|
|
|
|
ئۇيغۇر ۋاسكىتبول تورىنىڭ 23-ئۆكتەبىر بەرگەن خەۋىرى؛ 2015 - يىللىق 19 ياشلىقلار دۇنيا ياشلار ئەرلەر ۋاسكىتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلىش، دۆلىتىمىزنىڭ زاپاس ئىقتىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش، ئاساسى مەشىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۇش، دۆلەت كوماندىسىغا يۇقۇرى سەۋىيەلىك زاپاس ئىقتىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەپ بىرىش، شۇنىڭدەك ھەر قايسى كۇلۇپلارغا زاپاس كۈچلەرنى تەربىيەلەپ بىرىش ئۈچۈن، جۇڭگو ۋاسكىتبولچىلار جەمئىيىتى مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈندىن باشلاپ، دۆلەت ياشلار ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنى تەشكىللەپ يىغىپ مەشىقلەندۇرۇشنى قارار قىلىپ، مەشىقلەندۈرۈلىدىغانلارنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى. شىنجاڭ گۈاڭخۈي ياشلار ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى، ئۇيغۇر ۋاسكىتبولچىمىز ئابدۇسالام ئابدىرىشىت بۇ قىتىمقى تىزىملىككە تاللاندى.
ئابدۇسالام ئابدىرىشىت ئۇيغۇر، ئالتايدىن، 1996-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى تۇغۇلغان، بەدەن ئىغىرلىقى 83 كىلوگىرام، بوي ئىگىزلىگى 2 مىتىر، ئالدى سەپ ھۇجۇمچى، 14-نۇمۇرلۇق كىيىم كىيىدۇ.
2014-يىلى ئۇ شىنجاڭ گۈاڭخۈي ياشلار ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ تەركىۋىدە ئىككى قىتىم مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنلۇقىنى قۇلغا كەلتۇرگەن. ئۇيغۇر ۋاسكىتبولچىمىز ئابدۇسالام ئابدىرىشىت MVP لىق شەرىپىگە ئىرىشكەن. بۇ شىنجاڭ ۋاسكىتبولچىلىقىنىڭ مەملىكەتلىك مۇسابىقىدىكى تۈنجى چىمپىيۇنلۇقنى ئېلىشى ھىساپلىنىدۇ.
بىز ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مەستانىلىرى ئۇغلانىمىز ئابدۇسالام ئابدىرىشىتنىڭ تۇنجى قىتىملىق دۆلەت كوماندىسى سەپىرىگە ئاق يول تىلەيمىز...............
ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/portal.php
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا waskitbol0903 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-24 02:15 AM
|
|
|
|
|
|