مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1176|ئىنكاس: 11

رازۋېدكا خاتىرىسى— سىرلىق ئۆيدىكى قاتىللىق دېلوسى (13) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-23 06:42:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

فاسەي بۇ گەپنى ئاڭلاپ،بىر ئاز ئويلانغاندىن كېيىن جى لىڭ گې غا ئۇنىڭ بۇ خىل ئېھتىماللىقنى ئويلاپ باققان ،باقمىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن قارىدى.

جى لىڭ گې سەل.ئويلانغاندىن.كېيىن مۇنداق دېدى :«ئى...بۇ...ئېنىقلا ئۇ ئۆلتۈرگەن بولمامدۇ.ئۆزىنى ئۆلتۈرمەكچى بولسا تېخىمۇ ياخشى ئامال تاپقىلى بولىدىغۇ...ئۇنىڭ ئۈستىگە نېمىشقا ئۇنداق يەردە ئۆزىنىڭ يۈرىكىگە پىچاق تىقىدۇ ،يەنە تېخى تىقىپ بولغاندىن كېيىن نەپىسىمۇ بار...شۇڭا ئۆزىنى ئۆلتۈردى دېسە بەك يالغان...»

«ياق ! - دېدى چىڭ جوۋ - بۇمۇ بىر خىل ئېھتىماللىق ! ئەگەر ئۇنى مېنى ئۆلتۈردۈڭ دېمەكچى بولساڭلار ماڭا ئىسپاتىڭلارنى كۆرسىتىڭلار ! ئىسپاتىڭلارنى !»

فاسەي بىرنى ئۇھسىنىپ قويۇپ ،ئېرەنلىك بىلەن ئېغىز ئاچتى :«ساڭا شۇ قەدەر ئىسپات كېرەك بولسا ،مەن ساڭا ھازىرلا بېرەي»

ئىسپات كۆرسەتمەكچى ؟

جى لىڭ گې  فاسەيگە ئېنىق قىلىپ ئۇنىڭغا جىنايەت بېكىتىشتىكى ئىسپاتنىڭ كەملىكىنى ئېيتقان ،ئەمدىلىكتە فاسەي نەلەدىندۇر ئۇنىڭغا ئىسپات تېپىپ بەرمەكچى ؟

بۇ مۈمكىن بولمايدىغان ئىشقۇ ، ئەجەبا...

ئۇ ئورا كولاۋېتىپتۇ !

«سەنچە بىز نېمىشقا سېنى پەلەينى ئۆرۈپ ئەكىلىپ كىيىپ ئادەم.ئۆلتۈردى  دەپ يەكۈن چىقىرىمىز ؟»دېدى فاسەي تولىمۇ غەيرىيلىك بىلەن.

«ھىم.،نېمىشقا ؟» دېدى چىڭ جوۋ سوغۇق قىلىپ جاۋابەن.

«چۈنكى بىز سېنىڭ پەلىيىڭنى تەكشۈرىۋېتىپ ،ئۇنىڭدىكى قاننى بايقىدۇق »

جى لىڭ گې بىر ئاڭلاپلا فاسەينىڭ قەستەن پەلەيدىكى قان يۇقىنى سىرلىق قىلىپ سۆزلەپ چىڭ جوۋنى ئورىغا ئىتتىرىۋاتقانلىقىنى بىلىپ يەتتى.

«سەن ئوبدان بىلىسەن ،سىلەرنىڭ پەلىيىڭلار ئىنتايىن قېلىن  -دېدى فاسەي  قايتىدىن ئىككى پۇتىنى مىنگەشتۈرۈپ ئولتۇرۇپ - چىراغ قايتا يورىغاندا سەن بېرىپ لۈي يىشىننى قۇچاقلاپسەن ،شۇ چاغدا پەلىيىڭگىمۇ قان يۇقۇپتۇ. شۇنداققۇ ؟ ئەگەر راستلا شۇنداق بولسا پەلەيدىكى قان پەقەتلا پەلەينىڭ تېشىدا قالغان بولاتتى،ئەمما ...ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى ،سېنىڭ پەلىيىڭنىڭ ئىچىدىنمۇ قان دېغى بايقالدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە پەلەينى ئىچ - تېشىدىكى قان دېغىنىڭ ئورنى ماسلاشمايدىكەن. ئېيتە ،بۇ نېمە ئۈچۈن ؟»

بۇ گەپتىن چىڭ جوۋ دەرۋەقە چۆچۈپ كەتتى.

«چۈنكى سەن پەلەينى ئۆرۈپ  كىيىپ قاتىللىق قىلدىڭ ! - دېدى فاسەي كەسكىنلىك بىلەن - ئەگەردە ئۇنى سەن ئۆلتۈرمىگەن بولساڭ ،ئۇنداقتا پەلينىڭ ئىچىدىكى قان يۇقى نەدىن كەلگەن ؟»

«مېنىڭ سىلەردىن سوراپ باققىم كېلىۋاتىدۇ - دېدى چىڭ جوۋ كۈلۈپ قويۇپ - سىلەر مېنىڭ پەلىيىمنىڭ ئىچىدىمۇ قان يۇقى باركەن دەۋاتىسىلەر - ئۇ  دېمەكچى بولغانلىرىنى قايتا بىر ئويلىنىۋېلىپ ،فاسەيگە قاراپ تۇرۇپ داۋاملىق سۆزلىدى - سېنىڭ بايا دېگەنلىرىڭ ، مېنىڭ پەلىيمدىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسى ،ھەقىقەتەن راست ؟»

جى لىڭ گې چۆچۈپ كەتتى.

چىڭ جوۋ ئورىغا چۈشمىدى.ئەكىسچە ھەتتا گۇمانلاندى.
ئەجابا ئۇ دەرس ۋاقتىدا فاسەيگە كەتكۈزۈپ قويغاچقا ئۇنىڭدىن ھازىر مۇداپىئە قىلىۋاتامدۇ ؟
ياق ،توغرا ئەمەس. فاسەي دەرس ۋاقتىدا ئۇنىڭغا رەسمىي يوسۇندا ئورا كولىمىغان .

ئەمىسە ئۇ نېمىدىن گۇمانلىنىۋاتىدۇ ؟

توغرا ،بايا تېخى پەلەي ئۆرۈش ھەققىدە توختالغاندا فاسەي ئۇنىڭغا «بۇ يېنىمدىكى مۇنۇ ساقچىنىڭ قىياسى » دېگەن. ئۇ ئۆزىمۇ «مېنىڭ بۇ قىياسىمنى ئاسانلىقچە مازاق قىلماڭلار »دېگەن ئىدىغۇ !

دېمەك ،«پەلەي ئۆرۈش ئۇسۇلى» قىياس قىپ چىقىرىلغان،ئەگەر پەلەيدىكى قان دېغى راستتىنلا مەۋجۇت بولسا ئەسلا قىياس قىلىش كەتمەيدۇ !

«ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق .»دېدى فاسەي چىرايىنى قىلچە ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ.قارىماققا ئۇ كولىغان ئورىسىنى تىندۇرمىغىچە بولدى قىلمايدىغان بولسا كېرەك.

بۇنى كۆرۈپ يەتكەن جى لىڭ گې فاسەيگە كۆز ئىشارىسى قىلىپ ،ئۇنىڭ ئىشەنمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ قويدى. ئەمما فاسەي ئۇنىڭغا ئوغرىلىقچە مۇنداق جاۋاب قايتۇردى :«بىلىمەن . ئۇ بۇنىڭ ساختىلىقىنى بىلەلەيدۇ.لېكىن بۇمۇ مېنىڭ پىلانىمنىڭ بىر قىسمى .»

«مەن ئۇنىڭغا ئىشەنمەيمەن.ئەگەر راستلا ئىسپاتىڭلار بولسا ماڭا كۆرسىتىڭلار »دېدى چىڭ جوۋمۇ ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى تۇيغاندەك.

بۇ چاغدا فاسەي جى لىڭ گې نى بىرنى تېپىپ قويدى.

نېمە دېمەكچى ؟

جى لىڭ گې بىرئاز ھاڭۋېقىپ تۇرغاندىن كېيىن ئاندىن چۈشەندى ، فاسەي ئۇنىڭغا بىر پارچە يالغان تەكشۈرۈش دوكىلاتى تەييارلاتماقچى.
لېكىن ئۇ ئەزەلدىن ئۇنداق قىپ باقمىغان تۇرسا !
ئۇ ئاخىرى بىر قارارغا كېلىپ ،ئورنىدىن ئەمدى تۇرىشىغا ،چىڭ جوۋ «ئۆزۈمنىڭ پەلىيىمنى ئەپ كېلىڭلار »دەپ قېتىپ قويدى.

تەكشۈرۈش دوكىلاتىمۇ بولمامدۇ ؟

فاسەي جى لىڭ گې غا پەلەينىڭ ئىچىگە ئازراق قان تېمىتىپ قويۇڭ،دېگەن مەنىدە ئىشارە قىپ قويدى.

بولمايدۇ !

بۇ جى لىڭ گې نىڭ بىرىنجى ئىنكاسى.

«ۋاي قاپاق ،يالغان پەلەيدىن بىرەنى كۆتۈرۈپ كىرىشنىمۇ بىلمەمسىز ؟»

«پەلەينىڭ ئۆزىنىڭ ئەمەسلىكىنى تونۇپ قالسىچۇ !»

ئىككەيلەن مۇشۇنداق كۇسۇرلاشماقتا.

«ئىختىيارىڭىز....ئۆزىڭىز قاراپ بىر ئىش قىلارسىز.»

جى لىڭ گې قانداق قىلىشى كېرەك ؟

مۇھىم ئىسپات بولغان نەرسىنىڭ ئۈستىگە قان تېمىتىشقا جى لىڭ گې ئەسلا پېتىنالمايدۇ.شۇڭا پەقەتلا يالغان پەلەي ئەپ چىقسا بولىدۇ.ئېنىقكى فاسەينىڭ «قاراپ بىر ئىش قىلىڭ »دېگىنىمۇ قارىماققا ئۇنى ئۆزى تاللاشقا قويغاندەك كۆرۈنسىمۇ ،ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ باشقا تاللاش يولى بولمىسا.

جى لىڭ گې پەقەتلا ۋاقىتلىق يالغاننى ياساپ ئەپ چىقالايدۇ. لېكىن...

ئۇلارنىڭ ئۇسۇل پەلىيىگە ئوخشاش پەلەينى نەگە بېرىپ تاپىدۇ ؟

ھازىر ئوخشاش پەلەيدىن پەقەتلا چىڭ جوۋنىڭ ،جىن ياڭنىڭ يەنە دۇنەنخەينىڭلا بار تۇرسا.

بولدىلا.

ئۇ يالغان پەلەي ئەپ چىقىشنى كۆڭلى خالىماي ،ھەمدە ئامالمۇ تاپالماي ،ئاخىرى چىڭ جوۋنىڭ پەلىيىنى كۆتۈرۈپلا كىردى ،ۋە فاسەيگە شۇ پېتىلا ئەپ كىرگەنلىكىنى دېدى .

«ئازراق بولسىمۇ قان قوشمىدىڭىز دەڭە...چۈپەي.»
«بۇ سىز ئويلىغاندەك ئاددىي ئىش ئەمەس !»

چىڭ جوۋ پەلەينى قولىغا ئېلىپ ،ئىچىنى ئۆرۈپ بىر ھازا تەكشۈرىۋەتكەندىن كېيىن :«سىلەر باياتىن بېرى دەۋاتقان ئىچىدىكى قان ئىزى قېنى ؟»دەپ سورىدى.

«ھى ھى...»فاسەي جى لىڭ گې غا قاراپ ئىككىنى سوغۇق ھىجىيىپ قويدى . جى لىڭ گې يەنە ھاڭۋاقتى.

«چىڭ جوۋ ،سەن تېخىچە بىر مەسىلىنى بايقىمىدىڭما ؟»

«نېمە مەسىلىنى ؟»

«مېنىڭ بىلىشىمچە،دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن سەن ئىزچىل پەلىيىڭنى قولۇڭدا كىيپ يۈرگەن.بىراق بايا سەن  نېمىشقا يېرىم كۈن قاراپمۇ بۇ پەلەينىڭ سېنىڭ ئەمەسلىكىدىن گۇمانلانمايسەن ؟»
بۇ پەلەي ئۇنىڭ ئەمەس ؟

جى لىڭ گې ئەمدىلەتىن فاسەينىڭ ئورىنى نەگە كولىغانلىقىنى ئۇقتى.

«بۇ،بۇ ئېنىقلا مېنىڭ پەلىيىمغۇ ...»چىڭ جوۋ ئەمدى چۈشەندۈرمەكچى بولىۋىدى ،فاسەي ئۇنىڭ گېپىنى تارتىۋالدى :«توغرا ئەمەس. سېنىڭ پەلىيىڭدىكى قان ئىزى ئەسلا مۇنداق ئەمەس ،بەلكى ئاسانلا ئەستە قالىدىغان ھالەتتە -- يەنى ،سىرتتىكى بارماق بار ئورۇنلىرىلا قانغا مىلىنىپ كەتكەن ھالەتتە ئىدى. قولۇڭدىكى بۇ پەلەي ئۇنداق ئەمەس ،ئوبدان قارا، بۇ پەلەي ئاساسەن تولۇق قانغا مىلىنپ كېتىپتۇ. ئېيتە ،ئۇ كۈنى بىر كېچە پەلىيىڭنى كىيىپ ئولتۇرغان ئادەم نېمىشقا بۇ ساختا پەلەينى تونالمايسەن ؟»

ئەجەبا...

«توغرا ،سەن بۇنى ئۆزۈڭنىڭ پەلىيى دەپ قالدىڭ.بۇنىڭ سەۋەبى سەن ئۇكۈنى پەلەيدىكى قان دېغىنىڭ قانداقلىقىنى ئەسلا بىلمەيسەن . نېمىشقا ؟چۈنكى لۈي يىشىننى ئۆلتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ،سىنىپقا توك كەلدى ،سەن ئۇنى قۇچاقلىدىڭ.ئەمما ،پەلەي ئىزچىل سېنىڭ سول قولۇڭدا ،سەن پەلەينى ئەسلى ھالىتىگە ئۆرۈپ ،ئوڭ قولۇڭغا كىيىشكە ئۈلگۈرمىدىڭ.»

جى لىڭ گې يەن بىر قېتىم قاتتىق چۆچۈپ كەتتى.

توغرا ئەمەسقۇ،ئۇ چاغدا پەلەي ئۇنىڭ ئوڭ قولىدا ئىدىغۇ !

«كىم شۇنداق دەيدۇ ،مېنىڭ پەلەينى تونۇيالماسلىقىمنىڭ سەۋەبى سىلەر ئۆزۈڭلار ماڭا بۇنى مېنىڭ پەلىيىم دەپ بەردىڭلار ئەمەسمۇ .»

جى لىڭ گې ھەيران قالدى . چىڭ جوۋ ئۇ تەمتىردى !

ئۇ قانداقسىگە بۇ پەلەينىڭ ساختىلىقىنى ئېتىراپ قىلدى ؟ مۇنداقچە ئېيتقاندا ،فاسەيگە كۈتكەن پۇرسەت كەلدىمۇ ؟

«چىڭ جوۋ ،سەن بىزدىن پەلىيڭنى تەلەپ قىلغاندىكىن بىز ساڭا بىر پەلەي ئەكەپ بەردۇق .لېكىن ھېچقايسىمىز ساڭا بۇ پەلەي سېنىڭكى دېمىدۇق.سېنىڭ بۇ پەلەينى تونۇيالماسلىقىڭنىڭ سەۋەبى ،پەقەتلا توك كەلگەن چاغدا پەلەي سېنىڭ سول قولۇڭدا بولغانلىقىدا !»

«ئۇ...ئۇ...- ئۇ تولىمۇ بىئارام بولغان ھالەتتە داۋاملىق چۈشەندۈردى - ياش...»

ھە ؟

«مېنىڭ  ،مېنىڭ ئېسىمگە كەلدى  ....- دېدى چىڭ جوۋ - مەن ئەينى چاغدا يىغلىغان ،ئاندىن پەلەي بىلەن يېشىمنى سۈرتكەن...»

بۇ گەپتىن ھەتتا فاسەيمۇ ھەيران قالدى.ئۇ تېخى مۇنداق چۈشەندۈرەلەيدىكەن دېسە !

«يېشىم يۇققاندىكىن،مەن تېخى پەلەينىڭ رەڭگىنى چوقۇم سۇسلىشىپ كەتتى دەپ ئويلىغان ، شۇڭا...پەرق ئېتەلمەپتىمەن !»

ئەجەپ توقۇيالايدىكەنسەن.

فاسەي بىرنى ئۇھسىنىپ قويدى.

«تېخى سېنىڭ مۇنچىلىك جۆيلۈيەلەيدىغىنىڭنى ئويلىماپتىكەنمەن .»

«جۆيلۈمىدىم !- دېدى ئۇ ۋارقىراپ - دېگەنلىرىمنىڭ ھەممىسى ھەقىقەت !»

«ئۇنداقتا مەن ساڭا بىرە گۇۋاھچى تېپىپ بېرەيمۇ ؟  - دېدى فاسەي سوغۇق كۈلگىنىچە - خاتالاشمىسام نەق مەيداندا سەن لۈي يىشىننى قۇچاقلىغان ۋاقتىڭدا پەلىيىڭنىڭ سول قولۇڭدا ئىكەنلىكىنى كۆرگەن ئادەم بار.»

«مۈمكىن ئەمەس ...مۈمكىن ئەمەس ! پەلەي ئوڭ قولۇمدا ئىدى !»

«چوقۇم سول قولۇڭدا ،بولمىسا پەلەينى خاتا تونۇپ قالىدىغان ئەھۋالنى توغرا چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ.»

فاسەي جى لىڭ گې دىن ئىسپات بولغىدەك ئادەمنىڭ بار يوقلىقىنى سورىدى.جى لىڭ گې جاۋابەن ئەينى چاغدا قىزلارنىڭ لۈي يىشىننى كۆرۈپلا قورققىنىدىن بىر بۇلۇڭغا قېچىشقىنىنى ،پەقەت ئوغۇللارنىڭلا ئەسلى جايىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

«مۇنداقچە ئېيتقاندا ،جىن ياڭ بىلەن دۇنەنخەي ئىككىسى ئۇنىڭ لۈي يىشىننى قۇچاقلىغىنىنى ئېنىق كۆرەلەيدىكەن.بەلكىم ئۇ ئىككىسى ئۇنىڭ پەلىيىگە دىققەت قىلغان بولۇشى مۈمكىن.»

جى لىڭ گې :«شۇنداق ».

«ئۇلارنى چاقىرىپ كىرىڭلار !»

شۇنداق قىلىپ ،جىن ياڭ بىلەن دۇنەنخەي سوراق ئۆيىگە ئەكىرىلدى.

فاسەي سوئال سوراشنى باشلىۋەتتى :«ئىككىڭ تېزدىن دېيىش ،ئەينى چاغدا چىڭ جوۋنىڭ پەلەينى قايسى قولىغا كىيگەنلىكىنى كۆرۈشكەنمۇ ؟ ئەگەر ئېسىڭلاردا قالغىنى ئۇنىڭ ئوڭ قولىدا ئىكەنلىكى بولسا ئۇ يالغان سۆزلىمىگەن بولىدۇ .»

جىن ياڭ دۇنەنخەيگە قاراپ ،ئاندىن بېشىنى كۆتۈرۈپ ئويلاشقا باشلىدى.

«ئەينى چاغدا..ئېنىق ئېسىمدە يوق جۇمۇ »دېدى دۇنەنخەي.

«ئۇنداقتا ئەينى چاغدا ئۇنىڭ قېشىدا مۇشۇ ئىككىڭلارلا بارمىتتىڭلار ؟» دەپ سورىدى فاسەي.
بۇنىڭغا جاۋابەن ئۇ ئىككىلەيلەن بېشىنى لىڭشىتتى.

«ھەراست ،مېنىڭ ئېسىمگە كەلدى !» دېدى جىن ياڭ .
«قانداقتى ؟»دەپ دەرھال سورىدى فاسەي.
«چىڭ جوۋنىڭ ئوڭ قولى يارىلانغان ،شۇڭا سول قولىدا لۈي يىشىننى قۇچاقلىغان،ئەينى چاغدا ئۇ ئوڭ قولىنى تولىمۇ تەسلىكتە لۈي يىشىننىڭ مۈرىسىگە قويۇپ تۇرۇپتىكەن.»
«ئاندىنچۇ ؟»
«ئېسىمدە بارى...ئۇنىڭ ئوڭ قولىدا...»

قانداقتى ؟

«ئۇنىڭ ئوڭ قولىدا پەلەي يوقتى !»دېدى جىن ياڭ.

دۇنەنخەي ئۇنىڭغا ئەگىشىپلا ئېيتتى :«توغرا ،مېنىڭمۇ ئېسىمگە كەلدى ! پەلەي ھەقىقەتەنمۇ چىڭ جوۋنىڭ سول قولىدا ئىدى !»

«ئىككىڭلار جەزىملەشتۈرەلەمسىلەر ؟» دەپ سورىدى فاسەي.

«جەزىملەشتۈرەلەيمىز !»

«قاتىلنىڭ سەنلىكىڭنى ئويلىماپتىكەنمەن چىڭ جوۋ !»

چىڭ جوۋ جىددىيلەشتى ،ۋە ئۈستەلنى مۇشتلىغىنىچە ئورنىدىن تۇردى «ھەرقايسىڭ...ھەرقايسىڭ!مەن...مەن ئېنىقلا ئوڭ قولۇمغا كەيگەن !»

ئۇنىڭدىن كېيىن ،ئارىنى تەخمىنەن يېرىم مىنۇتقىچە سۈكۈت قاپلىدى.


«ھا ھا ھا...»

فاسەي قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى. چىڭ جوۋمۇ ھەم شۇنداق.

جى لىڭ گې ئۇ ئىككىسىگە بىر قاراپ،ئاندىن يەنە ھاڭۋېقىپ تۇرغان دۇنەنخەي ئىككىسىگە قاراپ ،نېمە قىلارىنى بىلمەي تۇرۇپ قالدى.

«نېمىش بولدى ؟ قاتىل چىڭ جوۋدۇ ؟» دېدى جىن ياڭ.
«توغرا.چىڭ جوۋ ،سەن پەلەينى سول قولۇڭغا كىيگەنغۇ »دېدى دۇنەنخەي.

«بولدى ،جىن ياڭ ،دۇنەنخەي...- دېدى فاسەي - ئىككىڭلا كۈلدۈرگەڭلارنى ئاخىرلاشتۇرۇڭلار. ئىككىڭلارنىڭ ياۋاشلىقچە ئورىكىمگە سەكرەيدىغانلىقڭلارنى ئوبدان بىلەتتىم.»

نېمە ؟
جى لىڭ گې تېخىچە بىلەلمىدى.ئەجەبا فاسەينىڭ دېمەكچى بولغىنى...ئۇ ئىككىسى ؟

«توغرا -دېدى فاسەي - لۈي يىشىننى ئۆلتۈرگەن ھەقىقىي قاتىل دەل جىن ياڭ بىلەن دۇنەنخەي .»

ئۇنداق ئەمەستۇ ؟

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100211
يازما سانى: 782
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2746
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 905 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-23 10:18:39 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راستىنلا ئادەمنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىقىدىكەن بۇ ئەسەر  ،بەكلا قىزىقىپ قالدىم  داۋامىنى تىزرەك يوللىغايسىز   شامالجان

گۈل ئۈزەي دېگەنتىم سانجىلدى تىكەن
تىكەنلىك بولاركەن ئەسلى گۈل دېگەن.
ئارقىمغا يانغانتىم دېدى گۈل كۈلۈپ،
تىكەندىن قورققانغا گۈل قەيەردىكەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-23 10:52:18 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چاقنار يوللىغان ۋاقتى  2014-10-23 10:18 PM
راستىنلا ئادەمنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىقىدىكەن بۇ ئەس ...

ئەلۋەتتە بولىدۇ.

ئىلگىرى  ئاندىريىد تېلفوندا بېسىپ يوللايتتىم، ھازىر ما ۋىندوۋىسفوندا ئۇيغۇرچە يېزىپ كىرگۈزمەك بەك ئاۋارىچىلىق دەڭە. شۇڭا سۈرئىتىم بۇرۇنقىدىن سەل ئاستا بوپ قېلىۋاتىدۇ.

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12395
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32447
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4458 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-23 11:35:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بايام ئىپتىخاردا ئوقۇۋالغان ئىدىم....

شۇنداق ئالدىرىماي ئوقۇساممۇ، ئەجەب تېز تۈگەپ كەتتى دېسە......

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-24 10:51:56 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
musilina يوللىغان ۋاقتى  2014-10-23 11:35 PM
بايام ئىپتىخاردا ئوقۇۋالغان ئىدىم....

شۇنداق ئالدىرىما ...

شۇنى دەيمەن . ئاران يازغان بىرنەرسە بولغاندىكىن سەل ئۇزاقتىراق ئوقۇپ تۈگىگەن بولسا...

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8501
يازما سانى: 894
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3012
تۆھپە نۇمۇرى: 835
توردا: 905 سائەت
تىزىم: 2010-8-30
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-24 11:48:38 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپلا   يەنە  تۈگەپ كەتتىغۇ بۇ      

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-24 12:07:17 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kulpat يوللىغان ۋاقتى  2014-10-24 11:48 AM
ئاپلا   يەنە  تۈگەپ كەتتىغۇ بۇ

شۇڭا داۋامىنى ئۇرىۋاتىمەنغۇ مانا تېلفونغا

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8501
يازما سانى: 894
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3012
تۆھپە نۇمۇرى: 835
توردا: 905 سائەت
تىزىم: 2010-8-30
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-24 05:03:43 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
xamal1124 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-24 12:07 PM
شۇڭا داۋامىنى ئۇرىۋاتىمەنغۇ مانا تېلفونغا

     بولسا  كىپەن ئوغرىسنىمۇ    تىزراق ئۇرۋەتسىڭىز كۆزمىز   8 بولۇپ كەتتى   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102722
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 148
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 43 سائەت
تىزىم: 2014-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-31 11:56:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داؤامئغا تةشنامةن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102722
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 148
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 43 سائەت
تىزىم: 2014-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-31 11:56:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش