مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3875|ئىنكاس: 55

ئاستاغىنە... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2887
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16622
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2552 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-24 10:31:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاستاغىنە ...

قاراخان

چارلاشقا كەتكەن سەلكىنىم بەرگەچ خەۋەر ئاستاغىنە،
تۇردۇم كىيىكتەك لىككىدە ئاپپاق سەھەر ئاستاغىنە.
بىر پەس تېڭىرقاش ئىلكىدە باقسام ساماغا تەلپۈنۈپ،
ئىلھام -شىجائەت ياغدۈرۈپ كەلدى قەمەر ئاستاغىنە.

نەرگىسكە ئوخشاش جىلمىيىپ چولپاننى ھەيران قالدۇرۇپ ،
ئۇچتۇم ئۈمۈدتىن بەلگە چىڭ باغلاپ كەمەر ئاستاغىنە.
كىرپىكلىرىڭنىڭ بەرگىگە قونسام سۈزۈك شەبنەمسىمان،
ئوتلۇق كۆزۈڭ ئوت چاچرىتىپ تۇغدى خەتەر ئاستاغىنە.

شۇدەم ئېرىپ جىسمىم سىماب يەڭلىغ ئېقىپ ‹‹ۋاي-داد!››دىدىم،
‹‹ھۇررا!››دىگەچ ئىشقىڭ يەنە يۇتتۇم زەھەر ئاستاغىنە.
ئوت يالمىغان قىلدەك گويا ئاھ تولغىنىپ ياتقاچ دىدىم،
‹‹قالماس ئىدى ھېچ ئارمىنىم سۆيسەڭ ئەگەر ئاستاغىنە››...

ئاغرىپ ئىچىڭ سۆيدۈڭ مېنى ،تارقاپ زەھەر كۈلدى جېنىم،
مېھرىڭ بىلەن چۆلدەك دىلىم بولدى شەھەر ئاستاغىنە.
بىر شەپقىتىڭ مىڭ بوپ يانار تاغلىق چوپانى قەلبىدىن،
كۈيلەپ سېنى يازدى بۈيۈك يۈكسەك ئەسەر ئاستاغىنە.

2000-يىلى 1-يانۋار




تولۇقلىما مەزمۇن (2014-10-30 12:16 PM):
ئاستاغىنە
ئاپتورى ‹‹قاراخان ››ئەمەس ‹‹مۇھەممەد ئەھمەد چوپانى ››دىيىلسۇ

ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
تاڭنۇر + 300 ماختاشقا تېگىشلىك
Gvlmisal + 100 ياقتۇردۇم
qaxmazulal + 300

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 700   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28592
يازما سانى: 703
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13090
تۆھپە نۇمۇرى: 890
توردا: 1134 سائەت
تىزىم: 2011-1-31
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-24 12:08:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ مەن ئوقۇغان ئىككىنچى ئاستاغىنە بولۇپتۇ. غوجىمۇھەممەد مۇھەممەدنىڭ ئاستاغىنە دېگەن غەزىلىنىمۇ سۆيۈپ ئوقۇپ چىققانتىم. ئۇستاز قاراخاننىڭ ئاستاغىنىسىمۇ شۇنداق راۋان، سۈزۈك مىسرالار بىلەن تويۇنۇپتۇ. مۇبارەك بولغاي!

دەيدىغىنىم قاراخانغا ئۇستاز تىلدا پىشقان ئۇستازلار شېئىردا بوپ، قىپ دېگەندەك سۆزلەرنى ئىشلەتمىسىمۇ شېئىر-غەزەللەرنى راۋان ئىپادە قىلالايدۇ دەپ قارىدىم. ئۇستازغا ئۇتۇق يار بولسۇن!

ئالىمجان توختىمەت (جانبەر)

مۇھەببەت ئۇ مەرد كىشىنىڭ ئىشى~

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2134
يازما سانى: 1240
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7166
تۆھپە نۇمۇرى: 933
توردا: 1254 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-24 12:32:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يۈكسەك ئەسەر شاراپىتى قىلدى مەستخۇش،

كۈي سازىغا مەڭزىم ياقتىم ئاستاغىنە.

ۋۇجۇدۇمنى ئالدى بىر پەس ئوتلۇق سىزىم،

سۈيۈشلەردىن شامدەك ئاقتىم ئاستاغىنە.


يىللار بىلەن يىتىپ كەلدى كۈتۈش پەسلى،

ۋىسال پەيتى يەنە كەتتى ئاستاغىنە،

يۈردۈم ئۈمۈد ئۈزمەي لىكىن يار ئىشقىدىن،

نەق ئون تۆت يىل ئۆتۈپ كەتتى ئاستاغىنە.





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qaxmazulal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-24 12:33 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
asrari + 50 تېتىملىق ئىنكاس

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

بۇلىقىسەن مېھرىبانلىقنىڭ،سەن بولمىساڭ قۇرۇيدۇ دەريا!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1846
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4825
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 951 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-24 01:36:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبەرگە كىردىم  ئاستاغىنە .
ئىنكاس يازدىم ئازراققىنە
سالام يوللاپ ھەممىڭىزگە
چىقىپ كىتەي كۈلۈپقىنە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jelwa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-24 01:37 PM  


شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2887
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16622
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2552 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-24 02:42:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
qaxmazulal يوللىغان ۋاقتى  2014-10-24 12:32 PM
يۈكسەك ئەسەر شاراپىتى قىلدى مەستخۇش،كۈي سازىغا مەڭزىم ...

مۇھەببەتتە ماڭا مەرتلىك نېسىپ بولماي،
ئۆتۈپ كەتتى تالاي پۈرسەت ئاستاغىنە.
بىر يۈرەككە ئىككى گۈلنى سىغدۇرالماي،
قالدى داغدا يۈرەك سوقۇپ ئاستاغىنە.
بىر گۈلۈمگە بىر گۈلۈمنى ئۇقتۇرالماي،
ئاقتى كۆزدىن ھىجران يېشى ئاستاغىنە....

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12414
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32477
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4473 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-24 03:19:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىلى شۇنداق يېقىملىق،تاتلىق چىقىپتۇ....

ھوزۇر ئىچىدە ئوقۇۋەتتىم...

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئاي بەرگى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98397
يازما سانى: 1119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4428
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 764 سائەت
تىزىم: 2013-10-2
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-24 05:19:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇزۇن ۋاقىتلار بولغاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن ئۆزۈمنى غەزەل ئوقۇپ باقمىغلى...بەلكىم بىر  ئاي ،بىر يىل ياكى بىرئەسىر بولغاندۇ ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2887
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16622
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2552 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-24 05:33:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Gvlmisal يوللىغان ۋاقتى  2014-10-24 05:19 PM
ئۇزۇن ۋاقىتلار بولغاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن ئۆزۈمنى غەزە ...

ئوقۇمىسىڭىز ئاي، يىللار، ئەسىر بولىدۇ،ئوقۇسىڭىز ئاي يىللارغا ئەسىر بولىسىز...

ئاي بەرگى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98397
يازما سانى: 1119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4428
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 764 سائەت
تىزىم: 2013-10-2
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-24 05:35:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
qaraxani يوللىغان ۋاقتى  2014-10-24 05:33 PM
ئوقۇمىسىڭىز ئاي، يىللار، ئەسىر بولىدۇ،ئوقۇسىڭىز ئاي  ...

شۇنداق بىر ۋاقىتلار بولغاندى.....ئىز قوغلاپ يۈرۈپ شىئېر،غەزەللەرنى ئوقۇيدىغان.بۇ ئەسىرىڭىزنىمۇ شۇ ئىزلارنى قوغلاپ يۈرۈپ ئوقۇش شەرىپىگە ئېرىشتىم دەڭە.....
ئۆزى يازغاننى ئوقۇماي ،ئوقۇغاننى ئوقۇپتىمەن........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2887
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16622
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2552 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-24 05:43:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Gvlmisal يوللىغان ۋاقتى  2014-10-24 05:35 PM
شۇنداق بىر ۋاقىتلار بولغاندى.....ئىز قوغلاپ يۈرۈپ شىئې ...

‹‹كارتام››غا 100يۈئەن ئۇرۇپسىز ،تاپقىنىڭىز ھالال ۋە بەرىكەتلىك بولغاي؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش