كۈز پەسلى يۈرىكى ئالتۇن يوپۇرماق
ئېتىزدا توختىدى ئىشلەپچىقىرىش ،
ئاخىرىقى بىر تال دان قايتتى ئۆيىگە .
پاقىلار كىيمەكتە يۇڭدىن پوفايكا ،
ئەندىكىپ تىكىلەر ئېرىق سۈيىگە .
قۇچقاچلار دەرسكە چالدى قوڭغۇراق ،
چارەكلىك ئىمتىھان بەرمەكتە تىيىن .
ھارغىن قۇلۇلە بەردى ئاق قەغەز ،
تەبىئەت سوئالى چىقىپتۇ قىيىن .
پاشىغا ئوق تەگدى ئاخىرىقى جەڭدە ،
چىۋىنلەر توپلىشىپ يازماقتا ئەرىز .
تېرىسى مۇزلىغان جاندارلار ئۈچۈن ،
ئاپتاپنىڭ پارچىسى بولماقتا ئەزىز .
مۆچەلگە كالىلار بولدى ھامىلدار ،
قورساقنى ئاۋايلاپ كۆتىرەر ساغلىق .
يۇلتۇزلار يۇرتىدا بولماقتا چوڭ توي ،
تولۇنئاي ئەتلەستىن كىيمەكتە ياغلىق .
مەھەللە دوقمىشى سۈپىرەر غازاڭ ،
ئېرىقلار ماسلاشتى بىر خىللا رەڭگە .
ئۇداردىن قاچماقتا سۇلار ئاۋازى ،
خىيالچان گۈل باغلار كىرمەكتە غەمگە .
ئادەملەر ۋاقىتنى قىلار سېيرىتما ،
ئۈمۈدنىڭ چىشىنى قويىدۇ مايلاپ .
ئىشەنچ تېلىدىن چىقسۇن بىر ئۇچقۇن ،
موھتاجلىق كەلمىسۇن چىشىنى چايناپ .
كۈز پەسلى ئەسلىدە قېلىن ىىر چاپان .
جاندارلار ھەر قېتىم باقىدۇ كىيىپ .
ئاز ئۆتمەي ئاسماندىن چۈشۈپ قىش بۇۋاق ،
ئاق رەڭلىك كۆرپىگە قويىدۇ سىيىپ .
گۈللەرنىڭ لېۋىگە سۆيمەكتە قىراۋ،
شاماللار تېرەككە ئۇرار شاپىلاق .
سېرىق رەڭ قوينىغا كىرەر تەبىئەت ،
كۈز پەسلى يۈرىكى ئالتۇن يوپۇرماق .
خۇرسىنىش قىيمىسى بولمايدۇ گۆشنان ،
غاجايدۇ كۆڭۈلنى غەمنىڭ شۆپىكى .
دەقىقە توختىماس قىزىل چىراقتا ،
پەسىلنىڭ بىزگە بار قورساق كۆپىكى .
ئاپتۇرى : ئابلەت مۇھەممەت