|
|
|
|
خېجىڭ ناھىيلىك 3-باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار تەنتەربىيە تۈرلىرى ئىچىدە پۇتپولنى ئەڭ ياخشى كۆرىدۇ. گەرچە مەكتىۋىمىزدىكى ئۇيغۇر باللىرىنىڭ پۇتپول ئويناش شارائىتى تەلەپكە ئۇيغۇن ھالدا ھازىرلانمىغان ھەم پۇتپول ھەركىتى ئۇمۇمىيۇزلۈك كەڭ قانات يايمىغان بولسىمۇ،ئەمما «پۇتپول روھى» خېلىلا ئويغانغان. پۇتپول بالىلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەن بولغاچقا، بۇ يەردىكى بالىلارنىڭ پۇتپولغا بولغان قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقۇرى.
2014-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى خېجىڭ ناھىيىلىك 3-باشلانغۇچ مەكتەپتە ، قارشەھەرناھىيلىك قايدۇ پۇتپول كوماندىسى، قارشەھەر بىداچۈ باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئۆزئارا دوستلۇق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى.بۇ مۇسابىقە ناھايىتى كەسكىن ئېلىپ بېرىلغان بۇلۇپ، ئىككى ناھىيىدىكى تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ جاپالىق مەشىق قىلدۇرىشى نەتىجىسىدە، ئوقۇغۇچىلار پوتپول ماھارەتلىرىنى ناھايىتى ياخشى ئىگىلىگەن. ئۇلانىڭ چاققان ھەركەتلىرىنى كۆرگەن ھەر بىر پوتپول ھەۋەسكارلىرى ھاياجانلانماي، سۈيۈنمەي تۇرالمايدۇ. ئاخىردا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، قارشەھەر قايدۇ كاماندىسىدىكى ئەزىمەتلەر 2:1 نەتىجە بىلەن خېجىڭ 3-باشلانغۇچ كاماندىسىنى جازا توپ ئۇرۇش بىلەن يەڭدى. خېجىڭ ناھىيىلىك 3-باشلانغۇچ مەكتەپ بىلەن قارشەھەر ناھىيە بىداچۈ باشلانغۇچ مەكتەپ بىلەن مۇسابىقىدە، خېجىڭ ناھىيىلىك 3-باشلانغۇچ5:0 نەتىجە بىلەن قارشەھەر بىداچۈ باشلانغۇچ مەكتەپنى يېڭىپ ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىدى. مەن بۇنىڭدىن كېيىن بۇئىككى ناھىيىدىكى تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ، پوتپول روھىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرىشىنى، دۇنياغا داڭلىق پوتپولچىلارنى يىتىشتۈرۈپ چىقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-24 08:17 AM
|
|
|
|
|
|