مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 15334|ئىنكاس: 55

(bilgejan) ئىبولا ۋىرۇسى قانچىلىك خەتەرلىك؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89938
يازما سانى: 480
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى : 19758
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2091 سائەت
تىزىم: 2013-1-12
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-22 11:41:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىبولا ۋىرۇسى قانچىلىك خەتەرلىك؟


بىلگەجان



ئىبولا دېگەن سۆز بەلكىم يېقىنىقى نەچچە ئايدىن بۇيان ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنغان سۆزلەرنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن. ئىبولا ۋىرۇسى ئىنسانلارغا ئىلىپ كىلىۋاتقان تەھدىتنى ئەينى يىللىرى جۇڭگودا مەركەزلىك تارقالغان SARS ۋىرۇسى پەيدا قىلغان ئەندىشە ۋە خەۋىپكە ئوخشىتىش مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە بۇ قېتىم غەربىي ئافىرىقىدا تارقالغان ئىبولا ۋىرۇسى ئافىرىقىدىن چىقىپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقىلىشقا باشلىغانلىقى ۋە بۇ كېسەلنىڭ ھازىرچە ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلى ۋە ياكى ئالدىنى ئىلىش ئۇسۇلى ۋۇجۇدقا كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن دۇنيا مىقياسىدا كىشىلەرگە تېخىمۇ ئېغىر قورقۇنچ ئىلىپ كەلمەكتە. ئىبولا ۋىرۇسى ئىلىپ كەلگەن تەھدىت ھەتتا دۇنيا ئىقتىسادىدا زور داۋالغۇشلارنى پەيدا قىلماقتا. ئىككى خىل نەرسە بەكلا قورقۇنچلۇق بىلىنىشى مۇمكىن: بىرى، كىشىلەر چۈشەنمىگەن نەرسە؛ يەنە بىرى، كىشىلەر ھەقىقەتەن ئېغىر تەھدىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتكەن ۋە ئامالسىز قالغان نەرسە. ئىبولا ۋىرۇسى ئىلىپ كەلگەن قورقۇنچتا ھەر ئىككىلى ئامىل بولۇشى مۇمكىن. ئۇنداق بولسا ئىبولا ۋىرۇسى راستىنلا شۇنچلىك قورقۇنچلۇقمۇ؟ ئىبولا ۋىرۇسىنىڭ تەھدىتى زادى نەدىن نەگىچە؟

بۇ كېسەل يېقىندا ئامېرىكىدا تارقالغاندىن بۇيان، ئىبولا پۈتكۈل ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىنىڭ قىززىق نۇقتىسىغا ئايلىنىپ قالدى. ئامېرىكىدا تەتقىقاتقا ئاجرىتىدىغان مەبلەغنىڭ ئازلاپ كەتكەنلىكىدىن نارازى بولغان نۇرغۇن ئالىملار ئامېرىكىلىقلارنىڭ يەنە بىر قېتىم ئىلىم-پەنگە باشقىچە قارىشىغا ۋە كۆڭۈل بۆلۈشىگە سەۋەب بولغان بۇ ۋىرۇس ئارقىلىق كەسكىن مۇنازىرە قىلىپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن مېدىتسىنا تەتقىقاتىغا سەرپ قىلىدىغان مەبلەغنى ئاشۇرۇپ بېرىشنى جىددىي تەلەپ قىلدى. نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئېغىر تەھدىت ئالدىدا ھۆكۈمەت سەرپىياتىنى ئازلىتىشنى ھەدەپ كۈچەپ تەشۋىق قىلغان ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتيىسىنى قاتتىق ئەيىپلەپ ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە ناھايىتى كەسكىن مۇنازىرىلەر ئىلىپ بارماقتا. كىشىلەر بۇ قېتىملىقى ئىبولاكەن، ئۇنداق بولسا باشقا يۇقۇملۇق كېسەللەرچۇ؟ دەپ سوئال قويۇشماقتا. قارىماققا، ئىلىم-پەن كۈچ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان يەنە بىر قېتىملىق جەڭ باشلانغاندەك قىلىدۇ. مەن جاننى ئالىدىغان ئىبولا ۋىرۇسى ۋە باشقا بىئولوگىيىلىك قوراللارغا قارشى ۋاكسىنىلار تەتقىق قىلىنىۋاتقان تەجىرىبىخانىلارنىڭ بىرىدىن 100 قەدەم يىراقلىقتىكى بىر ئىشخانىدا ئولتۇرىدىغان بولغاچقا تەبئىي رەۋىشتە بۇ كېسەل ئۈستىدە ئىلىپ بېرىلىۋاتقان تەتقىقاتلار ۋە مۇنازىرىلەرگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كىلىۋاتىمەن.

ھازىرقىدەك دۆلەتلەر بىلەن دۆلەتلەر ئۇلىنىپ كەتكەن ئالاقە دەۋرىدە كېسەللەرنىڭ تارقىلىشى ناھايىتى تىز بولۇپ، بۇ كېسەلنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدى ئېلىنغىچە دۇنيانىڭ قايسى جايلىرىغا تارقىلىپ كېتىشىنى پەرەز قىلىش بەكمۇ قېيىن. مەن ئىشلەۋاتقان تېكساس بىئو-مېدىتسىنا تەتقىقات ئىنىستىتۇتىدا ئىبولا ۋىرۇسىنىڭ نۆۋەتتە تارقالغان تۈرى تەتقىق قىلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ ماڭا بىر قەدەر تونۇشلۇق تېما بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ھەقتە ئۇيغۇر تىلىدا ئازراق مەلۇمات بېرىشنى مۇھىم دەپ بىلدىم. تۆۋەندە مەن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى (WHO) ۋە ئامېرىكا كېسەللەرنى كونتىرول قىلىش مەركىزى (CDC) دىن ئىبارەت ئىككى نوپۇزلۇق ئورگان ئىبولا ۋىرۇسى ھەققىدە تارقاتقان ئىشەنچلىك مەلۇماتلار ئارقىلىق بۇ كېسەلگە چۈشەنچە بېرىمەن.


1. ئىبولا ۋىرۇسى دېگەن نېمە؟
ئىبولا (دەسلەپ ئىبولا قانلىق قىزىتمىسى دەپ ئاتالغان) بولسا بىر خىل ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان ۋە جانغا زامىن بولغۇچى كېسەل بولۇپ ئىبولا ۋىرۇسىنىڭ مەلۇم بىر تۈرى بىلەن يۇقۇملىنىشتىن كىلىپ چىقىدۇ. ئىبولا ئىنسانلار ۋە ئىنساندىن باشقا پىرىماتلار (مايمۇنسىمانلار، گورىللا، شىمپانزا ۋە باشقا مايمۇنلار) دا كېسەل كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دېمەك، ئىبولا دېگىنىمىز ئىبولا ۋىرۇسى پىرىماتلاردا پەيدا قىلىدىغان بىر خىل يۇقۇملۇق كېسەل.

2. ئىبولا كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئىبولا ۋىرۇسى تۈرلىرى قايسىلار؟
ئىبولا تاكسونومىيىلىك ئاتالغۇ بويىچە فىلوۋىرۇس ئائىلىسى، ئىبولاۋىرۇس جەمەئەتىدىكى ۋىرۇسلار بىلەن يۇقۇملىنىشتىن كىلىپ چىقىدىغان بولۇپ، جەمئىي 5 خىلى بار. بۇ 5 ۋىرۇس تۈرى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ئىبولا ۋىرۇسى (Zaire ebolavirus)، سۇدان ۋىرۇسى (Sudan ebolavirus)، تاي ئورمانلىقى ۋىرۇسى (Tai Forest ebolavirus)، ۋە  باندىباگيو ۋىرۇسى (Bundibugyo ebolavirus). بەشىنچىسى، رېستون ۋىرۇسى (Reston ebolavirus) بولۇپ، بۇ تۈر ئىنسانلارغا يۇقمايدۇ، بەلكى ئىنساندىن-باشقا پىرىماتلارغا يۇقىدۇ.

3. ئىبولا ۋىرۇسى قاچان، قەيەردە بايقالغان؟
ئىبولا ۋىرۇسى ئادەتتە بىر قانچە ئافرىقا دۆلەتلىرىدە ئۇچرايدىغان بولۇپ، تۇنجى بولۇپ 1976-يىلى ئىبولا دەرياسى بويلىرىدىن بايقالغان، يەنى ھازىرقى كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى تەۋەلىكىدە. شۇنىڭدىن كېيىن، بۇ كېسەل ئۇدا بىر نەچچە قېتىم ئافرىقىدا تارقىلىپ دۇنيا مىقياسىدا زور تەھدىت ئىلىپ كەلگەن.

4. ئىبولا ۋىرۇسى قايسى خىل جانلىق (تەبئىي ساھىبخان) تىن كىلىدۇ؟
ئىبولا ۋىرۇسىنىڭ تەبئىي ساقلىغۇچىسى تېخىچە ئېنىق ئەمەس. 1976-يىلى دەسلەپكى قېتىم ئىبولا ۋىرۇسى تارقىلىش سەۋەبى كونگودىكى كىشىلەر ئىبولا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان گورىللا گۆشىنى يىگەنلىكتىن كىلىپ چىققاچقا، دەسلەپ ئالىملار بۇ كېسەل گورىللادىن تارقىلىدۇ دەپ قارالغان. ھالبۇكى، گورىللا ۋە باشقا مايمۇنلارمۇ بۇ كېسەل بىلەن يۇقۇملانسا ئۆلۈپ كېتىدىغان بولۇپ، بۇ پىرىماتلارنىڭ بۇ ۋىرۇسنى تەبئىي ئىلىپ يۈرگۈچى ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. نۆۋەتتە ئالىملار بار بولغان پاكىتلاردىن بۇ ۋىرۇسنى ھايۋانلاردىن تارقالغان ۋە شەپەرەڭلەر بۇ ۋىرۇسلارنى تەبئىي ئىلىپ يۈرگۈچىلەر بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىماقتا. بەش خىل ئىبولا ۋىرۇسى تۈرى ئىچىدە تۆتى ئافرىقىدىكى ھايۋانلاردا تېپىلىدۇ.

5. ئىبولانىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى قايسىلار؟
ئىبولا ۋىرۇسى ئېنسانغا يۇققاندىن كېيىن، ۋىرۇسنىڭ RNA سى ساھىبخان تەننىڭ ھۈجەيرە يادروسىغا جايلىشىۋالىدۇ ۋە يۇقۇملانغۇچىنىڭ ھۈجەيرىلىرى ئۆز گېنلىرىنى كۆپەيتىش جەريانىدا ۋىرۇس گېنىنىمۇ تەڭ نۇسخىلاپ ماڭىدۇ، شۇنداق قىلىپ ۋىرۇس سانى ئاۋۇپ تەخمىنەن 2-21 كۈندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. ئەمما ئوتتۇرىچە 8-10 كۈن ئىچىدە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ 50%-90% كىچە كىشىلەر ئۆلۈپ كېتىدۇ. بىر قېتىم يۇقۇملىنىپ ساقايغان كىشىلەردە ئىبولاغا قارشى ئانتبودى شەكىللىنىدىغان بولۇپ، 10 يىلغىچە قايسى بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولمايدۇ. كېسەل قىزىشتىن باشلىنىدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى ۋىرۇس قان تومۇرلىرىنىڭ دىۋارىنى نىپىزلىتىش رولىغا ئىگە بولغاچقا ئاخىرىدا قان تومۇرلار يېرىلىپ ئىچكى ئەزالار قاناپ كەتكەنلىكى تۈپەيلىدىن قان بېسىمى تۆۋەنلەپ يۈرەك ۋە باشقا كۆپ خىل ئەزالار مەغلۇپ بولغانلىقتىن بىمار ئۆلۈپ كىتىدۇ.
ئىبولا بىمارلىرىنىڭ ئاساسلىق ئالامەتلىرى تۆۋەندىكىچە:
قىزىش
ئېغىر باش ئاغرىقى
مۇسكۇل ئاغرىقى
ئاجىزلىشىپ كېتىش
ئىچى سۈرۈش
قۇسۇش
قورساق تەرەپ ئاغرىقى
چۈشەندۈرگىلى بولمايدىغان قاناش ۋە جاراھەتلىنىش

6. بۇ قېتىملىق ئىبولا ۋىرۇسى قانداق تارقالغان؟
2014-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيتى سەھىيە مىنىستىرلىكى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى كونگونىڭ ئىكوۋاتۇر ئۆلكىسىدە ئىبولا ۋىرۇسى كېسەللىكىنىڭ تارقالغانلىقىنى رەسمىي ئۇقتۇردى. ئەڭ دەسلەپ بايقالغان بىمار بولسا ئىكانامونگو يېزىسىدىكى بىر ھامىلدار ئايال بولۇپ، ئۇ بىر ئوۋلانغان ياۋايى ھايۋاننى ئۆلتۈرگەن ۋە ئارقىدىنلا ئىبولا ۋىرۇسى كېسەللىكىنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىساكا يېزىسىدىكى شەخسىي ئامبولاتورىيىگە ئەھۋالنى مەلۇم قىلغان، شۇنداقلا 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى ئۆلۈپ كەتكەن. شۇ يەردىكى تاپ گۆشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك يەرلىك ئادەتلەر ۋە مۇراسىملار بىر نەچچە نەپەر ساغلاملىق خادىملىرىنىڭ يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شۇنداق قىلىپ بۇ كېسەل كەڭ كۆلەمدە تارقىلىپ كەتكەن.

7. 2014-يىلىدىكى بۇ قېتىملىق ئىبولا ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىپ كېتىشى ئىلگىرىكى ئىبولا كېسەللىكى پارتلاشلىرىغا سېلىشتۇرغاندا قانداق پەرقلىنىدۇ؟
بۇ قېتىملىق ئىبولا ۋىرۇسى كېسەللىكىنىڭ تارقىلىشى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىقى بولۇپ، كونگودىن باشقا بىر قانچە ئافىرىقا دۆلەتلىرىگە كەڭ كۆلەمدە تارقىلىپ كەتكەن.
ئىبولا كەڭ كۆلەمدە تارقالغان دۆلەتلەر: گېنىيە، لىبىرىيە، سىيىرا لىئون.
ئىبولا يەرلىكتە تارقالغان دۆلەتلەر: نىگىرىيە، ئىسپانىيە (مادىرىد شەھىرى)، ئامېرىكا (تېكساس شىتاتىنىڭ داللاس شەھىرى).
ئىبولا يولۇچىلاردا كۆرۈلگەن دۆلەتلەر: سېنگال (داكار شەھىرى)

8. نۆۋەتتىكى ئىبولا ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى قانداق؟
2014-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، ئىبولا بىلەن يۇقۇملىنىش ۋە ئۆلۈش ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە:
كەڭ تارقالغان دۆلەتلەردە جەمئىي ئىبولا بايقالغان بىمار سانى 9178 نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆلۈپ كەتكەنلەر 4546 نەپەر (ئەسكەرتىش: بۇ سانلار تۆۋەن مۆلچەر بولۇپ، لىبىرىيەدىن كەلگەن سانلىق مەلۇماتلار ئەمەلىيەتتىن بەكلا تۆۋەن دەپ قارالماقتا).
يەرلىكتە تارقالغان دۆلەتلەردىن ئامېرىكىدا 3 نەپەر، نىگىرىيەدە 20 نەپەر بىمار بايقالغان بولۇپ، بۇلاردىن ئامېرىكىدا 1 كىشى، نىگىرىيەدە 8 كىشى ئۆلۈپ كەتكەن.

9. ئىبولا ۋىرۇسى قانداق يۇقىدۇ؟
ئىبولا ۋىرۇسىنىڭ زادى قەيەردە ساقلىنىدىغانلىقى پۈتۈنلەي ئايدىڭ بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ۋىرۇسنىڭ تۇنجى بولۇپ ئىنسانلارغا زادى قانداق يۇقىدىغانلىقى ھازىرمۇ نامەلۇم. ئەمما، تەتقىقاتچىلار كىشىلەر ئىبولا بىلەن يۇقۇملانغان ھايۋانلار بىلەن ئۇچرىشىشتىن ئىبولانى يۇقتۇرغان دەپ قارىماقتا. ئىبولا ۋىرۇسى تەن سىرتىدا بىر قانچە سائەت ھايات قالالايدۇ، ھەتتا تەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلانغان بەدەن سۇيۇقلۇقىدا بىر نەچچە كۈن ھايات قىلىپ ئۇچراشقان كىشىلەرنى يۇقۇملاندۇرالايدۇ.
ئىبولا ۋىرۇسى كىشىلەردىن كىشىلەرگە بىر قانچە خىل يول بىلەن يۇقىدىغان بولۇپ، يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئېچىلىپ قالغان تىرىسى ياكى شىلىمشىق سۇيۇقلۇقى، مەسىلەن كۆز، بۇرۇن ياكى ئېغىزدىكى سۇيۇقلار ئارقىلىق يۇققاندىن باشقا يەنە تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇللاردا يۇقىدۇ:
1) ئىبولا بىلەن يۇقۇملانغان كىشىنىڭ قان ياكى بەدەن سۇيۇقلۇقى بىلەن ئۇچرىشىش. (بەدەن سۇيۇقلۇقى سۈيدۈك، تۈكۈرۈك، تەر، پوق، قۇسۇق، ئانا سۈتى ۋە ئىسپىرما قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ۋە بۇنىڭ بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ).
2) يۇقۇملانغان ھايۋانلار
3) ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان نەرسىلەر (مەسىلەن يىڭنە، شىپىرىس قاتارلىقلار)
4) ئىبولا ھاۋا ياكى سۇدىن، ۋە ياكى ئادەتتە يېمەكلىكتىن يۇقمايدۇ (يۇقۇملانغۇچىنىڭ چۈشكۈرۈكى بىلەن ئۇچرىشىش بۇنىڭ سىرتىدا)، ئەمما ئافرىقىدا بىۋاستە شەپەرەڭلەر بىلەن ئۇچرىشىش ياكى ئوۋلانغان گۆشلەرنى تۇتۇش، يېيىش قاتارلىقلاردىنمۇ يۇقىشى مۇمكىن.

10. ئىبولانىڭ ئالدىنى ئالغىلى ياكى داۋالىغىلى بولامدۇ؟
نۆۋەتتە ئىبولانىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغان ۋاكسىنا تېخى بازارغا سېلىنمىغان بولۇپ، ئامېرىكا ساغلاملىق ئىنىستىتۇتى تەتقىقاتچىلىرى ئىبولا ۋىرۇسى ۋاكسىنىسىنى كىلىنىكىلىق سىناقتىن ئۆتكۈزۈش ئالدىدا تۇرماقتا. ئىبولا ۋىرۇسى بىلەن ئاللىقاچان يۇقۇملانغان كىشىلەرنى داۋالايدىغان دورىمۇ يوق بولۇپ، ئامېرىكىدا ئۈنۈمى ۋە بىخەتەرلىكى تېخى كىلىنىكىلىق سىناقتىن ئۆتكۈزۈلمىگەن بىر  ZMapp دەپ ئاتالغان دورا بار بولۇپ، ئامېرىكىدا داۋالانغان ئىككى نەپەر بىمارنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالغان دەپ قارالماقتا، ئەمما بۇ دورا كىلىنىكىلىق سىناقتىن ئۆتۈپ FDA نىڭ تەستىقىغا ئېرىشمىگەن بولغاچقا تېخى بازارغا سېلىنمىغان ۋە كەڭ كۆلەمدە كېسەل داۋالاشتا ئىشلىتىلمەيدۇ.

كېيىنكى قەدەمدە ئامېرىكىدا ئىبولا بىمارلىرىنى داۋالاشتا ئىشلەتكەن ZMapp دېگەن دورا ۋە ياسىلىۋاتقان ۋاكسىنىلار توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىمەن.

بىلگەجان (سان ئانتونىيو، تېكساس)
2014-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى



پايدىلىنغان مەنبەلەر ۋە قوشۇمچە سۈرەتلەر:

http://www.cdc.gov/vhf/ebola/index.html

http://www.who.int/csr/disease/ebola/en/



سۈرەتتىكىسى 1، 2، 3: ئىبولا ۋىرۇسى، ئافرىقىدا ئىبولانى داۋالاشقا خالىسانە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن بېرىپ يۇقۇملانغان دوختۇر ۋە ئامېرىكىغا يۆتكەپ كىلىنىش جەريانى


ئىبولا ۋىرۇسى نۆۋەتتە كەڭ تارقالغان رايونلار خەرىتىسى ۋە ئالدىنقى تۆت قېتىملىق تارقىلىش بىلەن بۇ قېتىمقىسىنىڭ سېلىشتۇرمىسى.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
eslam-waresi + 200 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 200   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109573
يازما سانى: 312
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1596
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 721 سائەت
تىزىم: 2014-8-30
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-23 12:37:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زوكام بولۇپ قالغانلار بۇ تىمىدىكى كىسەللىك ئالامەتلىرىنى  ئوقىسا ئۆزىدىن ئەنسىرەپ قالغىدەك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80009
يازما سانى: 689
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5163
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 726 سائەت
تىزىم: 2012-5-11
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-23 12:44:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت.

پۈتكۈل ۋۇجۇدىڭىز، پۈتكۈل قەلبىڭىز بىلەن ئاللاھنى سۆيۈڭ!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109512
يازما سانى: 434
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 141
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 314 سائەت
تىزىم: 2014-8-28
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-23 12:55:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پىرىماتلار  -گورىللا، مايمۇن، شىمپەنزە ۋە ئادەمنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، بۇ ئاتالغۇنىڭ كونكىت چۈشەندۈرۈلىشىنى ئېيتىپ بەرگەن بولسىڭىز، رەھمەت!

تولۇقلىما مەزمۇن (2014-10-23 10:25 PM):
پىرىماتلار- ئۇمۇرتقىلىق دىگەن  مەنىگە ئىگە ئىكەن.

ئۆمۈرنى غەنىيمەت بىل ، ساقلىق ۋە ئامانلىققا شۈكۈر قىل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109512
يازما سانى: 434
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 141
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 314 سائەت
تىزىم: 2014-8-28
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-23 12:58:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەتراپلىق، ئىلمىي مەلۇماتقا ئىگە بولدۇق ، كۆپ رەھمەت! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Ay.sadap تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-23 01:09 AM  


ئۆمۈرنى غەنىيمەت بىل ، ساقلىق ۋە ئامانلىققا شۈكۈر قىل.

ئىمان ، ئىتىقادس

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1347
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8410
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 224 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-23 01:00:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك تەپسىلى چۈشەندۈرۈپسىز . تۇلۇق ئوقۇپ بىلىۋالدىم . رەھمەت

ئىمان ، ئىتىقادسىز ئادەمنىڭ ئىت ، ئىشەكتىن پەرقى بولمايدۇ .
pozor بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-23 01:11:06 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98158
يازما سانى: 402
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1596
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 690 سائەت
تىزىم: 2013-9-24
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-23 02:07:40 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىبۇلا ۋىرۇسى دەسلەپ 1976-يىلى بايقالغان بۇلسا ھازىرغىچە ئازكەم 39يىل بۇلدى دىگەن گەپ، شۇنچە يىلغىچە دۇنيا سەھيە تەشكىلاتى قاتارلىق ئۇرۇنلار، بۇ ۋىرۇسقا قارتا ھىچ بىر تەدبىر قۇللانمىغانمىدۇ.39يىلغا يىقىنلاشقان تارىخى بار بۇ كىسەل، ھەققىدە ئانچە كۇپ مەلۇمات بۇلماسلىقى، بۇ ۋىرۇسقا سەل قارغانلىقىمۇ باشقا سەۋەپ بارمىدۇ، يامان يىرى بۇنداق يۇقۇملۇق كىسەللەر ئافرىقا قاتارلىق ئىقتىسادى تۇۋەن، ئىلىم پەن تەرەققى قىلمىغان رايۇنلاردىنلا چىقىدىكەن دىسە.
ئامرىكىنىڭ بىر كىنۇ باردەك ئىسىمدە مۇشۇ ۋىرۇس بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، « رەسۇل » بولۇشتىن بۇرۇن « ئەمىن » بولغان بىر پەيغەمبەرنىڭ ئۈممىتى بىز. ئىمانىڭنى يوقۇتۇپ قويساڭمۇ ئەمىنلىك سۈپىتىڭنى يوقۇتۇپ قويماسلىقىڭ كېرەك. يەنە شۇنى ئوبدان بىلىشىڭ كېرەككى، ئەڭ چوڭ خىيانەت ئىمانغا قىلىنغان خىيانەتتۇر. ئەمىنلىك سۈپىتىگە ئىگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109182
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 641
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 165 سائەت
تىزىم: 2014-8-15
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-23 02:54:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەلۇماتلىق ئادەمنىڭ سۆزلىرى ، تېمىللىرىمۇ ئۆزگىچە بولىدىكەن دېسە ... رەھمەت سىزگە . شۇنداق ئېنىق چۈشەندۈرۈلۈپتۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102100
يازما سانى: 531
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4028
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 504 سائەت
تىزىم: 2014-1-10
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-23 09:57:30 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىزىل چىقىپ  ساقايغانادەمگە قايتا قىزىل چىقمايدىكەن،  بۇنىڭغا قارتا قىزىل چىقىپ ساقايغان ئادەمنىڭ قېنىنى ۋاكسىنا قىلىپ باشقىلارغا ئۇرسا باشقىلارغىمۇ قىزىل يۇقماپتىكەن.   بۇنىمۇ سىناپ باقتىڭلارمۇ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش