ئېچىنىمەن
دوستۇم قىلدى دوسلۇقۇمغا خىيانەت،
سۆيگۈم قىلدى پاك سۆيگۈمگەئاھانەت،
قېرىندىشىم كۈلدى يەتسە يۈرەككە دەرت،
ئاتا-ئانام كەتتىلەر ھەم كۆرمەي راھەت،
ئېسىت ئۆتكەن شۇ ئۆمرۈمگە ئېچىنىمەن.
يىتىم دېدى بەزىلەرگە سۈكۈت قىلدىم،
تىكەن كەبى يەكلەشتى ھەم ئاغرىنمىدىم،
چاي ئورنىدا زەھەر تۇتتى جىگەرلىرىم،
گەر يىقىلسام چاۋاك چالدى دۈشمەنلىرىم،
ئاھ يالغۇزمەن، يالغۇزلۇققا ئېچىنىمەن.
سورىغانغا يوق دېمىدىم قولدا بارنى،
قايتۇرمىسا سورىمىدىم دەپ كۆڭلىنى،
ھاجەتمەندىن ئايىمىدىم بارلىقىمنى،
ئەپسۇس، ھېچكىم سورىمىدى ئاھ-زارىمنى،
توۋا يەنە "يامان"مەن يامان نامغا ئېچىنىمەن.
تانغىنىم يوق دوست دەپ تۇرۇپ قول ئۇزاتقاندىن،
قاچقىنىم يوق يامان كۆرۈپ يىراق تۇرغاندىن،
ئۆچ ئالمىدىم كۈلۈپ تۇرۇپ توزاق قۇرغاندىن،
قورقۇنچاق بوپ ئاتالدىم سەۋرىم سەۋەپتىن،
سەۋىر قىلغان يۈرۈكۈمگە ئېچىنىمەن.
تۆت كۈنلۈكلا دۇنياغۇ زارىم يوق ئاڭا،
قىلساڭ گەر باشقىغا يانار ھەم ساڭا،
ھاياتتا كۆرمىسەممۇ ياخشىلىق ئەسلا،
ئۇلۇغ ئىگەم ئادىل جاۋاب بېرىدۇماڭا،
خەيىر دۇنيا ئادەملەرگە ئېچىنىمەن.
__تەنھا بۆرە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-21 09:34 PM