غېرىپ قۇشىقى
ئابدۇۋەلىتۇرسۇن
ھەركىمنىڭ تەقدىرىدە يۈزلەپ قىسمەت،
ھەر قىسمەت مەنزىلىدە بار كۆپ خىسلەت،
ۋىسالنىڭ گۈللىرىنى ھېدلاش ئۈچۈن،
تۆلەنگەن بەدەللەر ھەم بەكمۇ قىممەت.
***
ئېقىنلار ئۆركەش ياساپ ئوينىغاندا،
بالىلىق ھېدلىرىنى تىمىسقايمەن.
بېلىقلارقۇيرۇقىنى چايقىغاندا ،
ئەسلىمەبەتلىرىگە يېنىشلايمەن .
ئەركىلەپ مەيىن شامال يۈزلىرىمدە،
ئۇسۇلغا تارتقىنىدا چاچلىرىمنى.
ھىجراننىڭ دىلبەرلىرى تەڭكەش بولۇپ ،
مارجان قىپ ئوينىشىدۇ ياشلىرىمنى.
سايرىسا گۇگۇملاردا تېنىگەن قۇش،
ھېسلىرىم تېپچەكلەيدۇ پىغانلاردا.
دوستلۇرۇم قۇچاق ئاچسا چۈشلىرىمدە،
ئۈمچەرەپ ئولتۇرۇمەن ئويغانغاندا.
ھەر سەھەر،شەبنەملەرگە ھەمراھ بولۇپ ،
ئەۋەتتىم تالاي مەكتۇپ شاماللاردىن.
دائىما ،تىلاۋەتتە دۇئايىم شۇ:
‹ئەل-يۇرتنى ساقلا تەڭرىم يامانلاردىن› .
2014-يىلى 18-ئۆكتەبىر سەھەرسائەت 1 دە يېزىلدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-24 08:12 AM