|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،مىسرانىم مۇنبىرىدىكى ئەزىزلەر ، ھەممىڭلارنىڭ مۇشۇ ۋاقتى خەيرلىك بولسۇن،ھەممىڭلار سالامەت تۇردۇڭلارمۇ؟مۇنبەردىشىڭلار مۇسىلىنەدىن سىلەرگە ئالىي ئېھتىرام، تېنىڭلار سالامەت بولسۇن، ئىشلىرىڭلار ئۇڭۇشلۇق بولسۇن، چېھرىڭلاردىن كۈلكىلەر ئۆچمىسۇن،باسقان قەدىمىڭلاردىن گۈللەر ئۈنسۇن......
ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك: مۇشائىرە سورۇنى باھانىسىدە خېلى كۆپ مۇنبەرداشلار ،مۇنبەر يۈزىدە جەم بولاتتۇق .ئۇزۇن بوپتۇ مۇنبەردە مۇشائىرە سورۇنى ھازىرلاپ باقمىغىلى، بۈگۈن مۇشائىرە سېغىنغانلار كۆڭۈل ئۈنچىلىرىمىزنى چېچىشقان ھالدا، مۇشائىرە قىلىشايلى دېگەن مەقسەتتە بۇ سورۇنىنى ھازىرلىدىم،قېنى ئەمسە،مۇشائىرەگە مەرھەمەت قىلايلى....
ياخشىدىن ئىز قالۇر،ياماندىن‹‹ۋاي دات››
ياخشىلىق بىلەن ئۆتسۇن كۈنىمىز.
ياخشى نام بىلەن ئاتالساق ئەگەر،
يورۇق بولار شۇندا يۈزىمىز.
شېرىن -شېكەر سۆزلەرىڭ بىلەن،
يۈرىكىمنى قىلغانتىڭ قامال.
ھېجرانىڭدا كۆيدۈم چوغ بولۇپ،
بۇ كۆيۈككە يوقمىدۇ ئامال.
ئەسكەرتىش : يۇقارقى ئىككى كۇبلىت شېئىر ئايرىم مەزمۇننى ئىپادىلەيدىغان شېئىرلاردۇر، مۇشائىرە قائىدىسى كۇبلىتلارنىڭ ئاخىرقى مىسراسى باش مىسرا قىلىنىپ باشلىنىدۇ،ئەگەر باشقا شەكىل،باشقا مەزمۇندىكى شېئىرلارنى يېزىپ بېقىشنى خالايدىغانلار بولسا ئۇنىڭغىمۇ مەرھەمەت،چۈنكى مۇنبەر ھەركىم ئۆزىنىڭ كۆڭۈل ئۈنچىلىرىنى چاچىدىغان سورۇن..... قېنى ئەمسە ، مەرھەمەت...مېنى نائۈمىتتە قويمىغايسىلەر.....
مەنبە : كۆڭۈل ئۈنچىلىرىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا musilina تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-21 11:43 PM
|
|
|
|
|
|