قـولــۋاق
سائادەت ساتتار ئايتۇغ
شەپەقنىڭ نۇرىغا چۆمگەن كۆل بويى، ئاڭلىنار يىراقتىن چوپاننىڭ كۈيى. دەرەخلەر سۆزلىسە سۆيگۈ قىسسىسى، سۈكۈتتە تىڭشايدۇ مىسكىن كۆل سۈيى.
قوياشنىڭ ئاخىرقى بىر تامچە نۇرى، سۆيىدۇ مېھىرلىك كۆلنىڭ مەڭزىنى. لەۋلىرى تىتىرىگەن غۇبارسىز نىگار، سىزىدۇ قەلبىگە تاڭنىڭ رەڭگىنى.
تۇرىدۇ قىرغاقتا بىر تەنھا قولۋاق، غېرىپلىق ئىلكىدە سۇغا چىلىنىپ. چىرىگەن پالاقلار سۇنسا ناۋادا ، كىتىدۇ بۇ كۆلدىن مەڭگۈ ئايرىلىپ.
بەلكىم بۇ بىر چۈشتۇر ۋە ياكى خىيال، توزىدى قولۋاقتا جىمجىتلا ۋىسال.
******************* مەزكۇر شېئىر سائادەت ھەدەمنىڭ رۇخسىتى بىلەن يوللاندى ، باشقا تورداشلارنىڭ خالىغانچە يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا maripatogli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-24 02:00 AM
|