كۆۋرۈك كىنو توربېكىتىنىڭ iOS تېرمىنالى ئېلان قىلىندى!
كۆۋرۈك كىنو توربېكىتى (
www.kowruk.cn) نىڭ iOS سېستىمىلىق ئۈسكۈنىلەر ئۈچۈن چىقارغان تېرمىنالى بۈگۈن رەسمىي ئېلان قىلىندى.
ئەپ ئۇچۇرى
ئەپ نامى: كۆۋرۈك
نەشرى: 1.0
باھاسى: ھەقسىز
ماس كېلىدىغان ئۈسكۈنىلەر: iPod Touch, iPhone ۋە iPad
ماس كېلىدىغان مەشغۇلات سىستېمىسى: iOS 7 ۋە ئۇنىڭدىن يۇقۇرى
ئورگان توربېكىتى:
http://www.kowruk.cn/player
ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى
ئەپ، PC ۋە توربېكەتتىكى مەزمۇنلار ماس قەدەمدە يېڭىلىنىدۇ.
مەزمۇنلارنى تۈرى بويىچە سۈزۈپ كۆرۈشكە بولىدۇ.
ئەپ پۈتۈنلەي ياپىلاق ئۇسلۇبتا لايىھىلەنگەن، كۆرۈنۈشى سىپتا ۋە راھەت، يۈرۈشى تېز.
ئەڭ يېڭى فىلىم ئۇچۇرلىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەردىن دەل ۋاقتىدا خەۋەردار بولالايسىز.
تور بېكەتتىكى ئىككىلىك كودنى ئەپتە سكاننېرلاپلا فىلىملەرنى يانفوندا كۆرەلەيسىز، ساقلىۋالالايسىز ۋە باشقا دوستلىرىڭىزغا ھەمبەھىر قىلالايسىز.
ئالمىنىڭ يانفون، تاختا كومپيۇتېر قاتارلىق كۆچمە ئۈسكۈنىلىرىگە ماسلاشتۇرۇلغان.
ئەپ كۆرۈنمە يۈزى:
بۇ ئەپنى
بۇ يەردىن ياكى تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سكاننېرلاپ چۈشۈرۈۋېلىڭ.