى دۈشمەن كۈچلەر بۇ ماتىرياللاردىن پايدىلىنىپ ياسىمىچىلىق ھەركەتلىرى بىلەن شۇغۇللانسا بۇنىڭ سىزگە تەسىرى بولارمۇ دەپ قالدىم.ئادەتتە ھەر بىر دۆلەتنىڭ مەخپىيەتلىكى بولىدۇ.شوڭا ئەنسىرەپمۇ قالىمەن.

ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئېللىتى خېسلەت بېلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خېسلىتى ئېللەت بېلىنىدۇ.

يۈرەككە قويۇلغان قول!ق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33575
يازما سانى: 1417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15243
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 3609 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-24 05:14:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالام ئەلەيكۇم  بىلىمخۇمار ئاكا! بۇ خوشاللىنىشقا تىگىشلىك ئىشكەن. يەر شارىدىكى بولىۋاتقان ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرسا نىمداق ياخشى. ئۆزۋاختىدىمۇ قارمايدىكى ئوت ئاپىتىنى ئامرىكىنىڭ كۆرۈپ جوڭگوغا :«سىلەرنىڭ بىر شەھرىڭلاردا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى!»دەپ ئۇختۇرۇپتىكەن.

ئاللاھ ماڭا ھېكمەت ئاتا قىلدى، مۇھەممەد ئەلەيھىسالام چۈشۈمگە كىردى، لېكىن مەن ئالدامچىلىق ھېلە مىكىرلەرنى رەزىللىكلەرنى بىلمەيمەن!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106093
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 660
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 226 سائەت
تىزىم: 2014-4-16
ئاخىرقى: 2015-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-24 05:22:47 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇئەلەيكۇم،ئەركىن ئاكا، ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق،خىزمىتىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق،ئائىلىڭىزنىڭ بەختلىك ،تىنىڭىزنىڭ سالامەت بولۇشىنى تىلەيمەن،
قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ ئۇيغۇرلارغا ئالەم ، يىڭى پەن تىخنىكا بىلىملىرىنى ،خەۋەرلىرىنى بىلدۈرۈپ كىلىۋاتىسىز،
بولسا سىزنىڭ ئىدولوگىيەگە ئائىت يازمىلارنى كۆپرەك يوللىشىڭىزنى ،ئۇيغۇر خەلقىنى توغرا يولغا يىتەكلەش ئۈچۈن بىر تىرىشىپ كۆرشىڭىزنى ئۈمىد قىلمەن ،بولمىسا ئۇيغۇردەك ئىچكى بىسىم،سىرتقى دىكتاتورادا ياشايدىغان خەلق داۋاملىق ئىدىيىۋى قۇللۇقتا،مەنىۋى كىشەن ،ماددى يىتىشمەسلىكتە قىينىلىپ ياشايدۇ،
سياسىي،ئىدولوگىيە پەن تىخنىىغا تۇتۇلىدىغان پوزىتسىيەنىڭ دەل ئەكسى بولسىمۇ،بىراق ئىدىيىۋى يىتەكلەش بىر توپ ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ،ھەتتا ئۇ بىر مۇدھىش ئىدىيە بولسىمۇ چاقىرىق كۈچى بولسا ،داڭلىق كىشىلەر كۈچ چىقىرېىشنى خالىسىلا ئۇ شۇ توپقا بىر ئىش قىپ بىرەلەيدۇ،
مەسىلەن:سىز يوللىغان بۈگۈنكى تىمىغا مۇناسىۋەتلىك يەھۇدىلار دۆلەت قۇرۇشىغا ئادەتتىكى يەھۇدىلار قىززىقمىسىمۇ ،ئىنسانىيەتكە ئاپەت سانىلىدىغان zionsm چىلار بىر قىسىم كىشىلەرنى ئۆز ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرۇپ ئىسرائىليەنى قۇرۇپ چىققان،ئالبىرىت ئىينىشتىيىن ئىسرائىليەنىڭ تۇنجى پىرىزىدىت لىقىغا كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ ،ئۇ ئۆزى رەت قىلغاچقا ،داڭلىق  خىمىيە ئالىمى Chaim Azriel Weizmann تۇنجى پىرىزىدت بولغان ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98158
يازما سانى: 402
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1602
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 692 سائەت
تىزىم: 2013-9-24
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-24 11:55:46 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەركىن ئاكامغا كۇپ رەھمەتلەرنى ئىيىتىمىز، سىز نىڭ تىما ئىنكاسلىرىڭىز بۇلغاچقىلا، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئالەم سىرلىرى يىڭىلىقلىرىنى جۇڭگۇدىكى 56مىللەت ئارىسىدا ئەڭ ئالدىدا بىلىۋاتىمىز، ۋاقتىڭىز بۇلسا كۇپرەك يۇللاپ تۇرسىڭىز دەيمىز.

شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، « رەسۇل » بولۇشتىن بۇرۇن « ئەمىن » بولغان بىر پەيغەمبەرنىڭ ئۈممىتى بىز. ئىمانىڭنى يوقۇتۇپ قويساڭمۇ ئەمىنلىك سۈپىتىڭنى يوقۇتۇپ قويماسلىقىڭ كېرەك. يەنە شۇنى ئوبدان بىلىشىڭ كېرەككى، ئەڭ چوڭ خىيانەت ئىمانغا قىلىنغان خىيانەتتۇر. ئەمىنلىك سۈپىتىگە ئىگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82221
يازما سانى: 581
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى : 39082
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2200 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 08:37:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇغىن يوللىغان ۋاقتى  2014-10-24 05:22 PM
ئەسسالامۇئەلەيكۇم،ئەركىن ئاكا، ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇقل ...


ۋەئەلەيكۇم-ئەسسالام ئۇكام!

ياخشى تەكلىپىڭىزگە كۆپ رەھمەت.  ئاللاھ خالىسا مەن سىز تەۋسىيە قىلغان ساھەدە داۋاملىق تىرىشىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82221
يازما سانى: 581
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى : 39082
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2200 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 08:48:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
izqel يوللىغان ۋاقتى  2014-10-24 03:08 PM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەركىن ئاكا....بىزگە ھەقىقەتەن ياخش ...

ۋەئەلەيكۇم-ئەسسالام ئىزقەل ئۇكام!

مەن مۇشۇنداق يازما تەييارلىغاندا، باشقىلار تەييارلىغان رەسىملەرنى ھەممە ئادەم كۆرەلەيدىغان تورلاردىن ئېلىۋاتىمەن، ھەمدە مەنبەنى ئەسكەرتىپ قويىۋاتىمەن.  ئۆزەم تەييارلىغان رەسىملەر بولسا، مەن ئۇلارنى بىرەر پارچە ئىلمىي ماقالە ياكى ناسا پاتېنتى ئۈچۈن تەييارلىغان بولۇپ، ئۇلارنى مەن بۇرۇن ناسانىڭ «بىرەر چەكلىمە يوق ھالدا سىرتقا تارقىتىشقا بولىدۇ» دېگەن تەستىقىنى ئېلىپ بولغان.  ناسا ئاشۇنداق نەرسىلەرنىڭ ھەر بىرسىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، ئاندىن بىر خىل ئالاھىدە نومۇر بىلەن تەستىق سالىدۇ.  ھەقىقەتەنمۇ مەن ئىدارىنىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ ئۇنداق رەسىملەرنى ئېلان قىلسام بولمايدۇ.  بۇ جەھەتتە مەن ئۆزەمگە ئىنتايىن قاتتىق تەلەپ قويۇپ كېلىۋاتىمەن.  مەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ھەر خىل سورۇنلاردا ئىلمىي دوكلات قىلىپ سۆزلەپ يۈرگەن مەزمۇنلارنىمۇ ئىدارەمنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزگەن. شۇڭلاشقا ئۇنىڭدا «NASA» ۋە «Caltech-JPL» دېگەن لوگولارنى ئىشلىتىۋاتىمەن.

ماڭا كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105468
يازما سانى: 333
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1369
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 114 سائەت
تىزىم: 2014-3-30
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 09:52:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپ رەھمەت ،

تارىخى كۆمۈلگەن مىللەتنىڭ كەلگۈسى قاراڭغۇ بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109265
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 177
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 52 سائەت
تىزىم: 2014-8-18
ئاخىرقى: 2015-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 11:15:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bilimxumar يوللىغان ۋاقتى  2014-10-25 08:48 AM
ۋەئەلەيكۇم-ئەسسالام ئىزقەل ئۇكام!

مەن مۇشۇنداق يازما ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەركىن ئاكا ،يىڭىلىقلاردىن بىزلەرنى ئەڭ تىز خەۋەر قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت ، .
بولسا مۇشۇ خەلقئارا بوشلۇق پونكىتى توغرىسىدا تەپسىلى بىر چۇشەنچە بەرگەن بولسىڭىز ، مەسلەن ئۇنىڭ ئىقتىدارى ،كۆلىمى ، ۋە ئۇنىڭدا ياشاۋاتقان تەتقىقاتچى خادىملارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى قاتارلىق مەسىللەر توغرىسىدا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 1920
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4720
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1476 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 07:19:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bilimxumar يوللىغان ۋاقتى  2014-10-25 08:48 AM
ۋەئەلەيكۇم-ئەسسالام ئىزقەل ئۇكام!

مەن مۇشۇنداق يازما ...

ئۇنداق بولسا مەن خاتىرجەم بولدۇم.سالامەت بولۇڭ ئاكا.ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق،ئائىلىڭىزگە بەخىت تىلەيمەن.ئۆزىڭىزنى كۆپ ئاسىراڭ.ھىلىمۇ كۆپ جىددىي بولغان نازۇك خىزمەت ۋە قىس بولغان ئالدىراشچىلىقتىن ۋاقىت چىقىرىپ بىز ئۈچۈن ماقالە تەييارلاۋاتىسىز.ئاللا خالىسا بۇ جاپايىڭىزنىڭ مىۋىسىنى كۆرۈپ قالىسىز.سىزگىمۇ رەھمەت.

ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئېللىتى خېسلەت بېلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خېسلىتى ئېللەت بېلىنىدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش