|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
بۈگۈن iOS8.1 ئېلان قىلىنىپ چۈشتىن كېيىن بولغاندا 7.1 نى تۈرمىدىن قاچۇرغان پىروگراممىرلار 8.0دىن 8.1گىچە بولغان سىسىتېمىلارنى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دېتالنى ئېلان قىلدى (ۋاقتىنچە Windows نۇسخىسى) .
قوللايدىغان ئۈسكىنىلەر : iOS8.0-iOS8.1 يۈرىشىدىغان بارلىق ئۈسكىنە
ئالاھىدە ئەسكەرتىش : (ئورگان تەرەپنىڭ ئەسكەرتىشى)
1. نېمىشقا Cydia يوق؟
iOS8 نىڭ جىق جايلىرى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا Cydia ۋە تايىنىدىغان Substrate جازىسىنىڭ نۇرغۇن قىستۇرمىلىرى iOS8 دە نورمال ئىشلەتكىلى بولمايدۇ . شۇسەۋەبتىن باشقا ئاچقۇچىلار ۋە Cydia ياسىغۇچىنىڭ تىز سۈرئەتتە ئۆزىلىرىنىڭ كودنى iOS8 كە ماسلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىپ چىقىشقا قولاي بولسۇن ئۈچۈن ، بىز 1.0 نەشىردە تۈرمىدىن قاچۇرۇش جەريانىدا ئاچقۇچىلار كېرەك قىلىدىغان بىر قىسىم ئاساسىي مۇھىت ۋە SSH قاتارلىق قىستۇرمىلارنى تەمىنلىدۇق . Cydia ياسىغۇچى 8 گە ماسلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن بىز Cydia نى ئۆزئىچىگە ئالغان يېڭىلاش ئىلىپ بارىمىز . شۇڭا پەنگۇ تۈرمىدىن قاچۇرۇش (盘古越狱(iOS8)1.0) دېتالى 1.0 نەشىرى مۇنداقچە قىلىپ ئىيتقاندا تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئاچقۇچىلىرى ئۈچۈن تەييارلىق قىلىش نەشىرى.
2. تۈرمىدىن ھازىر قاچۇرامدۇق ؟
تۈرمىدىن قاچۇرۇش ھاياتلىق دەۋرى مەۋجۇت بولغاچقا ئالما تەرەپنىڭ قاچان يوچۇقنى تاقايدىغانلىقىنى ئۇققىلى بولمايدۇ ،شۇڭا سىز باشتا تۈرمىدىن قاچۇرۇپ تۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ ،Cydia ماسلاشتۇرۇلۇپ بولغاندىن كېيىن پەقەت يانفوندىكى پەنگۇ app ئارقىلىق Cydia نى چۈشۈرۈپ قاچىلىيالايسىز ياكى SSH يولى ئارقىلىق قاچىلىسىڭىزمۇ بولىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا PP يانفون ياردەمچىسى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئەپ چۈشۈرۈپ قاچىلىشى ئۈچۈن تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان نۇسخىسىمۇ iOS8 گە ماسلاشتۇرۇلدى .
مۇناسىۋەتلىك تېما ئۇلانمىلىرىتۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى :
iOS8.0-iOS8.1نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرىسلىكى
http://xjmac.com/mac/forum.php?mod=viewthread&tid=8326&fromuid=4
ios8 تۈرمىدىن قاچۇرۇپ cydia قاچىلاش
http://xjmac.com/mac/forum.php?mod=viewthread&tid=8333&fromuid=4
مەنبە : ئالما ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبى
|
|
|
|
|
|