مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 417|ئىنكاس: 4

ناۋائى غەزەللىرىدىن(نە خۇش بولغاي) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107868
يازما سانى: 563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1079
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 382 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-23 09:21:00 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەخۇش بولغاي ئىكۆيلەن مەست بولساق دەھرى باغىدا،
قولۇم بولسا ئېنىڭ بوينىداۋۇ ئاغزىم قۇلاغىدا.

يەشمىسى:

يارىم ئىككىمىز زامان باغىدا مەست بولساق، قولۇم ئۇنىڭ بوينىدا، ئاغزىم ئۇنىڭ قۇلىغىدا بولسا نىمە دېگەن ياخشى بولاتتى- ھە!..

دەمى ۋەسلى ئىچرە ۋالەلىغ بىلە رۇخسارى ئېگنىمدە،
يەنە بىردەم نىيازى ئەجزى ئىلە باشىم ئاياغىدا..

يەشمىسى:

شۈمۈپ يۈتسەم گەھى ھايۋان سۈيىدەك زەۋقىدىن كۆرگەچ،
تەرەششۇھ بادىدىن گۇل ياپراغى يەڭلىغ دۇداغىدا.

گەھى كۆز سۈرتارىمدايۇقسا ھەريان شادلىق ئەشكىم،
گۇل ئۆزرە قەترە شەبنەملەر كەبى سەمىن سىفاغىدا.

گەھى بىخۇدلىقىمدىن سەسكىنىپ تۇتسام ئۇرۇپ سەمىن،
بېلىغە چىرمىشۇردا شەۋقىنىڭ ئەتراپى چاغىدا.

نە كەلسە تاڭلا كەلسۇن بىر ئەسرۇك ياتسە نە خۇشدۇر،
كىشى گۇل چاغى بىر گۇل خەرمەنىن تارتىپ قۇچاغىدا.

ناۋائى سەن كىمۇ ئىشرەت مەيىن ئىچمەسمۇ سەن كىم ئەت،
ئەگەر قان ئىچسە ھەم باشى كۆرۇنۇر ئۆز بۇلاغىدا..

مەنبە: ناۋائى غەزەللىرى ناملىق قەدىمىي كىتاپتىن ئېلىندى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83744
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4000
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 632 سائەت
تىزىم: 2012-8-10
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-24 02:37:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەشمىسىنى تولۇق بېرىۋەتكەن بولسىڭىز ياخشى بولاركەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107868
يازما سانى: 563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1079
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 382 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-24 03:02:48 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسلى شۇنداق قىلاي دىگەن ئىدىم، لېكىن بەزىبىر ئاتالغۇلارغا ئېنىق چۈشەنچە بېرەلمەي قېلىشتىن ئەنسىرەپ قالدىم. مەسىلەن:
ۋالە، دۇداغ، ئەشكىم، سەمىن، سىفاغ، ئەسرۇك، تەرەششۇھ قاتارلىق ئاتالغۇلارنى بىلەلمىدىم.
مۇمكىن بولسا ئۇغۇزتېكىن بارادەر يۇقىرقى ئاتالغۇلارغا بىر ئىزاھات بەرگەن بولسىڭىز!  ..
مەن سىزدىن تۇلىمۇ مەمنۇن بولغان بولاتتىم!..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83744
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4000
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 632 سائەت
تىزىم: 2012-8-10
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 09:11:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
99sahrayi99 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-24 03:02 PM
ئەسلى شۇنداق قىلاي دىگەن ئىدىم، لېكىن بەزىبىر ئاتالغۇ ...

ۋالە: مەپتۇن، شەيدا،ئاشىق
دۇداغ:لەۋ، كالپۇك
ئەشك: كۆز يېشى
سەمىن:قىممەتلىك
ئەسرۇ:تولا، كۆپ
تەرەششۇھ:سۇيۇقلۇقنىڭ سىرغىپ چىقىشى، يوشۇرۇن ئىشلارنىڭ بىلىنىپ قېلىشىغىمۇ قارىتىلىدۇ.
بىلگىنىمچە دەپ باقتىم، خاتا بولسا تۈىتىپ قويارسىزلەر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107868
يازما سانى: 563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1079
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 382 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-28 10:30:56 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
oghuztekin يوللىغان ۋاقتى  2014-10-25 09:11 AM
ۋالە: مەپتۇن، شەيدا،ئاشىق
دۇداغ:لەۋ، كالپۇك
ئەشك: كۆز ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇغۇز تېكىن باردەر! سالامەتچىلىكمۇ؟!.. ئاتالغۇلارنى ئىزاھلاپ بەرگىنىڭىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت. !.. قەشقەردىن بولسىڭىز يۈز تۇرانە كۆرۈشسەك بوپتىكەن. مۇمكىن بولسا. ئىككىمىزنىڭ قەدىمىي تىل- يېزىق جەھەتتە ئورتاقلىغىمىز بار ئىكەن..
شۇڭا... بىر كۆرۈشسەك دەيمەن....
دەپ:  يوپۇرغىدىن قېرىندىشىڭىز سەھرايى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش