|
|
|
|
سەۋىر قىل قەلبىم مىرئادىل ئادىل(مەغرۇر)
مۇشۇ كۈنلەردە ئۆزۈمگە قايىل بۇلىشىمنى ياكى نارازىلىقتىن كۆڭلۈمنىڭ تازا بىر ئەدىپىنى بىرىشىم كىرەكلىكىنى بىلەلمەستىن تىڭىرقاشنىڭ ئىسكەنجىلىرىدە تولغۇنۇپلا يۈرمەكتىمەن، كۈز ئايلىرىنڭ يىنىك ئەمما سوغۇق شامىلى يۈزۈمنى ھەر قىتىم سىپاپ ئۆتكىنىدە گۇيا سەبىي چاغلىرىمدا ئاپام قەلبىمنى ئەللەيلىگىنىدەك راھەتلىنىپ خىيالغا پاتىمەن .... ھەي ساراڭ قەلبىم ساڭا زادى نىمە بۇلىۋاتىدۇ؟ چارچىدىڭ بىلىمەن ئەمما كۈلۈپلا يۈرىۋاتىسەن بۇنۇڭ ئۈچۈن مەمنۇن بولۇپ تۇرساممۇ بىلىشىڭ كىرەككى سىنىڭ سەۋىر تاقىتىڭدىن باشقا بىرەر كۆڭلۇڭ چۈشكەن مەشۇققا نەقەدەر سادىقلىقىڭنى مانا بۈگۈن ھەقىقى چۈشىنىۋاتىمەن،ماڭا بۇرۇن نىمە ئۈچۈن بىلمىگەن دىمە ئۇ چاغدا مەن سىنى قايىل قىلالايتىم،تەن ئالمايمەن ھازىرمۇ كۆپ ئىشلاردا ماڭا ئىتائەتمەنسەن مانا بۇ ھەقىقەت ! بىراق بۇ قىتىم ئامال قىلالمىدىم سىنى قايىل قىلالمىدىم كۆڭلۈم، سەنمۇ بۇرۇنقى ماڭا بولغان ئىتائەتمەنلىكىڭنى تاشلاپ قايىل قىلىشقا ئۆتىۋالدىڭ، ئۇنىمىسام كىچىلىرى ياشلاندىڭ ... ھازىرقىدەك ئىسىمدە بۇرۇنلاردا مەن ياشلانسام سەن مىنى پەپىلەپ ئۇخلىتاتتىڭ ، بىراق مەن ئەمدىلىكتە ساڭا سۈكۈت ۋە ھەيرانلىقتىن باشقا يەنە نىمىلەرنىمۇ قىلىپ بىرەلەۋاتىمەن ؟ قاراپ تۇرسام ساڭا ئىنتىزار بۇلۇپ جىسمىڭدىن سۆيگۈ سورىماق بولغان جانانلارنى شۇنچە قەتئىيلىك بىلەن رەت قىلدىڭ ،ئۇنىمىسا ھەتتا سىلكىپمۇ سالدىڭ پەقەت ئۇنۇڭلا ئىسمىنى ماڭا زىكىر قىلىپ بىرەتتىڭ .... بولدى بەس قەدىرلىك كۆڭلۈم سىنى بۇنچە ئىزتىراپ چەككۈزۈپ ماڭا نىمە كەپتۇ ؟سەن مەن ئۈچۈن نىمىلەرگە چىدىمىغان؟ ھەتتا ئۆزۈڭ ھىچكىم بىلمەس ئازاپلىق ھىسلار قايناملىرىغا چۈكۈپ تۇرۇپمۇ ئۆزگىلەرگە چاندۇرماستىن ماڭا شۇنچە سەۋىر ،كۈلكىلەرنى بىرىپ《مەن ساڭا ھەمرا》دىيىشنى ئۇنۇتمايتىڭ،بەزىدە تۇرۇپلا ساددىلارچە خىياللىرىم بىلەن ئويلاپ قالىمەن، ئەمدى ساڭا كىممۇ ھەمرادۇر ھە؟ ئەلۋەتتە بۇ پەقەت ياراتقۇچىمىز ئاللاھ ئىلىكىدىكى ئىش ئەمما بىلگىنكى تىلىكىڭ ، ئارزۇلىرىڭدىن ئەمدى توسمايمەن قانداق قىلغىڭ كەلسە شۇنداق قىلغىن قەلبىم، چۈنكى سەن تۇرىۋاتقان بۇ تۆت كۈنلۈك ئالەمنىڭ مۇھەببەت، بەخىت تەختى سەن ئۈچۈنمۇ بىر كىشلىك ئورۇن ھازىرلىغاندۇر! ھۈتۈنەي مىنى بىلمەيدۇ دىمىگىن مۇشۇ كۈنلەردە ھەقىقەتەنمۇ يالغۇزلۇقتا قىلىۋاتىسەن تىخىمۇ توغرىسىنى ئىيتسام ئازاپ سۈيىدە ئۆزۈڭنى يۇيماقتىسەن قەلبىم، لىكىن سەن يەنىلا ساددىلىق بىلەن چىداۋاتىسەن ھىچكىمگىمۇ بىلدۈرمەستىن مىنىڭ قەددىمنى داۋاملىق مەغرۇر تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن چىشىڭنى چىشلىمەكتىسەن،كىمنىڭمۇ ئۆز قەلبىدە تىۋىشسىز بولسىمۇ پاك مىھىر، ساداقەت بىلەن چاڭ قۇردۇرماي ساقلاپ كەلگەن 10نەچچە يىللىق سۆيگۈ مىھرىدىن ھاياتلىق تەغدىرى سەۋەپلىك مۇشۇنداقلا نەتىجىسىز خوشلاشقىسى كەلسۇن بۇ ئازاپقا كىممۇ چىداپ تۇرالايدىغاندۇ؟ئىمكار قىلما بەزىدە ساڭا چاندۇرماستىن ھۇجۇدۇڭدىكى تىۋىشقا قۇلاق سىلىپ قالىمەندە كۆز ياشلىرىمدىن تۇمار ياساپ بوينۇمغا ئاسقىم كىلىپ كىتىدۇ ! ئاڭلا جىنىم يۈرەك سۆزۈمنى، ساڭا بولغان ئوتلۇق سۆيگۈمنى. قاچانغىچە پىنھان ساقلارمەن، جىسمىمدىكى ئارمان ھىسلارنى. ئاڭلاڭ نىمىدىگەن ھەسىرەتلىك نىمىدىگەن غىرىپ تىۋىشلار... بۇ نىدالارنىڭ مانا مۇشۇ رەۋىشتە قانچىلىك داۋاملاشقىنىنى بىلمىسەممۇ قەلبىم نىداسىىنىڭ ئارمان ئىگىسىگە ئاخىر يىتىپ بارغانلىقىنى بىلىمەن،ئەپسۇس تولىمۇ ئەپسۇس بۇ ئارمىنىمنى ئۇ ئەمەس بەلكى كاج تەغدىرنىڭ شاماللىرى سۇلدۇردى، بىر كەملىككە تولغان دۇنيادا يەنىلا ھىگانە ئۆزۈم ھىجراندا قالغان قەلبىمنى قاماللاپ كۆزلىرىم ياش پىتى، چىھرىم ئاچچىق ھىسقا تۇلۇپ بۇ كىندىك قىتىم تۈكۈلگەن ئەزىز ماكاندىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدۇم...ھايات ئەنە شۇنداق قەلبىم، بىلىشىڭ كىرەككى سەن ھەقىقەتەنمۇ تەنھا قالدىڭ ئەمما ئۈمۈدۈم شۇكى سەن سەۋىرىڭنى يۇقاتماسلىقىڭ كىرەك ئىسىڭدە تۇت رەببىڭ ئالمىساقتىن سەۋىرلىك بەندىلىرىنى ئەزىزلەپ قەدىرلەيدۇ ، تەنھالىق باپىدا چۆلدىكى يىگانە شاختەك يىگانەڭ قالساڭمۇ توغراق كەبىي قەددىڭنى ھەرگىز سۇلدۇرماي كىيىنكى كۈنلىرىڭگە ئۈمۈت نەزىرىڭ بىلەن بىقىپ سەۋىر قىلىشىڭ كىرەك قەلبىم ! بىلىمەن سەن قىلالايسەن، قىسمەتلەرگە تۇيۇنۇپ كەتكەن ھايات مۇساپەم ساڭا ئاللىقاچان بۇلارنى ئۈگىتىپ بولدى سەن ھەممىگە چىداپ كەلدىڭ كىملەرنىڭدۇر ۋاپاسىزلىقلىرىغا ،كىملەرنىڭدۇر ئۆزۈڭدىن پايدىلىنىپ ئۇيۇنچۇق كەبىي تاشلاشلىرىغا ھەممە ھەممىگە سەۋىر قىلىپ مەن بىلەن بىرلىكتە ھەمدەمدە بۇلۇپ ھەر بىر كۈنۈمنى مەنەلەرگە تولدۇرۇشقا تىرىشماقتىسەن، بىلىسەن گاھىدا ‹‹ماڭا سەن بولساڭلا بولدى››دەيمەن، كەچۈر قەلبىم، ئىگەڭنىڭ بەڭۋاشلىقىنى كەچۈرگىن ،ئەمدى بىلسەم سەۋىرنىڭمۇ چىكى بۇلىدىكەن سەن ھەقىقەتەنمۇ چارچاپسەن ‹‹يالغۇز ئاتنىڭ چىڭى چىقماس›› ئەمدى ئويلىسام بۇ ھىكمەت ھەقىقەتەنمۇ توغرا ئىيتىلغانكەن، سەن ھەر قانچە قەيسەر روھنى ئۆزۈڭگە مۇجەسسەملىگىنىڭ بىلەن ھامان بىر تايانچقا مۇھتاجسەن، كۈتكىن قەلبىم، مەن بىلەن بىرلىكتە رىسقىڭ پۈتۈلگەن رەببىڭ ساڭا بۇيرىغان شۇ تايانچنى سەۋىر بىلەن كۈت! توزىغان ئارمان غازانلىرىنىىڭ چىھرىڭگە سالغان ئازاپلىق ھىسلىرىنىمۇ ھەم يىراقلارغا تاشلاپ ئىچ ئىچىڭدىن بىر كۈلگىنە مەن كۆرۈالاي !ئىشەنگىن‹‹مۇھەببەت بەخىتنىڭ باپىدا سىنىڭمۇ ھەققىڭ بار››ئەمدى سىنى توسمايمەن ۋىسال، بەخىت دەملىرى ساڭا نىسىپ بولغۇچە بىر ساڭا ھەمرام بۇلۇپ ئاخىرغىچە كۈتىمەن قەلبىم ،كەچۈرگىن بۇ تىگى يەتمەس ھاياتتا سىنى شاتلاندۇرالمىدىم، بىراق ئىشەنگىن بۇ يول تخى ئۇزۇن سەۋىرىڭنىڭ ھالاۋىتىنى كىيىنكى كۈنلەردە چۇقۇم كۆرىسەن ،ئاخىرىدا يەنىلا ساڭا دەيدىغىنىم ‹‹سەۋىر قىلغىن›› ئىككىمىز بىرلىكتە سەۋىرنىڭ يوللىرىدا داغدام يوللار ئىچىشقا تىرىشايلى ! ۋەدە بىرەي بۇ يولدا سىنى ھەرگىز يالغۇز قويمايمەن، يۈر ئازاپلارنى تاشلاپ كۈلۈمسىرىگىنىمىزچە بەختىمىزنى ئىزدىگىلى بارايلى,ئاللاھ خالىسا كەلگۈسىدىكى ئەڭ گۈزەل ئەڭ بىغۇبار بەخىت بىزگە يىقىن كەلگۈسىدە ئىللىق قۇچاقلىرىنى ئاچقۇسى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا magrurjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-21 06:49 PM
|
|
|
|
|
|