مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1188|ئىنكاس: 16

رازۋېدكا خاتىرىسى— سىرلىق ئۆيدىكى قاتىللىق دېلوسى(12) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-22 08:55:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدىنقى قىسىملىرىدىن ئەسلىمە :

ئۇسۇل ئۆيىدە قاتىللىق دېلوسى يۈز بەرگەندىن كېيىن ساقچىلار فاسەينىڭ ياردىمىدە جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ سانىنى ئازلاتقان بىلەن ھەقىقىي جىنايەتچىنى تاپالمايدۇ. ھەر تەرەپتىن يىپ ئۇچى ۋە ئىسپات توپلىغان ساقچى جى لىڭ گې ئۆزىنىڭ يېشەلىگەن يىپ ئۇچىنى فاسەيگە ئېيتقاندىن كېيىن ،فاسەي جىنايەت گۇماندارى بولغان ئۆلگۈچىنىڭ ئوغۇل دوستى چىڭ جوۋنى سوراق ئۆيىگە چاقىرىدۇ.



سوراق ئۆيىدە ، فاسەي ئالدىنقى قېتىم جىنايەتچىنى سوراق قىلغان ئورنىدا ئولتۇرۇپ ئىككى مىنۇتچە ئۆتكەندىن كېيىن ، جان پېنى بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقان چىڭ جوۋ ئاخىرى جى لىڭ گې باشچىلىقىدىكىلەر تەرىپىدىن سۆرەپ ئەپ كىرىلدى.

چىن چىمىڭمۇ باشقا.كىشىلەرنى يان تەرەپتىكى كۆزىتىش ئۆيىگە باشلاپ ئەكىردى.  ئۇلار ھېلھەم ھەيرانلىق ئىچىدە بولۇپ ،قاتىلنىڭ قانداقسىگە چىڭ جوۋ بوپ قالغانلىقىنى مۇنازىرىلەشمەكتە ئىدى.

ئەلۋەتتە ،سوراقخانا ئىچىدىكى ساقچىلارمۇ چىڭ جوۋنى جىنايەتچىلەر ئولتۇرىدىغان ئورۇنغا ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ،ئۇنى قالايمىقان قېچىش خىيالىدىن ۋاز كەچسۇن دەپ ھەتتا سوراق ئۆيى ئىشىكىنى ئېتىپمۇ قويدى.
جى لىڭ گې سوراق قىلىشتا ئىشلىتىدىغان ماتىرىياللارنى ئەپ بولغاندىن كېيىن ،فاسەيگە ھەممە ئىشنىڭ پۈتكەنلىكى توغرىلىق كۆز ئىشارىسى قىلدى.فاسەيمۇ بىرنى ئۇھسىنىپ قويۇپ،يەنە باشلىمىسا ئۆزىنىڭ سىرتقا چىقىپ تاماكا چىقىپ كىرمەكچى بولغانلىقىنى دەپ ئاغرىنىپ قويدى.

شۇنداق قىلىپ ،سوراق باشلاندى.

«چىڭ جوۋ ،سەن...»
«مەن ئۆلتۈرمىدىم !»دېدى چىڭ جوۋ ئۇنىڭ گېپىنى بۆلۈپ.
«ھەي...-دېدى فاسەي پۇتىنى مىنگەشتۈرۈپ - سەن  ئۇنى مەن ئۆلتەمىدىم ،دەۋەرمەي ،راستلا ئۆلتەمىگەن بولساڭ چىرايلىقچە دىيەلمەمسەن ؟»
«ئەمىسە مەن ساڭا چىرايلىقچە دەي ! - دېدى فاسەيگە ئالىيىپ ،ۋارقىرىغىنىچە - مەن ئادەم ئۆلتۈرمىدىم !»

بۇچاغدا جى لىڭ گې فاسەيگە مۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئالدى بىلەن جىنايەتچىنىڭ كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى ،بولمىسا داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

«قانداق قىلىپ ؟»

فاسەي جى لىڭ گې نى بىر ئۈلگە قىپ كۆرسىتىشكە تەكلىپ قىلىۋېدى ،جى لىڭ گې يانجۇقىدىن بىر كىچىك دورا قۇتىسىنى چىقىرىپ ، قۇتىدىكىسىنىڭ تىنىلاندۇرۇش تابلىتى ئىكەنلىكىنى، بۇنى چىڭ جوۋغا ئىچۈرۈش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

«خاتىرجەم ئىچكىن .ھېچقانداق ئەكىس تەسىرى يوق »دېدى جى لىڭ گې.ئەمما فاسەي بىر ئېغىز گەپ قىپ ئۇنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىۋەتتى :«كىم شۇنداق دەيدۇ،ئالدىنقى قېتىم ھېلىقى جىنايەتچى ئىچكەندىن كېيىن بىرمۇنچە چېچى چۈشۈپ كەتمىدىمۇ .»

«ئىچمەيمەن !» دېدى چىڭ جوۋمۇ بۇگەپنى ئاڭلاپ.

جى لىڭ گې فاسەينىڭ زادى نېمىلەرنى ئويلاۋاتقىنىنى بىلەلمىدى.نېمىلا بولمىسۇن ،مۇنداق چاغدا ئويۇن قىپ يۈرگىنى نېمىسى !
بۇ چاغدا ئويلىمىغان يەردىن فاسەي يەنە ئېغىز ئاچتى :«ئەگەر ياخشى ھەمكارلاشساڭ ئۇنى ئىچمىسەڭمۇ بولىدۇ.لېكىن ھەمكارلاشمىساڭ بىزگىمۇ باشقا ئامال يوق .»

جى لىڭ گې ئەمدى چۈشەندى. ئەسلى فاسەي ئۇنىڭغا بىرتال تابلېتنى تېجەپ بېرىۋېتىپتۇ. لېكىن...مۇشۇنچىلىك قىپ كېتىش كېتەمدۇ ؟

چىڭ جوۋ  ھېلىقى يېسە چېچى چۈشۈپ كېتىدىغان دورا بار قۇتىغا بىر ھازا قاراپ.تۇرغاندىن كېيىن ،ئامالسىز جاۋاب قايتۇردى :«بولىدۇ. ھەمكارلاشساملا بولىدىغۇ !»

«ياخشى ،چىڭ جوۋ ،سەن ئاخىرى ئۆزۈڭنىڭ ئەسلى قىياپىتىڭنى ئاشكارىلىدىڭ .»دېدى فاسەي.

نېمە ؟

ئەسلى قىياپىتىنى ئاشكارىلىدى ؟

جى لىڭ گې تېخى بىرە خەتمۇ يازمىغان بولغاچ ،نېمە بولغىنىنى ئاڭقىرالماي،بىردەم چىڭ جوۋغا ،يەنە بىردەم فاسەيگە قاراپ ھاڭۋېقىپلا قالدى.
چىڭ جوۋمۇ ھەم شۇنداق.
بۇچاغدا فاسەي چۈشەندۈرۈپ ئېيتتى :«سېنىڭ ئىچكى قىياپىتىڭ ئەسلىدىنلا تىنىچ ئىكەن.بولمىسا باياتىن بېرى قالايمىقان ۋارقىراپ ،توۋلاپ يۈرگەن ئادەم قانداق قىپ بىردەمدىلا يۇۋاشلاپ قالدىڭ ؟»

«بۇ...ھېلىقى...»

«مېنىڭ تىنچلاندۇرۇش تابلىتىنىڭ ئەكىس تەسىرى بار دېگەن گېپىم ئاڭلىغاندىن كېيىن تېنچلىنىپ قالدىڭ.شۇنداققۇ ؟  لېكىن سەن تېخى ئۇنى يېمىگەن تۇرساڭ .»

«ياق...مەن...»
«بولدى قىل .سەن ئەسلىدىنلا ناھايىتى نورمال .پەقەتلا ساقچىلار ئالدىدا قەستەن ساراڭلىق قىپ تۇرىۋالدىڭ خالاس.»

جى لىڭ گې ئەمدى چۈشەندى. ئەسلى فاسەي ئۇنىڭغا تابلىت تېجىمەپتۇ ،بەلكى ئۇنى چاندۇرتىپتۇ.

«سېنىڭ پەقەت بايىقى ئىپادەڭلا ئەمەس ،لۈي يىشىن  پىچاق يەپ ئۆلگەندىن كېيىنكى ئىپادەڭمۇ شۇنداق .- دېدى فاسەي - سېنىڭ ئىزچىل ماڭقاڭنى ئېقىتىپ يىغلاپ يۈرۈشۈڭ پەقەتلا ئىچىڭدىكى قورقۇنچنى باشقىلاغا بىلىندۈرمەي يوشۇرۇش ئۈچۈن خالاس.بىزنىڭ ئىزچىل سېنى تونىيالماسلىقىمىزدىكى سەۋەب ،پەقەتلا سېنىڭ يالغاندىن يىغلاشقا ئۇستىلىقىدىن خالاس !».

«مەن راستتىنلا ئۆكۈندۈم !»

«ئەمىسە نېمىشقا ئىزچىل باھانە كۆرسىتىپ ساقچلانىڭ سورىقىغا جاۋاب قايتۇرمايسەن ؟ سەن دېگەن بىر ئوغۇل بالا ، بىر كېچە يىغلىغان بولساڭ بۇنى چۈشىنىشكە بولىدۇ.لېكىن تېخى ئەتىسىمۇ يەنە مىشىلداپ يۈرسەڭ بۇنىڭغا نېمە دېگۈلۈك .ئەگەر سېنى دەرس ۋاقتىدا ئىزدەپ بارمىغان بولسام ،سېنڭ ئېغىز ئىسپاتىڭنى ھەقىچان ھازىرغىچە ئالالمىغان بولاتتۇق.»

«مەن...مەن ساڭا چىرايلىقچە چۈشەندۈرەي ،بولامدۇ ؟ »
«بولىدۇ »
«مەن راستتىنلا،راستتىنلا بەك ئۆكۈنۈم...نېمىشقا ،نېمىشقا مېنى ئۇنىڭ بىلەن بىللە بارغىلى قويمايسىلەر (دوختۇرخانىغا دېمەكچى)؟  ئەگەر ئۇكۈنى كەچتە مېنى ئۇنىڭ بىلەن بىللە بارغىلى قويغان بولساڭلار ،مەن ياۋاشلىقچە قايتىپ كېلىپ ،دېگىم بارلىرىنىڭ ھەممىنى سىلەرگە دەيتتىم .لېكىن..لېكىن..»

چىڭ جوۋ بۇلارنى دەۋاتقىنىدا ،كۆزلىرىگە يەنە ياش يۈگۈردى.

«بىراق سىلەر مېنى نەق مەيداندىن ئايرىلغىلى قويمىدىلار ،مەن ئۇنىڭ بىلەن ئەڭ  ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشىدىغان پۇرسىتىمدىنمۇ مەھرۇم قالدىم ! ئەگەر،ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن بىللە بارغان بولسام ،ئۇ چوقۇم ماڭا دەيدىغانلىرىنى دەيتتى !»

بۇ گەپنى ئاڭلىغان جى لىڭ گې  چىڭ جوۋغا  لۈي يىشىننىڭ شۇ يارىلانغىنىچە ئېسىگە كەپ باقمىغانلىقىنى تەكىتلەپ قويدى.

«بۇنى مەن بىلىمەن ! - دېدى چىڭ جوۋ - بىراق،ئەگەر مەن ئۇنىڭ يېنىدا بولسام ... بەلكىم ئۇ ھوشىغا كەپ قېلىشى مۈمكىن ئىدى !»

«راست دەيسە ،ئەگەر سەن ئۇنىڭ يېنىدا بولغان بولساڭ ،پىچاق بىلەن يەنە بىرنى تىقىپ قويساڭ،ئۇ راستتىنلا ھوشىغا كەلگەن بولاتتى.»دېدى فاسەي.

«ئوپراتسىيە ئۆيىدە مېنىڭ قانداقسىگە ئۇنىڭغا پىچاق تىققۇدەك پۇرسىتىم بولسۇن !»
چىڭ جوۋ مۇشۇنداق دېگىنىچە سول قولى بىلەن ئۈستەلگە مۇشتلىغىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.

بۇ پەيتتە ،ھەممەيلەن ھاڭۋېقىپلا قېلىشقانىدى.

چىڭ جوۋنىڭ بايا دېگەن گېپى...سەت چېنىپ قالدىمۇ نېمە ؟ ئۇنىڭ ئۇنداق دېگىنى ئېنىقلا  ئۆزىنىڭ لۈي يىشىننى ئۆلتۈرۈش غەرىزىنىڭ بارلىقىنى ئېتراپ قىلغانلىق ئەمەسمۇ ؟

قاتىل دەرۋەقە ئۇ ئىكەندە !

بىراق ،جى لىڭ گې سەل بىنورماللىق ھېس قىلدى.

نېمىشقا...ئىزچىل شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن ياسىنىپ كەلگەن چىڭ جوۋ ،نېمىشقا تۇيۇقسىزلا ئۆزىنى مۇشۇنداق چاندۇرىدۇ ؟

«ياق..مەن...مېنىڭ قولۇمدا يارا بار...»دېدى چىڭ جوۋ سەل تەمتىرىگىنىچە. بۇچاغدا فاسەي ياخشى ئادەم سىياقىدا ئۇنىڭغا دېدى :«بولدى تەمتىرىمە ،ئەمدى نۆۋەتتە مەن  ئوڭ قولى يارىلانغان سېنىڭ قانداق ئۇسۇل بىلەن بارماق ئىزى قالدۇرماي لۈي يىشىننى ئۆلتۈرگەنلىكىڭنى ئاشكارىلايمەن.»

راستتىنلا.مۇشۇنداق ئۇسۇل بارمۇ ؟
سىرتتا ئاڭلاۋاتقانلار ئىچىدىن ،ئوغۇللارنىڭ قاپاقلىرى تۈرۈلۈشكە ،قىزلار بولسا لەۋلىرىنى چىشلىشىپ ،چىڭ جوۋنىڭ قانداق قىلىپ ئوڭ قولىنى ئىشلەتمىگەن شارائىت ئاستىدا  لۈي يىشىننى ئۆلتۈرەلىگەنلىىنى فاسەينىڭ قانداق چۈشەندۈرىدىغانلىقىنى كۈتۈپ تۇرۇشماقتا.

«ناھايىتى ئاددىيغۇ. سول قولىنى ئىشلەتكەن .»
«سول قولۇمدا پەلەي بولمىسا !»،چىڭ جوۋ دەرھاللا رەددىيە بەردى.

توغرا ،پىچاقتا بارماق ئىزى يوق.ئۇلار سول قولىغا پەلەي تاقىمىغان.ئەمىسە ئادەمنى قانداق قىلىپ سول قولىدا ئۆلتۈرگەن ؟

بۇ چاغدا فاسەي جى لىڭ گې نى كۆرسىتىپ تۇرۇپ داۋاملىق سۆزلىدى :« بۇ دېگەن يېنىمدا ئولتۇرغان مۇنۇ ساقچنىڭ قىياسى.چىڭ جوۋ ،سول قولۇڭدا پەلەي بولمىغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ ،ئوخشاشلا بارماق ئىزى قالدۇرماي ئادەم ئۆلتۈرەلەيسەن ».

قانداق قىلىپ ؟

«ۋاي قاپاقلار ،ئوڭ قولىدىكى پەلەينى سېلىۋېتىپ سول قولىغا كىيمەمدۇ ! مۇشۇنداق ئاددىي جاۋاپنى قاچانغىچە مۇلاھىزە قىلىسىلە .»

«قالايمىقان جۆيلۈمە ! - بۇنى ئاڭلىغان چىڭ جوۋ يەنە قارشىلىق كۆرسىتىپ سەكرەپ چىقتى - سول قولنىڭكى بىلەن ئوڭ قولنىڭ پەلىيى ئوخشىشامدۇ ؟ بۇ دېگەن ئادەم ئۆلتۈرۈش دېلوسى ،ئوڭ قولنىڭ پەلىيىنى سول قولغا قىستاپ كىيگۈزسە پىچاق تۇتۇشقا ئەپلىك بولامدۇ ؟ ,بەلكىم تەلىيى كەلسە قانداق بولاركىن ،بولمىسا پىچاق سىيرىلىپ كەتسە قانداق بولىدۇ ؟ سىلەرنىڭ بۇ قىياسىڭلار نېمانچە كۈلكىلىك !»»

ئەلۋەتتە ،ئاڭلاۋاتقانلارمۇ ئوخشاش قاراشتا.

«كەچۈرگىن ،مېنىڭ بۇ قىياسىمنى قالايمىقان زاڭلىق قىلما » ،دېدى جى لىڭ گې بۇچاغدا ئېغىز ئېچىپ.

«ساقچى گۈلى خانقىز ،ياخشىراق ئويلاپ بېقىڭ،ئەگەر سىز قاتىل بولسىڭىز مۇشۇنداق ئەمەلىيەتكە ماس كەلمەيدىغان ئۇسۇلنى تاللامسىز ؟»

«ئەمەلىيەتكە ماس كەلمەيدىغان ؟ - جى لىڭ گې كۈلۈپ قويدى- بايا فاسەي ئوڭ قولنىڭ پەلىيىنى سول قولغا قىستاپ كىيگۈزۈش توغرىلىق گەپ قىلمىغاندۇ ؟»

«ئۇنداقتا...»

«پەم بىلەن كىيىسەن.»

جى لىڭ گې شۇنداق دېگەچ بىرتال ئوڭ قولنىڭ پەلىيىنى چىقىرىپ ،ئۆزىنىڭ ئوڭ قولىغا يېنىكلىك بىلەن كىيگۈزگەندىن كېيىن  ئېغىز ئاچتى:«قارا ،مۇنداق چىقىرىسە.»

ئۇ سول قولى بىلەن پەلەينىڭ بېغىش قىسمىدىن ئاستا ئۆرۈپ ، پەلەينىڭ ئىچىدىن بىرنى ئۆرۈۋەتتى.

شۇنداق قىلىپ ،كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئوڭ قولنىڭ پەلىيى سول قولنىڭ پەلىيىگە ئۆزگەردى.

بۇ چاغدا جى لىڭ گې يەنە ئەستايىدىللىق بىلەن سۆزلەشكە باشلىدى :«بىز ئادەتتە كىيىدىغان كىيىملەر ئىچىدىن چاپان ،ئىشتان ،كۆينەك ،يوپكا قاتارلىقلار دائىم ئىچى - تېشى ئالمىشىپ  ئۆرۈلۈپ كېتىدۇ.لېكىن ئۇلار ئۆرۈلۈپ كەتكەندىن كېيىن تاشقى شەكلىدە ئۆزگىرىش بولمايدۇ. ئەمما.پەقەت پەلەيلا ئوخشىمايدۇ.ئۇنىڭ ئىچى تېشى ئالماشقان ھامان ئوڭ سول ئالمىشىپ كېتىدۇ. لېكىن بىز ئادەتتە كۆپ كىيمىگەچكە،ئادەتتە بۇنداق قىلىش دەماللىققا ئېسىمىزگە كەلمەيدۇ.»

بۇنىڭدىن ،چىڭ جوۋ ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدى.

جى لىڭ گې نىڭ سۆزى تۈگىشىگە، فاسەي ئۇلاپلا ئېغىز ئاچتى:«چىڭ جوۋ، گەرچە سېنىڭ ئوڭ قولۇڭ يارىلانغىنى بىلەن ،سول قولۇڭغا پەلەينى ئۆرۈپلا ئەكىلىپ كىيگۈزۈپ ئادەم ئۆلتۈرۈشۈڭ ئاسانلا ئىشقۇ .»
«بىراق... - دېدى چىڭ جوۋ بېشىنى ئىچىگە چۆكۈرۈپ - ئۇنى نېمىشقا ئۆلتۈرگىدەكمەن ؟»

«سەۋەبىمۇ...- دېدى فاسەي جاۋابەن - ناھايىتى ئېنىققۇ . سەن دېگەن ئۇسۇل ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى،بىراق لۈي يىشىن سېنىڭ قولۇڭنى سۇندۇرىۋەتتى.»

«نېمە دەۋاتىسەن ؟»

«مەن مۇنداق دەۋاتىمەن.مەن ساڭا مەسئۇل دوختۇردىن سورىغان .چىڭ جوۋ ،سېنىڭ قولۇڭنى ئۇ ئېغىر يارىلاندۇرۇپتىكەن،تېخى ساقىيىش ساقايماسلىقى ئېنىق ئەمەسكەن.ناۋادا ساقايماي قالسا،سەن ئەمدى يەنە قايتا ئۇسۇل ئوينىيالمىغۇدەكسەن.شۇڭا سەن ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قىساسىڭنى ئالدىڭ.»  (قىساسكار يادىمغا يېتىۋاتىدۇ دېسە...ھى ھى..)

فاسەي بۇلارنى دەپ بولۇپ ،جى لىڭ گې غا قارىدى. نېمىلا بولمىسۇن بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ قىياسى ئەمەسمۇ.

«ئىسپاتىڭچۇ ؟» سورىدى چىڭ جوۋ.
«كېرەك ئەمەس.» ئېنىقكى ،بۇ فاسەينىڭ جاۋابى.

ئىسپات كېرەك ئەمەس ؟

جى لىڭ گې يەنە قايمۇقۇشقا باشلىدى. بىرەرسىنى قاتىل دەپ بېكىتىشكە تېخى ئىسپاتمۇ كەتمەمدۇ ؟

بۇ سوئالغا ،فاسەي مۇنداق جاۋاب بەردى :«بىرىنجىدىن،قاتىل ھېلىقى 22 ئادەم ئىچىدە. ئىككىنچىدىن،باشقا ھېچكىم قاتىل ئەمەس،پەقەت سەنلا ئادەم ئۆلتۈرەلەيسەن ،ئەمىسە سەن قاتىل بولمىساڭ نېمە ؟ ئۈچىنچىدىن ،سەن قاتىل بولمىساڭ ئەمىسە دەپ باقە ،كىم قاتىل ؟»

جى لىڭ گې فاسەينى شاپاللاپ ئەسكەرتىش بېرىپ قويدى ; جىنايەت بېكىتىشتە مۇنداق شاللاش ئۇسۇلى ئاقمايدۇ ،چوقۇم ئىسپات بولۇشى كېرەك !

ئەمما فاسەي يەنىلا خىيالىي ھالدا مۇنداق دېدى :«ھېچ ئىش يوق. قارىڭە ئۇنىڭغا ،گەپ قىلالمايلا قالمىدىمۇ.»

«كىم شۇنداق دەيدۇ ؟- چىڭ جوۋ يەنە ۋارقىراپ تاشتى - كىم باشقىلارنى قاتىل ئەمەس دەيدۇ ؟ جىن ياڭ ،دۇنەنخەي،ھەمدە باشقا ھەممەيلەن ئىچىدە كىم ئۇنى ئۆلتۈرەلمىگۈدەك ؟»

«جىن ياڭنىڭ پىچاق ئالغۇدەك ياكى يوشۇرغىدەك ئىمكانىيىتى يوق،دۇنەنخەي تېخىمۇ ھەم.شۇنداق.ئۇنىڭ سىنىپقا پىچاق ئەكىرىش ئىمكانىيىتى يوق.بەي مۇئەللىم بىلەن قىزلارنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئارىلىقى بەك يىراق ،يۈگۈرۈپ كەلسە جىن ياڭ ياكى دۇنەنخەي ئېنىقلا بايقاپ قالىدۇ.»

«ئەمىسە..ئەمىسە ئۇلارنىڭمۇ ئادەم ئۆلتۈرۈش ئېھتىماللىقى بار ! ناۋادا ئۇلار ئۇ ئىككىسىگە ئۈسۈپ سالمىغان بولساچۇ ؟»

«ئۇنداقتا پەقەتلا ئۇلارنىڭ تەلىيىگە باغلىق.لېكىن سەن ئۆزۈڭمۇ ئېيتقانغۇ،ناۋادا راستلا ئۇلار بولسا ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولامدۇ ؟»

«ئەمىسە...ئۇنداقتا...»

«نېمە ئۇنداقتا،قاتىل پەقەتلا سەن ،باشقىلارغا ئىتتەرمە ».

«ناۋادا،لۈي يىشىن ئۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان بولسىچۇ ؟»

ھە ؟

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-22 11:24:08 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۈگۈن يوللىغان تېما ئەتە تەستىقلىنىدىغان بوپتۇدە.

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8501
يازما سانى: 894
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3012
تۆھپە نۇمۇرى: 835
توردا: 905 سائەت
تىزىم: 2010-8-30
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-23 12:40:57 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
eqim.net      ما  توردا ئوقۇغانتىم   31-گە كەلگەندە تۈگەپ كەتكەن
كىپەن ئوغرىسىنىڭمۇ ئايغى يوقكەن

ھەقىقەت رەھىمسى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12923
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8675
تۆھپە نۇمۇرى: 440
توردا: 1726 سائەت
تىزىم: 2010-10-6
ئاخىرقى: 2015-1-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-23 12:44:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھې ھې ھې شۇ شۇندا ئىشلامۇ بادە
ئاخشا، ئىپتىخاردا يېرىمىى كۆگەنتىم ئاخىرى يازدىڭ يېڭى دۇنيانىڭ ئاخىىرىچۇ؟

ئەخلاق دىلدا ئەمەس ھەركەتتە ئىپادىلەنسە ئاندىن ھەقىقىي ئاخلاق بولىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-23 12:59:20 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kulpat يوللىغان ۋاقتى  2014-10-23 12:40 PM
eqim.net      ما  توردا ئوقۇغانتىم   31-گە كەلگەندە تۈگەپ كەتكە ...

بەلكىم ئەمدى يەنە داۋاملىق كۆرەلىشىڭىز مۈمكىن.

كېپەن ئوغرىسىنىڭ داۋامىنى  سىرلىق ئۆيدىكى قاتىللىق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تۇتۇش قىلماقچى .(پەقەت ئىككىنچى جىلىدنىلا )

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-23 01:01:22 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
9bulak يوللىغان ۋاقتى  2014-10-23 12:44 PM
ھې ھې ھې شۇ شۇندا ئىشلامۇ بادە
ئاخشا، ئىپتىخاردا يېرىم ...

نەس باسقان تەتىلنى خاتىرەمگە يېزىپ خېلى بىريەرگە ئاپىرىپ بولغان ،لېكىن تېلفوندا ئۇرغىدەك ۋاقىت چىقىرالمىدىم.

ھازىرچە مۇشۇ رازۋېدكا خاتىرىسىنى ،ئاندىن كېپەن ئوغرىسىنى يوللىغاچ تۇراي.  نەس باسقان تەتىلگىمۇ نۆۋىتى كېپ قالا

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

ھەقىقەت رەھىمسى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12923
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8675
تۆھپە نۇمۇرى: 440
توردا: 1726 سائەت
تىزىم: 2010-10-6
ئاخىرقى: 2015-1-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-23 01:12:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھە ۋاختىڭ بوسا كۆپرەك يوللاپ تۇ

ئەخلاق دىلدا ئەمەس ھەركەتتە ئىپادىلەنسە ئاندىن ھەقىقىي ئاخلاق بولىدۇ

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12395
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32447
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4458 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-23 01:14:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجەب بەلەن بىر ئوقۇۋالدىمما....


ئاخىرىنى ساقلايمەن ئەمسە....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8501
يازما سانى: 894
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3012
تۆھپە نۇمۇرى: 835
توردا: 905 سائەت
تىزىم: 2010-8-30
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-23 05:41:05 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
xamal1124 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-23 12:59 PM
بەلكىم ئەمدى يەنە داۋاملىق كۆرەلىشىڭىز مۈمكىن.

كېپەن ...

ئاخىرغا تەشنامىز   كىپەن ئوغرىسنى   كىنو قىلىپ ئىشلەۋىتىپتۇ  دەپ  ئاڭلىدۇق       ،،   ماڭىمۇ  باشقىلار تەۋسىيە قىلغان   ھەقىقەتەن ياخشى  ئەسەركەن  بولسا  جىقراق  تەرجىمە قىلساڭلار  قارسام نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەر ياقتۇرۇپ ئوقۇۋېتىپتۇ  ، ئاخىرنى ساقلاۋىرىپ   چىقماي  قىيدىغانلارنىمۇ ئۇچراتتىم     ،    قايسى  توردا  ئىلان  قىلسىلەر   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-23 07:01:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kulpat يوللىغان ۋاقتى  2014-10-23 05:41 PM
ئاخىرغا تەشنامىز   كىپەن ئوغرىسنى   كىنو قىلىپ ئىشلەۋى ...

ھەئە،كىنو قىلىپ ئىشلەۋاتىدۇ.

ئىپتىخارغا يوللايمەن

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش