ئالدىراش دوستۇمغا
ھايات تۇرمۇش دەپلا يۈردۈڭ ئالدىراش،
كىمنى كىم تونۇيدۇ كىملەر ناتونۇش،
مۇڭداشساق سىرداشساق تۈگەر ئىدىغۇ،
ئازابقا باشلىغان سىرلىق توقۇنۇش .
تۇرمۇش ئۈچۈن ئالدىراشلىق توغرىغۇ،
ئىنسان ئىكەن تۇرمۇش كېرەك ھەممىگە،
ئۇخلاپ يەپلا ئۆتكەن تۇرمۇش گۈزەلمۇ،
قۇلاقمۇ سال سۆيگەنلىرىڭ نالىگە.
ئاتاڭ غەمدە ئوغلۇم قايان يۈردىكىن،
كىمگە كۈلۈپ كىمگە بويۇن قىسقاندۇ،
ئاناڭ يىغلار قول كۆتۈرۈپ دۇئاغا،
جان پارەمگە بەخت قۇشى قونغاندۇ.
قېرىندىشىڭ ئويلاپ قالار بەزىدە،
"قېرىنداشلىق"مەنىسىگە يېتەلمەي،
گۇمان قىلار بىر قېرىندا ياتقانغا،
بىرەرناننى بىللە ئوشتۇپ يىيەلمەي.
دوستلىرىڭمۇئىزدەۋەرمەس ھەم سېنى،
ئۇنتۇلغاندەك ھېسلا قىلىپ ئۆزىنى،
قىيامەتلىك دوستمۇ سەندەك بولامدۇ،
ئالدىراشسەن سورىمىدىڭ ھالىنى.
ئايالىڭمۇ رەنجىپ قالار بەزىبىر،
مۇھەببەتكەئېرىشەلمەي سېنىڭدىن،
يىراقلىشار ھەتتا ئوماق بالاڭمۇ،
ئەركىلىكنى قىلالمىغاچ يېنىڭدىن.
ئاڭلا دوستۇم ساڭا بىر سۆز نەسىھەت،
ۋاقتىڭنىمۇ سەرىپ ئەت ئادىمىيلىككە،
سۆيگەنلىرىڭ بىلىپ قالسۇن سۆيگۈڭنى،
سۆيگۈ ئۈچۈن تۆرەلدۇققۇ ئالەمگە.
مەنبە: جوڭگو كانچىلىق ئۇنىۋېرسىتىتىدىن تەنھا بۆرە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا wolfman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-22 08:47 PM