مۇنبەرلەر
بىرلا چەكسەڭ ئېچىلار مەزمۇنى مول مۇنبەرلەر ،
تىزىملىكتە باشلامچى بىرىنچى قول مۇنبەرلەر ،
يېڭىلىققا دەۋىرگە ئاشىق بۇلبۇل مۇنبەرلەر ،
سۈرئىتىدە بەك چاققان تېما قوبۇل مۇنبەرلەر ،
بىرلىكىدە تەقدىرداش ئىناق -ئۇيۇل مۇنبەرلەر .
ساناپ باقتىم بىرەر يۈزى تىزىلپتۇ رەتلىنىپ ،
مۇنازىرە بېتىدە ئورۇن ئاپتۇ خەتلىنىپ ،
بەزىلىرى بىخ سۈرۈپتۇ ، بەزىلىرى ئەتلىنىپ ،
رىقابەتتە يەڭ تۈرۈپ ئالغا ماڭار سەپلىنىپ ،
خەلقى ئۈچۈن ھەمنەپەس سۇققان تومور مۇنبەرلەر .
باغداش بىلەن مىسرانىم <تەڭرىتاغ>نى شەرەتلەر ،
ئانا تۇپراق ،ئىزدىنىش < يازغۇچى> نى ھۆرمەتلەر ،
چۇلپان بىلەن چىمبۇلاق <تەۋپىق >روھى سۈرەتلەر ،
چوغلان بىلەن نادىرنى < ئوقۇغۇچى > ھۆرمەتلەر ،
غۇلجا ،ئاتۇش ، قەشقەر ۋە تۇرپان ، قۇمۇل مۇنبەرلەر .
باغلىنىدۇ بۇ دەۋىر نۇر مىسالى تور بەتكە ،
باغلىنىدۇ ئىدىيە يېڭىلىققا __زەرەتكە ،
سەزگۈر قەلب تىرىشسا ئېرىشىدۇ شەربەتكە ،
كىم ساقلىسا غەزىنە ئىگە بولۇر قىممەتكە ،
ئەلگە سۆيگۈ تەۋەللۇت ئاتەش تونۇر مۇنبەرلەر .
تەرتىپ بىلەن تەستىقتە <تاللا بازار >تېمىلار ،
ئىنكاس بىلەن باغلىنىپ ئارقا بەتكە يول ئالار ،
مەزمۇنى مول يازمىلار خۇرۇچلارغا تەم سالار ،
باھاسىدا ئالماسنى باشقۇرغۇچى نادىرلار ،
ھازىر جاۋاپ ئىنكاسلار چاقچاق- يۇمۇر مۇنبەرلەر .
<پۇتبول> بىلەن <دەرسلىك >،<ئانا -بالا> ، <سودىگەر>،
<پەرۋاز كىنو> ،<بىلىگ>لەر ، <قانون> بىلەن <دورىگەر > ،
توختام بىلەن پۈتىشەر ئېلان بىلەن ھۆددىگەر ،
بىر كونۇپكا ئېكراندا ئىزلىگىنىڭ كۆرىنەر ،
تىرىشقىنى كۆپ ئەسىر كۆرەر ئۆمۈر مۇنبەرلەر .
تونىشىدۇ ناتونۇش ئورتاق نىشان ئىزدىنىش ،
مەسىلىنى ھەمسۆھبەت باپبارۋەر ھەل قىلىش ،
تاپقىنىنى ساخاۋەت موھتاجلارغا تەل قىلىش ،
ھەقەمسايە تۇياقتا ئەۋلادلارغا ئىز سېلىش ،
ئادىمىيلىك بابىدا ئەخلاق ، غۇرۇر مۇنبەرلەر ،
دەۋىر تاللاپ ئۆزگىرەر بىر قەۋمنىڭ ساداسى ،
سورار بىزدىن قىزىلگۈل ھەر يېڭىلىق ساباسى ،
روھىمىزنى غىدىقلار يەرمەنكىنىڭ ساماسى ،
مىليۇنلىغان <تۆت قۇلاق> بولغاي ئېرپان شەيداسى ،
ھەق ئادالەت بازغىنى پولات -تۆمۈر مۇنبەرلەر .
ئاپتۇرى : ئابلەت مۇھەممەت باغۋەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bahwanbiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-23 11:20 PM